elan orni : 13999092457elan roni : 13999092457
كۆرۈش: 335|ئىنكاس: 7

خوتەن دىلپاك لۇڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسى ئاخىرلاشتى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   waskitbol تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-22 15:43  

    ئۇيغۇر ۋاسكېتبول تورىنىڭ 21-فېۋرال خەۋىرى؛  خوتەن ۋىلايەتلىك مەدىنىيەت-تەنتەربىيە ئىدارىسى، خوتەن ۋىلايەتلىك ۋاسكېتبولچىلار جەمئىيىتى، خوتەن  دىلپاك سودا چەكلىك شىركىتى ئۇيۇشتۇرغان « خوتەن دىلپاك  لۇڭقىسىنى تالىشىش ۋاسكېتبول تەكلىپ مۇسابىقىسى »  2015-يىلى2-ئاينىڭ 15-كۈندىن 2-ئاينىڭ 21-كۈنگىچە   خوتەن شەھرىدىكى خوتەن ۋىلايەتلىك ياش-ئۆسمۈرلەر پەن تىخنىكا مەدىنىيەت-تەنتەربىيە پائالىيەت مەرگىزى ۋاسكىتبول مەيدانىدا  داغدۇغۇلۇق ئىلىپ بىرىلدى.
  بۇ قىتىمقى خوتەن دىلپاك  لۇڭقىسىنى تالىشىش ۋاسكىتبول تەكلىپ  مۇسابىقىسىگە دۆلەت ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ گۇاڭخۇي ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسىنىڭ ئەزاسى قىرغىز يىگىتى قىرانبەك،   شىنجاڭ گۇاڭخۇي ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسىنىڭ ياردەمچى تېرىنىرى مۇرات ئادىلجان، جىياڭسۇ تۇڭشى ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسىنىڭ ئەزاسى مەۋلان تۇرسۇن ۋە مەردان تۇرسۇن،  دۆلەت ياشلار ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ گۇاڭخۇي ياشلار ۋاسكىتبول كوماندىسىنىڭ ئەزاسى ئابدۇسالام ئابدۇرىشىت،  شىنجاڭ گۇاڭخۇي ياشلار3- كوماندىسىنىڭ ئەزالىرىدىن  رەپقەتجان تۇرسۇنجان، پەتتارجان ئەنۋەر،  شىنجاڭ گۇاڭخۇي ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسىنىڭ سابىق ئەزاسى خەن لىي، شىنجاڭ ئۇنۋىرستىتى ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ ئەزاسى قازاق جىگىتى خاستېر، تىيىپجان قاتارلىق داڭلىق كەسپى ۋاسكېتبولچىلىرىمىز، ئەل ئىچىدە تۇنۇلغان ۋاسكېتبولچىلىرىمىزدىن ئەنقەرجان، زاھىر، ئابدۇرۇپ، يۈسۇپجان، قەييۇم كومپاس، سەيپىدىن، ئۆمەرجان قاتارلىقلار  خوتەندىكى ھەر قايسى مىللى كارخانىلار تەشكىللىگەن كوماندىلارغا تەكلىپ قىلىنىپ  بۇ قىتىمقى مۇسابىقىگە قاتناشتى.  بۇ قىتىمقى مۇسابىقىگە يەنە چەتئەللىك خەلىقئارالىق ۋاسكېتبول چولپانلىرىدىن ئامرىكالىق لىبىنسون، تونى، شەنشى كوماندىسىنىڭ ئىئوردانىيەلىك ئەزاسى ئابباس قاتارلىق ئۈچ نەپەر چەتئەللىك ۋاسكېتبول تەنھەركەتچىسى تەكلىپ بىلەن قاتناشتى.   شىنجاڭ تىلۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ كىنو – تېلېۋىزىيە – تىياتىر قانىلى  جۇڭگو ۋاسكېتبول بىرلەشمىسى مۇسابىقىسىنىڭ تەكلىپلىك چۇشەندۇرگۈچىسى، شىنجاڭ سانائەت قۇرلۇش ئىنىستىتوتىنىڭ تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىسى ئېزىزجان مۇھەممەتئىمىن مۇسابىقىنى چۈشەندۇرۇشكە تەكلىپ قىلىندى.  مۇرات ئادىلجان، قىرانبەك،  مەۋلان تۇرسۇن، مەردان تۇرسۇن، ئابدۇسالام ئابدۇرىشىت، سەيپىدىن قاتارلىق پەخىرلىك ئوغلانلىرىمىزنىڭ ئاتا-ئانا ئائىلە تاۋاباتلىرى تاماشىبىن سۈپىتىدە مۇسابىقىگە قاتناشتى.
   2015-يىلى 2-ئاينىڭ 21-كۈنى كەچ ئۈرۇمچى ۋاختى 00؛7 دە،  « خوتەن دىلپاك  لۇڭقىسىنى تالىشىش ۋاسكېتبول تەكلىپ مۇسابىقىسى » ھەل قىلغۇچ ئايلانما مۇسابىقىسىنىڭ ئەڭ ئاخىرىقى كۈنىدىكى ئىككى مەيدان مۇسابىقە ئىلىپ بىرىلىدى.
   بىرىنچى مەيدان مۇسابىقە   ئاكا-ئۇكا مەۋلان مەردانلار يىتەكچىلىگىدىكى كائىنات ئۆي جازىلىرى كوماندىسى بىلەن  مۇرات ئادىلجان يىتەكچىلىكىدىكى خوتەن بۆدۇنە ئالاھىدە قۇش تائاملىرى كوماندىسى  ئوتتۇرسىدا ئېلىپ بىرىلدى.   بۇ مەيدان مۇسابىقىدە خوتەن بۆدۇنە ئالاھىدە قۇش تائاملىرى كوماندىسىىنىڭ ئاساسلىق ئەزالىرىدىن مۇرات ئادىلجان، خەنلى يارلانغانلىقتىن مەيدانغا چىقمىدى.   ئاكا-ئۇكا مەۋلان مەردانلار يىتەكچىلىگىدىكى كائىنات ئۆي جازىلىرى كوماندىسى ئەزالىرىنىڭ ئىپادىسى ياخشى بۇلۇپ ئاخىرى 72-59  نەتىجە  بىلەن مۇرات ئادىلجان يىتەكچىلىكىدىكى خوتەن بۆدۇنە ئالاھىدە قۇش تائاملىرى كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى.
ئىككىنچى مەيدان مۇسابىقە ساھىپخان كوماندا  دېلپاك كوماندىسى بىلەن   قىرغىز يىگىتى قىرانبەك يىتەكچىلىگىدىكى تەيئەيتەن كوللاگىنلىق پېپتىد كوماندىسى  ئوتتۇرسىدا ئېلىپ بىرىلدى. بۇ مەيدان مۇسابىقىدە  دېلپاك كوماندىسى تەكلىپ قىلغان چەتئەللىك ئەزالاردىن  لىبىنسون بىلەن تونىنىڭ يەرلىك ئەزالار بىلەن ماسلىشىپ ئوينىشى ياخشى بولدى.  ئىككى كوماندا ئەزالىرى كەسكىن تىركىشىپ، نۇمۇر قوغلۇشۇپ ماڭدى. ئەڭ ئاخىرقى ھالقىلىق ۋاقىتتا  تەيئەيتەن كوللاگىنلىق پېپتىد كوماندىسى ئەزاسى قىرانبەك، چەتئەلدىن تەكلىپ قىلغان ئەزاسى ئەخمەد ئابباسنىڭ ئىپادىسى ياخشى بۇلۇپ نۇمۇر پەرقىنى چوڭايتتى . ئاخىرى تەيئەيتەن كوللاگىنلىق پېپتىد كوماندىسى 107-85 نەتىجە بىلەن  ساھىپخان كوماندا دېلپاك كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى.
   2015-يىلى2-ئاينىڭ 19-كۈندىن 2-ئاينىڭ 21-كۈنگىچە ئىلىپ بىرىلغان « خوتەن دىلپاك  لۇڭقىسىنى تالىشىش ۋاسكېتبول تەكلىپ مۇسابىقىسى » ھەل قىلغۇچ ئايلانما مۇسابىقىسىنىڭ ئۇمۇمى نەتىجە ئەھۋالى؛
   تەيئەيتەن كوللاگىنلىق پېپتىد كوماندىسى81-69   بۆدۇنە ئالاھىدە قۇش تائاملىرى كوماندىسى
   دىلپاك كوماندىسى 79-78  كائىنات ئۆي جازىلىرى كوماندىسى
   تەيئەيتەن كوللاگىنلىق پېپتىد كوماندىسى  88-86   كائىنات ئۆي جازىلىرى كوماندىسى
   بۆدۇنە ئالاھىدە قۇش تائاملىرى كوماندىسى 86-79 نەتىجە بىلەن  دېلپاك كوماندىسى
   كائىنات ئۆي جازىلىرى كوماندىسى 72-59  بۆدۇنە ئالاھىدە قۇش تائاملىرى كوماندىسى
   تەيئەيتەن كوللاگىنلىق پېپتىد كوماندىسى 107-85 ساھىپخان كوماندا دېلپاك كوماندىسى
   بۇ قىتىمقى  « خوتەن دىلپاك  لۇڭقىسىنى تالىشىش ۋاسكېتبول تەكلىپ مۇسابىقىسى » دە  تەيئەيتەن كوللاگىنلىق پېپتىد كوماندىسى چىمپىيۇنلۇققا، كائىنات ئۆي جازىلىرى كوماندىسى ئىككىنچىلىككە، بۆدۇنە ئالاھىدە قۇش تائاملىرى كوماندىسى  ئۈچۇنچىلىككە ئىرىشتى. نەتىجىگە ئىرىشكەن كوماندىلار ئايرىم - ئايرىم ھالدا 30 مىڭ يۈەن، 20 مىڭ يۈەن، 10 مىڭ يۈەن بىلەن مۇكاپاتلاندى.
  بۇ قىتىمقى  « خوتەن دىلپاك  لۇڭقىسىنى تالىشىش ۋاسكېتبول تەكلىپ مۇسابىقىسى »  قىزغىن كەيپىيات ۋە ھاياجان ئىچىدە ئاخىرلاشتى. ھەر مەيدان مۇسابىقىنى 4000دىن ئارتۇق تاماشىبىن نەخ مەيداندىن كۆردى.  بۇ خوتەن تارىخىدىكى ئەڭ يۇقۇرى سەۋىيەدىكى بىر قىتىملىق ۋاسكىتبول مۇسابىقىسى بۇلۇپلا قالماستىن، بەلكى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى بۇيىچە ئەل ئىچىدە ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقىلەر ئىچىدىمۇ كۈلىمى  چوڭ، سەۋىيەسى بىر قەدەر يۇقۇرى  بۇلۇپ . ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ يۇقۇرى سەۋىيەدىكى ۋاسكېتبول مۇسابىقىسى بۇلۇپ قالدى.

ئەسلى مەنبە؛ ئۇيغۇر ۋاسكىتبول مۇنبىرى؛  http://waskitbol.com/forum.php

IMG_2682.JPG IMG_2685.JPG IMG_2686.JPG IMG_2696.JPG IMG_2697.JPG IMG_2698.JPG IMG_2699.JPG IMG_2703.JPG IMG_2704.JPG
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-22 17:56:30 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئو......... قېنى باش پىقىرغان چىراي ئىپادىسى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-22 18:04:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   miradil تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-22 18:07  

خوتەن خەلقى تەنتەربىيە ئىشلىرى بولۇپمۇ ۋاسكىتبول ئۈچۈن پۇلنى غازاڭدەك خەجلەيدۇ، بۇ  روھىدىن ئۈگىنىشىمىزگە ئەرزىيدۇ، مانا يىرىقى ئامرىكا، ئىچكىرى ئۆلكە، يىقىنى خوتەن شەھرىدىن بولۇپ چولپانلار يىغىلىپ داغۇ-دۇغۇلۇق مۇسابىقە ئۆتكۈزۈلۈپتۇ، كۆز تەگمىسۇن، بىر يۈەن سەرىپ قىلغانلار 17مىڭ يۈەن تاپسۇن .
ئاتۇش خەلقىمۇ پۇل دىگەننى تالنىڭ غازىڭىدەك خەجلەيدىكەن، بۇنى قايسى كۈنى  ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىنى  قەشقەر شەھرىدىن ئاتۇشقا چىقىپ نەخ مەيداندىن ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرۈپ كىردىم، ھەربىر ئادەمنى يۇقىرىسىنى 100مىڭ يۈەن جۇڭگۇ پۇلى ئەڭ تۆۋىنىنى 5 مىڭ يۈەنگە سىتىۋاپتۇ، ئازاقنىڭ سىتىۋالغان  ئادىمى،  مۇسابىقە چىقىمى ئالدى-كەينى بولۇپ 1مىليونغا يىتىدۇ دەيدۇ، (ھەيران قالغان چىراي)
تاماششىبىن سانىمۇ ياۋرۇپا 5 چوڭ بىرلەشمە تاماششىبىن سانىدىن پەرىقلەنمەيدۇ، ھەتتا كۆپ ،
باشقا يەردىمۇ ئۆتكۈزىۋاتىدۇ تازا خوتەن ، ئاتۇشتەك كەڭ كۆلەملىك ئەمەس  ....
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-22 18:14:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇبارەك بولسۇن ~ قىرانبەگنىڭ كوماندىسى چېمپىيون بوپتۇ .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-22 21:14:57 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاتۇشلۇق بايلار تەنتەربىيە ئۈچۈن خەير ساخاۋەت ئىشلىرى ئۈچۈن راستىنلا پۇلنىڭ كۆزىگە قارىمايدىكەن، ھەم تنھەركەتچىلەرنى ماددى ۋە مەنىۋى جەھەتتى قوللاپ قۇۋەتلەيدىكەن، بۇ تەرەپلىرىدىن ئۈگەنسەك بولىدۇ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-22 23:58:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاۋۇ ئابدۇرۇپ (ئابدۇرەف) يەنە ئويۇن قويدىمۇ ؟ يەردە يېتىۋاپتىغۇ؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-23 01:46:08 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋوي نىزنىڭ خوتەندە ئۆتكۈزۈلۈپتۇغۇ ، خېلى قىززىغاندەك قىلىدۇ .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-23 06:05:57 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۆگىچاق يوللىغان ۋاقتى  2015-2-23 01:46
ۋوي نىزنىڭ خوتەندە ئۆتكۈزۈلۈپتۇغۇ ، خېلى قىززىغاندەك  ...

بۇ قېتىم ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقىدەك قىززىغان مۇسابىقە ھەتتا ‹ن ب ئا  › دىمۇ ئاز كۆرىلىدۇ. بولۇپمۇ ئاۋۇ بىر نۇمۇر بىلەن يەڭگەن مۇسابىقە....
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-3-18 15:18

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش