ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 2343 |
تۆھپىسى: سەر |
|
شىنلاڭ خەۋىرى
مانچېستىر شەھىرى بىلەن بارسېلونا كوماندىسى ئوتتۇرسىدىكى ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىسىدە ئۇچىسىغا يايا تورىنىڭ پۇتبول كىيىمنى كىيىۋالغان بىر مەستانە پورتىگال تىلىدا نېيمارغا ۋاقىرغان . ئاخىردا ئىككىسى بىر مەھەل جاڭ - جاڭلىشىپ سەت گەپلەر بىلەن تىللاشقان . بىردەمدىن كېيىن ۋەزىيەت پەسكويغا چۈشكەن .نېيمار مەستانىلىرى بىلەن رەسىمگە چۈشۈپ بولۇپ توپچىلار ماڭىدىغان كارىدورغا ماڭماي ئۆزىنى ھاقارەتلىگەن مەستانىنىڭ قىشىغا قاراپ ماڭغان . ئارىلىقتا ئامانلىق ساقلىغۇچى ئىككىسىنى ئايرىغان بولسىمۇ ھېلىق مەستانە نېيمارغا سۇغا سەكرەش ھەركىتىنى قولى بىلەن ئىپادىلەپ تۇرىۋالغان .
نېيمار بۇ ئىشتىن كېيىن ئىشنى چوڭايتىۋەتمەسلىك ئۈچۈن مۇخبىرنىڭ زىيارىتىدە :‹‹ بىز ئوينىشىۋاتىمىز ،ئۇ مېنى جىلە قىلىۋاتىدۇ ، مەن ئۇنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرۋاتىمەن ›› دەپ جاۋاب بەرگەن . نېيمار مەستانە بىلەن بولغان ئىشلارنى ئاشكارلىغىسى كەلمەي :‹‹ ئۇ نىمە دېدى ؟ مەن بۇ گەپلەرنى باشقىدىن سىلەرگە دەپ يۈرمەيمەن ، مەن دىگەن ئائىلە تەربىيىسى كۆرگەن ئادەم . ئۇنىڭ ئاپىسى ئۇنىڭغا ئۆگەتمىگەننى ماڭا ئاپام ھەممىنى ئۆگەتكەن ››. نېيمار يەنە باشتا شۇ مەستانىنىڭ ئىشنى باشلىغانلىقنى تەكىتلەپ ئۆتكەن .
بەلكىم نېيمار بۇ ئىشنىڭ يامان تەرىپىنى ئويلىمىغان بولۇشى مۇمكىن . ‹‹ كۈندىلىك پوچتا گېزىتى ›› نىڭ ئاشكارلىنىشىچە ، گەرچە بۇ قېتىملىق سۈركۈلۈشنى مۇسابىقە خادىملىرى كۆرمەي قالغان بولۇشى مۇمكىن ، ئەگەر شۇنداقلا مانچېستىر شەھىرى كوماندىسى بۇ ئىشنى مۇسابىقە دوكلاتىغا يېزىپلا قالسا ، ئۇ چاغدا نېيمار ياۋرۇپا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ جازاسىغا ئۇچرايدىكەن .
|
|