ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 2183 |
تۆھپىسى: سەر |
|
مەن راۋۇرۇسلا كىرىشىپ قالدىم مۇشۇ ئويۇنغا ، ئەڭ ئاۋال پۇل خەجلىگەنلەرنى مەنمۇ زاڭلىق قىلىپ يۈردۈم ، بىر موچەن خەجلىمەي ۋارانې نى +5 كە چىقىرىۋەتتىم ، كۈچلەندۈرۈش سەۋىيەممۇ خېلى بار ، بېنزېمانى 3قېتىم 4كە كۈچلەندۈرۈپ 3قېتىم سۇندۇرىۋالدىم . ، ئۆتكەن ھەپتە كارتامدىكى 100دىن تۆۋەن پۇلنى قاچىلاپ تەلەي سىناپ باقسام خېلى ئوڭ باستى ، 06نىڭ فېردىنەند، ئېسسىن ، بېل ، مىسسىلار تۆكۈلۈپ كەتتى .
بۇ ئويۇندا كۈچلەندۈرۈش تېخنىكىسى ياخشى بولسا ئىخدىسادتىن قىينالمايدىكەن ، سىناپ باقىدىغانلارغا 06نىڭ ساموئېرنى تەۋسىيە قىلىمەن ، سۇندۇرىۋەتمەي 3كە كۈچلەندۈرۈپ قويسا كېمىدە 1مىلىيون پايدا قالىدىكەن ، كەمىنىنىڭمۇ ھازىر پۇلۇم 2مىلىيوندىن چۈشۈپ باققىنىنى بىلمەيمەن .
بۇ ئويۇندا دابىليۇ لىق ج . رودىرېگىس ، س.رونالدو ، مىسسى ،نېيمار، يايا ، پوگبالارنىڭ ھەممىنى ئويناپ بېقىپتىمەن ، ئەمما مۇداپىئەدە 06ئېسسىن ، ھۇجۇمدا رۇيىس ئەڭ ئېسىل توپچىلاركەن ، كۆڭلۈمدە ئويلىغىنىمنى تېپىۋالغاندەك ئورۇنغا يۈگىرەيدۇ !~~! |
|