ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 878 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا بارچۇق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-2-26 19:40
خان مادىرىدقا 4 توپ ئۇرۇپ ئۆزىنى كۆرسىتىپ قويغان مادىرىد رىقابەتكە ئاخشام تازا ئويلىمىغان بىر ئىش بولغاندەك بولدى، لوۋېركىسۇن مادىرىد رىقابەتنىڭ ‹‹ خاس ئۇسلۇبى›› بىلەن مادرىد رىقابەتنى يەڭدى، پۈتۈن مەيداندا، مادىرىد رىقابەتقا توپ تالىشىش، مەيدان بېسىشتا بولسۇن، بىر ئازمۇ يۇمشاقلىق قىلمىدى، بۇنداق بولۇشىنى ئويلمىغان مادىرد رىقابەت تەمتىرەپلا قالدى دېسەكمۇ بولىدۇ.
مادىرد رىقابەتنىڭ مۇداپىئەسى بۇرۇندىنلا ياخشى، ئويناش ئۇسلۇبى قاتتىق تىركىشىشتىن سەل ئېشىپ كېتىۋاتقان قوپاللىقى نۇرغۇن رەقىبلىرىنىڭ باش ئاغرىقى ئىدى. باشقا رەقبىلىرىنى بىر-بىرلەپ يەڭگەن خان مادىردمۇ بۇ ‹‹ئۇكىسى›› نىڭ ئالدىدا ئامالسىز قالغان ئىدى، لوۋېركىسۇن تېرىنېرى روجې.شىمتنىڭ مەخسۇس تاكتىكىسى مادىرىد رىقابەتنى باش ئەگدۈردى. مۇسابىقىگە قارايدىغان بولساق، لوۋېركىسۇن 4-2-3-1 سەپ شەكىلىنى قوللىنىپ، مادىرد رىقابەتنىڭ ئەنئەنىۋى 4-4-2 سېپىگە قارىتا، باشتىن-ئاخىر قاتتىق مۇئامىلە قىلدى، مۇسابىقى باشلىنىپلا قارشى تەرەپنى قىستاش،توپ تارتىۋېلىش جەھەتتە ناھايىتى ئاكتىپ ئويناپ، پۈتۈن مەيدان بويىچە دېگۈدەك بېسىپ ئوينىدى، ھەر قايسى جەھەتلەردە ناھايتى قوپال، ۋەھشى ( بولدىلا مۇشۇنداقلا ئاتايلى) ئوينىدى، شىمىتنىڭ ئۇسلۇبى مادىرد رىقابەتنىڭكىگە ئوخشاش، يەنى پۈتۈن سەپ بويىچە مۇداپىئەگە ئۆتكۈچىگە ، پۈتۈن سەپ بويىچە ھوجۇم قىلىش، توختىماي قىستاپ، تاكى توپنى تارتىۋالمىغۇچە، ياكى قارشى تەرەپ توپنى تېپىپ چىقىرىۋەتمىگۈچە قىستاش.....بۇلارنى بەلكىم سىمونې ئويلاپ باقمىغان بولۇشى مۇمكىن ئىدى.ئۇندىن باشقا لوۋېركىسۇننىڭ ھوجۇم مۇداپىئە ئالمىشىش سۈرئىتى تىز ، قايتۇما ھوجۇمى ئۈنۈملۈك، تىز بولدى
لوۋېركىسۇننىڭ بۇنداق بېسىمى ئاستىدا، مادىرد رىقابەت تەمتىرەپ قالدى، ئالدىنقى مەيداندىلا سىكۇيرا ۋە ساۋۇ يارىلىنىپ، ئالماشتۇرىۋىتىلدى، مادىرىد رىقابەتلىقلار بۇنداق بولۇشىنى راستىنلا ئويلىمىغان ئىدى، كېيىنكى مەيداندىمۇ لوۋېركىسۇننىڭ قاتتىق بېسىپ ئويىنىشى ئاستىدا، ئىككى تەرەپنىڭ قوپال ھەرىكىتى كۆپىيىپ ، سۈركىلىشىمۇ كۆپەيدى، رېپېر كېيىنكى مەيداندىلا ئىككى تەرەپكە 7 سېرىق، 1 قىزىل كارتا چىقاردى.پۈتۈن مەيداندا لوۋېركىسۇن25، مادىرىد رىقابەت 11 قېتىم قائىدىگە خىلاپلىق قىلدى، بولۇپمۇ لوۋېركىسۇن توپ كىرگۈزگەندىن كېيىن قوپال ھەرىكەتلەر كۆپىيىپ، مۇسابىقى ۋاقتىنى خېلى كۆپ زايە قىلدى ۋە مۇسابىقە ئىرادىسىنى بوشاتتى.تىياگونىڭ ئىككىنجى كارتىسىغا قارىساقلا، تۈزۈك بىر ئېھتىياج بولمىغان ئەھۋال ئاستىدىكى ھەرىكەتتىن ئىككىن سېرىق كارتا بىلەن مەيدان چۈشۈپ كەتتى.
مۇسابىقىدىن كېيىنمۇ مادىرىد رىقابەتنىڭ تېرىنېرلىرىن تارتىپ، توپچىلىرىغىچە، مۇھىمى قاتتىقلىق جەھەتتە لوۋېركىسۇنغا ئۇتتۇرۇپ قويغانلىقىغا قايىل بولۇشتى.
مەنبە:http://sports.qq.com/a/20150226/011482.htm
مېنىڭچە ، لوۋېركىسۇن ياكى شارىك 04 بولسۇن، ھەرگىزمۇ بۇرۇنقىدەك مادىرد رىقابەت بىلەن بارساغا مەخسۇس سوۋغا بېرىپ، بوزەك بولىدىغان كوماندىلار ئەمەس، بولۇپمۇ لوۋېركىسۇن، گېرمان بىرلەشمىسىنى كۆرۈۋاتقىلى نەچچە يىل بولدى، بايېرىننىڭ بىرلەشمىدىكى ھەقىقى رەقىبى ئەسلى لوۋېركىسۇن، قايسى كۈنى ئۇزغۇنلۇق 16 كۈچلۈكنىڭ 8 كە كىرىشى پەرىزىدە، قارسىام لوۋېركىسۇننىڭ كىرىش نىسبىتىنى شارىك ۋە دۇنىستىكتىن قالسا ئەڭ تۆۋەن چىقىرىپ قويۇپتۇ، لوۋېركىسۇننىڭ ھازىرقى توپچىلىرى خېلى خىللىنىپ قالدى، ئەگەر ياردەمچى سودىگەرلىرىدىن بايېر دورا زاۋۇتى ( ياۋروپادىكى ئەڭ چوڭ دورا زاۋۇتى) بىلەن كورىيە LG گورۇھى سەل تەسىرلىنىپ قالسا، بۇلار دورتمۇندتىنمۇ ئېشىپ كېتىدۇ، چالخانئوغلۇلا بۇنىڭ مىسالى..... |
|