ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 141 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا messi5 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-4-5 15:13
چېلسى ئورگان تەرەپنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كوماندا ئوتتۇرا مەيدان توپچىسى سورگان ئازار رەسمىي ھالدا مىنشىنگىلادباخقا يۆتكەلگەن، ئىككى تەرەپ 2020-يىلىغىچە توختاملاشقان، ئوخشاشلا چېلسىنىڭ كەلگۈسىدە سېتىۋېلىش ھوقۇقى بار.
سورگان ئازار 1993-يىلى تۇغۇلغان، بوي ئېگىزلىكى، 1.74 مېتىر، ئوتتۇرا مەيدان ۋە يان كىراي ئورۇندا ئوينايدۇ. 2012-يىلى سورگان ئازار ئاكىسى ئېدىن ئازار بىرلىكتە چېلسىغا قوشۇلغان، كېيىن، كىچىك ئازار بېلگىيە بىرلەشمىسىدىكى ۋارگېم كۇلۇبىغا ئىجارىگە بېرىلگەن، ئىككى پەسىلدىكى ئىپادىسى قالتىس بولغان، 2013-يىلى تۇنجى قېتىم بېلگىيە دۆلەت كوماندىسىغا تاللانغان.
2014\\2015-مۇسابىقە پەسىلى، كىچىك ئازار گېرمانىيە بىرلەشمىسىدىكى مىنشىنگىلادباخقا ئىجارىگە بېرىلگەن، نۆۋەتتە ئاستا-ئاستا كوماندىنىڭ ئاساسلىق توپچىسىغا ئايلاندى.
چېلسى ئورگان تەرەپنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كىچىك ئازار مىنشىنگىلادباخ تەرىپىدىن سېتىۋېلىنغان. كىچىك ئازارنىڭ يۆتكىلىش ھەققى 8 مىلىيون ياۋرو بولۇپ، چېلسىنىڭ قايتۇرۇپ سېتىۋېلىش ھەققى 25 مىلىيون ياۋرو، توختام 2018-يىلى توشىدۇ.
|
|