ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 4383 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئارىف تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-2-25 22:52
بېنزىما --25سىكونىت مەيدانغا چىققان ئۈمىدلىك ياش چولپان خىسەيگە تەسەللى بەردى
ئىسپانىيە A دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىنىڭ ئالدىنقى ئايلانمىسىدا خانلىق مادىرىدنىڭ ياش چولپىنى خىسەي مۇسابىقە قۇشۇپ بېرىش باسقۇچى ئاخىرلىشىشقا پەقەت 25سىكونت قالغاندا مەيدانغا چىقتى.شۇنىڭ بىلەن بۇخىل ئەھۋال دۇنيا بۇيىچە ئەڭ قىسقا ۋاقىت مەيدانغا چىقىش دەپ ئاتالدى. ھەتتا دۇنيا جىنىس رىكوتىنىڭ ئەڭ قىسقا مەيدانغا چىقىش ۋاقتىنى ياراتتى دەپ تەرىپلەندى.خىسەيمۇ ئۈزۈنىڭ بۇنداق ئەھۋالغا ئۇچىرغانلىقىغا قارىتا نارازى بولغان. مۇسابىقە ئاخىرلاشقاندىن كىيىن خىسەينىڭ يېقىن دوستى بېنزىما ۋە ياردەمچى تېرنىر قاتارلىقلار ئۇنىڭغا تەسەللى بەرگەن.ئالدىنقى ئايلانمىدىكى مۇسابىقىدە خىسەي مۇسابىقىنىڭ 92مىنۇت 35سىكونت بۈلۈكىدە بېنزىمانىڭ ئورنىغا ئالمىشىپ مەيدانغا چىققان.پەقەت 25سىكونىت مەيداندا تۇرالىغان.ئەينى ۋاقىتتا ياردەمچى تېرنىر خىسەينى بېنزىمانىڭ ئورنىغا ئالمىشىپ مەيدانغا چىقىشقا ئۇرۇنلاشتۇرۇش قىلغاندا خىسەي مەيدانغا چىقىشنى رەت قىلغان بولسىمۇ، ئامالسىز ياردەمچى تېرنىرنىڭ ئۇرۇنلاشتۇرىشىنى قۇبۇل قىلغان.(ئەمىلىيەتتە بۇ ئىشنى باش پىلانلىغۇچى يەنىلا ئەنچىلودى)ئالدىنقى پەسىل ،92-يىلى تۇغۇلغان بۇ ياشنىڭ ئىپادىسى ياخشى بولغان،ھەتتا ئىسپانىيە دۆلەت دېربىسىدا زاپاس ئەزا بۇلۇپ مەيدانغا چىقىپ ئۈزۈنىڭ خانلىق مادىرىد كوماندىسىدىكى تۇنجى توپىنى دەل مۇشۇنداق كەسكىن مۇسابىقىدە كىرگۈزگەن.شۇ مۇسابىقىدىن كىيىن ئۈزۈگە توپ كىرگۈزۈش جەھەتتە سان بەلگىلەپ ،تەدىرىجى ئۆز پىلانى بۇيىچە ئالغا ئىلگىرلىگەن.ئەمما بۇ ياشنىڭ تەقدىرى كاج كىلىپ بۇلتۇر 3-ئايدا بەخىتكە قارشى يارلىنىپ 12-ئايدا ئاندىن سالامەتلىكى ياخشىلنىپ توپ مەيدانىغا قايتىپ كەلگەن.بېنزىما خىسەينى باشتىن -ئاخىرى قوللاپ ،ئۇنىڭغا ھەرجەھەتتىن ياردەم بىرىپ ،دوستانە كەيپىياتنى شەكىللەندۈرگەن.بۇ پەسىل خىسەي نىڭ سالامەتلىگى ئەسلىگە كىلىپ ھازىرغىچە ئوينالغان 18مەيدان مۇسابىقىدە خىسەي پەقەتلا ئاساسلىق ئەزا بۇلۇپ مەيدانغا چىقىش پۇرسىتىگە ئىگە بۇلالمىغان،بۇ جەرياندا كوماندىدىكى سەپداشلىرىدىن بېنزىما باشچىلىقىدا ،رامۇس،ياردەمچى تېرنىر قاتارلىقلار ئىزچىل خىسەيگە كۈڭۈل بۈلۈپ ئۇنىڭغا ئىشەنىچ ئاتا قىلغان،خىسەي ئىسپانىيە U21ياشلىقلار كوماندىسىدا توپ تەپكەن مەزگىلدە زىدانى 1-بۇلۇپ بۇ ياش ماھىرنىڭ ئىقتىدارىنى بايقىغان،ھەم مادىرىدقا ئەكەلگەندىن كىيىن ئىزچىل بېنزىما بىلەن خىسەينى ئۈزى ھەرجەھەتتىن تەربىيلىگەن،خىسەي مەيدانغا چىقالماسلىقتەك ئازابنى يىڭىپ ھازىرغىچە تىرشىۋاتىدۇ،خانلىق مادىرىدتىن ئاغرىنغاندەك ئەمەس،ئەمما ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا خىسەي ،مەيداندا يارلانغان توپچىلارنىڭ ئورنىغا ئالمىشىپ چىقىدىغان ،سەپداشلىرى يارلانمىسا مەيدانغا چىقالمايدىغان ئەھۋالغا دۇچ كەلدى.ئالدىنقى قېتىم خامىس رودرىگىز يارلانغاندا خىسەي ئۇنىڭ ئورنىغا ئالمىشىپ مەيدانغا چىقىپ سەرۋىلىيا كوماندىسىغا بىر توپ ئۇرغان.
خىسەينىڭ مەيدانغا چىقىشتىن بۇرۇن ئاچچىقلانغان كۈرنىشى:
http://v.youku.com/v_show/id_XODk4NzQxNzg0.html |
|