elan orni : 13999092457elan roni : 13999092457
كۆرۈش: 452|ئىنكاس: 15

خوتەن تەيئەيتەي لوڭقىسى ۋاسكېتبول مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلىدىكەن

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
    041045vegbelltzgh4yy7x[1].jpg

  ئۇيغۇر ۋاسكېتبول تورىنىڭ 24-فېۋرال خەۋىرى؛  خوتەن دىلپاك سودا چەكلىك شىركىتىدىن ئىگىلىنىشىچە، خوتەن ۋىلايەتلىك مەدىنىيەت-تەنتەربىيە ئىدارىسى، خوتەن ۋىلايەتلىك ۋاسكېتبولچىلار جەمئىيىتى، خوتەن  دىلپاك سودا چەكلىك شىركىتى ئۇيۇشتۇرغان بىرلىشىپ ئۇيۇشتۇرغان «خوتەن دىلپاك لوڭقىسىنى تالىشىش ۋاسكېتبول تەكلىپ مۇسابىقىسى» 2015-يىلى 2-ئاينىڭ 15-كۈنى خوتەن ۋىلايەتلىك تەنتەربىيە سارىيىدا باشلىنىپ، 2-ئاينىڭ 21-كۈنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشقان.
  بۇ قېتىقى مۇسابىقىگە جەمئى 13 كوماندا قاتناشقان بۇلۇپ، ئايلانما شەكىلدە مۇسابىقە ئېلىپ بىرىلىپ، ئالدىدىكى دېلپاك كوماندىسى، تەيئەيتەن كوللاگىنلىق پېپتىد كوماندىسى، كائىنات ئۆي جازىلىرى كوماندىسى، خوتەن بۆدۇنە ئالاھىدە قۇش تائاملىرى كوماندىسى قاتارلىق تۆت كوماندا  ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە باسقۇچىغا كىرگەن، ھەل قىلغۇچ باسقۇچىغا كىرگەن كوماندىلار ئايلانما مۇسابىقە ئويناپ  ئاخىرىدا  تەيئەيتەن كوللاگىنلىق پېپتىد كوماندىسى چىمپىيۇنلۇققا، كائىنات ئۆي جازىلىرى كوماندىسى ئىككىنچىلىككە، بۆدۇنە ئالاھىدە قۇش تائاملىرى كوماندىسى  ئۈچۇنچىلىككە ئېرىشكەن. نەتىجىگە ئىرىشكەن كوماندىلار ئايرىم - ئايرىم ھالدا 30 مىڭ يۈەن، 20 مىڭ يۈەن، 10 مىڭ يۈەن بىلەن مۇكاپاتلانغان. مۇكاپاتنى ئۇيۇشتۇرغۇچى شىركەت دىلپاك شىركىتى ئۆز ئۈستىگە ئالغان.
    «شىنجاڭ دىلپاك سودا چەكلىك شىركىتى»، «خوتەن شەھەر دىلپاك مۇسۇلمانچە يېمەك-ئىچمەك زاۋۇتى» ۋە شىركەت (زاۋۇت) قۇرغۇچىسى ھەسەنجان قۇرباننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، شىركەت كارخانا ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش، خوتەن خەلقىنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى موللاشتۇرۇش، شۇنداقلا كارخانا ئوبرازىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش مەقسىتىدە بۇ قېتىملىق مۇسابىقىنى تەشكىللىگەن بولۇپ، مۇسابىقە ئورۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن 600 مىڭ يۈەن مەبلەغ سالغان. بۇ قېتىملىق مۇسابىقە شىركەتنىڭ 2-قېتىملىق چوڭ كۆلەملىك مۇسابىقە تەشكىللىشى ھېسابلىنىدىغان بولۇپ، 2014-يىلى  شىركەت خوتەن شەھىرىدە «دىلپاك لوڭقىسى بوكس مۇسابىقىسى» نى ئۇيۇشتۇرغان ئىكەن.   «شىنجاڭ دىلپاك سودا چەكلىك شىركىتى، خوتەن دىلپاك مۇسۇلمانچە يېمەك-ئىچمەك زاۋۇتى»نىڭ تىجارەت دائىرىسى: مۇسۇلمانچە يېمەك-ئىچمەكلەرنى تەتقىق قىلىش، لايىھەلەش، ئىشلەپچىقىرىش ۋە سېتىش ئىكەن.
   ھەسەنجان قۇرباننىڭ ئېيتىشىچە، كېلەر نۆۋەتلىك مۇسابىقىنى تەشكىللەشنى شىنجاڭ تەيئەيتەي خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى ئۆز ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، مۇسابىقە بۇ يىل 6-ئايدا ئۆتكۈزۈلىدىكەن.
يىقىنقى يىللاردىن بىرى خوتەن ۋىلايەتلىك ۋاسكېتبولچىلار جەمئىيىتى، خوتەن ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە ئىدارىسى، خوتەندىكى مىللى كارخانىلار بىلەن بىرلىكتە  «خوتەن تۈنجى نۆۋەتلىك ھەرەمباغ لۇڭقىسىنى تالىشىش ۋاسكىتبول تەكلىپ مۇسابىقىسى »، «خوتەن ئانا يۇرت لۇڭقىسىنى تالىشىش ۋاسكىتبول تەكلىپ مۇسابىقىسى »،  « خوتەن ئۇدۇن لۇڭقىسىنى تالىشىش ۋاسكىتبول تەكلىپ مۇسابىقىسى » قاتارلىق سەۋىيەسى بىر قەدەر يۇقۇرى بولغان چوڭ تىپتىكى ۋاسكىتبول تەكلىپ مۇسابىقىلىرىنى ئۆتكۈزۇپ،  شىرئەلىجان مۇختەر، مۇرات ئادىلجان، مەۋلان تۇرسۇن، مەردان تۇرسۇن،  قىرانبەك قاتارلىق داڭلىق ۋاسكىتبولچىلارنى ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن قاتناشتۇرۇپ خوتەن ۋاسكېتبولچىلىق سەۋىيەسىنى يەنىمۇ بىر بالداق يۇقۇرى كۆتۈرگەن ئىدى.
  بىز بۇ يىل 6-ئايدا ئۆتكۈزىلىدىغان«خوتەن  تەيئەيتەن كوللاگىنلىق پېپتىد لۇڭقىسىنى تالىشىش ۋاسكىتبول تەكلىپ مۇسابىقىسى » نىڭ مۇۋاپىقىيەتلىك ئۆتكۈزىلىشىنى، مۇسابىقىنى قوللىغان مىللى كارخانىلارنىڭ ئىشلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق بۇلۇشىنى ئۈمۈت قىلىمىز.

ئەسلى مەنبە؛ ئۇيغۇر ۋاسكىتبول مۇنبىرى؛  http://waskitbol.com/forum.php

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-24 16:34:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يىقىننىڭ ياقى مەيلى پۇتبول بولسۇن ياكى ۋاسكىتبول بولسۇن ھەرخىل چوڭ- كىچىك مۇسابىقىلەر ئۆتكۈزىلىپ تۇرىۋاتىدۇ. بۇ بىز ئۈچۈن ئىنتايىن پايدىلىق.

ما تەيئەيتەي دېگەن   ھىلىقى پىتدىتنى بازاغا سالغان شىركەت شۇما
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-24 16:41:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئازىغ يوللىغان ۋاقتى  2015-2-24 16:34
يىقىننىڭ ياقى مەيلى پۇتبول بولسۇن ياكى ۋاسكىتبول بولس ...

دەل ئۆزى شۇمىكى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-24 16:42:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توۋا مەن تېخى ھازىر  تەيئەيتەي  كوللاگىنلىق پىپتىد دۇكىنىدىن كەلگەن .

ئوڭۇشلۇق ئۆتكۈزۈلىشىگە تىلەكتەشمەن.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-24 16:43:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گوللاندىيەلىك پى پى..
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-24 16:46:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر ۋاقىتلاردا دىيارى قەشقەردە ھەر خىل چوڭ كىچىپ پۇتبول، ۋاسكىتبول مۇسابىقىللرىرى توختىماي ئۆتكۈزلۈپ تۇردىغان تاماششىبىنلارنىڭ قىزغىنلىقىمۇ بەكلا يۇقىرى قوللايدىغان بايۋەچچىلەرمۇ ساماندەكتى . پۇل بەكلا چىڭىپ كەتتىمۇ ياكى قىزغىنلىق تۆۋەنلەپ كەتتىمۇ تاڭ ؟ ھازىرمىغۇ باركەن مۇسابىقىلەر لىكىن بىر خىل قىزغىنلىق يوقتەكلا ...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-24 17:21:02 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بوۋاي يوللىغان ۋاقتى  2015-2-24 16:46
بىر ۋاقىتلاردا دىيارى قەشقەردە ھەر خىل چوڭ كىچىپ پۇتبو ...

ھازىرمۇ كۈندە نەچچە ۋاق ئالمىلىق باغدا مۇسابىقە ئوينىلۋاتىدۇ،پەقىرمۇ بايا يوپۇرغا كۆك بۆرە پۇتبول كوماندىسى بىلەن بىر مەيدان مۇسابىقە ئويناپ كەلدىم،لىكىن ھازىر سىز دىگەندەك بۇرۇنقىدەك كۆپ تاماششىبىن قاتناشقان مۇسابىقلەرنى تەستىقلىمايدۇ سەۋەبى نىمە بىلەمسىز؟ مۇقۇملۇق.....
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-24 18:07:19 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋاملىق مۇشۇنداق مۇسابىقىلە ئۆتكۈزۈلۈپ تۇرسا ھە بىزمۇ ئوينەپ بەسەك تاماشىبىنلامۇ قوللاپ بەسە ھې ھې
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-24 18:11:49 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇۋاپىقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلگەي . پۇتبول مۇسابىقىسى بولغان بولسا ئامال قىپ كۆرەتتىم ، ۋاقىت چىقسا ئارلىق يىقىن بولغاندىكىن كۆرۈپ قويارمەن .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-24 18:34:58 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماندا  كۆچۈرەپ   ئوغۇرلاپ  كەلگەن   ۋاسكىتبول  تىمىسىنى   ھىچكىم  ئۆچەمەيدىكەن   توۋا.... تىخى  ئىنكاسلار   يىزىلىپ  قىززىپ  كەتكەن  گەپ...پۇتبول  تىمىسىنى  كۆچەدى  دەپ  غاجىلاپ   چىشلەپ    يىۋىتىدىغان   گەپ...  ئەسلى  بىر  ئۇچۇم  ۋاسكىتبول   مەستانلىرى   سوقۇنۇپ   كىرىپ    چىقىرۋاتقان   قالايمىقانچىلىقكەن   بۇ.  باشقۇرغۇچىلار    بۇنى   بىلمەيدىغان  گەپ...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-24 20:06:03 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-24 20:11:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ما قېتىملىق ۋاسكىتبول مۇسابىقىسىمۇ راۋرۇس قىززىپ قويدى .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-3-18 15:42

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش