akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 1555|ئىنكاس: 34

بېنزىما-- مېسسى ۋە رونالدودىن كىيىنكى 3-پۇتبولچى دەپ ئاتالدى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئارىف تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-23 17:42  

          900x600_AJ48KK2M00DE0005.jpg

بېنزىما ئىسپانىيە A بىرلەشمىسىدە 19 كوماندىغا توپ ئۇرۇپ مېسسى ۋە رونالدودىن كىيىنكى 3-پۇتبولچى دەپ ئاتالدى

بىر كۈن ئىلگىرى بارىسلونا كوماندىسى ئۇتتۇرۇپ قويدى، ئەمما ئاخشام ئېلىپ بېرىلغان مۇسابىقىدە خانلىق مادىرىد كوماندىسى غەلبە قىلدى.بالېلو پۇتبول مەيدانىدا خانلىق مادىرىد كوماندىسى ئېلچى كوماندىسنى مەغلۇپ قىلدى. بېنزىما بۇ مەيدان مۇسابىقىدىكى تۇنجى توپنى ئۇرۇپ خانلىق مادىرىدنىڭ قەھرىمانىغا ئايلاندى.خانلىق مادىرىدقا قۇشۇلغان 6يىلدا بېنزىما 130توپ كىرگۈزۈپ خانلىق مادىرىد تارىخىدىكى مەرگەنلەر قاتارىدا 11-ئۇرۇنغا تىزىلدى.مېسسى بىلەن رونالدو ئىزچىل ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدە بىرىنجى ۋە ئىككىنجىلىك ئورنىدا قاتىراپ يۈرۈش جەريانىدا ،كىشلەر ئىزچىل دۇنيادىكى 3-ئۇرۇندىكى پۇتبولچىنىڭ كىم ئىكەنلىگى توغرىسىدا تالاش-تارتىش قىلشاتتى.ئاخشامقى مۇسابىقىدە بېنزىما يەنە بىر قېتىم ئۈزۈنى ئىسپاتلاپ بۇ سوئالغا مەردانىلىق بىلەن جاۋاپ بەردى. دۇنيادا 3-ئۇرۇندا تۇردىغان پۇتبولچى بېلمۇ ئەمەس ،نىيمارمۇ ئەمەس،ئۇ بولسا خانلىق مادىرىد 9-نۇمۇرى. ئاخشام ئېلىپ بېرىلغان مۇسابىقىدە خانلىق مادىرىد كوماندىسىنىڭ توپ كىرگۈزۈش ئىستىكى شۇنداق كۈچلۈك بولسىمۇ ئەمما ئالدىنقى يېرىم مەيداندا توپ كىرگۈزەلمىدى،كىيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقە باشلىنىپ 56-مىنۇتتا رونالدونىڭ پاس چىقىرىشى بىلەن بېنزىما توپ ئۇرۇپ پۈتۈن مەيداندىكى قاتماللىقنى بۇزۇپ تاشلىدى،بۇ بىر توپ بېنزىمانىڭ خانلىق مادىرىد ھاياتىدىكى 130 -تۇپى. بېنزىما بۇ 130 توپ بىلەن خانلىق مادىرىد تارىخىدىكى رىۋايەتلىك مەرگەنلەرنىڭ رىكوتىنى بۇزۇش دەۋرىگە كىردى.بېنزىمانىڭ ھازىرقى توپ ئويناش ئالاھىدىلىگى يالغۇز توپ كىرگۈزۈشلا ئەمەس، سەپداشلىرىغا ماسلىشىپ پۇرسەت يارتىشتىن باشلاپ مۇداپىيە، ياردەمچى پاس چىقىرىش قاتارلىق ھەممە تەرەپلەردە بېنزىمانىڭ تۆھپىسى زور.
‹‹دۆلەت گىزىتى››ئىپادە بىلدۈرۈپ: بېنزىما ئىنتايىن شەخسىيەتسىز، ماسلىشىش ئىقتىدارى ئالاھىدە يۇقىرى پۇتبولچى. ئۇنىڭ توپ كىرگۈزۈش ئىقتىدارى ھەرگىزمۇ ئاجىز ئەمەس، بۇ پەسىل باشلانغاندىن باشلاپ خانلىق مادىرىد 9-نۇمۇرى ھەر تۈرلۈك مۇسابىقىلەردە 19توپ كىرگۈزۈپ 11تۆھپە پاس چىقاردى.30توپنىڭ بارلىققا كىلىشىگە تۆھپە قوشتى،يۇقارقى نەتىجىلەرنى ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدە قىلالايدىغان پىر ئۇستازلاردىن بۇرۇن پەقەت مېسسى ۋە رونالدودىن ئىبارەت 2 مۇتەخەسىس بارئىدى،ئەمدى بۇنىڭغا 3-كىشى بېنزىما قۇشۇلدى. بېنزىمانىڭ يۇقارقى  نەتىجىسىنى  بېل ،نىيمار ،گېروزمەن، مەنزۇنىچ قاتارلىقلار ھۇجۇمچىلار تېخى قىلىپ بۇلالمايدۇ.
‹‹ئاس گىزىتى›› ئىپادە بىلدۈرۈپ: رونالدو ،مېسسى لاردىن كىيىنكى دۇنيادا 3-ئۇرۇندا تۇردىغان پۇتبولچى دەل بېنزىما .
داڭلىق سىتاستىكا  ئورگىنى OPTA ‹‹ئاس گىزىتىنىڭ ››يۇقارقى بايانىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ بېنزىما  ئېلچى كوماندىسىغا بىر توپ ئۇرغاندىن كىيىن ئىسپانىيە A بىرلەشمىسىدە 19كوماندىغا توپ ئۇرۇپ باققان توپچىغا ئايلاندى، بۇنداق ئىشنى ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدە پەقەت مېسسى ۋە رونالدولا قىلالىغان .14-2013 يىللىق مۇسابىقە پەسلىدە بېنزىما دائىم توپ مەستانىلىرىنىڭ مازەك قىلشىغا ئۇچىراتتى،ھەرقېتىم يۆتكىلىش بازىرى ئېچىلغاندا سېتېلىپ كىتىش ئوبىكتىغا ئايلىناتتى. ھازىر بولسا قالتىس ئىپادىسى بىلەن ھەممىنىڭ ئېغزىنى تۇۋاقلىدى. ئەمدى رىكوت بۇزۇش نۆۋىتى بېنزىما كەلدى.




                                 


پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-23 19:15:00 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
100مىليۇنلۇق بېلدىن ئ‍ىسىل  توپچى  بۇ قارىم بېنىزما،،ئ‍ېغىر  بېسىق،شەخسىيەتسىز،بېنىزما توپ ئ‍ۇرۇپ دەرۋازا ئ‍اچىدۇ،رونالدۇ  بىر ئ‍ىككى مھمان باشلايدۇ،،ھى ھى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-23 17:23:09 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھۆرمىتىم بار پۇتبۇلچىنىڭ  بىرى....  بولسا  ئەمەلىي ھەركىتىڭ بىلەن 1- دىگەن نامنى ئىلىشقا  تىرىشقىن!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-23 17:25:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كەرىم بىنزىماغا ئامەت يار بولسۇن !   
پۇتبولغا ئون تىينلىق قىززىقمايدىغان ئاكام بىلەن بىر يىل بىر ئاي بىر كۈندە توغۇلغان پۇتبولچى
  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-23 17:41:10 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن شەخسىيەتسىز ئوينايدۇ توپنى . غەيرەت قىل بېنزىما سەنمۇ رېكوردلارنى بۇزىۋەت .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-23 17:41:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھوجۇمچى بولغىنى بىلەن ئاجايىپ شەخسىيەتسىز ئىستىل بار بۇ كەرىمدا
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-23 17:44:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-23 17:44:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مادرىتتا رونالدو بار بىنزىما كىيىنكى تاللاش بولۇپ قېلىۋاتىدۇ،لىكىن فىرانسىيە دۆلەت كوماندىسىدا بىنزىمانى ھەممە ئادەم ئەسكە ئالىدۇ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-23 17:45:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راست رونالدو مېسسى ئىسپانىيە بىرلەشىمىسىدىكى ھەممە كوماندىغا توپ ئۇرۇپ باققان توپچىلار.
بېنزىما توپ ئۇرمىغان مۇشۇ ئېلچى كۇلۇبى قېپتىكەندە..
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-2-23 17:48:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سۈبھى يوللىغان ۋاقتى  2015-2-23 17:44
ئاخشام بۇ توپ ئۇرۇپ بولۇپ ئورنىنى سول ھۇجۇمغا يۆتكەپ ر ...

رونالدو ئۈچۈنلا مادىرىدقا كەلگەندەك بۇ بالا، ئاساسەن پاسنى رونالدوغا بىرىشنى ئويلايدۇ، بەزىدە رونالدونى تاپالماي قىينىلىپ ،ئۈزى تىپىپ كىرگۈزۈشكە كۈزى قىيماي،ئاچچىقىنى تۈۋرۈكتىن ئالىدۇ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-23 17:59:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-23 18:00:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-23 18:01:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-25 05:05

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش