بۇ يازمىنى ئاخىرىدا بېرنابۇ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-2-21 14:56
11 كىشىلىك پۇتبول مۇسابىقىسىگە ئىزاھات
1.مۇسابىقە مەيدانى
پۇتبول مۇسابىقە مەيدانىنىڭ كۆلىمى چوقۇم بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك . توپ مەيدانى تىك تۆت بۇلۇڭ شەكلىدە بولۇپ ، ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى 90 مېتىردىن 120 مېتىرغىچە ، كەڭلىكى 45 مېتىردىن 60 مېتىرغىچە بولىدۇ. خەلقئارا مۇسابىقە مەيدانىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 100 مېتىردىن 110 مېتىرغىچە ، كەڭلىكى 64مېتىردىن 74 مېتىرغىچە بولىدۇ . خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنى ئۇزۇنلۇقى 105 مېتىر ، كەڭلىكى 68 مېتىر كېلىدىغان مەيداندا ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلغان . 400 مېتىرلىق يېنىك ئاتلېتكا مەيدانىنىڭ ئىچىگە ئۇزۇنلۇقى 104 مېتىر ، كەڭلىكى 68 مېتىرلىق مەيدان ئورۇنلاشتۇرۇلسا بولىدۇ ، ئەمما يەنە بۇرۇنقى گەپ مەيداننىڭ ئۇزۇنلۇقى چوقۇم كەڭلىكىدىن ئۇزۇن بولۇشى شەرت.
توپ مەيدانىنىڭ يۈزى تەكشى ، قاتتىقلىقى مۇۋاپىق بولۇشى ، تەنھەرىكەتچىلەرنى زەخىملەندۈرىدىغان ۋە توپنىڭ نورمال ھەرىكەت قىلىشىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان نەرسىلەر بولماسلىقى ، توپ مەيدانى ئوت-چۆپلەردىن ياسالغان بولۇشى كېرەك. خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى سۈنئىي چىم ياتقۇزۇلغان مەيدانلاردا دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسىنى ئېلىپ بېرىشقا بولمايدۇ ، دەپ بەلگىلىگەن.
چېگرا سىزىقى
توپ مەيدانىنىڭ ھەر قايسى سىزىقلىرى يەر يۈزى بىلەن تەكشى بولۇشى ، سىزىقنىڭ رەڭگى ئوچۇق بولۇشى ، چېگرا سىزىقى ھاك ياكى ھاك چىلانغان سۇ بىلەن سىزىلىشى ، چىم مەيدانلارنىڭ سىزىقى تالىك (مەنىسىنى بىلەلمىدىم) پاراشوگى بىلەن سىزىلىشى كېرەك ، يامغۇر سۈيىنىڭ سىزىقلارنى يوقىتىۋېتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ، ئاق تۇلياۋ بىلەن سىزىشقىمۇ بولىدۇ . ئەمما ياغاچ ، خىش ياكى تاش پارچىلىرى بىلەن سىزىشقا بولمايدۇ .
رەسمىي مۇسابىقىدە مەيداندىكى ھەر قايسى سىزىقلارنىڭ كەڭلىكى 12 سانتىمېتىردىن ئىشىپ كەتمەسلىكى ، سىزىق ئوچۇق سىزىلىشى كېرەك . يان سىزىق بىلەن توغرا سىزىقنىڭ كەڭلىكى مەيداننىڭ ئىچى ھىسابلىنىدۇ ، باشقا ھەر قايسى سىزىقلارنىڭ كەڭلىكى ھەر قايسى رايونلارنىڭ ئىچىگە تەۋە بولىدۇ . ۋاراتار رايونى ۋە جازا توپ رايونىنى ئۆلچەشتە ۋاراتار تۈۋرۈكى ئىچىدىن ۋە توغرا سىزىقنىڭ سىرتقى قىرىدىن ئۆلچەش ، ۋارىتار سىزىقىنىڭ كەڭلىكى چوقۇم ۋاراتار تۈۋرۈكىنىڭ كەڭلىكى بىلەن ئوخشاش بولۇشى لازىم.
يان سىزىق ۋە توغرا سىزىق
مەيداننىڭ ئىككى تەرىپىدىكى ئۇزۇن سىزىق يان سىزىق دەپ ئاتىلىدۇ ، ئىككى بېشىدىكى قىسقا سىزىق توغرا سىزىق دەپ ئاتىلىدۇ ، يان سىزىق بىلەن توغرا سىزىق مۇسابىقە مەيدانىنىڭ دائىرىسىنى بەلگىلەيدۇ ، شۇڭا تەنھەرىكەتچىلەر مۇشۇ دائىرە ئىچىدە ھەرىكەت قىلسا بولىدۇ ، بۇ دائىرىدىن ئۆزلۈكىدىن چىقىپ كېتىشكە ياكى ئۆزلۈكىدىن بۇ دائىرە ئىچىگە كىرىۋېلىشقا بولمايدۇ .
يان سىزىق ۋە توغرا سىزىقنىڭ رولى توپنىڭ مەيداندىن چىقىپ كەتكەن –كەتمىگەنلىكىگە ھۆكۈم قىلىشتىن ئىبارەت . توپ يەر يۈزىدىن ياكى يان سىزىق ۋە توغرا سىزىقتىن چىقىپ كەتسە ، بۇ توپ سىزىقتىن چىقىپ كەتكەن ئۆلۈك توپ بولۇپ ، سىرىتتىن توپ تاشلاش ياكى ۋاراتار رايونى توپى ۋە ياكى بۇلۇڭ توپى تېپىش ئارقىلىق مۇسابىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە بولىدۇ.
ئوتتۇرا مەيدان سىزىقى
مۇسابىقە مەيدانىنىڭ ئوتتۇرىسىدىن سىزىلغان توغرا سىزىق ئوتتۇرا مەيدان سىزىقى دېيىلىدۇ . ئوتتۇرا مەيدان سىزىقىنىڭ كەڭلىكى ئىككى تەرەپتىكى يېرىم مەيداننىڭ دائىرىسى ئىچىگە كىرىدۇ . ئۇنىڭ رولى شۇكى ، توپ باشلىغان ۋاقىتتا ئىككى تەرەپ كوماندا ئەزالىرى چوقۇم ئۆز يېرىم مەيدانى ئىچىدە تۇرۇشى كېرەك . رېپىر پۇشتەك چالغاندىن كېيىن توپنى باشلىغاندا توپ ئالدىغا باشلانسا مۇسابىقە باشلانغان بولىدۇ، كوماندا ئەزالىرى ئۆز يېرىم مەيدانىدا تۇرغاندا ئورۇندىن ھالقىش خاتالىقى مەۋجۇت بولمايدۇ ، ئوتتۇرا مەيداندىن توپ باشلىغاندا توپنى قارشى تەرەپ ۋاراتاسىغا بىۋاسىتە تېپىپ نومۇر ئېلىشقا بولىدۇ .
ۋاراتار سىزىقى
ۋاراتار تۈۋرۈكىنىڭ ئوتتۇرسىدىكى توغرا لىمىغا پاراللېل قىلىپ سىزىلغان سىزىق ۋاراتار سىزىقى دەپ ئاتىلىدۇ .
ئۇنىڭ رولى :① توپنىڭ ۋاراتارغا كىرگەن – كىرمىگەنلىكىنى بەلگىلەيدىغان ئۆلچەم سىزىقى بولۇپ ، پەقەت توپ ۋاراتار سىزىقىدىن يەر يۈزىنى بويلاپ ياكى بوشلۇقتىن ئۆتكەن بولسا توپ ۋاراتارغا كىرگەن بولۇپ ، قارشى تەرەپ بىر توپ ئۈستۈنلۈككە ئۆتكەن بولىدۇ .② نۇقتا توپ جازاسىنى ئىجرا قىلغاندا ۋاراتارغا قارىغۇچى ۋاراتار سىزىقىنىڭ ئۈستىدە ھەرىكەت قىلسا بولىدۇ .③ كوماندا ئەزالىرى ئۆزىگە تەۋە بولغان جازا توپ رايونى ئىچىدە قائىدىسىز ھەرىكەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارغاندا ، بۇنىڭغا رېپىر ۋاستىلىك ئىختىيارىي جازا توپ ھۆكۈم قىلغان بولسا ، مۇداپىئەچى ئەزالارنىڭ توپ بىلەن بولغان ئارىلىقى 9.15 مېتىر كەلمىسە ، مۇداپىئەچى ئەزالار ۋاراتار سىزىقىنىڭ ئۈستىدە تۇرۇپ مۇداپىئە قىلسا بولىدۇ .
ۋاراتار رايونى
ۋاراتار تۈۋرۈكىنىڭ ئىچ يېنىدىن باشلاپ ھېسابلاپ ھەر ئىككى تەرەپتىكى توغرا سىزىقنىڭ ئۈستىدىن 5.50 مېتىرلىق نۇقتىنى بەلگىلەپ ، شۇ نۇقتىدىن مەيداننىڭ ئىچىگە تىك قىلىپ 5.50 مېتىر سىزىقى سېزىمىز ، ئۇنىڭدىن كېيىن مەيداننىڭ ئىچىگە تىك قىلىپ سىزىلغان ئىككى سىزىقنى ئۆز- ئارا تۇتاشتۇرۇپ توغرا سىزىققا پاراللېل قىلىپ بىر سىزىق سېزىمىز ، بۇنىڭدىن ھاسىل بولغان رايون ۋاراتار رايونى دەپ ئاتىلىدۇ .
ئۇنىڭ رولى : ① ھۇجۇم قىلىۋاتقان تەنھەرىكەتچى توپنى توغرا سىزىقتىن تېپىپ چىقىرىۋەتسە شۇ توپنى مۇداپىئەچى تەرەپ ۋاراتار رايونىنىڭ كېسىشكەن سىزىقىنىڭ خالىغان بىرىگە مۇقىم قويۇپ تېپىپ مۇسابىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ . ② ۋاراتار رايونى ئىچىدە ۋاراتارغا قارىغۇچى قائىدىلىك ھالدا قوغدىلىدۇ . ③ ۋاراتار رايونىدىن توپنى بىۋاسىتە قارشى تەرەپ ۋاراتارسىغا كىرگۈزۈپ نومۇر ئېلىشقا بولىدۇ .
جازا توپ رايونى
ۋاراتار تۈۋرۈكىنىڭ ئىچ يېنىدىن باشلاپ ھەر ئىككى تەرەپتىكى توغرا سىزىقنىڭ ئۈستىگە 16.50 مېتىر قىلىپ نۇقتا بەلگىلىنىدۇ ، مۇشۇ نۇقتىدىن مەيداننىڭ ئىچىگە 16.50 مېتىر قىلىپ تىك سىزىق سىزىلىدۇ ، بۇ سىزىقلارنىڭ ئۇچىدىن باشلاپ توغرا سىزىققا پاراللېل قىلىپ بىر سىزىق سىزىلىپ تۇتاشتۇرىلىدۇ ، ئۇلاردىن ھاسىل بولغان بۇ دائىرە جازا توپ رايونى دەپ ئاتىلىدۇ .
ئۇنىڭ رولى : ① ۋاراتارغا قارىغۇچى ئۆزىگە تەۋە بولغان جازا توپ رايونى ئىچىدە توپنى قول بىلەن تۇتۇشقا بولىدۇ . ② كوماندا ئەزالىرى ئۆز جازا توپ رايونى ئىچىدە قائىدىسىزلىك قىلسا ، سادىر قىلغان قائىدىسىزلىكى بىۋاسىتە ئىختىيارىي جازا توپ ھۆكۈمىگە تەۋە بولسا نۇقتا توپ جازاسى ھۆكۈم قىلىنىدۇ . ئەگەر ۋاستىلىك ئىختىيارىي جازا توپ ھۆكۈمىگە تەۋە بولسا ۋاستىلىك ئىختىيارىي جازا توپ ھۆكۈم قىلىنىدۇ . ③ كوماندا ئەزالىرى ۋاراتار رايونى توپنى تەپكەندە ھەمدە مۇداپىئەچىلەر ئۆزىگە تەۋە بولغان جازا توپ رايونى ئىچىدە ئىختىيارىي جازا توپ تەپكەندە ، قارشى تەرەپ جازا توپ رايونىدىن چىقىپ كېتىشى كېرەك ، توپ جازا توپ رايونىدىن چىققاندىن كېيىن مۇسابىقە ئەسلىگە كەلگەن بولىدۇ . ④ نۇقتا توپ جازاسىنى ئىجرا قىلغاندا ، نۇقتا توپ تېپىدىغان تەنھەرىكەتچى بىلەن مۇداپىئەچى تەرەپنىڭ ۋاراتاسىدىن باشقا ھەر قانداق تەنھەرىكەتچى توغرا سىزىققا پاراللېل بولغان جازا توپ رايونى سىزىقىنىڭ سىرتىدا ياكى جازا توپ رايونى يايىسىنىڭ سىرتىدا تۇرۇشى كېرەك . ⑤ ۋاراتارغا قارىغۇچى ئۆزىگە تەۋە بولغان جازا توپ رايونى ئىچىدە توپنى تۇتقاندىن كېيىن ، جازا توپ رايونى سىزىقىدىن چىقىپ كەتمەي توپنى باشلاپ مۇسابىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرسە بولىدۇ .
بۇلۇڭ توپ رايونى
يان سىزىق بىلەن باش سىزىقىنىڭ تۇتاشقان نۇقتىسىنىڭ سىرىتقى تەرىپىنى مەركەز قىلىپ تۇرۇپ ، رادىئۇسى 1 مېتىر قىلىپ مەيداننىڭ ئىچىگە بىر قىسقا ياي سىزىلىپ ئۇزۇن سىزىق بىلەن توغرا سىزىقىنىڭ تۇتىشىشىدىن ھاسىل بولغان رايون بۇلۇڭ توپ رايونى دېيىلىدۇ .
ئۇنىڭ رولى :① بۇلۇڭ توپ تەپكەندە توپ چوقۇم بۇلۇڭ توپ رايونىنىڭ ئىچىگە قويۇلىشى كېرەك . ② تەنھەرىكەتچىلەر ھۇجۇم قىلىش جەريانىدا توپنى توغرا سىزىقتىن چىقىرىۋەتسە ، ئۇ ۋاراتار رايونى توپى بولىدۇ ، مۇداپىئەچى ئۆزىگە تەۋە بولغان توغرا سىزىقتىن تېپىپ چىقىرىۋەتسە ،ئۇ بۇلۇڭ توپ بولىدۇ .
جازا توپ نۇقتىسى
ۋاراتار سىزىقىنىڭ ئوتتۇرىسىدىن مەيداننىڭ ئىچىگە تىك قىلىپ 11 مېتىرلىق بىر نۇقتا بەلگىلىنىپ ، شۇ نۇقتىدىن رادىئۇسى 0.22 سانتىمېتىر بولغان بىر يۇمىلاق چېكىت قويۇلىدۇ ، مانا بۇ نۇقتا جازا توپ نۇقتىسى دەپ ئاتىلىدۇ .
ئۇنىڭ رولى : نۇقتا توپ تەپكەندە ، توپ چوقۇم جازا توپ نۇقتىسىغا قويۇلىشى كېرەك . يامغۇرنىڭ ھۆل قىلىۋېتىشى بىلەن جازا توپ نۇقتىسىنى پەرق ئېتەلمىسە، ئۇنىڭ ئورنىنى رېپىر بېكىتىپ بەرسە بولىدۇ .
توپ باشلاش نۇقتىسى
ئوتتۇرا مەيدان سىزىقىنىڭ مەركىزىي نۇقتىسى توپ باشلاش نۇقتىسى بولىدۇ .
ئۇنىڭ رولى : ① توپ باشلىغان ۋاقىتتا توپنى ئوتتۇرا مەيدان سىزىقىنىڭ مەركىزىي نۇقتىسىغا مۇقىم قويۇش كېرەك . ② مۇسابىقە جەريانىدا ھۇجۇم قىلۋاتقان كوماندا بىر توپ ئۇتقاندا ، توپ ئۇتتۇرغان تەرەپ ، توپنى توپ باشلاش نۇقتىسىغا قويۇپ باشلاش ئارقىلىق مۇسابىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ .
ئوتتۇرا مەيدان چەمبىرىكى ( مەركىزىي چەمبەر )
توپ باشلاش نۇقتىسى مەركەز قىلىنىپ رادىئۇسى 9.15 مېتىرلىق بىر چەمبەر سىزىلىدۇ ، مانا بۇ چەمبەر ئوتتۇرا مەيدان چەمبىرىكى ( مەركىزىي چەمبەر ) دەپ ئاتىلىدۇ .
ئۇنىڭ رولى : ئوتتۇرا مەيداندىن توپ باشلىغاندا ، مۇداپىئە قىلىۋاتقان تەنھەرىكەتچىلەر بۇ چەمبەرنىڭ سىرتىدىكى ئۆز يېرىم مەيدانىدا تۇرۇشى ، توپ باشلاشتىن ئىلگىرى چەمبەر ئىچىگە كېرىۋالماسلىقى كېرەك .
جازا توپ رايونى يايىسى
جازا توپ رايونى يايىسى نۇقتا توپ نۇقتىسىنى مەركەز قىلىپ رادىئۇسى 9.15 مېتىر قىلىپ جازا توپ رايونىنىڭ ئۇزۇن سىزىقىغا بىر ياي سىزىلىدۇ ، مانا بۇ جازا توپ رايونى يايىسى دەپ ئاتىلىدۇ .
ئۇنىڭ رولى : نۇقتا توپ جازاسى ئىجرا قىلغاندا ، جازا ئىجرا قىلغۇچى ئەزادىن باشقا ئەزالار ، يايىنىڭ سىرتىدا بولۇشى كېرەك .
بۇلۇڭ بايرىقى
① بۇلۇڭ بايرىقى مەيداننىڭ تۆت ئەتراپىنىڭ بەلگىسى ، ئۇ يان سىزىق بىلەن توغرا سىزىق كېسىشىدىغان نۇقتىنىڭ سىرتقى قىرىدا تىكلىنىپ تۇرىدۇ .
②بۇلۇڭ بايرىقى تايىقىنىڭ ئېگىزلىكى 1.50 مېتىردىن پەس بولماسلىقى ، تاياقنىڭ چوققا قىسمى يۇمىلاق ، تەكشى بولۇشى كېرەك . بۇنداق بولغاندا كوماندا ئەزالىرىغا سانجىلىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ ، بۇلۇڭ بايرىقىنىڭ رەڭگى ياردەمچى رېپىرىنىڭ قولىدىكى بايراق ۋە مەيداننىڭ رەڭگى بىلەن پەرقلىنىپ تۇرىشى لازىم . كەچتە ئېلىپ بېرىلغان مۇسابىقىدە چىراغ ئىشلەتكەندە ئاق رەڭلىك بۇلۇڭ بايرىقىنى ئىشلەتسە بولىدۇ ، بۇلۇڭ بايرىقىنى ئادەتتىكى رەخت ياكى يىپەك رەختتىن ياسىسا بولىدۇ ، ئۆلچىمى ئادەتتە 30 سانتىمېتىردىن 40 سانتىمېتىرغىچە ( بۇلۇڭ بايرىقىنىڭ رەختى) بولسا ئۆلچەملىك بولىدۇ .
ئوتتۇرا مەيدان بايرىقى
ئوتتۇرا مەيدان سىزىقىنىڭ يان تەرىپىنىڭ يان سىزىقىدىن 1 مېتىر سىرتقا قويۇلىدۇ ، چوڭ-كىچىكلىكى بۇلۇڭ بايرىقى بىلەن ئوخشاش بولىدۇ ، رەڭگى ئوخشىمايدىغان بۇلۇڭ بايرىقىدىن بىرنى تىكلىسە بولىدۇ ، ئۇنىڭ ئورۇندىن ھالقىغاندا ھۆكۈم قىلىشقا پايدىسى بار .
ۋارىتار
رەسمىي مۇسابىقىلەردە ۋارىتار مۇقىم ئورنىتىلغان بولىدۇ ، ۋارىتار تۆمۈرى ( ياكى ياغىچى ) رەڭلىك ياكى ئاق رەڭلىك بولسا بولىدۇ ، ھەممە تەرەپ تەڭ بولىدۇ ، ئىككى خادىنىڭ تۆۋەن تەرىپىنى ( يەر يۈزىدىن 40 سانتىمېتىر ) قارا بىلەن بويۇۋەتسىمۇ بولىدۇ . تەنھەرىكەتچىلەر ۋارىتارنىڭ توغرا تۆمۈرىگە ئېسىلىشقا بولمايدۇ ، ئەگەر ئېسىلسا ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىش كېرەك .
ۋارىتارنىڭ تورى
①ۋارىتار تورىنىڭ رولى : توپنىڭ ۋارىتار ئىچىگە كىرگەن – كىرمىگەنلىكىنى ئېنىق پەرق ئېتىشكە ياردەم بېرىدۇ ، شۇڭا ۋارىتار تورى ۋارىتارنىڭ ئارقىسىغا ئېسىلىپ ۋارىتارنىڭ توغرا تۆمۈرىگە ، تىك خادىغا ۋە يەرگە مۇقىم بېكىتىلىدۇ ، توپ ئۆتۈپ كېتىدىغان بولۇپ قالسا ياكى توپ قاڭقىپ مەيدان ئىچىگە قايتىپ چىقىدىغان بولۇپ قالسا بولمايدۇ ، ئىلمەكنى تىك خادىنىڭ يان تەرىپىگە ۋە توغرا تۆمۈرنىڭ تۆۋەن تەرىپىگە قاقسا بولمايدۇ .
② ۋارىتار تورى مۇۋاپىق تارتىلغان بولۇپ ، ۋارىتارغا قارىغۇچىنىڭ ھەرىكەت قىلىشىغا بوشلۇق يارىتىپ بېرىش ، شۇنداقلا توپ يېنىپ چىقماسلىق لازىم . ئادەتتە ۋارىتار تورىنى ۋارىتارنىڭ ئارقىسىدىن يىپ بىلەن تارتىپ ئىلىش ئۇسۇلى كۆپ قوللىنىلىدۇ .
مەيداننىڭ تۆت ئەتراپى
① خەلقئارا پۇتبولچىلار ئىش بېجىرىش جەمئىيىتىنىڭ قارارىغا ئاساسەن ، توپ مەيدانىدىكى توغرا سىزىقنىڭ سىرتىغا ئاپپاراتچى خادىملار چەكلىمە سىزىقى سىزىش ، ئېلان تاختىسى ئاپپاراتچى خادىملار چەكلىمە سىزىقىنىڭ سىرتىدا تۇرۇشى ، مۇخبىرلار ۋە باشقا خادىملار ئېلان تاختىسىنىڭ ئارقىدا تۇرۇشى ، يان سىزىققا 6 مېتىر بولغان ئارلىقتا تاماششبىنلار ۋە رېپىرلار توسالغۇ بولماسلىق لازىم .
② تەييارلىق ھالىتىدە تۇرغان يان رېپىرىنىڭ ئورنى مەيدان سىرتى بىلەن ئوتتۇرا مەيدان سىزىقىغا تەكشى بولغان ئۇزارتىلغان سىزىققا يېقىن ئورۇندا بولىدۇ . زاپاس ئەزالارنىڭ ئورنى مەيدان سىرتى ۋە ئوتتۇرا سىزىققا تەكشى بولغان جازا توپ رايونى سىزىقىنىڭ ئۇدۇلىدا بولىدۇ ، ئىككى تەرەپنىڭ يان سىزىق بىلەن بولغان ئارىلىقى 5 مېتىر بولىدۇ ، ھەر قايسى كوماندىلارنىڭ ئادەم سانى 11 دىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك .تېرىنىر بىلەن باشقا ئەزالار قاتتىق ۋارقىراپ ( مەيدان سىرتىدا )مۇسابىقىگە دەخلى قىلماسلىقى ۋە مەيداننىڭ سىرتىدا مېڭىپ يۈرۈپ بۇيرۇق بەرمەسلىكى كېرەك . بۇنداق ئەھۋاللار بولسا ، مەيدان سىرتىدىكى رېپىرلار توسۇشى كېرەك . ئالمىشىدىغان تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ ئورنى ئوتتۇرا مەيدان سىزىقىغا يېقىن جايدا بولۇشى كېرەك .
مەيدان تەكشۈرۈش
مۇسابىقە مەيدانىنى تەكشۈرۈش رېپىرلارنىڭ خىزمىتى ، پەقەت رېپىرلار مۇسابىقە مەيدانىنى قائىدىدە بەلگىلەنگەن بەلگىلىمە مۇۋاپىق ياكى مۇۋاپىق ئەمەس دېيىشكە ھوقۇقلۇق . مۇسابىقە باشلىنىشتىن بۇرۇن ۋە ئارلىقتىكى دەم ئېلىش ۋاقتىدا ئېنىق بولمىغان چېگرا سىزىقلىرىنى ئادەم بۇيرۇپ قايتا سىزدۇرىدۇ . يامغۇر ياكى قار يېغىش تۈپەيلىدىن مەيدان پاتقاق بولۇپ كېتىپ سىزىقلار ئېنىق بولماي قالغاندا ، مەيداننىڭ تۆت ئەتراپىنىڭ بەلگىلەنگەن ئۇزۇنلۇقىغا ئون دانە كىچىك بايراق قادىلىدۇ ، ھەر بىر كىچىك بايراق چېگرا سىزىقىنىڭ 1 مېتىر سىرتىدا بولىدۇ ، كىچىك بايراقنىڭ ئۆلچىمى بۇلۇڭ بايرىقىغا ئوخشاش بولۇپ رېپىرىنىڭ ھۆكۈم قىلىشىغا ياردەم بېرىدۇ .
2.مۇسابىقە توپى
مۇسابىقىگە ئەڭ كەم دېگەندە ئىككى دانە توپ تەييارلىنىش ، رەسمىي مۇسابىقىدە ئىشلىتىلدىغان توپ چوقۇم قائىدىدە بەلگىلەنگەن بەلگىلىمە تەلىپىگە ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك .
ئۇنىڭ ئۆلچىمى : توپ يۇمىلاق ، تېشى تېرىدىن ياكى يول قويۇلغان ماتېرىيالدىن ئىشلىنىشى كېرەك ، مۇسابىقىدە رېزىنكە توپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ ، توپنىڭ ئايلانما ئۇزۇنلۇقى 68 سانتىمېتىردىن 71 سانتىمېتىرغىچە ، مۇسابىقە باشلىنىش ئالدىدىكى ئېغىرلىقى 396 گرامدىن 453 گرامغىچە بولۇشى كېرەك ، يەل بېرىلگەندىن كېيىنكى بېسىمى 0.6 ئاتموسفېرا بېسىمىدىن 1.1 ئاتموسفېرا بېسىمىغىچە بولۇشى كېرەك .
توپنىڭ رەڭگى ئاق – قارا بولۇشى ، تەنھەرىكەتچىلەر ئېنىق كۆرەلەيدىغان بولۇشى كېرەك . توپنىڭ رەڭگى بىلەن مەيداننىڭ رەڭگى چوقۇم پەرقلىق بولۇشى ، كەچتە چىراغ نۇرىدىكى مەيداندا ئىشلىتىلىدىغان توپنىڭ رەڭگى چوقۇم ئاق ياكى قارا بولۇشى كېرەك ، رېپىر مۇسابىقە باشلىنىشتىن بۇرۇن مۇسابىقە توپىنى تەكشۈرۈش كېرەك . رېپىرىنىڭ رۇخسىتىسىز مۇسابىقە توپىنى ئالماشتۇرۇشقا بولمايدۇ . مۇسابىقە باشلىنىشتىن بۇرۇن توپنىڭ ئېغىرلىقىنى تەكشۈرىش كېرەك ، مۇسابىقە جەريانىدا ئۆزگۈرۈشلەر بولسا ئادەتتە رېپىرىنىڭ رۇخسىتى بىلەن توپنى ئالماشتۇرسا بولىدۇ . مەيدان لاي ، پاتقاق بولۇپ كېتىپ توپنىڭ ئىغىرلىقنى ئاشۇرۋەتسە رېپىر دەل ۋاقتىدا دەرھال توپنى ئالماشتۇرۇش ، ئەگەر توپ چېگرا سىزىقىدىن چىقىپ كېتىپ توپنى ئېلىپ كېلىشكە كۆپرەك ۋاقىت كېتىپ قالسا ، رېپىر دەرھال توپنى ئالماشتۇرۇپ مۇسابىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ، ئەمما توپ ئۆلۈك توپقا ئايلانغاندا ئەسلىدىكى مۇسابىقە توپىنى ئالماشتۇرۇۋېلىش كېرەك . ئەگەر مەيدان سۇ ، لاي ، پاتقاق بولۇپ كەتسە سۇدىن مۇداپىئەلىنىدىغان توپ ئىشلىتىش لازىم .
بىر مەيدان مۇسابىقىدە ئىككى دانە توپ تەييارلىنىدۇ . ( بىرسى مۇسابىقە توپى يەنە بىرسى زاپاس توپ ) رەسمىي مۇسابىقىدە مەيدانغا مەسئۇل ئادەم توپنى ئۆلچەيدىغان ئەسۋاب ، ئېغىرلىقىنى ، يەل بىسىمىنى ئۆلچەيدىغان ئەسۋاب قاتارلىقلارنى ۋە مۇسابىقە توپىنى تەكشۈرىدۇ . مۇسابىقە باشلىنىشتىن بۇرۇن رېپىر توپنى تەنھەرىكەتچىگە سىناپ بېقىشقا بىرسىمۇ بولىدۇ ، ئەگەر كوماندا ئەزالىرى توپنى سىناپ بېقىشنى تەلەپ قىلسا رېپىر ئىككى تەرەپكە توپنى سىناشقا بىرىدۇر . مۇسابىقە ئاياغلاشقاندىن كېيىن رېپىر توپنى دەرھال مۇسابىقىنى ئورۇنلاشتۇرغان ئورۇنغا تاپشۇرۇپ بېرىشى كېرەك .
مۇسابىقە جەريانىدا ئەگەر ۋارىتار رايونى توپى ، بۇلۇڭ توپ ، ئىختىيارىي جازا توپ ، نۇقتا توپ ، سىرىتتىن تاشلايدىغان توپ تېپىلىپ ياكى تاشلاپ چىقىرىلىپ باشقا ئەزالار بىلەن ئۇچرىشىشتىن بۇرۇن يېرىلىپ كەتسە ياكى يېلى چىقىپ كەتسە ، رېپىر دەرھال توپنى ئالماشتۇرۇپ قائىدە بويىچە قايتىدىن تېپىپ ياكى توپنى تاشلاپ مۇسابىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش كېرەك . ئۇزارتىلغان ۋاقىتتىكى نۇقتا توپ ئىجرا قىلىنغاندا توپ ۋارىتارنىڭ توغرا تۆمۈرىگە تېگىپ يېرىلىپ كەتسە مۇسابىقە ئاخىرلىشىدۇ ، مۇسابىقە ئېلىپ بېرىلىۋاتقاندا بىر ئەزا توپنى ۋارىتارغا ئۇرغان بولسا ، توپ ۋارىتارغا كىرىشتىن بۇرۇن يىلى چىقىپ كېتىپ ، ۋارىتارغا كىرگەن بولسا كىرگەن توپ ھېساب بولمايدۇ . يىلى چىقىپ كەتكەن توپنى ئالماشتۇرۇپ توپ تاشلاپ بېرىش ئارقىلىق مۇسابىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە بولىدۇ . ئەمما رېپىر توپ ۋارىتارغا كېرىپ بولغاندىن كېيىن يىلى چىقىپ كەتتى دېسە ، بۇ توپ كىرگەن توپ ھېسابلىنىپ ، توپنى ئالماشتۇرۇپ ئوتتۇرا مەيداندىن توپنى باشلاش ئارقىلىق مۇسابىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ .
3.مۇسابىقە ئادەم سانى
مۇسابىقە ھەر بىر كوماندىدىن 11 نەپەر ئەزا مەيدانغا چۈشىدۇ ، بۇنىڭ ئىچىدە بىر نەپەر ئەزا چوقۇم ۋارىتار ساقلىغۇچى بولىدۇ ، مۇسابىقىنى باشلاش ياكى ئېلىپ بېرىشتا مەلۇم كوماندا ئەزاسىنىڭ سانى يەتتىگە يەتمىگەن مۇسابىقىنى ئېلىپ بىرىشقا بولمايدۇ . ئەگەر مۇسابىقە جەريانىدا مەلۇم كوماندا ئەزاسى 12 نەپەر بولۇپ قالسا ، رېپىر دەرھال مۇسابىقىنى توختىتىپ مەيدانغا كېرىۋالغان زاپاس ئەزاغا جازا بېرىپ مەيداندىن چىقىرىۋېتىپ ، توپنى توختاتقان ئورۇندىن تاشلاپ بېرىش ئارقىلىق مۇسابىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ .
مەيدانغا چۈشكەن ھەر ئىككى كوماندىنىڭ ئىچىدە بىر نەپەر ۋارىتارغا قارىغۇچى بولۇش ، ئەگەر مەلۇم كوماندا ۋارىتار قويماي مۇسابىقە ئويناشنى تەلەپ قىلسا رېپىر بۇ تەلەپكە قوشۇلماسلىقى كېرەك . مۇسابىقە جەريانىدا ۋارىتارغا قارىغۇچى بىلەن مەيدان ئىچىدىكى تەنھەرىكەتچىلەر ئۆز – ئارا ئالمىشىشقا بولىدۇ ، ئەمما رېپىرىنىڭ رۇخسىتىنى ئالغاندىن كېيىن ئالمىشىشى كېرەك . رېپىرغا دىمەي ئالمىشىۋالسا ھەمدە مۇسابىقە داۋاملىشىۋاتقان ۋاقىتتا رېپىر سىزىپ قالغان بولسا ، مۇسابىقە ئۆلۈك توپقا ئايلانغاندىن كېيىن ھەر ئىككى ئەزاغا ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىش ، رېپىرغا دېمەي ئالماشقان تەنھەرىكەتچى توپنى تۇتقان بولسا نۇقتا توپ جازاسى ھۆكۈم قىلىشى كېرەك . خەلقئارالىق مۇسابىقىلەردە مەيداندىن ئالمىشىدىغان تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ سانى ئىككىدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى ، ئالمىشىدىغان ئەزالار مۇسابىقە باشلىنىشتىن بۇرۇن ئالمىشىدىغان ئەزالار جەدۋىلىگە يېزىلغان بولۇشى كېرەك .
مۇسابىقە باشلىنىشتىن بۇرۇن ئەگەر كوماندا ئەزالىرىدا ئىنتىزامغا بويسۇنمايدىغان ۋە رېپىر بىلەن جېدەل چىقىرىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلسە ، رېپىر شۇ كوماندا ئەزاسىنىڭ شۇ مەيداندىكى مۇسابىقىگە قاتنىشىش ھوقۇقىنى ئېلىپ تاشلىسا بولىدۇ . زاپاس ئەزالار تىزىملىكىدە بار بولغان بىر ئەزا بۇ ئەزانىڭ ئورنىغا ئالمىشىپ مەيدانغا چۈشسە بولىدۇ . ئەمما ئالماشتۇرۇلغان ئادەم سانىغا كىرمەيدۇ ، لېكىن مۇسابىقە ۋاقتىنى سوزۇشقا بولمايدۇ . يېرىم مەيدان مۇسابىقە ئاخىرلىشىپ ئارام ئېلىش ۋاقتىدا مۇسابىقىگە قاتنىشىش سالاھىيىتى ئېلىپ تاشلانغان كوماندا ئەزاسىنىڭ ئورنىغا ئادەم تولۇقلاشقا بولمايدۇ .
تەنھەرىكەتچىلەر تۆۋەندىكى ئەھۋاللاردا ئۆزلۈكىدىن مەيداندىن چىقىپ كەتكەن ھېسابلانمايدۇ :
تەنھەرىكەتچى ناھايىتى تېز يۈگۈرگەنلىكتىن ئۆزىنى كونترول قىلالماي مەيداندىن چىقىپ كەتسە ، ئۆزلۈكىدىن مەيداندىن چىقىپ كەتتى دەپ ھۆكۈم قىلىشقا بولمايدۇ.
تەنھەرىكەتچى بىر توپ ئۇرغاندا خۇشاللىقىنى باسالماي يۈگۈرۈپ مەيداندىن چىقىپ كەتسە ، ئۆزلۈكىدىن مەيداندىن چىقىپ كەتتى دەپ ھۆكۈم قىلىشقا بولمايدۇ.
تەنھەرىكەتچىلەر توغرا سىزىق ياكى يان سىزىق ئەتراپىدا توپ ئېلىپ مېڭىش جەريانىدا مۇداپىئەچىدىن توپنى ئۆتكۈزۈپ ، ئۆزى سىزىق سىرتىدىن يۈگۈرۈپ مەيدان ئىچىگە كىرگەن بولسا ، تەنھەرىكەتچىگە ئۆزلۈكىدىن مەيداندىن چىقىپ كەتتى دەپ ھۆكۈم قىلىشقا بولمايدۇ.
سىزىق ئەتراپىدىكى توپنى تېپىش ئۈچۈن سىرتتىن ياردەمچى يۈگۈرۈپ كىرىپ تەپكەن بولسا ، بۇنداق تەنھەرىكەتچىلەرنى ئۆزلۈكىدىن مەيداندىن چىقىپ كەتتى دەپ ھۆكۈم قىلىشقا بولمايدۇ.
ئورۇندىن ھالقىپ كېتىش ئورنىدا تۇرغان تەنھەرىكەتچىلەر ئورۇندىن ھالقىش خاتالىقىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن مەيدان سىرتىغا چىقىپ كەتسە ئۆزلۈكىدىن مەيداندىن چىقىپ كەتكەن دەپ ھۆكۈم قىلىشقا بولمايدۇ . لېكىن مۇداپىئەچى ئەزالار ئورۇندىن ھالقىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئۈچۈن ، مەيداننىڭ سىرتىغا چىقىۋېلىشقا بولمايدۇ .
4. تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ كىيىم كېچىكى
ئوخشاش بىر كوماندىدىكى ئەزالار ( كۆڭلەك ، كۇسار ۋە پايپاق ) نىڭ رەڭگى چوقۇم بىردەك بولۇشى ، شۇنداقلا قارشى تەرەپنىڭ كىيىمى بىلەن پەرقلىق بولۇشى ، مەيدانغا چۈشىدىغان ئەزالارنىڭ كىيىمى رەتلىك بولۇشى ، كۆينەكنىڭ ئاستىنى كۇسارنىڭ ئىچىگە تىقىۋېلىشى كېرەك . سوغۇق بولغاندا ۋارىتارغا قارىغۇچى نۇمۇرى بار كۇسار كىيىشى كېرەك ، كۇسارنىڭ پۇشقىقى پايپاقنىڭ ئىچىگە سېلىنىشى كېرەك .
تەنھەرىكەتچىلەر باشقا ئەزالارنى زەخمىلەندۈرىدىغان نەرسىلەرنى تاقاپ مەيدانغا چۈشىسە بولمايدۇ . مەسىلەن : سائەت ، ئۈزۈك ، خاتىرە ئىزنىكى ، يېڭنە ، تۆمۈر تۈگمە ، كۆز ئەينەك ، يېنىك مېتاللاردىن ياسالغان تۈگمىسى بار تاسما ۋە تىزلىق ، ۋارىتارنىڭ قاتتىق چېكىلىكى بار شەپكە كىيگەنلىكىنى رېپىر كۆرۈپ قالسا ئېلىۋېتىشكە بۇيرۇيدۇ ، ئەگەر ئۇنىمىسا مۇسابىقىگە قاتناشتۇرمىسا بولىدۇ .
رەسمىي مۇسابىقىدە پۇتبول ئايىقى ( بوتىس ) كىيىشى ، چوقۇم پۇت ئاسرىغۇچنى تاقىشى لازىم . مۇسابىقە جەريانىدا پۇتبول ئايىقىنى ۋە پۇت ئاسرىغۇچنى ئېلىۋەتكەن بولسا ، رېپىر بۇنىڭغا رۇخسەت قىلماسلىقى كېرەك .
مۇسابىقىدىن بۇرۇن رېپىرلار چوقۇم تەنھەرىكەچىلەرنىڭ كىيىمىنى تەكشۈرىدۇ ( ئاياق مىخىنى ، پۇت ئاسرىغۇچنى ئەستايىدىللىق بىلەن تەكشۈرۈش كېرەك ) ، بۇلار بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن كېيىن مۇسابىقىگە قاتناشتۇرۇشى كېرەك . مۇسابىقە جەريانىدا ئەگەر رېپىر زۆرۈرىيتى بار دەپ قارىسا ، توپ ئۆلۈك توپقا ئايلانغاندا تەھەرىكەتچىلەرنىڭ كېيىم – كېچىكىنى تەكشۈرسە بولىدۇ .
مۇسابىقە باشلىنىشتىن بۇرۇن رېپىر ئايرىم كوماندا ئەزالىرىنىڭ كىيىملىرىنى تۈزۈۋالسۇن دەپ مۇسابىقە ۋاقتىنى سوزۇشقا بولمايدۇ ، مۇسابىقىنى باشلىغاندىن كېيىن توپ ئۆلۈك توپقا ئايلانغاندا مەلۇم بىر كوماندىنىڭ ئەزاسىغا مەيداندىن چىقىپ كېيىم كېچىكىنى رەتلەش بۇيرىقىنى قىلسا ، بۇ ۋاقىتتا مەيدان سىرتىدىكى زاپاس ئەزا ئالماشسا بولمايدۇ . مەيدان سىرتىغا چىقىپ كېيىم – كېچىكىنى رەتلىگەن ئەزا توپ ئۆلۈك توپقا ئايلانغاندا ، رېپىر تەكشۈرۈپ رۇخسەت قىلغاندىن كېيىن مەيدانغا چۈشسە بولىدۇ . ئەگەر شۇ ئەزا ئۆزلۈكىدىن مەيدانغا كىرسە رېپىر مۇسابىقىنى توختىتىپ شۇ ئەزاغا ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ ، قارشى تەرەپ ۋاستىلىك ئىختىيارىي جازا توپ تېپىش ئارقىلىق مۇسابىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ . ئەگەر ئۆزلۈكىدىن مەيدانغا كىرىۋالغان تەنھەرىكەتچى ئۆزىگە تەۋە بولغان جازا توپ رايونى ئىچىدە توپنى تۇتۇۋالسا ، رېپىر دەرھال پۇشتەك چېلىپ شۇ تەنھەرىكەتچىگە ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىپ ، قارشى تەرەپ نۇقتا توپ تېپىش ئارقىلىق مۇسابىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ .
كوماندا ئەزالىرىنىڭ كۆڭلىكىنى ئارقىسىدىكى نۇمۇر چوڭ ، ئېنىق بولۇش ، كۇسارنىڭ سول پۇت تەرىپىگە نومۇر سېلىش ھەمدە بەلگىلىمىگە مۇۋاپىق بولۇش ، نومۇرنىڭ رەڭگى كۆڭلەك ۋە كۇسار بىلەن پەرقلىنىپ تۇرۇش ، بىر كوماندا ئەزالىرىدا ئوخشاش نومۇر بولماسلىق ، كوماندا باشلىقى چوقۇم كوماندا باشلىقىلىق يەڭ بەلگىسىنى تاقاپ مەيدانغا چۈشۈشى لازىم .
يېرىم مەيدان مۇسابىقە ۋاقتى توشۇپ ئارام ئالغان چاغدا ھەر قايسى كوماندىلار كىيىم ئالماشتۇرسا بولىدۇ ، ئەمما تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ نومۇرى ئۆزگەرمەيدۇ ، كىيىمىنىڭ رەڭگى بەلگىلىمە تەلىپىگە ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك .
مۇسابىقە جەريانىدا بىر تەرەپ پۇتبول ئايىقى يەنە بىر تەرەپ رېزىنكە ئاياق كىيىپ مۇسابىقە ئويناشقا بولمايدۇ .
5. مۇسابىقە ۋاقتى
رەسمىي مۇسابىقە ۋاقتى 90 مىنۇت بولىدۇ ، ئالدىنقى يېرىم مەيدان 45 مىنۇت ، كېيىنكى يېرىم مەيدان 45 مىنۇت ، ئارىلىقتىكى ئارام ئېلىش ۋاقتى 10 مىنۇت بولىدۇ . ئەگەر رېپىر مۇسابىقە ۋاقتىنى مۇددەتتىن بۇرۇن ئاخىرلاشتۇرۇپ قالغان بولۇپ ، تەنھەرىكەتچىلەر تېخى مەيداندىن ئايرىلمىغان بولسا ، مۇسابىقىنى ۋاقىت توشقىچە داۋاملاشتۇرسا بولىدۇ . تەنھەرىكەتچىلەر ئويناشقا ئۇنىمىسا ياكى مەيداندىن ئايرىلىپ بولغان بولسا ، رېپىر بۇ ئەھۋالنى مۇسابىقىنى كومىتېتىغا دوكلات قىلىشى كېرەك .
مۇسابىقە ۋاقتى رېپىر پۇشتەك چېلىش بىلەن توپنىڭ پۈتۈن گەۋدىسى بىر ئايلانغاندىن باشلاپ ھېسابلىنىدۇ . مۇسابىقىدە ئىسراپ بولغان ۋاقىتنى رېپىر تولۇقلاپ بېرىدۇ .
تۆۋەندىكى ئەھۋاللار ئاستىدا رېپىر مۇسابىقە ۋاقتىنى تولۇقلاپ بەرسە بولىدۇ :
① ئادەم ئالماشتۇرغاندا چىقىپ كەتكەن ۋاقىتنى تولۇقلاپ بەرسە بولىدۇ .
② كوماندا ئەزالىرى يارىلىنىپ مەيدان ئىچىدە داۋالاش ئېلىپ بارغان ياكى مەيداندىن ئىلىپ چىقىپ كەتكىچە بولغان ۋاقىتنى تولۇقلاپ بەرسە بولىدۇ .
③ تاماششبىنلار مەيدان ئىچىگە كىرىۋېلىپ مۇسابىقىگە كاشىلا قىلىپ قىسقا ۋاقىت توختاتقاندا چىقىپ كەتكەن ۋاقىتنى تولۇقلاپ بەرسە بولىدۇ .
④ توپ سىرىتقا چىقىپ كېتىپ يىراقلاپ كەتسە بۇ ۋاقىتنى تولۇقلاپ بەرسە بولىدۇ .
⑤ ھاۋا كىلىماتىنىڭ تەسىرىدىن مۇسابىقىنى قىسقا ۋاقىت توختاتقاندا بۇ ۋاقىتنى تولۇقلاپ بەرسە بولىدۇ .
⑥ كوماندا ئەزالىرى قەستەن ۋاقىتنى سۈرۈۋەتسە ، بۇنىڭدا چىقىپ كەتكەن ۋاقىتنى تولۇقلاپ بەرسە بولىدۇ .
⑦ توپ يېرىلىپ كېتىپ ياكى يېلى چىقىپ كېتىپ توپ ئالماشتۇرغاندا ئىسراپ بولغان ۋاقىتنى تولۇقلاپ بەرسە بولىدۇ .
ئىختىيارىي توپ ، ۋارىتار رايونى توپى ، بۇلۇڭ توپ ، سىرىتتىن توپ تاشلاش ياكى توپ ۋارىتارغا كىرگەندىن كېيىن ، كوماندا ئەزالىرى ئۇزۇن ۋاقىت چۇقان سېلىشىپ ۋاقىتنى سوزسا ، رېپىر تەنھەرىكەتچىلەرنى قەستەن ۋاقىتنى سوزدى دەپ ئاگاھلاندۇرۇش بەرسە بولىدۇ . ۋاراتار توپنى تۇتۇپ 6 سېكۇنت ئىچىدە توپنى باشلىماي قەستەن ۋاقىتنى سوزسا ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىپ ، قارشى تەرەپ ۋاستىلىك ئىختىيارىي جازا توپ تېپىش ئارقىلىق مۇسابىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ .
توپ مەيلى قايسى ئورۇندا بولمىسۇن ، مۇسابىقە ۋاقتى توشقاندا پۇشتەك چىلىنىش كېرەك . ئەگەر پۇشتەك چىلىنىپ بولغاندىن كېيىن توپ ۋاراتارغا كىرگەن بولسا بۇ توپ ھېساب قىلىنمايدۇ .
مۇسابىقە ۋاقتى توشۇشقا ئاز ( بىر مىنۇت ئىچىدە ) قالغاندا نۇقتا توپ جازاسى ھۆكۈم قىلىنغان بولسا ، بۇ ۋاقىتنى يەنە نۇقتا توپ جازاسىنى ئىجرا قىلىپ بولغىچە ئۇزارتىپ بەرسە بولىدۇ ، نۇقتا توپ تېپىلىپ بولغاندىن كېيىن توپ كىرسۇن ياكى كىرمىسۇن ، مۇسابىقە ۋاقتى توشقان بولىدۇ .
ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە ئىككى تەرەپ تەڭ بولۇپ قالسا ، مۇسابىقە ۋاقتى 30 مىنۇت ئۇزارتىلىدۇ ، ئالدىنقى يېرىم مەيدان 15 مىنۇت ، كېيىنكى يېرىم مەيدان 15 مىنۇت بولىدۇ ، ئارلىقتا ئارام ئېلىش ۋاقتى بولمايدۇ . ئەگەر مۇشۇ 30 مىنۇت ئىچىدە قايسى كوماندا باشتا بىر توپ ئۇرىۋالسا مۇسابىقە ۋاقتى توشقان بولىدۇ ، 30 مىنۇتقىچە ئۇرالماي قالسا ، نۇقتا توپ تېپىش ئارقىلىق مۇسابىقە نەتىجىسى چىقىرىلىدۇ .
رېپىر مۇسابىقە ۋاقتىنى توغرا ئىگىلەش ئۈچۈن ، ئۆزى تولۇق تەييارلىق قىلغاندىن سىرت ، ياردەمچى رېپىرلارغا مۇسابىقە ۋاقتى توشۇشتىن 3 مىنۇت بۇرۇن بەلگە بېرىشنى تاپىلاش ۋە خاتىرىلەش سەھنىسىگە ۋاقىت توشۇشقا 3 مىنۇت قالغاندا بەلگە بېرىشنى تاپىلاش كېرەك .
پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ قارشىلىشىشى كۈچلۈك ، ئۇنىڭ ئۈستىگە مۇۋاپىق سوقۇلۇشقا يول قويۇلىدىغان بولغاچقا ، كەسكىن تالىشىش جەريانىدا قائىدىگە خىلاپ بولغان ھەرىكەتلەردىن ساقلىنىش قىيىن ،شۇنداقلا رېپىرلارنىڭمۇ ھۆكۈم قىلىشىمۇ تەسكە چۈشىدۇ ، شۇڭا رېپىر قائىدىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ ۋە تەشۋىق قىلىپ مۇۋاپىق ھەرىكەتلەر بىلەن قەستەن قائىدىگە خىلاپلىق قىلىش ، بولۇپمۇ ھەرىكەتلەرنىڭ چېكىنى پەرق ئېتىش ۋە ئايرىش كېرەك . ھەر خىل ئەھۋاللارنى ياخشى ئايرىش ، ئادىل ، كەسكىن ھۆكۈم چىقىرىش بىر رېپىرىنىڭ سەۋىيەسىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغان چوڭ ئىش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ .
ئاز تولا ماتېرىياللاردىن پايدىلىنىپ كىچىككىنە تېمىنى ھوزۇرۇڭلارغا سۇنالىغانلىقىمدىم ، پۇتبول ئۈچۈن شۇنچىلىك ، قولۇمدىن كېلىشىچە قىلالىغانلىقىمدىم تولىمۇ خۇشالمەن ، لوگىكىلىق ۋە ئىملا جەھەتتىكى خاتالىقىمدىن ھەممىڭلارغا ئۆزرە ئېيتىمەن !!!!!!! |