بۇ يازمىنى ئاخىرىدا بېرنابۇ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-2-25 22:17
زەردار كۇلۇب ۋارىتارلىرىنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى
ئەسسالامۇ - ئەلەيكۇم پۇتبول مۇنبىرىدىكى قېرىنداشلار كەمىنە تۆرەمدىن ھەممىڭلارغا ئوتلۇق سالام !!!
ئالدىنقى قېتىم مۇنبەرگە ‹‹زەردار كۇلۇب تېرىنىرلىرىنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى›› قاتارلىق ئىنتايىن تېتىملىق تېمىلار يوللانغان ئېدى ، ئۇ تېمىلارنى كۆرۈپ ، مەندىمۇ زەردار كۇلۇب ۋارىتارلىرىنىڭ تەرجىمىھالىنى يېزىپ بىقىش ئىستىكى قوزغالدى ...
تۇنجى قېتىمدا قەشقەر بىرلەشمىسىدىكى زەردار ، خانجاي پۇتبول كۇلۇبىنىڭ ۋاراتارى ‹‹ئەلخان›› نى تونۇشتۇرۇشنى لايىق تاپتىم .
ئەلخان
ئۇيغۇرچە ئىسمى: ئەلخان
ئىنگىلىزچە ئىسمى: ALHAN
دۆلەت تەۋەلىكى: جۇڭگو ، قەشقەر
تۇغۇلغان يىلى: 1986-يىلى 12 ئاينىڭ بىرسىدە
تەنھەرىكەت تۈرى : پۇتبول
تەۋە كۇلۇبى: قەشقەر خانجاي پۇتبول كۇلۇبى
مەيداندىكى ئورنى : ۋارىتار ، ھۇجۇم
كۇلۇب كىيىم نۇمۇرى: 18-نومۇر
كەسىپ ئالاھىدىلىكى : ئىنكاسى تېز ، تەمكىن ، ھەر خىل يالغۇز كەلگەن توپلارغا تاقابىل تۇرۇش ئىقىدارى ئالاھىدە يۇقىرى ، ئىپادىسى مۇقىم ، مۇداپىئەسى كۈچلۈك ھۇجۇم قىلغاندا ئورۇن ئىلىش ئىقتىدارى يۇقىرى ، ھۇجۇم قىلىش تىزلىكى چاقماقتەك بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە...
پۇتبولچىلىق ھاياتى
ئەلخان پۇتبولچىلىق ھاياتىنى 1994-يىلى باشلىغان بولۇپ ، تۇنجى قېتىم 1994-يىلى باشلانغۇچ مەكتەپ كوماندىسىنىڭ ۋارىتارلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستگە ئالغان .
1994-يىلىدىن 2000-يىلىغىچە قەشقەر شەھىرىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ، جاپالىق ئەمما ئنتايىن شەرەپلىك بولغان ۋارىتارلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن ،مۇسابىقە جەريانىدىكى قالتىس ئىپادىسى بىلەن قەشقەر شەھەرلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ دىققىتىنى تارتقان ھەمدە 2001 -يىلى يۇقىرى يۆتكىلىش سوممىسى بىلەن قەشقەر شەھەرلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ مەكتەپ كوماندىسىغا يۆتكەلگەن ھەمدە ئاساسلىق ۋارىتار ئورنىنى قالتىس ئىپادىسى بىلەن مونوپول قىلغان ...
2001 –يىلىدىن 2006 يىلىغىچە قەشقەر شەھەرلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپكە ۋاكالىتەن ۋىلايەت دەرىجىلىك ۋە ئاپتۇنۇم رايۇن دەرىجىلىك مۇسابىقىلەرگە قاتنىشىپ ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن ... 2006-يىلدىن كېيىن مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن كوماندىدىن ئايرىلىپ ئىشتىن سىرتقى كوماندىلاردا توپ تەپكەن .
ئون نەچچە يىل توپ تىپىشى جەريانىدا ئەلخان ھەقىقەتەن پىشىپ يىتىلىپ ، ئۆزىدە ، ھەر بىر مۇنەۋۋەر پۇتبولچىدا بولۇشقا تېگىشلىك تەنتەربىيە ئەخلاقى ، يۇقىرى بولغان تەنتەربىيە ساپاسىنى يىتىلدۈرۈش بىلەن بىرگە 2014-يىلى 7-ئايدا قەشقەر شەھرىدىكى ‹‹ خانجاي ›› پۇتبول كۇلۇبىنى قۇرۇپ چىققان ھەمدە قەشقەر ‹‹خانجاي ›› پۇتبول كۇلۇبىنىڭ كاپىتانلىق ۋە ۋارىتارلىق ۋەزىپىسىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان ...
ئەلخان ‹‹ خانجاي ›› پۇتبول كۇلۇبىنى يىتەكلەپ كۆپلىگەن مۇسابىقىلەرگە قاتنىشىپ ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن ، ‹‹ خانجاي ››پۇتبول كۇلۇبىنىڭ ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشىشىنى كوماندا ئەزالىرى ھەمدە ئەلخاننىڭ تىرىشچانلىقىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ ، ئەلۋەتتە...
ئەلخانغا بىرىلگەن نومۇر :
ئورۇن ئىلىشى 10.0
توپ قۇتقۇزۇش10.0
ئنىكاس 10.0
مۇقىملىقى 10.0
ھاۋادىكى توپنى كونترول قىلىش10.0
ئىرادە 10.0
ئاخىرىدا ئەلخاننىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى پۇتبول ھاياتىنىڭ تېخىمۇ ياخشى كۆڭۈللۈك ، شەرەپلىك ، ئۇتۇقلۇق بولۇشىنى ، تىنىنىڭ سالامەت ئىشلىرىنىڭ خەيرىلىك بولۇشىنى ، قەشقەر ‹‹خانجاي›› پۇتبول كۇلۇبىنىڭ تېخىمۇ تەرەققىي قىلىپ ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشىشىنى ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزغا مەملىكىتىمىزگە ئاللاھ خالىسا خەلقئاراغا تونىلىشىنى ، كەمىنە تۆرەمنىمۇ كۇلۇبقا قوبۇل قىلىشىنى تۆۋەنچىلىك بىلەن ئۇلۇغ ئاللاھتىن تىلەيمەن .......
ھەرىكىتىڭلارغا بەرىكەت ياغقاي خانجايلىقلار ... ئۆزۈمنىمۇ ھازىردىن تارتىپ كاندىدات ( پىراكتىكا ) خانجايلىق دەپ ھېسابلاۋەرمەكچى بولىۋاتىمەن ...
ئىككىنچى قېتىمدا ئىسپانىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىدىكى زەردار رېئال مادرىد كۇلۇبىنىڭ تەجرىبىلىك مۇنەۋۋەر ۋاراتاسى ئېكىر كاسىللاسنى تونۇشتۇرۇشنى توغرا تاپتىم
ئىكېر كاسىللاس
ئۇيغۇرچە ئىسمى : ئىكېر . كاسىللاس . فېرنەندىس
ئىنگىلىسچە ئىسمى : Iker Casillas Fernández
دۆلەت تەۋەلىكى : ئىسپانىيە – مادرىد شەھىرى
تۇغۇلغان يىلى : 1981-يىلى 5-ئاينىڭ-20-كۈنى
بوي ئېگىزلىكى : 185 سانتىمېتىر
تەن ئېغىرلىقى : 85 كېلوگرام
تەنھەرىكەت تۈرى : پۇتبول
تەۋە كۇلۇبى : رېئال مادرىد پۇتبول كۇلۇبى ، ئىسپانىيە دۆلەت كوماندىسى
مەيداندىكى ئورنى : ۋارىتار
كۇلۇب كېيىم نومۇرى : 1-نومۇر
دۆلەت كوماندىسى كېيىم نومۇرى : 1-نومۇر
كەسىپ ئالاھىدىلىكى : ئىنكاسى تېز ، ئوخشىمىغان يالغۇز كەلگەن توپلارنى توسۇش ئىقتىدارى يۇقىرى ...
مۇكاپات ئەھۋالى : 2008-يىلى ياۋروپا ئەڭ ياخشى ۋارىتار مۇكاپاتى ، 2009-يىلى FIFA تەرەپىدىن ئەڭ ياخشى ۋارىتار مۇكاپاتى ،2009-يىلى ياۋروپا ئەڭ ياخشى ۋارىتار مۇكاپاتى ، 2010-يىلى جەنۇبى ئافرىقا دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ ئەڭ ياخشى ۋارىتارى مۇكاپاتى ، 2012-يىلى ئەڭ ياخشى ۋارىتار مۇكاپاتى قاتارلىق مۇھىم مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن .
ئېكىر . كاسىللاس . فىرنەندىس (Iker Casillas Fernández) 1981-يىلى 5-ئاينىڭ 20 – كۈنى ئىسپانىيەنىڭ مادرىد شەھىرىدە تۇغۇلغان ، مادرىد ياشلار بازىسىدىن تەربىيىلىنىپ چىققان مۇنەۋۋەر ۋارىتار ، تاھازىرغىچە رېئال مادرىد كوماندىسىنىڭ ئاساسلىق ۋارتارلىق ۋەزىپىسىنى ھەم ئىسپانىيە دۆلەت كوماندىسىنىڭ كاپىتانلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىپ تۇرماقتا .
2008-يىلى ئىسپانىيە دۆلەت كوماندىسىنى يىتەكلەپ ئۇدا يېڭىش نەتىجىسىنى يارىتىپ ياۋروپا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ چىمپېيونلىقىنى ئالغان ، شۇ يىللىق ئالتۇن توپ مۇكاپاتىنىڭ 4 . نامزاتلىقىغا تاللانغان . 2010-يىلى ئىسپانىيە دۆلەت كوماندىسىنى يىتەكلەپ ئالتە مەيدان ئۇتۇش ، بىر مەيدان ئۇتتۇرۇشتەك ياخشى نەتىجە بىلەن جەنۇبى ئافرىقا دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ چىمپېيونلىقىنى ئالغان . 2012-يىللىق ياۋروپا لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسىدا كاسىللاس ئاخىرغىچە غەيرەت قىلىپ ئۈچ قېتىم ئۇدا چىمپىيۇن بولۇش ئۆتكىلىنى تاماملىغان . 2014-يىلى رېئال مادرىد كۇلۇبىنىڭ 10- قىتىملىق ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسىنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەمدەمدە بولدى . ئەكسىچە شۇ يىلى 6-ئايدا بىرازىليەدە ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە كاسىللاس يىتەكلەپ ماڭغان ئىسپانىيە دۆلەت كوماندىسى گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدىلا شاللىنىپ كەتتى .
‹‹كاسىللاس تەمكىن ، ئىپادىسى مۇقىم ، مۇداپىئەسى كۈچلۈك بولغان ۋارىتارلارنىڭ بىرى ، ئىسپانىيەنىڭ رىۋايەتلىك ۋارىتارى سۇبىسارىتادىن كېيىنكى رىۋايەت دەرىجىلىك شەخس›› دەپ ئىتراپ قىلىنغان . بىرازىلىيە دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە كاسىللاسنىڭ ئىپادىسى كۆڭۈلدىكىدەك بولمىغاچقا ، دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ، رىئال مادرىد ئورگان تەرەپ كوستارىكالىق ۋارىتار ناۋاسنى كاسىللاس بىلەن ئالماشتۇرۇپ ئىشلىتىش قارارىغا كىلىپ ناۋاسنى سېتىۋالغان . لېكىن دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدىن كېيىن كاسىللاسنىڭ ئىپادىسى بارا-بارا ئەسلىگە كىلىپ ئاساسلىق ئورنىنى تېپىپ كۇلۇبنىڭ ئۇدا 20 نەچچە مەيدان يىڭىلمەسلىكىگە تۆھپە قوشقان ...
دۆلەت كوماندىسى ھاياتى
1999-يىلى ئىكېر.كاسىللاس ئىسپانىيە ياشلار كوماندىسىغا تاللانغان .
كوماندىغا ئەگىشىپ نىگېرىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا پۇتبول بىرلەشمىسى دۇنيا ياشلار لەۋھە تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ چىمپىيۇنى بولغان ، ئەمما ئۇ چاغدا كاسىللاس ئاساسلىق ۋارىتار ئورنىدا ئەمەس ئېدى . 2002-يىلى ، ئۇ ئاساسلىق ۋارىتار سالاھىيىتىدە رېئال مادرىد كۇلۇبىنىڭ ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسى مۇسابىقىسىنىڭ چىمپىيۇنى بولۇشىغا تۆھپە قوشقان . 2002-يىلى دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ 16 كۈچلۈكتىن چىقىش مۇسابىقىسىدە ئىسپانىيە دۆلەت كوماندىسى بىلەن ئېرلاندىيە دۆلەت كوماندىسى ئوتتۇرسىدا ئېلىپ بىرىلغان مۇسابىقە جەريانىدا كاسىللاس ئۈچ قېتىم PK نۇقتا توپنى توسۇپ ، بىر مەيدان مۇسابىقىدىلا نام چىقارغان . ئۇنىڭ مۇداپىئىسى ئاستىدا ئىسپانىيە دۆلەت كوماندىسى ئادەتتىكى 8 كۈچلۈك تاللاش مۇسابىقە باسقۇچىغا كىرگەن .
كاسىىللاسنىڭ كۈچلۈك ئىپادىسى بىلەن 2002-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ تۇنجى قېتىملىق نۇقتا توپ جېڭى ئىنتايىن سەرخىل بولغان ، ئۇنىڭ قالتىس ئىپادىسى 2002-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدىن كېيىن دۇنيا پۇتبول ساھەسىنى ئۆزىگە قاراتقان . 2002-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدىن كېيىن ، كاسىللاس داۋاملىق تىرىشىپ پىشىپ چىقىپ ، ئاستا – ئاستا ئۆزىنىڭ كەسىپتىكى چوقۇنغۇچىلىرى كائېن ۋە بوففۇنلار بىلەن بىللە دۇنيادىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر ۋارىتار قاتارىغا ئۆتتى .
2004-يىلى پورتۇگالىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن ياۋروپا لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسىدە ، ئىسپانىيە ، پورتۇگالىيە ، گىرىتسىيە بىر گورۇپپىغا ئايرىلغان ، ئەمما بەزى سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدىلا شاللىنىپ كىتىدۇ .
2006-يىلى گېرمانىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسىدە ، ئىسپانىيە كوماندىسى 8 كۈچلۈكتىن چېقىش باسقۇچىدا زېدانى باشچىلىقىدىكى فېرانسىيە كوماندىسى بىلەن ئۇچرىشىدۇ ھەمدە 1-3 نەتىجە بىلەن شاللىنىپ كىتىدۇ .
2008-يىلىدىكى ياۋروپا لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسىدە كاسىللاس تۇنجى قېتىم ئىسپانىيە دۆلەت كوماندىسىنىڭ باش كاپىتانلىق سالاھىيىتى بىلەن كوماندىنى يىتەكلەپ دۇنياۋى مۇسابىقىگە قاتنىشىدۇ ، پۈتۈن مۇسابىقە جەريانىدا كاسىللاسنىڭ ئىپادىسى ئىنتايىن مۇقىم بولىدۇ ، ئۇ بەش مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ پەقەت ئىككى توپ كەتكۈزۈپ قويىدۇ ، ئۇنىڭدىن باشقا شاللاش مۇسابىقىسى باسقۇچىدا توپ كەتكۈزمەسلىك نەتىجىسىنى ساقلاپ قالغان ، ئەڭ نۇقتىلىق بولغىنى يېرىم ھەل قىلغۇچتىكى ئىتالىيە دۆلەت كوماندىسى بىلەن بولغان مۇسابىقىدە ، ئىسپانىيە دۆلەت كوماندىسى 120 مىنۇت ئىچىدە توپ كىرگۈزۈلمەي ھەم توپ كەتكۈزمەي رەھىمسىز نۇقتا توپ جېڭىگە كىرىدۇ ، نۇقتا توپ جىڭىدە كاسىللاس ئۆزىنى ھەقىقىي نامايان قىلىپ ئىتالىيە دۆلەت كوماندىسىدىكى دېروشى ۋە دىناتالەينىڭ كەينى – كەينىدىن تەپكەن نۇقتا توپىنى توسىۋېلىپ ، ئىسپانىيە دۆلەت كوماندىسىنىڭ يېرىم ھەل قىلغۇچتىكى ئەڭ چوڭ تۆھپىكارى بولۇپ قالىدۇ . شۇ قىتىملىق مۇسابىقىدىن كېيىن ئىسپانىيەنىڭ ئالتۇن دەۋرى باشلىنىپ ھەقىقىي كۈچلۈك كوماندا بارلىققا كەلدى ، ئاخىرىدا ئىسپانىيە دۆلەت كوماندىسى 2008- يىللىق ياۋروپا لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ چىمپىيۇنى بولدى ، ئۇ مۇكاپات تارقىتىش سەھنىسىگە چىقىپ مۇكاپاتنى تاپشۇرىۋالغان شۇ دەقىقىدىن باشلاپ ، پۇتبول دۇنياسى ئىسپانىيىگە تەۋە بولغان دەۋر باشلاندى .
2009-يىللىق جەنۇبى ئافرىقا پۇتبولچىلار بىرلەشمە لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە ، كاسىللاسنىڭ ئىپادىسى يەنىلا بۇرۇنقىدەك ھەممىنىڭ كۆزىنى قاماشتۇرۇۋەتتى ، يالغۇز كەلگەن توپنى توستى ، ئاخىرىدا ئىسپانىيە كوماندىسىنىڭ 3 – بولۇشىغا تۆھپە قوشتى .
2010يىلى جەنۇبى ئافرىقا دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە ئىسپانىيە دۆلەت كوماندىسى گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدە ئىككى توپ كەتكۈزۈپ ( شىۋىتسىيە1:0ئىسپانىيە ،چىلى1:2ئىسپانىيە ) ، شاللاش مۇسابىقە باسقۇچىدا ئىپادىسى قالتىس بولۇپ بىرمۇ توپ كەتكۈزمىگەن ، 8 كۈچلۈكنى تاللاش مۇسابىقە باسقۇچىدا پورتېگالىيەنى بىرگە قارشى نۆل نەتىجە بىلەن يەڭگەن ،تۆت كۈچلۈكنى تاللاش باسقۇچىدا پاراگۋاي كوماندىسى بىلەن بولغان مۇسابىقىدە نۇقتا توپنى توسۇپ ، ئاخىرىدا 1گە قارشى 0 نەتىجە بىلەن پاراگۋاي كوماندىسىنى يەڭگەن ، يېرىم ھەل قىلغۇچتا گېرمانىيە كوماندىسى بىلەن ئۇچراشقان ، ئۇنىڭ مۇقىم ، تەمكىن ، سەزگۈر ، چاققان بولۇشى ئىنكاسىنىڭ تېزلىكى بىلەن قارشى تەرەپ بىرمۇ توپ كىرگۈزەلمىگەن ، ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە گوللاندىيە كوماندىسى بىلەن ئۇچراشقان ، مۇسابىقە جەريانىدا قارشى تەرەپنىڭ كۆپلىگەن خەتەرلىك ھۇجۇملىرىنى ئۈنۈملۈك كونترول قىلغان ، ئەڭ گەۋدىلىك بولغىنى گوللاندىيە كوماندىسىنىڭ ھوجۇمچىسى روبىننىڭ يالغۇز ھۇجۇمىنى تارمار قىلغان .
مۇسابىقىدىن كېيىن كاسىللاس 2010-يىللىق جەنۇبى ئافرىقا دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ ‹‹ ئالتۇن پەلەي ›› مۇكاپات ساھىبى بولغان . بۇ قېتىملىق دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدا كاسىللاس 433 مىنۇت توپ كەتكۈزمەسلىك رېكورتىنى يارىتىپ كابىنىنىڭ ( 427 مىنۇت ) توپ كەتكۈزمەسلىك رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلاپ دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ باسقۇچتىكى ئەڭ قالتىس ۋارىتارلارنىڭ 7- دەرىجىسىگە تىزىلغان .
2009-يىلى 11-ئاينىڭ 15-كۈنى ئارگىنتىنا كوماندىسى بىلەن بولغان دوسلۇق مۇسابىقىسى كاسىللاسنىڭ دۆلەت كوماندىسىدىكى 100-قىتىملىق مۇسابىقىسى بولۇپ ئىسپانىيە دۆلەت كوماندىسى تارىخىدىكى دۆلەت كوماندىسىغا ۋاكالىتەن 100 قېتىم مەيدانغا ئۈچىنچى كىشى بولۇپ قالدى . ( رىۋايەتلىك ۋارىتار سۇبىسارىتا ‹126 مەيدان› ، رېئال مادرىد كۇلۇبىنىڭ سابىق كاپىتانى راھول ‹102 مەيدان› ) .
2012-يىلى ئوكرائىنا-پولشادا ئۆتكۈزۈلگەن ياۋروپا لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسىدە كاسىللاس كوماندىنى يېتەكلەپ ئاخىرقى مەنزىلگىچە تېرىشتى ، نەتىجىدە ئۈچ چېمپىيونلۇق لوڭقىسىنى كۆتۈردى . ( 2008-يىللىق ياۋروپا لوڭقىسى ، 2010-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى ، 2012-يىللىق ياۋروپا لوڭقىسى ) . يېرىم ھەل قىلغۇچ باسقۇچىدىكى پورتىگالىيە بىلەن بولغان نۇقتا توپ جىڭىدە كاسىللاس ئىسپانىيە دۆلەت كوماندىسىغا نىسبەتەن ئۆزىنىڭ قانچىلىك مۇھىم ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى .
2014-يىللىق بىرازىليىدە ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە ئىسپانىيە كوماندىسى تۇنجى مەيداندا گوللاندىيە كوماندىسى بىلەن تۇتۇشتى ، كاسىللاس ۋان پىۋىسىنىڭ كاللا توپىنى توسالمىدى ، روبىننىڭ يالغۇز كەلگەن توپىنىمۇ قۇتقۇزالمىدى ، ئاخىرىدا خاتالىق ئۆتكۈزۈپ گوللاندىيە كوماندىسى يەنە بىر توپ ئۈستۈنلىككە ئۆتۈپ ، ئىسپانىيە كوماندىسى ئاۋۋال توپ كىرگۈزگەن ئەھۋال ئاستىدا 1 گە قارشى 5 نەتىجە بىلەن ئىچىنىشلىق ئۇتتۇرۇپ قويدى ، كاسىللاس يەنە خاتالىق ئۆتكۈزۈپ 0 گە قارشى 2 نەتىجە بىلەن چىلى كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويۇپ تۇنجى بولۇپ گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدىن شاللىنىپ 2014-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى سەپىرىنى ئىچىنىشلىق ئاخىرلاشتۇردى .
كۇلۇب ھاياتى
كاسىللاس ، خانلىق مادرىد ياشلار بازىسى تەربىيلەپ چىققان مۇنەۋۋەر ۋارىتارلارنىڭ ۋەكىلى ، تا ھازىرغىچە خانلىق مادرىد كۇلۇبىدا توپ تېپىپ كەلگەن ، ئىكېر كاسىللاس بىلەن خانلىق مادرىد مۇناسىۋىتىنى 1990 –يىلىدىن باشلاپ سۆزلەشكە توغرا كىلىدۇ ، شۇ يىلى ئۇ خانلىق مادرىدنىڭ د كوماندىسىدا مەشىق قىلىشنى باشلايدۇ ، ئۈزلۈكسىز تېرىشىشى ئارقىسىدا 1999/2000 –يىللىق مۇسابىقە پەسىلىدە خانلىق مادرىد بىرىنچى كوماندىسىنىڭ سەپ شەكلىدىن ئورنىنى تاپىدۇ .
كاسىللاس خانلىق مادرىد كۇلۇبىغا Jupp Heynckes دېگەن كىشى تەرىپىدىن تونۇشتۇرۇلغان ، دەسلەپتە ئىككى پەسىل خانلىق مادرىد كۇلۇبىنىڭ تۆتىنجى كوماندىسىدا توپ تەپكەن ، ئۇنىڭدىن كېيىن داۋاملىق خانلىق مادرىدنىڭ ئۈچىنچى كوماندىسى ئۈچۈن توپ تەپكەن ، ئاخىرىدا خانلىق مادرىدنىڭ تەييارلىق كوماندىسى ئۈچۈن توپ تەپكەن ، شۇ جەرياندا كاسىللاس ئىسپانىيە دۆلەت كوماندىسىنىڭ دىققتىنى تارتقان ، 1996-يىلى دۆلەت كوماندىسىغا ۋاكالىتەن قاتناشقان ياۋروپا 15 ياشلىقلار پۇتبول لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ چىمپېيونلىقىنى قولغا كەلتۈرگەن ، ئىككى يىلدىن كېيىن كاسىللاس يەنە بىر نۇقتا توپنى قۇتقۇزۇپ ياۋروپا 17 ياشلىقلار پۇتبول لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ چىمپېيونلىقىنى قولغا كەلتۈرگەن ، ئۇنىڭدىن كېيىن 1999-يىلى ياۋروپا 19 ياشلىقلار پۇتبول لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە ، بوينىغا ئالتۇن مىدال ئاسقان ئىكېر كاسىللاس ئاللىقاچان خانلىق مادرىد بىرىنچى كوماندىسىنىڭ تىزىملىكىگە كىرىپ بولغان ئىدى .
كاسىللاس نۇرغۇنلىغان ئىسسىق سوغۇقلارنى بىشىدىن ئۆتكۈزۈپ ئاخىرى دۆلەت كوماندىسى ۋە كۇلۇبتىكى ئورنىنى مۇستەھكەملىدى ، كاسىللاس خانلىق مادرىدنىڭ مۇداپىئە سېپىدە مۇستەھكەم تۇرۇپ ، كىشىنى ھەيران قالدۇرغىدەك ماھارەتلەر بىلەن خانلىق مادرىد ئارقا سىپى بىلەن بىرگەۋدە بولۇپ كەتتى .
2014-يىلى 8-ئاينىڭ 13-كۈنى دىيارىمىز ۋاقتى 00:45 مىنۇت ئۆتكەندە 39-قېتىملىق ياۋروپا دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى ياۋروپا ئۇزغۇنى خانلىق مادرىد بىلەن ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدىكى سەرۋىلىيە كوماندىسى ئارىسىدا ئۆتكۈزۈلۈپ 2:0 نەتىجە بىلەن رەقىبىنى يەڭدى . مۇسابىقىدىن كېيىن كاسىللاس خۇشال ھالدا لوڭقىنى كۆتۈرۈپ ، تارىختا كاپىتانلىق سالاھىيىتى بىلەن ، دۇنيا لوڭقىسى ، ياۋروپا لوڭقىسى ، ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسى ، ياۋروپا دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسىنى كۆتۈرگەن بىرىنچى ئادەم بولۇپ قالدى ، ئىسپانىيە توپچىلىرى ئارىسىدا پۇيول 5-ئورۇنغا تىزىلغان . 2014 -يىلى 12-ئاينىڭ 21-كۈنى كاسىللاس كاپىتانلىق سالاھىيىتى بىلەن 2014-يىللىق دۇنيا كۇلۇبلار لوڭقىسى چىمپىيۇنى لوڭقىسىنى كۆتۈردى .
كاسىىللاسقا بېرىلگەن نومۇر:
ئورۇن ئىلىشى 10.0
توپ قۇتقۇزۇش10.0
ئنىكاس 10.0
مۇقىملىقى 9.5
ھاۋادىكى توپنى كونترول قىلىش 8
ئىرادە 9.5
.....
تۇنجى قېتىم مەيدانغا چىققان مۇسابىقىسى : بىلباۋ رىقابەت كوماندىسى 1:2 خانلىق مادرىد (1999يىلى 9-ئاينىڭ 12-كۈنى)
تۇنجى قېتىم دۆلەت كوماندىسىغا ۋاكالىتەن قاتناشقان مۇسابىقىسى : شىۋىتسىيە 1:1 ئىسپانىيە (2000-يىلى 6-ئاينىڭ 3-كۈنى)
تۇنجى قىتىملىق خەلقئارالىق مۇسابىقىسى : بوخىي 2:1 ئىسپانىيە ( 2000-يىلى 9-ئاينىڭ 2-كۈنى )
دۆلەت كوماندىسىدا مەيدان چىققان مەيدان سانى 127 مەيدان ( ئىسپانىيە دۆلەت كوماندىسى تارىخىدىكى ئەڭ كۆپ سان )
ئىنتايىن ئاز ئادەملەر كاسىللاسنىڭ سول قول پەلىيىگە دىققەت قىلغان بولۇشى مۇمكىن . سول قول پەلىيى تۆت بارماقلىق ئالاھىدە پەلەي ، كاسىللاسنىڭ بارمىقى يارىلانغانلىقتىن مۇسابىقىدە سول قول ئىككى بارمىقىنى بىللە باغلىۋالغان ، ئىسپانىيە دۆلەت كوماندىسى مۇسابىقىدە توپ كىرگۈزسە كاسىللاس ھېلىقى بارمىقىنى يىشىپ ئاسماننى كۆرسىتىپ خۇشاللىقىنى ئىپادىلىگەن .
ئەڭ ئاخىرىدا بۇنىڭدىن كېيىن كاسىللاسنىڭ پۇتبول ھاياتىنىڭ تېخىمۇ ياخشى بولىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن .
ئۈچۈنچى قېتىمدا گىرمانىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىدىكى زەردار بەيرىن مىيۇنخىن كۇلۇبىنىڭ ھۇجۇمچىسىمان ۋارىتارى مانۇئىل . نوئىرنى تونۇشتۇرۇشنى لايىق تاپتىم...
مانۇئىل . نوئىر
ئۇيغۇرچە ئىسمى : مانۇئىل . نوئىر
ئىنگىلىسچە ئىسمى : Manuel Neuer
دۆلەت تەۋەلىكى : گىرمانىيە
تۇغۇلغان يىلى : 1986-يىلى 3-ئاينىڭ 27-كۈنى
بوي ئېگىزلىكى : 193 سانتىمېتىر
تەن ئېغىرلىقى : 90 كېلوگرام
تەنھەرىكەت تۈرى : پۇتبول
تەۋە كۇلۇبى :بەيرىن مىيۇنخىن پۇتبول كۇلۇبى ،گىرمانىيە دۆلەت كوماندىسى
مەيداندىكى ئورنى : ۋارىتار
كۇلۇب كېيىم نومۇرى : 1-نومۇر
دۆلەت كوماندىسى كېيىم نومۇرى : 1-نومۇر
كەسىپ ئالاھىدىلىكى : ئىنكاسى تېز ، توپ كونترول قىلىش دائىرىسى، مۇداپىئە دائىرىسى كەڭ ، ئۈنۈملۈك قاتارلىقلار ...
مۇكاپات ئەھۋالى : 2010-يىللىق جەنۇبى ئافرىقا دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە ئۈچىنچىلىككە ئېرىشكەن .
2013-يىللىق دۇنيا كۇلۇبلار لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ چىمپىيۇنلىقىغا ئېرىشكەن .
2012-2013 پەسىللىك ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ چىمپىيۇنلىقىغا ئېرىشكەن .
2013-يىللىق دۇنيادىكى ئەڭ قالتىس ۋارىتار
2014-يىللىق بىرازىلىيە دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ چىمپىيۇنلىقىغا ئېرىشكەن .
2014-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنى ئالجىرىيە كوماندىسى بىلەن بولغان مۇسابىقىدە كۆپ قېتىم ھۇجۇمغا قاتناشقانلىقى ئۈچۈن ‹‹ ۋارىتار بىك ›› دەپ ئاتالغان .
2014-يىللىق ئالتۇن پەلەي مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن .
مانۇئىل . نوئىر ، 1986-يىلى 3-ئاينىڭ 27-كۈنى گېرمانىيىدە تۇغۇلغان ، گېرمانىيە پۇتبول تەنھەرىكەتچىسى ، كەسپى ۋارىتار ، گېرمانىيە دۆلەت كوماندىسىنىڭ ۋە گېرمانىيە بايرىن مىيۇنخىن كۇلۇبىنىڭ ۋاراتارلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئىلىپ كەلمەكتە ...
2001-يىلى گېرمانىيە شارىك04كۇلۇبىغا قوشۇلغان ، 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 12-كۈنى 20 مىليون يۆتكىلىش ھەققى بىلەن گېرمانىيە بايرىن مىيونخىن كۇلۇبىغا يۆتكەلگەن ، تا ھازىرغىچە گېرمانىيە بايرىن مىيونخىن كۇلۇبىدا ئاساسلىق ۋارىتارلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىمەكتە.
2014-يىلى ، گېرمانىيە دۆلەت كوماندىسى بىلەن بىرلىكتە دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ چىمپيونلۇقىنى قولغا كەلتۈرۈپ ، ئالتۇن پەلەي مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن . 2014-يىلى 8-ئايدا ، نوئىر ، كائىندىن كىيىنكى ياۋروپا پۇتبول ئەپەندىسى نامزاتنىڭ ئالدىنقى ئۈچىنچى نامزاتلىقىغا تاللانغان بىردىن بىر ۋارىتار، ئاخىردا نوئىر ياۋروپا پۇتبول ئەپەندىسى سايلىمىدا ئىككىنچىلىككە ئېرىشكەن .
2014-يىلى 10-ئاينىڭ 28-كۈنى ، 2014-يىللىق ئالتۇن توپ مۇكاپاتىنىڭ نامزاتلىقىغا كىرگەن ...
كۇلۇب ھاياتى
2001-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنى نوئىر گېرمانىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىدىكى شارىك04 كۇلۇبىغا قوشۇلغان ، شارىك04 كوماندىسىنىڭ ياش ئايرىمىسىغا قاراپ قوشۇلىدىغان كوماندىسىغا قوشۇلۇپ 2004-يىلى شارىك04 كۇلۇبىنىڭ ئىككىنچى كوماندىسىغا كىرگەن . 2005-يىلى نوئىر شارىك04 كۇلۇبى بىلەن كەسپى توختام ئىمزالىدى ھەمدە 2005-2006 پەسىللىك گېرمانىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىنىڭ تىزىملىكىدە ئۈچىنچى ۋارىتار بولۇپ تىزىلدى . ئۇ شۇ پەسىللىك ئايلانمىدا ئىككى قېتىم زاپاس ئەزالار تىزىملىكىگە كىردى ، باشقا ۋاقىتلاردا كۇلۇبنىڭ ب دەرىجىلىكلەر كوماندىسىغا ۋاكالىتەن گېرمانىيە بىرلەشمىسىدە توپ تەپكەن . 2006-2007 مۇسابىقە پەسلىدە كاپىتان فرانك روسىت ئاساسلىق ۋارىتار بولدى ، ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئىككىنچى ۋارىتار ھامبۇرۇگ پۇتبول كۇلۇبىغا يۆتكەلدى ، شۇنىڭ بىلەن نوئىر زاپاس ۋارىتار ئورنىغا چىقتى .
شارىك04 كۇلۇبىنىڭ بۇرۇنقى كاپىتانى باشقا كۇلۇبقا يۆتكەلگەندىن كېيىن ، باش تېرىنىر نوئىرنى كاپىتانلىق ئورنىغا قويدى . نوئىر كاپىتان بولۇش سالاھىيىتى بىلەن كوماندىدا رولىنى ناھايىتى ياخشى جارى قىلدۇردى ، 2010 –يىللىق گېرمانىيە لوڭقىسى مۇسابىقىسىنىڭ چىمپېيونلىقىنى قولغا كەلتۈرۈپ ، شارىك04 تارىخىدىكى بەشىنجى گېرمانىيە لوڭقىسى چىمپېيونلىقىنى قولغا كەلتۈردى . 6 گە قارشى 1 نەتىجە بىلەن ئۇتتۇرۇپ قويۇپ ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق قەدىمى يېرىم ھەل قىلغۇچ باسقۇچتا توختاپ قالدى . 2010-2011 مۇسابىقە پەسلىدە نوئىر گېرمانىيە توپچىلىرى ھەم گېرمانىيە باھالاش ھەيئىتى تەرىپىدىن 2010-2011 مۇسابىقە پەسللىك گېرمانىيە ئا دەرىجىلىك بىرلەشمىسىدىكى ئەڭ قالتىس ۋارىتار بولۇپ باھالاندى ...
2011-يىلى 6-ئاينىڭ 8-كۈنى گېرمانىيە زەردارى بايرىن مىيۇنخىن كوماندىسىغا بىرىپ بەدەن تەكشۈرتۈش ئىلىپ باردى ، ھەمدە بايرىن مىيۇنخىن كۇلۇبى بىلەن 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە بەش يىللىق توختام ئىمزالىدى .
نوئىر بايرىن مىيۇنخىن كۇلۇبىغا رەسمىي يۆتكىلىپ بولغاندىن كېيىن ، بايرىن مىيۇنخىن كۇلۇبىنىڭ 1-نۇمۇرلۇق ۋارىتارى بولدى ، يۆتكىلىش سوممىسى 20 مىليون ياۋرولۇق باھا بىلەن گېرمانىيە ئا دەرىجىلىكلەر ئايلانمىسىدىكى ئەڭ قىممەت ۋارىتار بولۇپ قالدى .
2011-يىلى 7-ئاينىڭ 31-كۈنى نوئىر 210 بېلەت سانى بىلەن گىرمانىيەنىڭ نوپۇسلۇق ژۇرنىلى ‹‹ توپ تەپكۈچى›› تەرىپىدىن ئەڭ قالتىس توپچى ، 2010-2011 مۇسابىقە پەسىللىك گېرمانىيە پۇتبول ئەپەندىسى بولۇپ باھالاندى .
2011-2012 مۇسابىقە پەسلىدە بايرىن مىيۇنخىن كۇلۇبى 22 مۇسابىقە پەسلىدە توپ كەتكۈزۈش سانى ئەڭ ئاز بولغان كوماندا بولدى ، نوئىر 1147 مىنۇت توپ كەتكۈزمەي كائىننىڭ رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلاپ نوئىرنىڭ يىڭى رېكورتىنى ياراتتى . گېرمانىيە لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ يېرم ھەل قىلغۇچ باسقۇچىنىڭ نۇقتا توپ جىڭىدە نوئىر قالتىس ئىپادىسىنى نامايان قىلىپ كەينى – كەينىدىن ئىككى نۇقتا توپنى توسۇپ بايرىن مىيۇنخىن كۇلۇبىنىڭ ھەل قىلغۇچ باسقۇچىغا كىرىشىگە تۆھپە قوشتى ؛ ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسى مۇسابىقىسىنىڭ خانلىق مادرىد بىلەن بولغان يېرىم ھەل قىلغۇچ باسقۇچىنىڭ نۇقتا توپ جىڭىدە نوئىر كەينى – كەينىدىن كىرىستىئانو رونالدو ۋە كاكانىڭ تەپكەن نۇقتا توپىنى توسۇپ بايرىن مىيۇنخىن كۇلۇبىنىڭ ھەل قىلغۇچ باسقۇچىغا كىرىشىگە تۆھپە قوشتى . ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ باسقۇچىدا بايرىن مىيۇنخىن چېلسى كۇلۇبى بىلەن نۇقتا توپ جىڭغىچە تىركىشىپ نوئىرنىڭ قالتىس ئىپادىسى بىلەن چېلسنى بىتچىت قىلىپ ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ چىمپېيونلىقىنى قولغا كەلتۈردى .
دۆلەت كوماندىسى ھاياتى
2009-يىلى 6-ئاينىڭ 3-كۈنى ، گېرمانىيە دۆلەت كوماندىسى ئەرەب بىرلەشمە خەلپىلىگى كوماندىسى بىلەن بىر مەيدان دوستلۇق مۇسابىقىسى ئوينىدى ، ئاخىرىدا گېرمانىيە دۆلەت كوماندىسى 2 گە قارشى 7 نەتىجە بىلەن ئەرەب بىرلەشمە خەلپىلىگى كوماندىسىنى يەڭدى ، نوئىر 2009-يىلى گېرمانىيە 21 ياشلىقلار دۆلەتلىك پۇتبول كوماندىسىغا تاللاندى ، 2009-يىلى 6-ئاينىڭ 30-كۈنى گېرمانىيە كوماندىسى 0 گە قارشى 4 نەتىجە بىلەن ئەنگلىيە كوماندىسىنى يېڭىپ ، گېرمانىيە كوماندىسى تارىخىدىكى تۇنجى 21 ياشلىقلار چىمپېيونلىقىنى قولغان كەلتۈردى .
2010-يىلى 6-ئايدا نوئىر گېرمانىيە كوماندىسىنىڭ 1-نۇمۇرلۇق ۋارىتارى سالاھىيىتىدە جەنۇبى ئافرىقا دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسىدە مەيدانغا چىقتى ، گېرمانىيە كوماندىسى ئاخىرىدا ئۈچىنچىلىككە ئېرىشتى ، نوئىر دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىدىكى 6 مەيدان مۇسابىقىدە ئەمەلىي ، كۈچلۈك ئىپادىسى بىلەن 2010-يىللىق جەنۇبى ئافرىقا دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ خەلقئارا پۇتبول بىرلەشمىسىنىڭ ئورگان تورىدا ئەڭ مۇنەۋۋەر سەپ شەكلىدىكى ئەڭ قالتىس ۋارىتار نامىغا ئېرىشكەن ...
2014-يىلى 7-ئايدا نوئىر گېرمانىيە دۆلەت كوماندىسىغا تاللىنىپ بىرازىليىدە ئۆتكۈزىلىدىغان 2014-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتناشتى ، ئۇ مۇسابىقە جەريانىدا پەقەت ۋارىتارلا ئەمەس يەنە گېرمانىيە كوماندىسىنىڭ ئوتتۇرا بىك ۋەزىپىسىنىمۇ ئۆتىدى ، گېرمانىيە بىلەن ئالجىرىيە ئوتتۇرسىدا ئېلىپ بىرىلغان مۇسابىقىدە نوئىرنىڭ مۇسابىقە مەيدانىدا باسقان مۇساپىسى بەش يېرىم كىلومېتىردىن ئىشىپ ھەممىنى ھەيران قالدۇردى . كۆپ قېتىم چەكلەنگەن رايون سىرتىغا چىقىپ ھۇجۇمنى توستى .
يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە باسقۇچىدا ساھىبخان دۆلەت بىرازىلىيە بىلەن گېرمانىيە ئوتتۇرسىدا ئېلىپ بېرىلدى ، نەتىجىدە گېرمانىيە كوماندىسى بىرازىلىيە كوماندىسىنى قىرغىن قىلىپ 1 گە قارشى 7 نەتىجە بىلەن يەڭدى ، نوئىر 89 مىنۇت توپ كەتكۈزمىدى . 7-ئاينىڭ 14-كۈنىدىكى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىنى ئارگىنتىنا كوماندىسى بىلەن ئىلىپ باردى ، نوئىر چەكلەنگەن رايون ئىچىدىكى خەتەرلىك ھۇجۇملارنى توسۇپ ، توپ كەتكۈزمەي 0 گە قارشى 1 نەتىجە بىلەن 20 -قېتىملىق دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ چىمپېيونلىقىنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۆھپە قوشتى . بۇ قىتىملىق دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسىدە گېرمانىيە كوماندىسى پەقەت تۆت توپلا كەتكۈزۈپ قويغان ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە نوئىرنىڭ قالتىس ئىپادىسىگە ‹‹ ئالتۇن پەلەي ›› مۇكاپات بېرىلدى ...
بۇنىڭدىن كېيىن نوئىرنىڭ پۇتبول ھاياتىنىڭ تېخىمۇ غەلبىلەك بولىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن .
ئاخىرىدا ئەنگلىيە دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىنىڭ زەردارى چېلسى كۇلۇبىنىڭ ، ياش ، ئىستىقباللىق ۋارىتارى دىبو . كورتىئۇسنى تونۇشتۇرۇپ تېمامنى ئاخىرلاشتۇرماقچىمەن ...
دىبو . كورتىئۇس
ئۇيغۇرچە ئىسمى : دىبو . كورتىئۇس
ئىنگىلىسچە ئىسمى : Thibaut Courtois
دۆلەت تەۋەلىكى : بىلگىيە
تۇغۇلغان ۋاقتى : 1992-يىلى 5-ئاينىڭ 11-كۈنى
بوي ئىگىزلىكى : 198 سانتىمېتىر
تەن ئېغىرلىقى : 88 كىلوگرام
تەنھەرىكەت تۈرى : پۇتبول
تەۋە كۇلۇبى : چىلسى پۇتبول كۇلۇبى
مۇكاپات ئەھۋالى : 2010-2011- مۇسابىقە پەسىللىك بىلگىيە ئايلانمىسىنىڭ ئەڭ قالتىس ۋارىتار مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ...
دىبو . كورتىئۇس Thibaut Courtois 1992-يىلى 5-ئاينىڭ 11-كۈنى بىلگىيەدە تۇغۇلغان ، بىلگىيە تەۋەلىكىدىكى پۇتبول تەنھەرىكەتچىسى ، كەسپى ۋارىتار ، ئەنگىلىيە زەردارى چىلسى پۇتبول كۇلۇبىنىڭ ئاساسلىق ۋارىتار ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئىلىپ تۇرماقتا ...
كورتىئۇس بىلگىيەنىڭ پۇتبول كۇلۇبىدا پۇتبول ھاياتىنى باشلىغان ، 1999-يىلى خېڭكى كۇلۇبىغا يۆتكىلىپ ۋارىتاردا تۇرغان ، 2011-يىلى 7-ئايدا ئەنگىليە زەردارى چىلسى كۇلۇبىغا قوشۇلغان ، بىر مەزگىلدىن كېيىن مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئىسپانىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىدىكى ئاتلىتكا مادرىد پۇتبول كۇلۇبىغا ئىجارىگە بىرىلگەن ، ئاتلىتكا مادرىد كۇلۇبىغا كەلگەندىن كېيىن ئاساسلىق ۋارىتار ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن ھەمدە 2013-2014 مۇسابىقە پەسلىنىڭ ئىسپانىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىنىڭ چىمپىيۇنلىقىنى قولغا كەلتۈرگەن ، ئىككى قېتىم سامۇرا مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن . 2014-يىلى 7-ئايدا كورتىئۇسنىڭ ئىجارە مۇددىتى توشۇپ چىلسى كوماندىسىغا قايتىپ كەلگەن .
2014-يىللىق بىرازىلىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسىدە بىلگىيە كوماندىسىنىڭ چوڭ تىزىملىكىگە كىرىپ ، بىلگىيە كوماندىسىنىڭ سەككىز كۈچلۈكلەر باسقۇچىغا كىرىشىگە تۆھپە قوشقان .
كورتىئۇس ۋالىبولچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان بولۇپ ، كىچىكىدىن تارتىپ دادىسىنىڭ يىتەكلىشىدە ۋالىبول بىلەن بىللە چوڭ بولغان ، بويى ئېگىز ، بەدىنى ئەر تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ لاياقىتىگە لايىق . ئەمما كورتىئۇس ئاخىرىدا پۇتبولنى تاللىغان ، ئۇ كىچىك ۋاقتىدا بىرلا ۋاقىتتا ۋالىبول ۋە پۇتبولنى بىللە ئوينىغان ، سەككىز ياش ۋاقتىدا خېڭكى كۇلۇبىغا قوشۇلغان ، قوشۇلغاندىن كېيىن كۇلۇبنىڭ سول بىكلىك ۋەزىپىسىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان ، 11 ياش ۋاقىتلىرىدا ۋارىتارلىقنى تاللىغان ، كورتىئۇس 11 ياش ۋاقتىدا پۇتبول بىلەن ۋالىبولنىڭ بىرسىنى تاللاشقا دۇچ كەلگەندە پۇتبول تاللاپ ئائىلىسىدىكىلەرگە ئوخشىمىغان يولنى تاللىغان .
پۇتبول ھاياتى
ئۆز ۋاقتىدا كۇلۇبنىڭ سول بىكلىك ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان كورتىئۇس ، 1999-يىلىغا كەلگەندە كۇلۇبنىڭ ۋارىتارلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان .
2009-يىلى 4-ئايدا 16 ياش 341 كۈنلۈك بولغان كۈنى كورتىئۇس بىلگىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىدە تۇنجى قېتىم مۇنەۋۋەر بولۇپ باھالانغان ، خېڭكى كۇلۇبىنىڭ ئىككى نەپەر ئاساسلىق ۋارىتارسى كوماندا ئالمىشىپ كەتكەنلىكى سەۋەبىدىن ، كورتىئۇس خېڭكى كۇلۇبىنىڭ بىرىنچى سەپ كوماندىسىغا كىرگەن ، بىرىنچى سەپ كوماندىسىغا كىرگەندىن كېيىن كورتىئۇس كوماندىنىڭ 2010-2011 مۇسابىقە پەسلىنىڭ چىمپېيونلىقىنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۆھپە قوشقان . پەسىللىك مۇسابىقە جەريانىدا كورتىئۇس 40 مەيدان بىرلەشمە مۇسابىقىدە پەقەت 32 توپ كەتكۈزگەن ، 14 مەيدان توپ كەتكۈزمەسلىكتەك ياخشى ئىپادىسى بىلەن بىلگىيە بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ ئەڭ قالتىس ۋارىتارى ۋە خېڭكى كۇلۇبىنىڭ ئەڭ قالتىس تەنھەرىكەتچىسى قاتارلىق ئىككى شەرەپكە تەڭلا مۇيەسسەر بولغان ...
مادرىد ئاتلىتكا دەۋرى
2011-يىلى 7-ئايدا كورتىئۇس خېڭكى كۇلۇبىدىن ئەنگىلىيە زەردارى چىلسى كۇلۇبىغا يۆتكەلگەن ، ھەمدە 5 يىللىق توختام تۈزگەن ، كورتىئۇس چىلسى كۇلۇبىغا قوشۇلغاندىن كېيىن ئىسپانىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىدىكى مادرىد ئاتلىتكا كۇلۇبىغا ئۈچ يىللىق ئىجارىگە بىرىلگەن . ياۋروپا بىرلەشمىسى مۇسابىقىسىدە مادرىد ئاتلىتكا بىلەن ساتۇبار ئوتتۇرسىدا ئىلىپ بىرىلغان بىر مەيدان مۇسابىقىدە ، كورتىئۇس ئاساسلىق ۋارىتار ئورنىغا ئالمىشىپ ئاساسلىق ۋارىتار سالاھىيتىدە مەيدانغا چىققان ، بۇ مۇسابىقە كورتىئۇسنىڭ مادرىد ئاتلىتكا كۇلۇبىغا ۋاكالىتەن تۇنجى قىتىملىق قاتناشقان مۇسابقىسى . 2011-يىلى 11-ئاينىڭ ئاخىرىدا مادرىد ئاتلىتكا بىلەن رېئال مادرىد ئوتتۇرسىدا ئىلىپ بىرىلغان بىرلەشمە مۇسابىقىدە ، كورتىئۇس كەسپى ھاياتىدىكى تۇنجى قىزىل كارتىنى ئىستىمال قىلغان ھەمدە 4:1 نەتىجە بىلەن رېئال مادرىد كۇلۇبىغا ئۇتتۇرۇپ قويغان .
2012-يىلى 5-ئاينىڭ 9-كۈنى مادرىد ئاتلتكا كۇلۇبى ياۋروپا بىرلەشمە لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە بىلباۋ رىقابەت كۇلۇبى بىلەن تۇتۇشقان ، كورتىئۇس مۇسابىقە جەريانىدا توپ كەتكۈزمەي 3:0 نەتىجە بىلەن رەقىبىنى يىڭىپ كەسپى ھاياتىدىكى تۇنجى ياۋروپا لوڭقىسىنى كۆتۈرگەن . 2012-يىلى 8-ئايدا ياۋروپا دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىدە كورتىئۇس يەنە بىر قىتىم كۇلۇبنىڭ ياۋروپا دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ چىمپىيۇن بولىشىغا تۆھپە قوشقان ...
2013-يىلى 5-ئاينىڭ 18-كۈنى ئىسپانىيە شاھلىق لوڭقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە ، مادرىد ئاتلىتكا كۇلۇبى خانلىق مادرىد كۇلۇبىنى 2:1 نەتىجە بىلەن يېڭىپ ، كۇلۇب تارىخىدىكى 10-شاھلىق لوڭقىسىنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۆھپە قوشقان . پۈتۈن 2012-2013 مۇسابىقە پەسلىدە 20 مەيدان توپ كەتكۈزمەسلىك رىكورتىنى يارىتىپ ، مادىرد ئاتلىتكا تارىخىدىكى توپ كەتكۈزمەسلىك رىكورتىنى يىڭىلىغان .
چىلسى دەۋرى
كورتىئۇس مادرىد ئاتلىتكا كۇلۇبى ئۈچۈن ئۈچ پەسىل كۈچ چىقارغاندىن كېيىن ، كونا ئائىلىسى چىلسىغا قايتىپ كەلدى . 2014-يىلى 8-ئاينىڭ 19-كۈنى چىلسى كۇلۇبى ئەنگىليە دەرىجىدىن تاشقىرى ئايلانمىسىدىكى بوئىنلى كوماندىسى بىلەن بولغان بىر مەيدان مۇسابىقىدە 3:1 نەتىجە بىلەن غەلبە قىلدى ، بۇ مۇسابىقە كورتىئۇسنىڭ چىلسىدىكى تۇنجى پەسىللك مۇسابىقىسى بولۇپ قالدى . 2014-يىلى 9-ئاينىڭ 11-كۈنى چىلسى تور بىكىتىدە: ‹‹كورتىئۇس چىلسى كۇلۇبى بىلەن يىڭى بەش يىللىق توختام ئىمزالىدى ، توختام ۋاقتى 2019-يىلى 6-ئايغىچە ›› دەپ ئېلان قىلدى . يىللىق مۇئاشى 30 مىڭ فوندىستىرلىڭدىن 80 مىڭ فوندىستىرلىڭغا ئۆستۈرۈلدى .
دۆلەت كوماندىسى ھاياتى
2011-يىلى كورتىئۇس بىلگىيەدە ، بىلگىيەگە ۋاكالىتەن فىرانسىيە كوماندىسى بىلەن بىر مەيدان دوسلۇق مۇسابىقىسىنى تاماملىدى ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە دۆلەت كوماندىسى ھاياتىدىكى تۇنجى مەيدان مۇسابىقىنى تاماملىدى . كورتىئۇس بىلگىيە دۆلەت كوماندىسى تارىخىدىكى ئەڭ ياش ۋارىتار بولۇپ قالدى .
شۇنىڭدىن كېيىن كورتىئۇس بىلگىيە دۆلەت كوماندىسىنىڭ ئاساسلىق ۋارىتار ئورنىنى ئىگەللىدى ، ھەمدە 2014-يىللىق بىرازىليىدە ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ تاللاش باسقۇچىدىن 2002-يىلىدىن كېيىن يەنە بىر قېتىم چىقىپ گورۇپپا مۇسابىقە باسقۇچىغا كېردى .
كورتىئۇس دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە بىلگىيە دۆلەت كوماندىسىغا ۋاكالىتەن تولۇق مەيدانغا چىقىپ 16 كۈچلۈكنى تاللاش باسقۇچىدا ئامرىكا كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىپ ، 8 كۈچلۈكنى تاللاش باسقۇچىغا كىرىشىگە تۆھپە قوشتى ، ئاخىردا 4 كۈچلۈكنى تاللاش باسقۇچىدا ئارگىنتىنا كوماندىسىغا 1:0 نەتىجە بىلەن ئۇتتۇرۇپ قويۇپ شاللىنىپ كەتكەن ...
بۇنىڭدىن كېيىن دىبو . كورتىئۇسنىڭ پۇتبول ھاياتىنىڭ تىخىمۇ غەلبىلىك ، شەرەپلىك بولۇشىنى ئۈمۈد قىلىمەن ...
ئەرزىمەس تېمامنىڭ ئەھلى مۇنبەر جامائىتنىڭ پىسەنتىگە ئەرزىگەن بولسا تالغان قولۇمنىڭ ھاردۇقى دەقىقە ئىچىدە چىقىپ قالغان بولاتتى ، ھەممىڭلەرنىڭ ئالتۇندىن قىممەت ۋاقتىنى ئالغانلىقىمدىن ، خاتالىقلىرىمدىن تۆۋەنچىلىك بىلەن ئەپۇ سورايمەن ، ئۆزرە ئىيتىمەن ...
2015-يىلى 25-ھۇد كەچتە ئاخرلاشتى ... تەييارلىغۇچى : تۆرەم |