ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 4383 |
تۆھپىسى: سەر |
|
رونالدو 40قېتىم ئىختىيارى توپ تىپىپ كىرگۈزگىنى 0
ھازىر خانلىق مادىرىد كوماندىسىدا ئىختىيارى توپنى رونالدونىڭ تىپىشى قىززىق نوقتىلىق مەسىلىگە ئايلاندى.‹‹دۇنيا تەنتەربىيە گىزىتى›› مۇنداق دىگەن: پورتىگالىيەلىكنىڭ ئىختىيارى توپ تىپىش تېخنىكىسى ئاللىقاچان چىكىنىپ كەتتى. ئۇنىڭ ئالدىنقى قېتىم ئىختىيارى توپ كىرگۈزگەن ۋاقتى بولسا 2014-يىلى 4-ئاي،شۇ ۋاقىتتىن ھازىرغىچە رونالدو جەمئى 40 قېتىم ئىختىيارى توپ تەپكەن بۇلۇپ بىرنىمۇ كىرگۈزەلمىدى،بۇخىل ۋەزىيەت رونالدونىڭ ئىختىيارى توپ تىپىشتە زور دەرىجىدە چىكىنىپ كەتكەنلىگىنى كۆرسىتىدۇ .
بۇ پەسىل رونالدو رەسمىي تۈردىكى 35مەيدان مۇسابىقىگە قاتناشقان بۇلۇپ، جەمئى 38توپ كىرگۈزگەن،بىراق بۇ 38 توپنىڭ ئىچىدە، كىرگۈزگەن بىرمۇ ئىختىيارى توپ يوق،بۇخىل ئەھۋال رونالدونىڭ خانلىق مادىرىد كىيمىنى كەيگەندىن بۇيانقى باشقا پەسىلدىكى ئەھۋالىغا تۈپتىن ئوخشىمايدىغان ئەھۋال.رونالدونىڭ ئالدىنقى پەسىل ئىختىيارى توپ كىرگۈزگەن مۇسابىقىسى بولسا 2014-يىلى 4-ئاينىڭ 29-كۈنى ئوينالغان ياۋرۇپا ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسىنىڭ يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنىڭ 2-ئۇچۇرشىشىدا بايرىن مىيۇنخىن كوماندىسىغا بىر ئىختىيارى توپ ئۇرغان. شۇ مۇسابىقىدىن باشلاپ ھازىرغىچە بۇ قاتىل ھۇجۇمچى جەمئى 40قېتىم ئىختىيارى توپ تەپكەن بۇلۇپ كىرگۈزگىنى 0 توپ بولغان.
رونالدو خانلىق مادىرىد كوماندىسىغا قۇشۇلغان 1-مۇسابىقە پەسلىدە (2009/2010) 6ئىختىيارى توپ كىرگۈزگەن، 2011-2010-يىللىق مۇسابىقە پەسلىدە 5ئىختىيارى توپ كىرگۈزگەن،2012-2011-يىللىق مۇسابىقە پەسلىدە بولسا 4 ئىختىيارى توپ كىرگۈزگەن، 2013-2012-يىللىق مۇسابىقە پەسلىدە 3ئىختىيارى توپ كىرگۈزگەن،2014-2013-يىللىق مۇسابىقە پەسلىدە 5 ئىختىيارى توپ كىرگۈزگەن،شۇنداق قىلىپ رونالدونىڭ خانلىق مادىرىد كوماندىسىدا كىرگۈزگەن ئۇمۇمى ئىختىيارى توپى 23 توپ بولغان، بۇنىڭ ئىچىدە ئىسپانىيە A دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىدە 13 ئىختىيارى توپ كىرگۈزگەن، شاھلىق لوڭقىسىدا 1 ئىختىيارى توپ كىرگۈزگەن،ياۋرۇپا ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىدە 7 ئىختىيارى توپ كىرگۈزگەن،باشقا مۇسابىقىلەردە 2 ئىختىيارى توپ كىرگۈزگەن. ئىسپانىيە دۆلەت دېربىسىدا ئەزەلدىن ئىختىيارى توپ كىرگۈزۈپ باقمىغان،يۇقارقى سان-سىفىرلار شۇنى ئىسپاتلايدۇكى رونالدنىڭ بۇرۇنقى ئىختىيارى توپ كىرگۈزۈش ئىقتىدارى قالتىس ئىدى، بېل بولسا ھازىر خانلىق مادىرىد كوماندىسىنىڭ يەنە بىر ئىختىيارى توپ كىرگۈزۈش ئۇستىسى ھىساپلىنىدۇ،گەرچە بېلنىڭ كىرگۈزگەن ئىختىيارى توپ سانى رونالدونىڭكىگە يەتمىسىمۇ ئەمما بېلنىڭ ئىختىيارى توپ تىپىش تېخنىكىسى ھەرگىز رونالدودىن تۈۋەن ئەمەس، ھەتتا بىرئاز يۇقىرى بۇلىشىمۇ مۇمكىن، تەھلىلچىلەرنىڭ قارىشىچە بېلنىڭ ئىختىيارى توپ تىپىش تېخنىكىسى يۇۋىنتىس كوماندىسىدىكى داڭلىق ئىختىيارى توپ تىپىش ئۇستىسى پېرلونىڭ ئىقتىدارى بىلەن ئاساسەن پەرقلەنمەيدىكەن، بېل ئالدىنقى پەسىل ۋە بۇپەسىل بۇلۇپ جەمئى 4 ئىختىيارى توپ كىرگۈزدى،بۇنى رونالدونىڭ ئالدىنقى پەسىل بىلەن بۇ پەسىلدىكى ئىختىيارى توپ كىرگۈزۈشىگە سېلىشتۇرساق پەقەت 1 توپ پەرق بار،رونالدو 5 توپ كىرگۈزگەن،ئەمما ئىختىيارى توپ تەپكەن قېتىم سانى رونالدونىڭ بېلغا قارىغاندا نەچچە ھەسسە يۇقىرى،ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا رونالدو ،ئاستا-ئاستا خانلىق مادىرىدتىكى 1-ئىختىيارى توپ تىپىش ھۇقۇقىدىن ئايرىلىپ قالدىغاندەك تۇرىدۇ. |
|