ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 897 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ساداقەت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-2-21 20:11
ياۋروپا چېمپىيۇنلۇق بىرلەشمىسى بولسا ياۋروپا پۇتبول مۇنبىرىدىكى كۇلۇبلارنىڭ ئەڭ يۇقىرى سەۋيىسىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. قاتنىشىدىغان كۇلۇبلارنىڭ ھممىسى ھەرقايسى بىرلەشمىنىڭ زەردارلىرى ھېسابلىنىدۇ. بۇ جەريانىدا ئاز بولمىغان كۇلۇبلار ياۋروپا چېمپىيۇنلۇق بىرلەشمىسى تارىخىدا بۇزۇش قېيىن بولغان رىكورتلارنى ياراتتى. ھېلىمۇ ھازىرغىچە بەزى رىكورتلارنىڭ بۇزۇلىغىنى يوق. ئۇنداقتا تۆۋەندىكى رىكورتلارنى كۆرۈپ باقايلى!
1. ئۇدا 25 مەيدان مەغلۇپ بولماسلىق رىكورتى
ياۋروپا چېمپىيۇنلۇق بىرلەشمىسىدە ئۇدا 25 مەيدان مەغلۇپ بولماسلىق رىكورتىنى ئېنگىلانىد زەردارى مانچىستىر بىرلەشمىسى كۇلۇبى ياراتقان بولۇپ، 2007/2006-يىللىق چېمپىيۇنلۇق بىرلەشمىسىنىڭ يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە
مىلەن كۇلۇبىغا 0-3 نەتىجىدە ئۇتتتۇرغان. ئەمما 2008/2007-يىللىق مۇسابىقە پەسىلىدە مەغلۇپ بولماي چېمپىيۇن بولغان. 2009/008-يىللىق مۇسابىقە پەسىلى چېمپىيۇنلۇق بىرلەشمىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە ئاندىن بارسىلوناغا 2-0 نەتىجە بىلەن ئۇتتتۇردى.
2. ئۇدا 10 مەيدان غەلىبە قىلىش رىكورتى
بايرىن مىيۇنخىن كوماندىسى 2013/2012 -يىللىق مۇسابىقە پەسىلىنىڭ 8/1 تاللاش مۇسابىقىسىدە ئارسىنال كوماندىسىغا 2-0 نەتىجە بىلەن ئۇتتتۇرغاندىن كېيىن بايرىن مىيۇنخىن كوماندىسى رەقىبلىرىنى بىر-بىرلەپ مەغلۇپ قىلىپ 10 مەيدانلىق ئۇدا غەلىبە قىلىشنى قولىغا كەلتۈردى. بۇنىڭ ئىچىدە بايرىن مىيۇنخىن كوماندىسى يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىنىڭ ئىككى ئۇچۇرۇشىش مۇسابىقىسىدە بارسىلونا كوماندىسىنى 7-0 نەتىجە بىلەن ئۇدا غەلىبە قىلىشنى 10 مەيدانغا يەتكۈزۈپ، ياۋروپا چېمپىيۇنلۇق بىرلەشمىسى تارىخىدىكى ئەڭ ئۇزۇن ئۇدا غەلىبە قىلىش رىكورتىنى ياراتتى. بۇ پەسىللىك مۇسابىقىنىڭ ئالدىنقى كۈنىدىكى مۇسابىقىدە خانلىق
مادرىد كوماندىسى مېھمان مەيداندا شالىك 04 كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلپ بايرىن مىيۇنخىننىڭ رىكورتى بىلەن تەڭلەشتى. كېيىنكى ئۇچۇرۇشىش مۇسابىقىدە خانلىق مادرىد كوماندىسى ساھىبخان مەيداندا غەلىبە قىلسا بۇ رىكورتنى بۇزالايدۇ.
3. ئۇدا 18 پەسىل قاتنىشىش رىكورتى
1997/1996 -يىللىق مۇسابىقە پەسىلىدە مانچىستىر بىرلەشمىسى كوماندىسى 2014/2013-يىللىق مۇسابىقە پەسىلىگىچە ئۇدا 18 پەسىل ياۋروپا چېمپىيۇنلۇق بىرلەشمىسىگە قاتنىشىش ئارقىلىق خانلىق مادرىد كوماندىسى 1956/1955-يىللىق مۇسابىقە پەسىلىدىن 1970/1969-يىللىق مۇسابىقە پەسىلىگىچە ياراتقان 15 يىل قانىشىشتەك رىكورتىنى بۇزغان ئىدى. مويىس مانچىستىرنىڭ قامچىسىنى قولىغا ئالغاندىن كېيىن 2014/2013-يىللىق مۇسابىقە پەسىلىدە بىرلەشمىدە 7-بولۇپ بۇ پەسىللىك مۇسابىقىدىن خوشلىشىپ 18 پەسىللىك رىكورتى مۇشۇ يەردە توختاپ قالدى. خانلىق مادىرد كوماندىسى 1998/1997-يىللىق مۇسابىقە پەسىلدىن باشلاپ ھازىرغىچە 18 پەسىل ئۇدا قاتنىشىپ مانچىستىر بىرلەشمىسى كوماندىسىنىڭ 18 پەسىللىك رىكورتى بىلەن تەڭلەشتى.
4. ساھىبخان 12 مەيداندا ئۇدا غەلىبە قىلىش رىكورتى
مانچىستىر بىرلەشمىسى كوماندىسى 2006-يىل 9-ئايدا ياۋروپا چېمپىيۇنلۇق بىرلەشمىسى گورۇپپا مۇسابىقىسىدە 3-2نەتىجە بىلەن كېلتىلىقلار كوماندىسىنى يەڭگەندىن باشلاپ 2008-يىل 4-ئايدا يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە 1-0 نەتىجە بىلەن بارسىلونا كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىپ، مانچىستىر بىرلەشمىسى كوماندىسى ياۋروپا چېمپىيۇنلۇق بىرلەشمىسى مۇسابىقىسىدە ئۆز مەيدانىدا 12 مەيدان ئۇدا غەلىبە قىلىش رىكورتىنى ياراتقان.
5. ئەڭ ئۇزۇن توپ كەتكۈزمەسلىك رىكورتى
ئارسىنال كوماندىسى 2006/2005-يىللىق مۇسابىقە پەسىلىدە ئۇدا 10 مەيدان توپ كەتكۈزمەسلىك رىكورتىنى يارتىپ، ياۋروپا چېمپىيۇنلۇق بىرلەشمىسى مۇسابىقىسىنىڭ تاكى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە بارسىلونا كوماندىسىدىن ئېيتونىڭ توپ ئۇرۇشى بىلەن 995 مىنۇت توپ كەتكۈزمەسلىك قەدىمى توختاپ قالدى.
6. ئۇدا ياۋرۇپا بىرلەشمە چېمپىيۇنى ۋە چېمىيۇنلۇق بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيۇنى بولۇش رىكورتى
پەقەت ئېنگىلانىد لىۋېرپول كوماندىسى( 1977/1976-يىللىق مۇسابىقە پەسىلى ) بىلەن پورتىگالىيە پورتۇ كوماندىسى (2004/2003-يىللىق مۇسابىقە پەسىلى) ئاۋۋال ياۋروپا بىرلەشمە لوڭقسىنى چېمپىيۇنى بولغاندىن كېيىن ياۋروپا چېمىيۇنلۇق بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيۇنى بولۇپ كەينى-كەينىدىن چېمپىيۇن بولۇش رىكورتىنى ياراتتى.
7. بىردىنبىر فىرانسىيە كۇلۇبىنىڭ چېمپىيۇن بولۇش رىكورتى
1993/1992-يىللىق چېمىيۇنلۇق بىرلەشمىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە فىرانسىيە مارسېل كوماندىسى 1 - 0 نەتىجە بىلەن ئىتالىيە ئا س مىلەن كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىپ بىردىنبىر فىرانسىيە بىرلەشمىسىنىڭ ياۋروپا چېمىيۇنلۇق بىرلەشمىسىدە چېمپىيۇن بولغان كوماندىغا ئايلاندى. كېيىن مارسېل كوماندىسى دۆلەت ئىچىدە ساختا توپ ئويناش ۋە توپچىلارنىڭ چەكلەنگەن دورا ئىستىمال قىلغانلىقتىن ب دەرىجىلىك بىرلەشمىگە چۈشۈرۋېتىلگەن. شۇ يىللىق تويوتا لوڭقسىنى تالىشش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش سالاھىيتى ئېلىپ تاشلىنىپ، ئا س مىلەن كوماندىسى قاتنىشىدىغان بولغان.
8. ئەڭ كۆپ ئىككىنچىلىككە ئېرىشىش رىكورتى
ياۋرۇپا چېمپىيۇنلۇق بىرلەشمىسىدە ئەڭ كۆپ ئىككىنچى بولغان كوماندا بولسا 3 بولۇپ، پورتىگالىيە بېنفىكا كوماندىسى، ئىتالىيە يۇۋىنتۇس كوماندىسى ۋە گېرمانىيە بايرىن مىيۇنخىن كوماندىسى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى 5قېتىمدىن ئىككىنچىلىككە ئېرىشكەن. بۇلارنىڭ ئىچىدە ھەممىدىن بېنفىكا كوماندىسىنىڭ قىسمىتى بىرقەدەر ئېچىنىشلىق بولغان بولۇپ، 1961-1962-يىلى ئىككى قېتىم چېمپىيۇنلۇققا ئېرىشكەن بولسمۇ ئەمما كېيىن 5 قېتىم ھەل قىلغۇچنىڭ دائىرىسىگە كىرىپ ھەممىسىدە مەغلۇپ بولغان.
9. ئەڭ كۆپ چېمىيۇن بولغان توپچى
خانلىق مادىردنىڭ رىۋايەتلىك توپچىسى فىرانسىسكو گېنتو ياۋرۇپا چېمپىيۇنلۇق بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيۇنلۇقىغا ئەڭ كۆپ ئېرىشكەن توپچى بولۇپ، مادىرد كوماندىسىنىڭ كاپىتانى بولۇش بىلەن كوماندىنى يېتەكلەپ 6 قېتىم ياۋروپا چېمپىيۇنلۇق بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيۇنى بولغان.
10. ئوخشاش بولمىغان 3 كۇلۇبتا چېمپىيۇن بولغان توپچى
گوللاندىيە ئوتتۇرا مەيدان توپچىسى سىدروف بىردىنبىر ئوخشاش بولمىغان 3 كۇلۇبتا چېمپىيۇن بولغان توپچى بولۇپ، 1995-يىل ئاجاكس كوماندىسىدا، 1998-يىلى خانلىق مادىرد كوماندىسىدا ۋە 2003-يىل 2007-يىل ئا س مىلەن كوماندىسىدا چېمپىيۇنلۇققا ئېرىشكەن.
11. تاق مەيدان مۇسابىقىدە ئەڭ كۆپ توپ كىرگۈزگۈچى
ئارگېنتىنالىق داڭلىق ھۇجۇمچى مىسسى 2012/2011-يىللىق مۇسابىقە پەسىلىنىڭ 8/1 تاللاش مۇسابىقىسدە گېرمانىيە لىۋېركوسىن كوماندىسى بىلەن بولغان ئىككىنچى ئۇچۇرۇشىشتا 5 توپ كىرگۈزۈپ ياۋرۇپا چېمپىيۇنلۇق بىرلەشمىسىنىڭ تاق مەيدان مۇسابىقىسدە ئەڭ كۆپ توپ كىرگۈزگۈچى بولۇپ قالدى.
12. تاق پەسىلىدە ئەڭ كۆپ توپ كىرگۈزگۈچى
پورتىگالىيەلىك قاتىل ھۇجۇمچى كىرىستىيانو رونالدو 2013/2014-يىللىق مۇسابىقە پەسىلىدە تاق پەسىل بولۇپ 17 توپ كىرگۈزۈپ چېمپىيۇنلۇق بىرلەشمىسى تارىخىدىكى ئەڭ كۆپ توپ كىرگۈزگۈچى بولۇپ قالدى.
13. ئەڭ تېز توپ كىرگۈزگۈچى
بايرىن مىيۇنخىن كوماندىسىنىڭ گوللاندىيەلىك توپچىسى ماكەي 2007-يىل 3-ئاينىڭ 7-كۈنى 8/1 تاللاش مۇسابىقىسدە خانلىق مادىرد بىلەن بولغان مۇسابىقىدە 10.2 سىكۇنتتا بىر توپ كىرگۈزۈپ ياۋرۇپا چېمپىيۇنلۇق بىرلەشمىسدە ئەڭ تېز توپ كىرگۈزگۈچى بولۇپ قالغان. پائول مالدىنى بولسا ئىستانبۇلدا ئېلىپ بېرىلغان ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە بىر مىنۇتقا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە توپ ئۇرۇپ ياۋرۇپا چېمپىيۇنلۇق بىرلەشمىىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە ئەڭ تېز توپ كىرگۈزگەن.
14. ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە ئۇدا توپ ئۇرۇش ۋە ئۇدا چېمپىيۇنلۇقنى ساقلاپ قېلىش
خانلىق مادىردنىڭ رىۋايەتلىك توپچىسى دىسىتفانو ئۇدا 5 نۆۋەت ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىنىڭ ھەممىسدە توپ ئۇرغان ھەمدە چېمپىيۇنلۇقنى قولىغا كەلتۈرگەن. خانلىق مادىرد كوماندىسىنى يېتەكلەپ ئۇدا 5 نۆۋەت چېمپىيۇنلۇققا ئېرىشىپ كېيىنكىلەرنىڭ بۇزۇشى ئىنتايىن تەس بولغان رىكورتىنى قالدۇرۇپ قويدى.
15. ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىنىڭ تاق مەيداندا ئەڭ كۆپ توپ كىرگۈزگۈچى
خانلىق مادىرد كوماندىسنىڭ بىر ئەۋلاد شاھى پۇسكاش 1960/1959-يىللىق مۇسابىقە پەسىلنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە گېرمانىيە فىرانكىفورت كوماندىسىنى 7-3 نەتىجە بىلەن غەلبە قىلغان مۇسابىقىدە پۇسكاش 3-توپتىن 6-توپقىچە بوغان 4 توپنى ئۇرۇپ ياۋرۇپا چېمپىيۇنلۇق بىرلەشمىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە تاق مەيدان مۇسابىقىدە ئەڭ كۆپ توپ كىرگۈزگۈچىگە ئايلانغان.
16. بىر نۆۋەتلىك مۇسابىقىدە بىر شەھەردىكى ئىككى كوماندىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىرىشى
2014/2013-يىللىق مۇسابىقە پەسىلىدە ئىسپانىيە مادرىد شەھىرىدىكى قوشماق مادرىد كوماندىسى << مادرىد دىربىسى >> ئېلىپ باردى. بۇ رىكورتنىمۇ بۇزۇلۇشى ئىنتايىن قىيىن بىر رىكورتقا ئايلاندى. ئەمما قانداق بولىشىدىن قەتئىينەزەر مانچىستىر دىربىسى ۋە ئىتالىيەدىكى قوشماق مىلەنلارمۇ تاكى بۈگۈنگىچە ياۋرۇپا چېمپىيۇنلۇق بىرلەشمىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە كىرىپ باققىنى يوق!
مانا مۇشۇنداق رىكورتلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ بۇزۇلىشىغا يېقىنلىشىپ قالدى. بەزىلىرىنىڭ بۇزۇلۇش مۇمكىنچىلىكى بولمىسىمۇ ئەمما بەزىلىرىنىڭ بۇزۇلۇشى پەقەت ۋاقىت مەسىلىسى بولۇپ قالدى.
بۇ تېما تېلېفوندا يېزىلغان بولغاچقا بەزى كەمچىللىكلەردىن خالىي بولالماسلىقىم مۇمكىن. شوڭا تەكلىپ-پىكىرىڭلارنى سەمىمىيلىك بىلەن قۇبۇل قىلىمەن !!! |
|