ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 204 |
تۆھپىسى: سەر |
|
ئۆزۈم بىر مادرىد مەستانىسى ،لىكىن ئېنگىلاند كۇلۇبلىرى ئىچىدە چېلىسىغا ئامراق،ئىسپاندا مادرىدتنىڭ ،ئېنگىلاندتا چېلىسىنىڭ مۇسابىقىسىنى چالا قويماي كۆرىمەن.بۇ پەسىل چېلىسىنىڭ بىرلەشمە ۋە ياۋرۇپا لوڭقىلىرى مۇسابىقىسىدىكى ئىپادىسى ئىزچىل ياخشى بولۇپ ماڭماقتا.بىرلەشمىدىكى ئەڭ چوڭ رەقىبى بولغان شەھەرلىكلەر بىلەن ئۇمۇمىي نۇمۇردا ھېلى تەڭلىشىپ ھېلى ئالدىغا ئۆتۈپ دېگەندەك رىقابەتنى كەسكىن قىلىپ ماڭماقتا.لىكىن بۇ جەرياندا ئېنگىلاند رېپىرلىرىنىڭ چېلىسى مۇسابىقىسىدىكى ئەھۋالى ئىنتايىن يارقىن بولماقتا،بولۇپمۇ 2015-يىلى كىرگەندىن بۇيانقى مۇسابىقىلەردە قارشى تەرەپنىڭ چېلىسىغا ئىشلىگەن ھەركەتلىرىنى رېپىر ‹كۆرەلمەيۋاتىدۇ›.
بۇنىڭدىن ئىككى ئاي مۇقەددەم جۇنۇبى ئامپىتۇن بىلەن بولغان مۇسابقىدىن كىيىن باش تېرنىر مۇرىنھۇ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ‹ئېنگىلاند بىرلەشمىسى چېلىسىغا قارشى ھەركەتنى يۈرگۈزمەكتە›دېگەنلىك سەۋەبىدىن ئۈچ مەيدان ‹مەمۇرى توختىتىلغان› ئىدى.لىكىن ئۇنىڭدىن كىيىنكى ئەھۋالدا ياخشىلىنىش بولماي ئىشلار يەنىلا شۇ تەرەققىدە بولماقتا.
بۈگۈن ئۆتكۈزۈلگەن ئېنگىلاد بىرلەشمىسى 26-ئايلانما مۇسابىقىسىدە چېلىسى ساھىبخان ھالەتتە بونلى كوماندىسىنى كۈتىۋالدى.بىرى بىرلەشمىنىڭ سەركىسى ،ئوت كۈچى ئەڭ كۈچلۈك يەنە بىرى بىرلەشمىدە كەينىدىن سانىغاندا 2-ئورۇندا ،توپ كەتكۈزىشى ئەڭ يۇقىرى كوماندا،كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە چېلىسى قىينالمايلا بۇ مەيدان مۇسابىقىنىڭ غەلبىسىنى قولغا كەلتۈرەتتى،لىكىن نەتىجە ئۇنداق بولماي قالدى.مۇسابىقىنىڭ 69-مىنۇتىدا چېلىسى ئوتتۇرا مەيدان توپچىسى مادىچ بىر قىزىل كارتىنى ئىزدەپ سوراپ ئىستىمال قىلىپ،مۇسابىقىدىكى ئەڭ چوڭ بۇرۇلۇش نۇقتىسىنى پەيدا قىلدى.10ئادەمدە 11ئادەمگە قارشى توپ ئوينىغان چېلىسى ئاخىرقى مىنۇتلاردا توپ كەتكۈزۈپ مۇسابىقىنى تەڭلىشىش بىلەن ئاخىرلاشتۇردى ۋە شۇنداقلا شەھەرنىڭ نۇمۇر پەرقىنى كىچىكلىتىشىگە پۇرسەت يارىتىپ بەردى.
مۇسابىقىدىن كىيىنكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇرىنھۇ مۇخبىرلارغا:مەن ئۆزەمنىڭ ھاماقەت ئەمەسلىكىمدىن ئىنتايىن خوشال،مەن نەچچە ئايدىن بۇيانقى چېلىسىغا قارىتىلغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى بىلىمەن،بۇ مەيدان مۇسابىقىدە 4چوڭ يارقىن نۇقتا بار.ئۇلار30-مىنۇت(بانىسنىڭ ئىۋانوۋىچقا ئىشلىگەن ھەركىتى)ھېچقانداق كارتا يوق،33-مىنۇتى(قول توپ)نۇقتا توپ قۇيۇلمىدى،43-مىنۇت(قارشى تەرەپ چەكلەنگەن رايۇن ئىچىدە كوستانى ئىتتىرۋەتتى)نۇقتا توپ قۇيۇلمىدى.69-مىنۇت ،مادىچ قىزىل كارتا ئىستىمال قىلدى.سىلەر مۇشۇ 4نۇقتىنى چىڭ تۇتۇپ خەۋەر يازساڭلار بولىدۇمۇخبىرلار مۇرىنھۇدىن مادىچنىڭ قىزىل كارتىسىغا نىسبەتەن ئەرز قىلامسىلەر دېگەن سۇئالىغا مۇرىنھۇ:ئەرز؟سىلەر چېلىسىنىڭ قايسى بىر ئەرزىنىڭ مۇۋاپىقىيەتلىك بولغىنىنى كۆردۈڭلار؟(مادىچنىڭ ئورنىدا مەن بولسام ئاۋۇ ئاداشنىڭ بىر يېرىنى بىر نەرسە قىلىپ قۇيۇتۇم،ئۆزى بىر پۇتبولچى ،ئىككى پۇتقا تايىنىپ نان تېپىپ يەيدىغان ئادەمنىڭ پۇتىنى تاس قالدى ناكا قىلغىلى)
ئاخىرىدا دەيدىغىنىم چېلىسى مەستانىلىرى ئەڭ ياخشىسى ئوبدان ئويلۇشۇپ بېقىڭلار ،چېلىسىنىڭ زادى ئېنگىلاند پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىدە ئۆتكۈزگەن قانداق خاتالىقى بار؟شۇ خاتالىقتىن بالدۇرراق ناماقۇل بولمىساڭلار ئېنگىلاند ئىچىدىكى مۇسابىقىدە لوڭقا ئېلىشىڭلار راستىنلا بەك تەس بولغۇدەك.
مۇنبەردە بىر تۈركۈم مۇرىنھۇنى قارلايدىغان زاستاتىللار ئۆمىكى بار،قارلايدىغانلار كىرمەي،كوماندا توغۇرلۇق چىرايلىق پىكىر بېرىدىغانلار كىرىڭلار!
چېلىنمىغان نۇقتا توپ(قول توپ)
چېلىنمىغان نۇقتا توپ(قائىدىگە خىلاب ھەركەت)
?autoPlay=1&isPlayerAd=0&id=21995188
مادىچنىڭ قىزىل كارتا يېگەن ھەركىتى?autoPlay=1&isPlayerAd=0&id=21995292
قايسى بىرلەشمىنىڭ خەۋىرى ئىكەنلىكىنى تاللايدىغان يەرنى تاپالمىدىم،باشقۇرغۇچىلار ئۆزگەرتىپ قويساڭلار |
-
-
|