akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 931|ئىنكاس: 35

ماسچىرانو: ئاكۈيرۇ ناھايىتى مۇنەۋەر پۇتبولچى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئارىف تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-21 15:47  

         a20c9f6280c8c2a88b2846a9d845ed7b76b1e588.jpg

ماسچىرانو: ئاگۇيرۇ ناھايىتى مۇنەۋەر پۇتبولچى،ئەمما مېسسى بىلەن ھېچكىمنى سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ.

يېقىندا بارىسلونا كوماندىسىنىڭ داڭلىق مۇداپىيەچىسى ماسچىرانو ئىسپانىيە تاراتقۇلىرىنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلغاندا ،ئالدىمىزدا ئېلىپ بېرلىدىغان ياۋرۇپا ئۇزغۇنلۇق جېڭىدىكى رەقىبى مانجىستىر شەھرى كوماندىسى ئۈستىدە توختالدى. دۆلەت كوماندىسىدىكى سەپدىشىم ئاگۇيرۇ  ناھايىتى مۇنەۋەر توپچى،ئەمما مېسسى بىلەن ھېچكىمنى سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ.ئاگۇيرۇ  نۇرغۇن توپ كىرگۈزدى، ئەمما مېسسىغا رەقىب بۇلالمايدۇ.يەنە كىلىپ ھېچكىم مېسسىنىڭ سەيۋىسىگە يىتەلمەيدۇ.
ماسچىرانو ئۈزۈنىڭ بارىسلونا كوماندىسىدىكى ھازىرقى ئەھۋالىغا قارىتا:ئەگەر مەن ھازىرقى ھالىتىمنى ساقلىيالىسام كوماندا بىلەن ئوتتورىمىزدا نۇرغۇن ياخشى بولغان تاللاش پۇرسىتى بار.بىزگە نىسپەتەن ھازىرقى ئەڭ مۇھىم مەسىلە مانجىستىر شەھرى كوماندىسنى مەغلۇپ قىلىش.
ئىككى كوماندىنىڭ ھازىرقى سەپ شەكلىگە قارىتا:مانجىستىر شەھرى كوماندىسنىڭ سەپ شەكلىگە قارىغاندا بىزنىڭ سەپ شەكلىمىزدە ئۆزگۈرۈش بىر قەدەر چوڭ، بۇ پەسىل بىزنىڭ قۇشۇنىمىزدا يىڭى ماھىرلار كۆپ، يىڭى ماھىرلىرمىزدىمۇ مانجىستىر شەھرى كوماندىسىغا دەرىس ئۈتۈپ قۇيالىغۇدەك ئىقتىدار بار.ھازىر بىز بىرلەشمىدە 2-ئۇرۇندا،بىز ھەممىمىز ياخشى نەتىجىگە ئىرشىشنى ئارزۇ قىلىمىز.
مانجىستىر شەھرى كوماندىسى ياۋرۇپا ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىسىدە نەچچە قېتىم غەلبە تەمىنى تېتىپ باقتى،ئۇلارنىڭ چىمپىيۇن بۇلۇش ئىستىكى بەك كۈچلۈك،شۇڭا ئۇلار ھەريىلى ئۆزلىكسىز ئالغا ئىلگىرلەۋاتىدۇ.ھەم ئۇلاردا ياخشى بىر تېرنىر بار.بۇقېتىمقى مۇسابىقىدە ئاگۇيرۇ نىڭ پۈتۈن كۈچۈنى چىقىرشى ئېنىق.


      79bd25d14a431874adf3d7871b15077100ca8ec1.jpg

ئەنچىلودى بارىسلونانىڭ ھازىرقى جەڭ تاكتىكىسىغا قارىتا ئەڭ ياخشى سەپ شەكلىنى تېپىپ چىقىشقا مۇھتاج

خانلىق مادىرىدنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ئەنچىلودىغا بەش قولدەك ئايان.ئىتالىيەلىك بۇ تېرنىرغا نىسپەتەن بۇ پەسىلدىكى بىر مەيدان مۇسابىقىدە غەلبەقىلىش بەلكىم ئۈزۈنى قۇتقۇزۇشنىڭ بىر چارىسى بۇلۇپ قېلىشى مۇمكىن.بۇ مۇسابىقە دەل ئىسپانىيە دۆلەت دېربىسىدۇر.خانلىق مادىرىد تېرنىرغا نىسپەتەن بۇ قېتىمقى دېربى كوماندىنىڭ ئاخىرغىچە چېپىشنىڭ مۇھىم ئۆتكىلى. مۇشۇ مەيدان مۇسابىقىدە يەڭگەندىلا ئاندىن خانلىق مادىرىدنىڭ 1-لىك ئورنى مۇستەھكەملىنىدۇ.شۇڭا ئەنچىلودى بارىسلونانىڭ ھازىرقى جەڭ تاكتىكىسىغا قارىتا ئەڭ ياخشى سەپ شەكلىنى تېپىپ چىقىشقا مۇھتاج.بۇلتۇرقى بىرلەشمە چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسى ئەنچىلودىنىڭ تاكتىكىدا كەتكۈزۈپ قۇيغانلىقىدىن قولدىن كەتكەن.شۇڭا بۇيىل ئۆتكەن يېلدىكى خاتالىقنى قايتا سادىر قىلماسلىقى كىرەك.ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا نوكامپودىكى بىرمەيدان غەلبە بۇپەسىل كىمنىڭ چىمپىيۇن بۇلدىغانلىقىنى بەلگىلەيدىغان بىردىنبىر مۇسابىقە بۇلۇپ قالدى.ئەگەر بۇ مۇسابىقىدە چاتاق چىقىپ قالسا ئەنچىلودىنىڭ مادىرىد ھاياتى ئاخىرلىشىدىكەن.


      2015021908290745c82.jpg

نىيمار گىپىدىن يېنىۋالدى

بىر ئاينىڭ ئالدىدا بارىسلونا كۇلۇبى نىيمار بىلەن توختام ئۇزارتىش ئىشنى مەسلەھەت قىلشىپ بىردەكلىككە كەلگەن ئىدى. نىيمارنىڭ توختامى 2018-يىلى ئاخىرلىشىدىغان بۇلۇپ ،كۇلۇپ تەرەپ يەنە ئىككى يىللىق ئۇزارتىش تەكلىۋىنى سۇنغان. نىيمارنىڭ مائاشى 12مىليۇن ياۋرۇ قىلىپ بەلگىلنىپ ئىككى تەرەپ ئۆزئارا كىلىشكەن ،ھەم بۇپەسىل ئاخىرلاشقاندىن كىيىن يىڭى توختام تۈزۈشكە پۈتۈشكەن. ئەمما بۈگۈنكى خەۋەرلەردە دىيلىشچە نىيمار 12مىليۇن مۇئاشنى رەت قىلغان. ئۇنىڭ قارشىچە كۇلۇپ تەرەپ 20مىليۇن مائاش بىرىشكە قۇشۇلسىلا ئاندىن توختام ئۇزارتىدىكەن.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-21 15:41:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماسچېرانو توغرا گەپ قىلىپتۇ،  شەھەرنىڭ جېنىنى تىكىشى ئېنىق، ماڭا بارسېلونا شاللىنىپ كېتىدىغاندەكلا تۇيۇلىۋاتىدۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-21 15:33:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماسچىرانو دىگەن مەقىتى يىرتىق گۇينىڭ دىگىنىگە تازا مانچىستىر شەھرى بەيىرىننىڭ كۇنىنى كۆرسىتىپ قويسا تۇردۇ تازا

بىرلەشمىنى ئىلىپ كىتشىمىز مۇمكىن ، نەكەمپو بولسىمۇ بىر ئۇتۇپ قويساق بىرلەشمىدە قوش بۇغۇزلىغان دەپ ئاخسا تۇراتتۇق ، بىرلەشمىنى ئالمىساقمۇ بەيلى لىكىن بارسانى قوش بۇغۇزلاش ئۇچۇن قاتتىق تىرشىڭلار ئەزمەتلەر
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-21 15:55:52 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جاغىستاي120 يوللىغان ۋاقتى  2015-2-21 15:41
ماسچېرانو توغرا گەپ قىلىپتۇ،  شەھەرنىڭ جېنىنى تىكىشى ئ ...

ۋوي   نىماندا   قوقىسىلە   ،  باساچىمۇ   يە   سىلە……  ئىشەنچ   بولمىسا  مۇسابىقىنى   شەھەر   تەرەپتە   تۇرۇپ   كۆرەمسىلە ،  ؟   باسا   تېخى   شەھەردەك   كىچىك  زومىگەرلەردىن   قوقىدىغان  كۈنگەن   قاممىدى   جۇمۇ  ……  ئالدىنقى يىلدىكى   شەھەر  بىلەن   بۇ   يىلقىنى  سېلىشتۇرۇپ   بېقىڭلار  ……  مۇداپىىرىمىز   ئەڭ  ئاجىز  ھالەتيىمۇ   يولغا  سېپ   قويغان  بىز  شۇ……
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-21 15:26:18 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماسچېرانو   توغرا   دەپتۇ……
  ئەنچىللوتتى   كەمپ نوۋدا   يېڭىشنى   بولدى   ئويلىمىسۇن،   بۇ  بىر   ۋاقىت   ئىسراپچىلىقى   خالاس……
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-21 15:29:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالدىنقى قېتىم لاكرونىيەنى 2:0 ئۇتقاندىكى سەپ ناھايىتى مۇقۇم،توپچىلارنىڭ ماسلىشىشى ، ئوتتۇرا مەيدان كونتىروللىقىمۇ ناھايىتى ياخشى بولدى............دېربىغا يەنە بىر ئاي ۋاقىت بار..........راموس ،جامىسلار كەلسە سەپنى قايتا تۈزۈشكە ئېھتىياجىلق....بولمىسا لاكرونىيەنى ئۇتقاندىكى سەپنى ئىشلەتسە  ئۈنۈم بىرەتتى
ماسچىرانونى توغرا چۈشىنىشكە بۇلىدۇ،ئارگىنتىنانىڭ تۇز تائامىنى يىگەندىن كىيىن باشقىلارنى ماختىمايدۇ ئەلۋەتتە
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-21 15:33:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاكۇيرۇ ئەمەس ئاگۇيرۇدۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-2-21 15:34:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىدا يوللىغان ۋاقتى  2015-2-21 15:33
ئاكۇيرۇ ئەمەس ئاگۇيرۇدۇ

مەنمۇ بۇرۇن سىز دىگەندەك يازاتتىم، باشقىلار ئاكۇيرۇ دىسە توغرا دەپ تۇرۋالدى.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-21 15:35:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئارىف يوللىغان ۋاقتى  2015-2-21 15:34
مەنمۇ بۇرۇن سىز دىگەندەك يازاتتىم، باشقىلار ئاكۇيرۇ  ...

يەنىلا ئاگۇيرۇ دەۋېرىڭ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-21 15:46:40 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماسچىرانو ئورۇنلۇق گەپ قىلىپتۇ،بۇيىل شەھەرنى بوش چاغلىغىلى بولمايدۇ،ئاگۇيرو دىگەن قاقباش دۆلەت كوماندىسىدا بېلەن ئوينىمىغىنى بىلەن كۇلۇپتا باشقىچە ئوينايدۇ…
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-21 15:56:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
LM10 يوللىغان ۋاقتى  2015-2-21 15:26
ماسچېرانو   توغرا   دەپتۇ……
  ئەنچىللوتتى   كەمپ نوۋدا   ي ...

سىزنىڭچە راستىنلا شۇنداق بۇلارمۇ ؟ مىنىڭچە يەنىلا ئۆزىڭىزگە ئازراق چىكىنىبش يۇلى قالدۇرۇپ قويغىنىڭىز ياخشىراق ۋاقتى كەلگەندە مۇشۇ گىپىڭىزنى سىزگە قايتۇرۇپ بىرىدىغانلار چىقىپ قالمىسۇن .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-21 15:57:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   XATKAR886 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-21 16:26  

مۇشۇ توپچىلارنىڭ ھەممىسى ئىپادىسى كۆرۈنەرلىك بولسىلا مائاش جېدىلى قىلدىغان ئىشى...، مېنىڭچە بارسېلونا نىيمار بىلەن كىلىشىپ قالىدۇ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-25 02:58

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش