elan orni : 13999092457elan roni : 13999092457
كۆرۈش: 853|ئىنكاس: 41

دىماتىئونىڭ قىسقىچە تەرجمھالى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   تىروي تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-23 17:19  

پۇتبولچىلىق كەسپى ھاياتى

دىماتىئو 1970-يىلى 29-ماي شىۋىتسارىيەنىڭ شىمالى قىسىمىدا ‹(沙夫豪森( Schafhausen› دۇنياغا كۆز ئاچقان،ئۇنىڭ  توپچىلىق كەسپى ھاياتىنىڭ تۇنجى نوتىسى شىۋىتسارىيەدە تىكىلگەن  بۇلۇپ غەربى ياۋرۇپادىكى بىر قىسىم كوماندىلاردا توپ تەپكەندىن كىيىن،1993-يىلى 23 ياشلىق دىماتىئو ئىتالىيە بىرلەشمىسىدىكى لازىئوغا رەسمى قېتىلىدۇ،1994-يىلى لازىئو كوماندىسىنىڭ قامچىسىنى چېخ مەملىكىتىنىڭ باش مەشقاۋۇلى (Zdenek Zeman) جېيمىن(ئىسمىدە خاتالىق بۇلىشى مۇمكىن) ئۆتكۈزۋالىدۇ،ھەمدە 433 سەپ شەكلىنى ئىشلىتىدۇ،دىماتىئو باش مەشقاۋۇلىنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى بىلەن لازىئونىڭ ئوتتۇرا مەيدان يادروسىغا ئايلىنىدۇ،ھەمدە  مەشقاۋۇلنىڭ ئۈمۈدىنى يەردە قويماي قالتىس ئىپادىلىرى بىلەن فوگانى 7:1،   يۇۋىنتىسنى 3:0،   مىلەننى4:0،  فىلرونسىيەنى8:2،  جېنوئانى4:0،  ئېنترنى 4:1،  نابلىسنى5:1،  پىئانزىيانى4:1،  سامپىدولىيانى6:3 ،   ئاتلانتانى 5:1 ....قاتارلىق زور پەرىقلىق نەتىجە بىلەن غەلبە قىلىپ ئىتالىيە بىرلەشمىسىنىڭ 2-لىكىنى قولغا كەلتۇرۈشكە زور كۈچ چىقىردۇ،ھەمدە 94-95،95-96-يىللىق توپ ئۇرۇش سانى جەھەتتە لازىئو كوماندىسى ئالدىنقى ئورۇننى ساقلاپ قالىدۇ.
1996-يىلى لازىئونىڭ باش رەئىسى كىلانىئو ئەپەندىم كوماندىنى قايتا باشتىن ئىسلاھ قىلىش دولقۇنىنى قوزغايدۇ،ھەمدە باش مەشقاۋۇل جېيمىننىڭ قارشىلىقىغا پىسەنىت قىلماي،دىماتىئونى شۇ دەۋردىكى بىر قەدەر يۇقۇرى ھىساپلىندىغان 68مىليۇن دوللارلىق يۆتكىلىش ھەققى بىلەن چېلسى كۇلۇبىغا  ستۋىتىدۇ،چېلسىغا كەلگەن دىماتىئو تالانتى بىلەن پاس يەتكۈزۈش ۋە تىز ھۇجۇمنى ماسلاشتۇرۇپ چېلسىنى ھۇجۇمنى تېخىمۇ كۈچلۈك قىلىشقا ھەمدەمدە بۇلدۇ،بۇلۇپمۇ 1997-يىلى ئېنگىلاد دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىنىڭ ھەل قىلغچۇچ مۇسابىقىسىدە ،مۇسابىقە باشلىنىپ 43 سىكىنۇت بولغاندا ناھايىتى كىلاسسىك بولغان بىر توپىنى ئۇرۇپ مەستانىلىرىنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئېلىش بىلەن بىرگە ۋىمبۇريى مەيدانىدىكى ئەڭ تىز كىرگەن توپ رىكورتىنى قالدۇردۇ،دىماتىئو چېلسىدىكى 5 پەسىلدە 155 مەيدان مۇسابىقىگە چىقىپ 26 توپ ئۇردۇ ۋە 2 قېتىملىق دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىنىڭ چىمپىيۇنلىقىنى ،بىر قېتىملىق بىرلەشمە چىمپىيۇنلىقىنى،جەمىيەت لوڭقىسى،ياۋرۇپا غالىبىيەتچىلەر لوڭقىسى ۋە ياۋۇپا دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىنىڭ چىمپىيۇنلىقىغا ئېرىشىدۇ،ئۇنىڭدىن باشقا ئىتالىيە دۆلەت كوماندىسىغا نىسپەتەن 34 مەيدان مۇسابىقىگە قاتىشىپ ياخشى بولغان نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردۇ.


730_855494_210632.jpg

پۇتبولچىلىق ھاياتىدىن چىكىنىش

2000- يىلى 9-ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن ئىتپاق لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە قارشى تەرەپ ئەزاسى دەننىېئرنىڭ قاتتىق سۇقىۋىتشى بىلەن دىماتىئونىڭ  يان پاقالچەك سۈڭىكى 3 يەردىن سۇنىدۇ ھەمدە 18 ئايلىق داۋالىنىشنى قۇبۇل قىلىدۇ،دىماتىئو ئاخىرى تاللىشىدىن ۋاز كىچىپ 2002-يىلى فېۋرالدا چىكىنگەنلىكىنى ئېلان قىلىدۇ،ئەينى ۋاقىتتىكى چلسىنىڭ مالىيە ئەمەلدار خوچىنسن چېلسى ئورگان تورىدا دىماتىئونىڭ ياردارلىق تۈپەيلى چىكىنىشىگە نىسپەتەن مۇنۇلارنى قالدۇرغان:‹‹بۇ ھەقىقەتەن شۇم خەۋەر ،دىماتىئو بىز ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم ئىدى ئەپسۇس››.   دىماتىئو چېلسىدىكى 5 يىللىق كەسپى ھاياتىدا  چېلسى تارىخىدىكى ئەڭ مۇنەۋەر ئوتتۇرا مەيدان توپچىلىرىنىڭ بىرى بۇلۇپ ،پويىت،ئاندىرى ۋىيىت،پېترىسكۇ قاتارلىقلار بىلەن ئەڭ مۇكەممەل،كىلاسسىك ئوتتۇرا مەيدان تەشكىلى قۇرۇلمىسىنى ھاسىل قىلغان  ئىدى،دىماتىئو چلسى مەستانىلىرىنىڭ قەلبىدىن ئۆچمەس ئىز قالدۇرۇش بىلەن بىرگە لازىئودىن يۆتكىلىدىغان ۋاقتىدا دىماتىئو مەستانىلىرى لازىئو كۇلۇپ يۇقۇرى قاتلىمىدىن ئۇنى يۆتكەش توختامىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى تەلەپ قىلىپ لازىئونىڭ باش شىتابىنى ھەر تەرەپتىن قورشىۋالغان ئىدى،چىكىنگەنلىكىنى ئېلان قىلغان ۋاقتنىڭ ئۈزىدە سان ساناقسىز ئېلخەت،پوچتا يوللانمىلىرى،تەبرىكلەر ئۇنىڭ ئائىلىسىنى بىر ئالغان ئىدى................

d1160924ab18972b7bee04e9e6cd7b899e510a38.jpg

تېرىنىرلىق كەسپى ھاياتىنىڭ باشلىنىشى

2008-يىلى 7-ئايدا دىماتىئو  ئېنگىلاتتىكى مېلتون كەيرىنىس كوماندىسىغا مەشقاۋۇل بۇلۇش ئارقىلىق تېرىنىرلىق كەسپى ھاياتىنى باشلايدۇ،ھەمدە شۇ قېتىملىق ئېنگىلاد ئا دەرجىلىكلەر بىرلەشمىسدە  3-لىككە ئېرىشىدۇ،ئەمما كەنتىروپى كوماندىسى  بىلەن بولغان نوقتا توپ جېڭىدە ئۇتتۇرۇپ قۇيۇش تۈپەيلى دەرىجدە ئۆرلەش پۇرسىتىنى قولدىن بىرىپ قۇيىدۇ،2009-يىلى 6-ئايدا دىماتىئو غەربى بروۋىچ كوماندىسىنىڭ قامچىسىنى قولغان ئالىدۇ،2009/10 -يىللىق مۇسابىقە پەسلىدە 26 مەيدان ئۇتۇق،13 مەيدان تەڭلىشىش،7 مەيدان ئۇتتۇرۇپ ئېنگىلاد بىرلەشمىسىدە 2-لىكنى قولغا كەلتۈردۇ،2010-يىلى 9-ئاينىڭ14-كۈنى ئېنگىلاد بىرلەشمىسىنىڭ تۇنجى مەيدان مۇسابىقىسىدە ،دىماتىئو نەزىردىكى  غالىپ قۇشۇننى باشلاپ  سىتانفودتتا چېلسىغا جەڭ ئېلان قىلىدۇ،ئەمما نەتىجىدە ناھايىتى چوڭ پەرىق بۇلۇپ 6:0 نەتىجە بىلەن چېلسىغا ئۇتتۇرۋىتىدۇ،كىيىنكى قەدەملىرىنى ئوڭۇشلۇق بېسپ 9-ئايدىكى مۇسابىقىلەردە 3 مەيدان ئۇتۇش بىر مەيدان ئۇتتۇرۇشتەك نەتىجە بىلەن بىرلەشمىدە 6-ئورنىنى ساقلاپ قالدۇ،شۇنىڭ بىلەن بىرگە شۇ ئايلىق ئەڭ مۇنەۋەر تېرىنىرلار سېپىدىن ئورۇن ئالىدۇ.دەرھەقىقەت  مەڭگۈلۈك شان شۆھرەت بولمىغىنىدەك دىماتىئومۇ نۇرغۇن مەغلۇبىيەتلەرگە ئۇچرايدۇ،2011-يىلى 2-ئاينىڭ 6-كۈنىگىچە بولغان 18 مەيدان جەڭدە 13 مەيدان ئۇتتۇرۇپ تېرىنىرلىق ئورنى تەۋرەپ قالىدۇ.2011-يىلى 6-ئايدا دىماتىئو بۇرۇنقى غالىپ قۇشۇنى چېلسىغا تېرىنىر بۇلۇشنى ئىلتىماس قىلىغان بولسىمۇ،ئەمما مۇاپىقيەتلىق بولمايدۇ،6-ئاينىڭ 29-كۈنى دىماتىئو چېلسىنىڭ تەكلىۋىنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ باش مەشقاۋۇل بوئاسنىڭ قول ئاستىدا ياردەمچى تېرىنىرلىق خىزمىتىنى ئۈتەيدۇ،ئەمما بوئاسنىڭ شۇ يىللىق نەتىجىسى كۇلۇپ يۇقۇرى قاتلىمىنى ئەنسىرتىپ قۇيىدۇ،1012-يىلى 2-ئايدا ياۋرۇپا چىمپىيۇنلۇق بىرلەشمىسىنىڭ 8كۈچلۈنى تاللاش تۇنجى ئۇچرىشىشدا بوئاس باشچىلىقىدىكى چېلسى 3:1 نەتىجە بىلەن نابلىسقا ئۇتتۇرۇش تۈپەيلى 2012-يىلى 3-ئاينىڭ4-كۈنى ئىشتىن چۈشۈش بىلەن بوئاس دەۋرى ئاخىرلىشىپ دىماتىئو چېلسىنىڭ ۋاقىتلىق باش تېرىنىرى بۇلدۇ.
دىماتىئو تېرىنىرلىق ۋەزپىسىنى قولغا ئالغان ۋاقىت چېلسىغا ۋە تېرىنىرغا نىسپەتەن ناھايىتى قاتمال بۇلۇپ، نابلىسقا 3:1 نەتىجە بىلەن ئۇتتۇرۇپ بولغان، ئىككىنجى ئۇچرىشىشتا مەغلۇپ بولسا تامامەن شاللىندىغان ۋەزىيەتكە توغرا كىلپ قالغان ئىدى، مەستانىلەر ۋە ئاخبارات ۋاستىلىرى چلسىنىڭ مەغلۇبىيىتىنى كۈچەپ تەشۋىق قىلىپ تامامەن شاللاندىغا چىقىرۋەتكەن شۇ ۋاقتىنىڭ ئۈزىدە، دىماتىئو سىتانفورتتا 120 مىنۇت شىددەتلىك جەڭ قىلىش ئارقىلىق رەقىبى نابلىسنى 4:1 نەتىجە بىلەن شاللاپ مۆجىزە يارىتىش بىلەن بىرگە چېلسى مەستانىلىرىنىڭ قەلبىنى يەنە بىر قېتىم لەرزىگە سېلۋىتىدۇ.شۇ نۆۋەتلىك ياۋرۇپا چىمپىيۇنلۇق بىرلەشمىسىنىڭ 4 كۈچلۈكلەر ئۇچرىشىشدا  بېنفىكانى  شاللىغاندىن كىيىن يېرىم ھەل قىلغۇچتا بارسىلونا بىلەن ئۇچرىشىپ ئاپتۇبۇس تىزىش جەڭ تاكتىكىسىنى ئىشقا سالىدۇ، گەرچە ئومۇمى جەھەتتىن مۇداپىيەنى ئاساس قىلغان بولسىمۇ سىتانفورتتا دېروگىبانىڭ ھەل قىلغۇچ ئۇرغان بىرتوپى ئارقىلىق 1:0 نەتىجە بىلەن بارسىلونا ئۈستىدىن غالىپ كىلىدۇ، نوكەمپۇدىكى  ئۇچرىشتا 2 توپ كەينىدە قالغان پەيىتتدە شىددەتلىك ھۇجۇم بىلەن 2توپ ئۇرۇپ تەڭلىشىپ ،ئالدىنقى مەيداندىكى بىر توپىغا تايىنىپ ئومۇمى نەتىجە 3:2 بىلەن بارسىلونانى شاللىۋىتىدۇ.ياۋرۇپا چىمپىيۇنلۇق بىرلەشمىسىدىن باشقا ئېنگىلاد شاھلىقىنى تالىشىش يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە توتىنھامنى 5:1 نەتىجە بىلەن،لىۋرپولنى2:1 نەتىجە بىلەن ئۇتۇپ ئېنگىلاد شاھلىق چىمپىيۇنلىقىنى() قولغا كەلتۈردۇ،ئەمما ياۋرۇپا چىمپىيۇنلىقى بىلەن شاھلىققا كۈچەپ بىرلەشمىدىكى نەتىجىسىگەسەل قارىغانلىقتىن بىرلەشمىسدە6-ئورۇنغا چۈشۈپ قالىدۇ.
2012-يىلى5-ئاينىڭ 20-كۈنى ياۋرۇپا چىمپىيۇنلۇق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى  چېلسى بىلەن گىرمان زەردارى بايرىن مىيۇنخىن ئوتتۇرسىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ.چېلسى ئاساسلىق ئەزالىرىدىن بولغان تېررى،راملىس،مېرلىس ۋە ئېۋانوچ قاتارلىق 4 نەپەر توپچى كەمچىل ھالەتتە بولسىمۇ مۇسابىقىدە تەشەببۇسكار ھالەتتە ئويناپ 88 مىنۇت دىروگىبا ئۇرغان بىر توپ بىلەن نەتىجىنى تەڭلەشتۈردۇ،مۇسابىقە ۋاقتى 120 مىنۇتقا ئۇزارتىلىپ ئاخىرىدا نوقتا توپ جېڭىدا 4:3 نەتىجە  بىلەن گىرمان تانكىلىرى ئۈستىدىن غالىپ كىلىدۇھەمدەۋە چېلسى تارىخىدىكى تۇنجى يوغان قۇلاقنى كۈتۈرۈشكە مۇيەسسەر بۇلىدۇ.


650.335.05c7d2f5ef7d6c474fb1b8fd7ddd5b08fc71c605.jpg 0b46f21fbe096b634311faee0c338744ebf8ac00.png

دىماتىئونىڭ ئىشتىن چۈشۈش كىرزىسى

لوندون ۋاقتى 2012-يىلى 6-ئاينىڭ 13-كۈنى چېلسى ئورگان تورىدا ۋاقتىلىق تېرىنىر دىماتىئو بىلەن 2 يىللىق توختام ئۇزارتقانلىقىنى ئېلان قىلىدۇ،دىماتىئو شۇ پەيىتتە خوشاللىقىدا مۇنۇلارنى ئيتىقان ئىدى:‹‹مەن ناھايىتى خوشال،چېلسىنى بۇندىن كىيىن  تېخىمۇ ياخشى بولغان شان شەرەپلەرگە ئېرىشتۈرىمەن››.تۇلىمۇ ئەپسۇس دىماتىئونىڭ يوغان قولاقنى ئالغاندىن كىيىنكى مۇساپىلىرى ئۈزى ئويلىغاندەك ئوڭۇشلۇق بولماي قالدى.
2012-يىلى  يازلىق يۆتكىلىش بازىرىدا چېلسى يۇقۇرى يۆتكىلىش سوممىسى بىلەن ئازار،ۋە بىرازىلىيەلىك ئوتتۇرا مەيدان توپچىسى ئوسكارنى قاتارلىق قابىللارنى كوماندىغا يۆتكەپ كەلگەن بولسىمۇ ياۋرۇپا دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى ۋە جەمىيەت لوڭقىسىدا مانچىستىر شەھىرى بىلەن مادىرىد رىقابەتكە ئۇتتۇرۋىتىدۇ.2012/13-يىللىق بىرلەشمە مۇقەددىمىسنى  8 مەيدان مۇسابىقىدە 7 مەيدان غەلبە بىر مەيدان تەڭلىشىشتەك ياخشى نەتىجە باشلىۋالغان بولسىمۇ ئەمما 10-ئاينىڭ 28-كۈنى ئۆز مەيدنىدا رېپىرنىڭ خاتا ھۆكۈم چىقىرىشى تۈپەيلى مانچىستىر بىرلەشمىسىگە ئۇتتۇرۇپقۇيدۇ ،بۇ قېتىملىق مەغلۇبىيەتنىڭ  6 مەيدانغا سۇزۇلدىغىنىنى كىم ئويلىغان دەيسىز...؟كىيىنكى 8 مەيدان مۇسابىقىدە 6 مەيدان مەغلۇپ بۇلىدۇ،11-ئاينىڭ 20-كۈنى ياۋرۇپا چىمپىيۇنلۇق گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدە يۇۋىنتىسقا 0:3 نەتىجە بىلەن ئۇتتۇردۇ،ئۇدا ئۇتتۇرۇش چېلچى يۇقۇرى قاتلىمىنى دىماتىئودىن ۋاز كىچىشكە مەجبۇر قىلىدۇ.بيجىڭ ۋاقتى 11-ئاينىڭ 21-كۈنى چېلسى ئورگان تورىدا دىماتىئونىڭ ئىشتىن چۈشكەنلىكىنى ئېلان قىلىدۇ،دىماتىئونىڭ ھەيدىلىشى بىلەن چېلسى يېقىندىن بۇيانقى 9 يىل ئىچىدە 8-قېتىملىق باش تېرىنىر ئالماشتۇرۇشنى ئەمەلگە ئاشۇردۇ ۋە لىۋىرپولنىڭ تېرىنىرى رافائىل بېنتىز بىلەن باش مەشقاۋۇللۇق كىلىشىمى ئىمزالايدۇ.........
چېلسى يۇقۇرى قاتلىمى دىماتىئوغا تەشەككۈر ئېيتىپ:‹‹دىماتىئو چېلسى ئۈچۈن تۇنجى يوغان قۇلاقنى ئېلىپ بەرگە ئىستىدات ئىگىلىرىنىڭ بىرى ،ئۇنى ئىشتىن بوشاتقۇمىز يوق ئىدى،ئۈزىچىلا شۇنداق بۇلۇپ قالدى،بىز دىماتىئونى مەڭگۈ ئۇنۇتمايمىز،نەتىجىلىرىنى چېلسى تارىخ بېتىگە يازىمىز››
2014-يىلى 10ئاينىڭ 17-كۈنى گىرمان بىرلەشمىسىدىكى شارىك 04 كۇلۇبى دىماتىئونى تېرىنىرلىققا تەكلىپ قىلىدۇ


شەخسى تۇرمۇشى ھەققىدە:

خاتۇنلۇق ۋە ئۈچ پەرزەنىتلىك بولغان

توپچىلىق دەۋرىدىكى ئېرىشكەن شان شەرەپلىرى

1993-يىلى شىۋىتسارىيە دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىنىڭ چىمپىيۇنى بولغان
1998-يىلى ئېنگىلاد بىرلەشمىسىنىڭ چىمپىيۇنى بولغان
1997-2000-يىللىرى ئېنگىلادشاھلىقنى تالىشىشتا چىمپىيۇن(足总杯) بولغان
1998-يىلى ياۋرۇپا غالىبىيەتچىلەر لوڭقىسىنىڭ چىمپىيۇنى بولغان
1998-يىلى ياۋرۇپا دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسىدا چىمپىيۇن بولغان
2000-يىللىرى ئنگىلاد جەمىيەت لوڭقىسىنىڭ چىمپىيۇنى بولغان


تېرىنىرلىق كەسپى ھاياتىدىكى ئېرىشكەن شان شەرەپلىرى

2012-يىلى چېلسىنى باشلاپ ئېنگىلاد شاھلىقنى تالىشىشتا چىمپىيۇن(足总杯) بولغان
2012-يىلى چېلسىنى باشلاپ ياۋرۇپا چىمپىيۇنلۇق بىرلەشمىسىدە ئوزغۇن بولغان
2010-يىلى 9-ئايدا ئېنگىلاد بىرلەشمىسى ئايلىق ئەڭ مۇنەۋەر تېرىنىر بۇلۇپ باھالانغان


توپچىلىق ۋاقىتلىرىدىكى كونكىرىت شان شەرەپ ۋە توپ تەپكەن كوماندىلىرى

QQ截图20150223162628.jpg
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-23 21:25:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىروي يوللىغان ۋاقتى  2015-2-23 20:18
ھەنىم بولسا تىمىنى تۇلق ئۇقۇپسىلەر......تىمىنى ئۇقۇ ...

دى سۇمبۇلنىڭ تەرجىھالىنى ئوبدان يېزىپسىلە ، تىرىشچانلىقىڭلىغا قايىل بۇلۋاتمىز ، يىقىندا ئىلىپ بىرىلدىغان لۈكچەك  سايلىمىدا سىلىگە بارلىق ئائىلە ئەزالىرىم بىلەن بىلەت تاشلايمەن . ئەمدى نىشاننى بىزنىڭ مۇدىۋىراچ ئەپەندىمنىڭ تەرجىمھالى بىلەن ئۇنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىدىن ئۇچۇر بىرۋىتەسلە . يانا بىر گەپ كىم تەھتىت سالدى بىلمىدۇق مادىرىتچىلارنىڭ ئۇندىدار توپىدىن رۇخسەتسىز يۇقاپ كىتىپسىلە بۇنىڭغا مادىرىتچىلار ئويۇشمىسىنىڭ باش رەئىسى ئىمام ھەسەنجان ، يانداشما رەئىس ئۆزگىرەشچان‹‹ مىراس ،سائادەت .بارچۇق›› قاتتىق نارازى بولدى ئۇنىڭدىن سىرىت قوشماق ‹‹تەنھا ›› يەكپاي ‹‹سەنسىز››سۇيۇق‹‹مۆتىۋەر››لاۋزا ‹‹كەمپۇت ››شىنجاڭلىق ‹‹تۇركىيە ›› يېشىل‹‹پارتىزان›› قاتارلىق مادىرىتنىڭ مىللى مەستانىللىرىنىڭ ئاچچىقى قاتتىق كىلىپ ‹‹تىروي››نى نەدە بولسا ئىزدەپ تاپمىز بۇ قىلمىشدىن بارلىق مادىرىتچىلاردىن كەچۇرۇم سۇرمىسا كۆردىغان كۇنى ياپۇنىيە دەيدۇ . ئككىمىزنىڭ ككڭلىنىڭ يىقىنلىقى ئۇچۇن مۇنۇ ئۇچۇرنى يەتكۇزۇپ قويدۇم ، ئۇلار يەنە شۇنداق دەيدۇلەركى خاتالىقىڭلار ئۇچۇن ئككى نادىر تىما ، ئوتتۇز ئىقىتما تىما ، ئۈچ تال جىدەل تىما يوللىساڭلا ئاندىن كىيىن سىلىگە يۇرگۇزگەن ئىمبارگونى بىكار قىلىشنى ئويلىشۋتىپتۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-23 21:55:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىشقىلىپ بۇنىڭ بارسىلونا بايرىنلارنى ئۇتقان ۋاقتىدىكى خوشاللىق ھەركەتلىرى بەكلا ئوماق،مەن بۇنىڭ توپچىلىق ھاياتىنىڭ بۇنداق ئۇتۇقلۇق بولغانلىقىنى بىلمەيدىكەنمەن،ئەمدى بىلىۋالدىم،تىروياغا تەشەككۈر،
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-23 17:41:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھۆرمەت
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-23 17:45:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بارسىلونانى ئۇتقان شۇ مەيدان مۇسابىقىدىن كىيىن چىلسىغا بىر كىچە - كۈندۇز مەستانە بولغان مەن !   لىكىن چىلىسسى كوماندىسىنى  خانلىق مادرىد ، مانچىستىر بىرلەشمىسىدىن قالغسا ئۈچىنجى ئامراق كوماندام.   
بۇ قىتىملىق ئۇزغانلىقتا خانلىق مادرىدتىن ئاشسا ، سەن ئىلىشىڭنى ئۈمۈد قىلىمەن كۆك ئارمىيە
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-23 17:49:52 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قالتىس ئادەمكەن بۇ .  شارىك04 نى باشلاپ ياخشى نەتىجىلەرگە  ئېرىشىشكە تىلەكداشمەن .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-23 18:13:57 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
足总杯 نى ئۇيۇشما لوڭقىسى دەپ ئېلىپ كىلىۋاتىمىز.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-23 18:14:50 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شالىكتا ئۇزۇنراق تۇرسا ئىش تېرىيدىغاندەك تۇرىدۇ بۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-23 18:17:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسىل  تىما   پەچەت  تىما
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-2-23 18:24:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەھمۇدىيە يوللىغان ۋاقتى  2015-2-23 18:17
ئىسىل  تىما   پەچەت  تىما

رەھمەت ،قېرىكا ئۇقىمايلا ئىنكاس يېزۋەتمىگەنسىز ھە
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-2-23 18:25:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زېرەك يوللىغان ۋاقتى  2015-2-23 18:14
شالىكتا ئۇزۇنراق تۇرسا ئىش تېرىيدىغاندەك تۇرىدۇ بۇ

بېرنابودا سىتانفورد مۆجىزىسىنى قايتا يارىتالامدۇ كۈرىمىز..........
ئەمما توپچىلىق ھاياتى مورىنھو ۋىنگىرلارغا سېلىشتۇرغاندا شەۋكەتلىك ئۈتۈپتىكەن دەپ ئويلىدىم
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-23 18:56:51 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسىل تىما  ، ئىقتىدارلىق تىرنىر
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-23 18:59:28 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ئەتىراپلىق يىزىپسىز بۇ تىمىنى،،،،، رەخمەت،،،
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-2-23 19:00:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
kunqi يوللىغان ۋاقتى  2015-2-23 18:59
بەك ئەتىراپلىق يىزىپسىز بۇ تىمىنى،،،،، رەخمەت،،،

رەھمەت...ياۋرۇغۇ خېلى جېقكەن بولمىسا
چاقچاق
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-3-18 16:19

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش