ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 1329 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا بېرنابۇ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-2-22 23:40
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەرداشلار !!!
يىقىندا پارىژ سان جىرمان ۋە شېۋىتسىيە دۆلەت كوماندىسىنىڭ ھۇجۇمچىسى زىلاتان ئىبراھىموۋىچنىڭ بەدىنىدىكى چەكمىلەر ئاشكارلىنىپ توردا قىززىق نوقتا بولغان .
بۈگۈنكى ئەڭ يىڭى خەۋەردە ئىبرايىموۋەچ بەدىنىدىكى چەكمىلەرنى ئۆچۈرگەن .
ئىبراھىموۋىچ بۇ ئىشنى (world pood)پىروگراممىسىدا ئاشكارلىغان بۇلۇپ ئۇنىڭ بەدىنىدە ئاچلىق ئازابى تارتىۋاتقان 50 بالىنىڭ ئىسمى بارلىقى ئىسپاتلانغان . ئىبرايىموۋىچ يەنە بۇ ئىش بىزنىڭ كۆڭۈل بۆلشىمىزگە ئەرزىيدۇ ، بۇ ئىشنى كۆڭۈل بۆلىدىغان ئىشلار قاتارىغا كىرگۈزۈش كىرەك دىگەن .
ئۇ بەدىنىدىكى ئىسىملارنى ئۆچۈرۈپ بولغاندىن كىيىن (instagram)دا بەدىنىمدىكى ئىسىملار ئۆچتى ، لىكىن ئۇلار قەلبىمدىن ئۆچكىنى يوق ، يەر يۈزىدە 805 مىلىيون ئىنساننىڭ ئاچلىق ئازابى تارتىۋاتقانلىقىنى ھەرگىز ئۇنۇتماڭ دەپ يېزىپتۇ .
بۇ تېما سەل قىسقا ھەم ئاز كۆرۈنگەچكە يەنە ئازراق خەۋەرلەرنىمۇ تەرجىمە قىپ يىزىشنى لايىق كۆردۈم ئاستىغا قاراڭ !!!
گىرمانىيە زەردارى بايرىن مىيونخىن 1976-يىلنىڭ سىنتەبىر ئايلىرىدا بىرلەشمىدە 2 مەيدان مۇسابىقىدە 15 توپ ئۇرغان ئىكەن .
ئاخشام يەنە پادىربۇرىننى 6-0 ھەمدە ھامبۇرۇگنى 8-0 يەڭگەندىن كىيىن شۇ ۋاقىتتىكى 15 توپقا ئەڭ يىقىنلىشىپتۇ .
ئىسپانىيە زەردارى بارسىلونا كوماندىسى ئاخشام مالاگاغا 1-0 ئۇتتۇرۋەتكەن، ئالدىنكى ئايلانما 0-0 شۇنىڭ بىلەن بارسىلونا 73-1972 مۇسابىقە پەسلىدىن كىيىن يەنە بىر قىتىم مالاگانى ئىككى مەيدان يىڭەلمىگەن .
خانلىق مادرىد تېرىنىرى كارلو ئەنچىلودى ئوزغۇنلۇق لوڭقىسى توغۇرلۇق ئۆز پىكىرىنى بىلدۈردى .
بىز غەلبە قىلىشنى ئويلىساق چوقۇم مادرىد ئاتلىتكا ۋە بارسىلونا كوماندىلىرى بىلەن مۇسابىقىلىشىشىمىز كىرەك ، ئۇلار بىرلەشمىدە بولسۇن ئوزغۇنلۇق لوڭقىسىدا بولسۇن كۈچلۈك رەقىپلەر ، ئۇلار ياۋرۇپادىكى زەردار كوماندا قاتارىغا كىرىدۇ ، شۇنىڭدەك چېلسى ھەم بايرىن مىيونخىن كوماندىلىرىمۇ كۈچلۈك ھىساپلىنىدۇ ، لىكىن مەن ئوزغۇنلۇق لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە ئىسپان كولۇپلىرى بىلەن مۇسابىقىلىشىشنى بەك ئۈمىد قىلىمەن . ئاخىرىدا بۇنداق ئۇچۇرشۇشلار ئىسپان پۇتبولچىلىقىنىڭ ئۈمىدى دەپ قويۇپتۇ .
|
|