ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 3893 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئەبرار تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-2-20 23:11
مادرىد كوماندىسىغا تېخى يېڭىلا قوشۇلغان بىرازىلىيەلىك ياش لوكاس سىلۋا ، مادرىد كوماندىسىدىكى تۇنجى ئاساسلىق ماھىر بولۇپ چىققان مۇسابىقىدە ، ھەيران قالارلىق سان سىپىرلارنى بارلىققا كەلتۈردى .
ئالدىنقى قېتىملىق گېرمانىيە بىرلەشمىسىدىكى شارىك 04 بىلەن بولغان مۇسابىقىدە ، لوكاس سېلۋا ئاساسلىق ماھىر بولۇپ مەيدانغا چىقىپ 90 مىنۇت تولۇق مۇسابىقە ئوينىدى . بۇ 90 مىنۇت جەريانىدا لوكاس سىلۋا ، گېرمانىيەلىك ماھىر كىروسقا ياردەملىشىپ ، مادرىد ئوتتۇرا مەيدانىدا ھەركەتلەندۇرگۈچ رول ئوينىدى . بولۇپمۇ كىروسقا ياردەملىشىپ كىروسنىڭ ئەركىن ھەرىكەت قىلىشى ئۇچۇن چوڭ بوشلۇق يارىتىپ بەردى .
مۇسابىقىدىن كېيىنكى، مەيدانغا كەلگەن ئۇچۇرلاردىن كۆرىۋىلىشقا بولدىكى ، لوكاسنىڭ مەيداندىكى ئىپادىسى ئالاھىدە ياخشى بولغان .
دۇنيا چېمپىيونى كىروس بۇ قېتىملىق مۇسابىقىدە :
63 قېتىم پاس تاشلىغان ، بۇنىڭ ئىچىدە 59 پاس ناھايىتى ئۆلچەملىك بولغان ، توغرىلىق نىسبىتى 93.7 پىرسەنت بولغان .
بىرازىليەلىك ياش لوكاس بولسا ، 59 قېتىم پاس تاشلىغان ، بۇنىڭ ئىچىدە 52 پاس ئۆلچەملىك بولغان ، توغرىلىق نىسبىتى 92.3 پىرسەنت بولغان . بۇ نەتىجە تۇنجى قېتىم ياۋروپا مۇسابىقىسى ئوينىغان بىر ياشقا نىسبەتەن ناھايىتى ياخشى نەتىجە ھېسابلىنىدۇ .
يەنە تەكىتلەپ قويۇشقا تېگىشلىك بولىدىغىنى ، لوكاسنىڭ بۇ مۇسابىقىدە يۈگۈرۈش مۇساپىسى 12 كىلومېتىردىن ئېشىپ كەتكەن ، بۇ سان باشقا ماھىرلارغا سېلىشتۇرغاندا ھەقىقەتەن چوڭ سان ھېسابلىنىدۇ .
كونىلارنىڭ گېپى بويىچە : سۇ سايغا ، پۇل بايغا ئاقىدۇ دېگەندەك ، يېقىندا رونالدو مەلۇم بىر خەلقئارالىق شىركەت تەرىپىدىن ئۆزى ئۇچۇن لاھىللەنگەن ، ئالتۇندىن ياسالغان ئايفون ماركىلىق تېلېفوننى تاپشۇرۇۋالغان ، خەۋەردە رونالدونىڭ ئۈچىنچى قېتىملىق ئالتۇن توپقا ئېرىشكەنلىك سەۋەبىدىن ، مەلۇم شىركەت تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن سوۋغات ئىكەن ، تېلېفونغا ئالتۇن توپنىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلگەندىن سىرىت ، رونالدوغا ۋەكىللىك قىلىپ CR7 بەلگىسىمۇ چۈشۈرۇلگەن .
|
|