ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 1686 |
تۆھپىسى: سەر |
|
ئۇرۇمچى ۋاقىتى چارشەنبە سەھەر 1:45دە، بارسېلونا كوماندىسى مېھمان مەيداندا مانچېستېر شەھىرى بىلەن، ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسى شاللاش مۇسابىقىسىنىڭ تۇنجى مەيدان مۇسابىقىسىنى ئوينايدۇ .بارسېلونا باش تىرېنېرى ئىنىرىك بۇ مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان 20 كىشىلىك چوڭ تىزىملىكنى ئېلان قىلدى، چوڭ تىزىملىككە يارلانغانلىق سەۋەبىدىن ئەسلىگە كېلىۋاتقان ۋىرمالۇن بىلەن دوگىلاستىن باشقا بارلىق ئەزالار كىرگەن. ئالدىنقى ھەپتە بىرلەشمە مۇسابىقىدە چوڭ تىزىملىككە كىرەلمىگەن ماسىپ، مونتويا ۋە سىرگىيو روبىرتولار چوڭ تىزىملىككە كىردى. ئالدىنقى ھەپتە بىرلەشمە مۇسابىقىدە زاپاس ئەزا بولۇپ، مەيدانغا چۈشمىگەن شاۋى بەلكىم كوماندا يادروسى سۈپىتىدە مەيدانغا چىقىشى مۇمكىن ئىكەن.
بارسلۇنا كۇماندا ئەزالىرى ئېتىقاد پۇتبول مەيدانىدا مەشىقنى باشلىۋەتكەن.
ياۋروپا پوتبولچىلار بىرلەشمىسى بۇ مەيدان مۇسابىقىنىڭ باش رېپىرىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، گېرمانىيەلىك بۇرىس بۇ مەيدان مۇسابىقىدە پۇشتەك چالىدىكەن. بارسېلونا ئۈچۈن ئىلىپ ئېيتقاندا، بۇرىسنىڭ بۇ مەيدان مۇسابىقىدە باش رېپىر بولۇشى ياخشىلىقتىن بېشارەت ئەمەس. ئالدىنقى پەسىل، بۇرىس بارسېلونانىڭ ئىككى مەيدان مۇسابىقىسىگە پۇشتەك چالغان بولۇپ، گۇرۇپپا مۇسابىقىسى بارسېلونا AC مىلان ۋە مادرىد ئاتلېتىكا كوماندىسى بىلەن 1-1 نەتىجىدە تەڭلەشكەن.
ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق 20 كىشىلىك چوڭ تىزىملىك
ۋاراتار:
تىرىستىگىن، بىراۋۇ،ماسىپ
مۇداپىئەچىلەر:مونتىيا، ئالۋىس، پىك، ماتىھۇ،ماسچىرانو،ئالبا، ئادرىيانو
ئوتتۇرا مەيدان: بۇسكىس،شاۋى، ئىنىستا، راكتىچ، رافىنىيا،سىرگىيو روبىرتو.
ھۇجۇمچىلار: پىدىرو، سۇئارىز، نېيمار،مسسى.
|
-
-
|