ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 3647 |
تۆھپىسى: سەر |
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
ئومومى نەتىجە - بەشىكتاش 6 -5لىۋىرپول
ئاخشام ئۈۈمچى ۋاقتى سائەت 12 دە ياۋرۇپا ئىتتىپاق لوڭقىسى، 8 كۈچلۈككە كىرىش ئىككىنچى ئايلانمىسى، ئىنگىلاند زەردارى لىۋىرپول بىلەن تۈركىيە زەردارى بەشىكتاش كوماندىسى ئوتتۇرسىدا ئوينالدى، ئالدىنقى ئۇچرىشىشتا لىۋىرپول ئۆز مەيدانىدا بەشىكتاشنى 1-0 يەڭگەن ئىدى، بۇ قىتىم بەشىكتاش ئۆز مەيدانىدا لىۋىرپولنى كۈتىۋالدى، مۇسابىقە ئىنتايىن كەسكىن ئىلىپ بىرىلدى، ئالدىنقى مەيدان ھەر ئىككى تەرەپ بىر بىرگە خەتەرلىك ھۇجۇملارنى قىلغان بولسىمۇ توپ كىرمىدى، ئىككىنچى مەيداندا بەشىكتاش ئىزچىل لىۋىرپولغا بىسىم چۈشۈرۈپ كۈچلۈك ھۇجۇملارنى تەشكىللىدى، 71 مىنۇتتا بەشىكتاش توپچىلىرى ھۇجۇم تەشكىللىدى، دىمبابا توپنى چەكلەنگەن رايۇن سىرتىدا سەبدىشىغا چىرايلىق توختىتىپ بەردى، بۇ توپنى بەشىكتاشنىڭ 18- نۇمۇرلۇق توپچىسى ئارسلان ئۇرۇپ كىرگۈزدى، قوشۇپ بىرىلگەن ۋاقىتتىمۇ ھەر ئىككىلى كوماندا توپ كىرگۈزەلمەي ئومومى نەتىجە 1-1 بولۇپ رەھىمسىز نوقتا توپ جىڭىگە چۈشتى، بەشىكتاش توپچىلىرىنىڭ ھەممىسى نوقتا توپنى تىپىپ كىرگۈزدى، لىۋرپولنىڭ 6- نۇمۇرلۇق ماھىرى ئەڭ ئاخىرقى 5- توپنى كىرگۈزەلمەي لىۋىرپول ئىتتىپاق لوڭقىسىدىن خوشلاشتى. |
-
|