elan orni : 13999092457elan roni : 13999092457
كۆرۈش: 1063|ئىنكاس: 25

گىرمانىيە 22 - ئايلانما مۇسابىقە خەۋىرى ...

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   بايرېن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-22 07:54  

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ...


بۇ تىمىغا مۇناسىۋەتسىز ئىنكاس يازماڭلا



075216voyyg3lgs3yn5szs.jpg


2015 - يىلى 2 - ئاينىڭ 21 - كۈنى گىرمانىيە بىرلەشمىسى 22 - ئايلانما مۇسابىقىسى باشلاندى ، نەتىجىلەر تۆۋەندىكىچە :


پادىبورىن 0    -    6  بايرېن مىيۇنخېن

بايرېن كوماندىسى مىھمان مەيداندا پادىبورىن كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلەشتى ، ئالدىنقى مەيدان 24 ۋە 37 مىنۇتلاردا بايرېننىڭ پولشالىق داڭلىق ھۇجۇمچىسى لەيۋەندوۋىسكى ئىككى توپ ئۇردى ، كىيىنكى مەيدان مۇسابىقە باشلىنىپ 63 مىنۇت بولغاندا روبىن نوقتا توپ ئۇردى ، 72 مىنۇت بولغاندا رىبىرى بىر توپ ئۇرۇپ نەتىجىنى ئاشۇردى ، 78 مىنۇت بولغاندا مەيدانغا ئالمىشىپ چۈشكەن ۋىيسىر بىر توپ ئۇردى ، 86 مىنۇت بولغاندا روبىن بىر توپ ئۇرۇپ نەتىجىنى 0 - 6 قىلدى ، بۇ مەيدان مۇسابىقىدە لەيۋەندوۋىسكى ، رىبىرى ۋە روبىنلارنىڭ ئىپادىسى كۆرنەرلىك ياخشى بولدى ...





سىتۇگارت 2   -   3 دورتمۇند

سىتۇگارت كوماندىسى ئۆزمەيدانىدا سېرىق ھەرە قوشۇنى - دورتمۇند كوماندىسىنى كۈتىۋالدى ، مۇسابىقە كەسكىن ئىلىپ بىرىلدى ، 90 مىنۇتلۇق مۇسابىقىدىن كىيىن دورتمۇند كوماندىسى مھىمان مەيداندا 2 - 3 نەتىجە بىلەن غەلبە قىلىپ قىممەتلىك 3 نۇمۇرنى قولغا كەلتۈردى ، دورتمۇند كوماندىسىدىن رىئۇس ، گوندىگان ۋە ئابامىياڭ توپ ئۇردى ... سىتۇگارت كوماندىسى يىقىنقى مۇسابىقىلەردە ئۇدا ئۇتتۇرۇش سەۋەبلىك 18 نۇمۇر بىلەن دەرىجە چۈشۈش رايۇنىغا كىرىپ قالدى ( سىتۇگارت ئۇدا 6 مەيدان غەلبە قىلالمىدى ) ...





ئاگىسبۇرگ 2   -   2  لىۋىرىكسۇن

كۈچلۈك لىۋىرىكسۇن كوماندىسى مھىمان مەيداندا ئىپادىسى كۆرنەرلىك ياخشى بولىۋاتقان ئاگىسبۇرگ كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلەشتى ، مۇسابىقە باشلىنىپ 8 مىنۇت بولغاندا لىۋىرىكسۇن بىر توپ ئۇردى ، كىيىنكى مەيدان باشلىنىپ 59 مىنۇت بولغاندا ئاگىسبۇرگ نەتىجىنى تەڭلەشتۈردى ، 84 مىنۇت بولغاندا لىۋىرىكسۇن بىر توپ ئۇرۇپ نەتىجىنى 1 - 2 قىلدى ، 90 مىنۇتتىن ئاشقاندا ئاگىسبۇرگ ۋارتاسى بوغۇزلاش خاراكتىرىلىك توپ ئۇرۇپ نەتىجىنى تەڭلەشتۈرۋالدى ...



شارىك04   1    -    1  بىرمىن

شارىك04 كوماندىسى ئۆزمەيدانىدا بىرمىن كوماندىسىنى كۈتىۋالدى ، ئالدىنقى مەيدان 0 - 0 ئاياغلاشتى ، كىيىنكى مەيدان مۇسابىقە باشلىنىپ 61 مىنۇت بولغاندا شارىك توپچىسى مىيىر بىر توپ ئۇرۇپ ئۈستىنلىككە ئۆتتى ، 90 مىنۇتتىن ئاشقاندا بىرمىن كوماندىسى بىر توپ ئۇرۇپ نەتىجىنى تەڭلەشتۈردى ...  



قالغان مۇسابىقىلەر نەتىجىسى :

مايىنىز  3    -    1  فىرانكفۇرت
فىربۇرگ 1    -    1 خوفىنھام
كىلون  1   -   1  ھانۋېر96


پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-22 01:32:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گىرمان يوللىغان ۋاقتى  2015-2-22 01:21
بايرىن ئوبدان ئوينىدى ، بارسىلونا سەۋەنلىك ئۆتكۈزۈپ غ ...

مۇسابىقىنى تۇلۇق كۆرمىگەن ئوخشايسىز، بارسېلونادىن نىيماردىن ياخشى ئوينىغان يەنە بىر ماھىرنى دەپ بەرسىڭىز سىزنى 500ياۋرۇ بىلەن تارتۇقلايمەن .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-22 00:36:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىرى ھەرىلەرنىڭ ئىپادىسى ياخشىلىنىۋاتىدۇ،،،،،،لەيۋەندوۋىسكى تاس قاپتۇ قاپاق كەيگىلى،،،،
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-22 00:51:49 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ما بالنى ساتمىز دىسە 2 ئاخساا توپ ئۇرۇپ يۇرۇپتىيا . چوڭ سۇپەت  ئاخسا ئورۇندۇقتا ئولتاماي
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-22 00:59:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   بارچۇق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-22 01:17  

بەيرىن شال ئاخلاش ماشىنىسىنى شالاقشىتىۋىتىپتىغۇ يەنە،

مۇناسىۋەتسىز ئىنكاس يازماڭ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-22 01:03:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماۋۇ بايرىن ئۇزغۇنلۇقتا نىمىشقا توپ ئۇرالمايدۇ دەيمەن.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-22 01:06:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەيرېن  بەك  ئۇرۇپتۇغۇ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-22 01:21:06 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بايرىن ئوبدان ئوينىدى ، بارسىلونا سەۋەنلىك ئۆتكۈزۈپ غايەت زور بېسىم ئىچىدە ئوينىدى ، نىيمار تولا شەخسىيەتچىلىك قىلىپ توپ تاتقۇزۇپ قويدى ، مادىرىتتىن 4 نۇمۇر كەينىدە قالدى ...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-22 01:23:46 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بايرىن ئون توپ ئۇرۇپ قوش بوغوزلىدى ،  لەيۋەندوۋىسكىنى ساتسا راستىنلا بولمايدىكەن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-22 01:29:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بايرىن ئۇزغۇنلۇقتا ئالالمىغان دەردىنى قوشنىلىردىن ئاپتۇدە.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-22 01:34:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بايرىن ۋەھشى بولاپ كىتتىپتۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-22 01:44:02 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىلەن يوللىغان ۋاقتى  2015-2-22 01:32
مۇسابىقىنى تۇلۇق كۆرمىگەن ئوخشايسىز، بارسېلونادىن ن ...

توغرا دەيسىز نىيمار بەك ياخشى ئوينىدى .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-3-20 00:58

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش