ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 585 |
تۆھپىسى: سەر |
|
مەزكۇر تىما مىسرانىم مۇنبىرىگە يوللىنىپتىكەن.تىمىنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى بىزگە ئوخشاش پۇتبول مەستانىلىرىگە ماس كىلىدىكەن.ئەيىپكە بۇيرۇشمىغايلا!
ئەسسىلامۇ-ئەلەيكۇم !
1-ئايدا ئۈندىدار سالونلاردا بىرىلگەن "ئۇيغۇر يىگىتلىرى خانلىق مادرىدنى زىيارەت قىلدى" ناملىق قىسىملىق خەۋەر كەڭ پۇتبول سۆيەر قېرىنداشلارنىڭ ياختۇرۇپ كۆرىشىگە ۋە ياخشى باھاسىغا ئىرىشكەندىن كىيىن، ئۇيغۇر يىگىتلىرىمىز دۇنيادىكى داڭلىق پۇتبول كۇلۇبلىرىنىڭ ساھىبخان مەيدانىدىكى ساياھەت ۋە مۇسابىقە ئەھۋالىنى نەق مەيداندىن تارقىتىش خىزمىتىنى داۋاملىق ئىلىپ بارماقچى. قوللىغۇچىلارنىڭ كۈچلۈك تەلىۋىگە ئاساسەن كىيىنكى مەنزىل ئاللاھ خالىسا 3-ئاينىڭ 22-كۈنى ئىسپانىيە بارسىلونا شەھىرىدىكى نوكەمپۇ مەيدانىدا بارسىلونا كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا خانلىق مادرىدنى كۈتىۋالغان دۇنيانىڭ كۆزى چۈشىۋاتقان مۇسابىقە بولىدۇ. يىگىتلىرىمىز بۇ قىتىم ساپ ئۇيغۇرچە دوپپا ۋە كىيىملەر بىلەن مەيداندا نامايەن بولماقچى.
بۇ قىتىمقى ساياھەتتە ئۇيغۇر پۇتبولچىلىقىغا ئىنتايىن پايدىلىق ئىشلار باشلىنىش ئالدىدا. يىگىتلىرىمىز تەرىپىدىن قۇرۇلماقچى بولغان "تەشۋىقات گۇرۇپپىسى " شۇ كۈنى بارسىلونادا ۋەتەنگە ئوتلۇق سالاملار يوللاش بىلەن قۇرۇلماقچى.
"تەشۋىقات گۇرۇپپىسى" ھەققىدە:
"تەشۋىقات گۇرۇپپىسى" نىڭ قۇرۇلۇش مەقسىتى پۈتۈن شىنجاڭ تەۋەسىدىكى چوڭ -كىچىك كوماندىلارنى چەتئەلدىكى دۆلەتلەردە تەشۋىق قىلىش بىلەن بىرگە ئۇلار بىلەن ئۇيغۇر پۇتبولچىلىقى ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇرۇش، شىنجاڭدىكى ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ پۇتبولدىكى ئالاھىدىلىكى تونۇشتۇرۇش بولۇپ ، كوماندا ۋە شەخسىي ئورۇنلاردىن ئىلىنغان تەشۋىق كىرىمى شىنجاڭدىكى قىيىنچىلىقى بار ،ياردەمگە مۇھتاج كىشىلەرگە تەشۋىق قىلىنغۇچى كوماندا ۋە "تەشۋىقات گۇرۇپپىسى" تەرىپىدىن ئىئانە قىلىنىدۇ. ھەرقانداق ئىئانە "تەشۋىقات گۇرۇپپىسى"غا يىغىلمايدۇ.ھەمدە تارقىتىش ئىشلىرىنى ھەر شەھەردىن تەيىنلەنگەن كىشى تەشۋىق قىلىنغۇچى ئورۇن بىلەن بىرلىكتە ئىش يۈرگۈزىدۇ. پائالىيەت ئەھۋالى "پۇتبول دۇنياسى" ئۈندىدار سالونىدا خەۋەر شەكىلدە بىرىلىدۇ.بۇنداق بولغاندا تەشۋىق قىلىنغۇچى ئورۇن ۋە كوماندىلار ياخشى ئىشى ئارقىلىق جەمىيەتتە بەلگىلىق ئىناۋەتكە ئىگە بولالايدۇ.
پائالىيەت ۋاقتى ھەر مۇسابىقىدىن كىيىن بولىدۇ. مەلۇم مۇسابىقە مەلۇم دۆلەتتە ئىلىپ بىرىلسا شۇ دۆلەتتە تەشۋىقات ئىلىپ بىرىلىدۇ ۋە ھەر قىتىمدا يىڭىدىن ئىئانە بىكىتىلىدۇ.
"تەشۋىقات گۇرۇپپىسى" نىڭ كىرىمى نەدىن كىلىدۇ ۋە نەگە بارىدۇ؟
تەشۋىقات گۇرۇپپىسى كىرىمى شىنجاڭدىكى تەشۋىق قىلىنغۇچى كوماندىلار، شىركەت ۋەكارخانىلار تەرىپىدىن ئۆز شەھىرىدە يىغىلىپ ،ئۆز يۇرتىدىكى قىيىنچىلىقى بار مۇھتاجلارغا بىرىلىدۇ.مەسىلەن ئۈرۈمچىدە 10 تەشۋىق قىلىنغان كوماندا بولسا شۇ كوماندىلار ئۆزلىرى ۋەكىل چىقىرىپ، شۇ ۋەكىللەر ياردەم قىلىنغۇچىغا ئۆز قولى بىلەن پۇلنى يەتكۈزۈپ بىرىدۇ. ئىئانە قىممىتىنىڭ يۇقىرى چىكى يوق ، لىكىن تۆۋەن چىكى بىكىتىلىدۇ. بەزى بىر چولپانلارنىڭ ئىمزاسى ياكى ئىمزاسى قويۇلغان كىيىملەر كىم ئارتۇق قىلىپ سىتىلىپ، ۋە شۇ پۇلنى سىتېۋالغۇچى "تەشۋىقات گۇرۇپپىسى" بىلەن بىرلىكتە ياردەمگە ئىھتىياجلىق كىشىگە بىرىلىدۇ.
تەشۋىقات گۇرۇپپىسى بىلەن كىم ھەمكارلاشتى ؟
ھازىرغا قەدەر پۈتۈن شىنجاڭ تەۋەسىدىن چوڭ -كىچىك بولۇپ پۇتبول كوماندىلار ۋە ئورۇنلار بىلەن ھەمكارلىق ھاسىل قىلىندى. ۋە نۇرغۇن شەخسىي كىشىلەر بىلەنمۇ ئىمزالىق كىيىم ، ئىمزاسىز كىيىم ۋە ھەر خىل تەشۋىق شەكىللىرى بىلەن كىلىشىم تۈزۈلىدۇ.
تەشۋىقات گۇرۇپپىسى قايسى خىل شەكىلدە تەشۋىق ئىلىپ بارىدۇ؟
"تەشۋىقات گۇرۇپپىسى" ھەر بىر دۆلەتتە ساياھەت قىلىش جەريانىدا مۇسابىقە نەق مەيدان ئەھۋالى، كۇلۇب مۇزىيلىرى ، كۇلۇب مەيدانى ، كۇلۇب ماگىزىنى قاتارلىق ئورۇنلاردا تەشۋىق قىلىنغۇچى ئورۇننىڭ ئىسمى ، ماركا ئىسمى، ماركا بەلگىسى، كوماندا ئىسمى، كوماندا بەلگىسى، كوماندا ئەزالىرىنىڭ كوللىكتىپ رەسىمى قاتارلىق بىر قاتار ئۇچۇرلارنى مەزكۇر دۆلەتتىكى يۇقارقى دىيىلگەن ئورۇنلاردا رەسىم ۋە سىن ھالىتىدا ئىگىسىگە يوللاپ بىرىلىدۇ ۋە شىنجاڭدىكى ئەڭ چوڭ نەق مەيدان مۇسابىقە تارقىتىش ئۈندىدارىدا يەنى "تەشۋىقات گۇرۇپپىسى"نىڭ ئۈندىدارىدا بىۋاستە رەسىم ۋە كىچىك سىن ھالىتىدە تارقىتىلىدۇ.
"تەشۋىقات گۇرۇپپىسى" نىڭ بارسىلونا شەھىرىدىن كىيىنكى مەنزىللىرى :
گىرمانىيە -بايرېن مىيۇنخېن كوماندىسى ، مىيۇنخېن شەھىرى.
گىرمانىيە -دورتمۇند كوماندىسى -دورتمۇند شەھىرى.
فىرانسىيە - پارىژ سانت گىرمان - پارىژ شەھىرى
ئىتالىيە- ئا س مىلەن كوماندىسى - مىلەن شەھىرى
ئىتالىيە-يۇۋىنتىس كوماندىسى - تورىنو شەھىرى
ئىتالىيە - ئىنتىر مىلەن كوماندىسى-مىلەن شەھىرى
ئەنگىلىيە - مانچىستىر بىرلەشمىسى كوماندىسى- مانچىستىر شەھىرى
ئەنگىلىيە - چىلسى كوماندىسى - لوندون شەھىرى
تۈركىيە - گالاتا ساراي كوماندىسى- ئىستانبۇل
تۈركىيە-فەنەرباغچە كوماندىسى-ئىستانبۇل
تۈركىيە- بەشىكتاش كوماندىسى- ئىستانبۇل
دۇنيانىڭ ھەممە يىرىدىكى قېرىنداشلار كوللىكتىپ نامىدىن ۋە شەخسىي نامىدىن كىلىشىم تۈزسە بولىدۇ. شەخسىي كىلىشىم تۈزگۈچىلەرنىڭ ئىئانە سوممىسى تۆۋەن
تېخىمۇكۆپ ئۇچۇرلارغا ئىرىشمەكچى ياكى كىلىشىم ھاسىل قىلماقچى بولغان ئورۇن ياكى شەخسلەر "تەشۋىقات گۇرۇپپىسى" بىلەن ئالاقىلاشسا بولىدۇ.
نەق مەيدان ئەھۋاللاردىن بىۋاستە بەھىرلىنىش ئۈندىدار سۇپىسى : 630085353
"تەشۋىقات گۇرۇپپىسى" نى قۇرۇش ئالدىدا بىزگە يىقىندىن ھەمدەمدە بولۇپ ،يىڭىچە ئۇسلۇپكەن دەپ قوللاپ-قۇۋەتلىگەن شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدىكى قوللۇغۇچىلىرىمىزغا چىن قەلبىمىزدىن رەخمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز !
ھۆرمەت بىلەن :
«تەشۋىقات گۇرۇپپىسى» |
|