akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 889|ئىنكاس: 43

پۇتبول مەيدانىدىكى تاجىسىز شاھلار

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   بېرنابۇ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-26 00:16  

ياۋروپا چېمپىيونلۇق لوڭقىسىغا ئېرىشىش ھەر بىر پۇتبول چولپىنىنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇلىرىنىڭ بىرى. ئەمما پۇتبول ساھەسىدە نام قازانغان بىر قىسىم داڭلىق پۇتبول چولپانلىرىمۇ مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلى، پۈتۈن كەسپىي ھاياتىدا بۇ كاتتا كوللېكتىپ مۇكاپاتقا ئېرىشىپ باقمىغان. تۆۋەندە بىز بۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ئەڭ داڭلىق 10 چولپاننى كۆرۈپ باقايلى.


10. داننىي بېرىگكامىپ
1.jpg
بېرىگكامىپ ئاجاكىس ۋە ئارسېنالدا ئۆچمەس تارىخى ئىزلارنى قالدۇرغان بولۇپ، مەستانىلەر قەلبىدە مەڭگۈ ئۇنتۇلماس چولپان ھېسابلىنىدۇ، ئەمما ئۇ كەسپى ھاياتىدا ياۋروپا چېمپىيونلۇق لوڭقىسىغا ئېرىشىپ باقمىغان.



9. فىرانسىسكو توتتى
2.jpg
توتتى بۇ يىلقى ياۋروپا چېمپىيونلۇق لوڭقىسى گۇرۇپپا مۇسابىقىسدە مانچېستېر شەھىرى كوماندىسىغا توپ ئۇرۇپ، مەستانىلىرىنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سالدى، ئەمما ئون نەچچە يىلدىن بۇيان ئىزچىل رىم قورغىنىنى ساقلاپ كېلىۋاتقان سادىق جەڭچى، ھازىرغا قەدەر ياۋروپا چېمپىيونلۇق لوڭقىسىغا ئېرىشىپ باقمىغان.



8. ئوۋىن
3.jpg
ئوۋىن گەرچە لىۋىرپول، مانچېستېر بىرلەشمىسى، خان جەمەتى مادرىد قاتارلىق زەردار كۇلۇبلاردا توپ تېپىپ نام قازانغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ كەسپى ھاياتىدا ياۋروپا چېمپىيونلۇق لوڭقىسىغا ئېرىشىپ باقمىغان.



7. ۋان نىستىلروي
4.jpg
ۋان نىستىلروي ياۋروپا چېمپىيونلۇق لوڭقىسى مۇسابىقىسىدىكى ھۇجۇم كۈچى يۇقىرى پۇتبولچىنىڭ بىرى، ئەمما كىشىنى ھەيران قالدۇردىغىنى، گوللاندىيەلىك بۇ داڭلىق ھۇجۇمچىمۇ ھەتتا ياۋروپا چېمپىيونلۇق لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگىمۇ قاتنىشىپ باقمىغان.



6. تىياگو سىلۋا
5.jpg
تىياگو سىلۋا بولسا يېقىنقى يىللاردىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر ئوتتۇرا مۇداپىئەچى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، ئۇ مىلان ۋە پارىژ سانىت گېرمان كوماندىلىرىدا نۇرغۇن قېتىم ياۋروپا چېمپىيونلۇق مۇسابىقىسگە قاتناشقان بولسىمۇ، بىر قېتىممۇ چېمپىيون بولۇپ باقمىغان. بۇ يىل ئېرىشەلەمدۇ يوق، بىر نېمە دېگىلى بولمايدۇ.


5. ۋان پىرىس
6.jpg
2006-يىلى ۋان پىرىس ئارسىنال بىلەن بىرلىكتە ياۋروپا چېمپىيونلۇق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە قاتناشقان، ئەمما لوڭقىنى بارسېلوناغا تارتقۇزۇپ قويغان. بۇ پەسىل بولسا ۋان پىرىس مانچېستېر بىرلەشمىسى بىلەن بۇ مۇسابىقىنى ئويناش سالاھىيىتىگىمۇ ئېرىشەلمىدى.



4. رونالدو
7.jpg
رونالدو بولسا پۇتبول دۇنياسىدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى ھېسابلىنىدۇ، ئۇ بارسېلونا، خان جەمەتى مادرىد كوماندىلىرىدا توپ تېپىپ ئۇنتۇلغۇسىز تارىخلارنى ياراتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇمۇ ئوخشاشلا كەسپى ھاياتىدا ياۋروپا چېمپىيونلۇق لوڭقىسىغا ئېرىشىپ باقمىغان.



3. فابرىگاس
8.jpg
فابرىگاس 2006-يىلى ئارسىنال بىلەن بىرلىكتە ياۋروپا چېمپىيونلۇق لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە كىرگەن، كىيىن فابرىگاس ئارسىنالدىن ئايرىلىپ بارسېلوناغا قوشۇلغان بولۇپ، ھازىرغىچە ياۋروپا چېمپىيونلۇق لوڭقىسىغا ئېرىشىپ باقمىغان. ئەمما ئۇ بۇ يىل چېلسى بىلەن بىرلىكتە بۇ لوڭقىغا ئېرىشەلەمدۇ يوق، بىر نېمە دېگىلى بولمايدۇ.



2. ۋىئېرا
9.jpg
ۋىئېرا بولسا ئەڭ مۇنەۋۋەر ئوتتۇرا مەيدان ماھىرى ھېسابلىنىدۇ، ئەمما ئۇ بۇ تۈردىكى مۇسابىقىنىڭ ھەل قىلغۇچىغىمۇ قاتنىشىپ باقمىغان. ئۇ ئىلگىرى ئىنتىر مىلانغا بېرىش پۇرسىتىدىن ۋاز كېچىپ، ئارسىنالغا قوشۇلغان، ئەمما كىيىن ئىنتىر مىلان بۇ تۈردە چېمپىيون بولدى.


1. ئىبىرايىموۋىچ
0.jpg
ئىبىرايىموۋىچ نۇرغۇن شان-شەرەپلەرگە ۋە مەستانىلەرنىڭ قىزغىن قوللىشىغا ئېرىشىپ كەلدى، ئۇ ئاجاگىس، يۇۋىنتۇس، ئىنتىر مىلان، بارسېلونا، ئا س مىلان، پارىژ سانىت گېرمان قاتارلىق دۇنياغا داڭلىق زەردارلاردا توپ تەپكەن بولسىمۇ، ئەمما ھازىرغىچە ياۋروپا چېمپىيونلۇق لوڭقىسىغا ئېرىشىپ باقمىدى، بەلكىم بۇ يىل ئۇنىڭ ئۈچۈن يەنە بىر قېتىملىق پۇرسەت بولۇشى مۇمكىن.

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-26 00:23:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇنداق قىلماڭلار قېرىنداشلار، باشقا تور بەتتىن خەقنىڭ ئەمگەك مېۋىسىنى ئوغۇرلاش ياخشى ئەمەس، ھېچبولمىغاندا مەنبەسىنى بولسىمۇ ئەسكەرتىپ قويۇپ كۆچۈرۈپ كەلسەڭلەرمۇ مەيلى ئىدى.
يازىدىغانغا بەك بىر نەرسە تاپالمىساڭلار ماڭا قىسقا ئۇچۇردا دەڭلا، نۇرغۇن ماتىرياللار تەرجىمە قىلىپ يېزىشىمنى كۈتۈپ تۇرىدۇ، ئەۋەتىپ بېرەي، سىلەرمۇ تەرجىمە قىلىپ، ئەجىر قىلىپ ئاندىن يوللاڭلا، ئۇ چاغدا ھېچكىم تېما كۆچۈرۈپتۇ دېمەيدۇ. خەق جاپادا يېزىپ ئېلان قىلغان يازمىلارنى ئاپتورىنىڭ رۇخسىتىسىز ئۇ تور بەتتىن بۇ تور بەتكە كۆچۈرۈپ قويغاندىن كۆرە ھېچنىمە يازماي خەقنىڭ يازغانلىرىدىن زوق ھېس قىلىپ ئولتۇرغان مىڭ ئەۋزەل.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-25 23:05:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى  تىما بوپتۇ  رەھمەت  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-25 23:09:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋان باستىن ئەمەس ۋاننېستېرلوي دەيمۇ`````
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-25 23:11:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تاجىسى بارلاردىن بىر نەچچىنى بىلمەن
بىرىنچىسى شاراۋى  ، نىيمارنىڭ بۇرۇن بارتى ھازىر تاجىسىز كۇرۇك بۇلۇپ قالدى   
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-25 23:20:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
فابرىگاسمۇ ھازىرغىچە ياۋروپا چېمپىيونلۇق لوڭقىسىغا ئېرىشىپ باقمىغانما.............................!!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-25 23:21:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىرسى-بىرسىدىن ئىسىل گۇيلارتى، ئىسىت. ئەمما بىر نەچچىسىنىڭ يەنە پۇرسىتى باركەن.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-25 23:22:24 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۆگىنىڭ تەلىي بەك  كاج
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-25 23:23:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خۇشخۇي يوللىغان ۋاقتى  2015-2-25 23:11
تاجىسى بارلاردىن بىر نەچچىنى بىلمەن  
بىرىنچىسى شا ...

نىيمارنىڭ تاجسى چۇپ كەتكەن ئوخشايدۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-25 23:23:21 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىبراھىموۋىچ تاجلىق بولالماي ئۆتۈپ كىتىدىغان چىراي .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-25 23:29:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رونالدونى ھەممە لوڭقىلارغا ئىرشكەن توپچى دەپ ئويلايتىم ،قارغاندا ئۇنڭمۇ ئارمانى با ئوخشايدۇ،چوڭ قۇلاققا ئىرشىپ باقمىغان توپچىلارمۇ كۆپكەن .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-25 23:32:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇلار گەرچە ياۋروپا ئۇزغۇنى بولالمىغان بولسىمۇ لېكىن توپخۇمارلارنىڭ قەلبىدە ئۆچمەس ئىزلارنى قالدۇردى. مۇھىمى چېمپىيونلۇق ئەمەس، بەلكى شان- شەرەپ!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-25 23:44:38 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنبەسى نۇر تورى http://m.nur.cn/do.php?do=show&mid=210350   نۇر تورىغىمۇ سىز يوللىغانمىدىڭىز
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-25 12:17

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش