ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 150 |
جۇغلانمىسى: 4041 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا بېرنابۇ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-2-21 12:00
2015-يىلى بولسا 12 مۆچەلدىكى قوي يىلىغا توغرا كېلىدۇ. خەلىقئارا پۇتبول سەھنىسىدە ئوخشاشلا مۇشۇ قوي يىلىدا تۇغۇلغان داڭلىق «قوي ئادەم» لەر بار، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا روبېرىت باگگىئو، پېرلوغا ئوخشاش ئىتالىينىڭ رىۋايەتلىرى، خارزاد، ئوسكار، جامىس رودىرىگىزغا ئوخشاش يېڭىدىن چاقناۋاتقان يۇلتۇزلارمۇ بار، ئۇنىڭدىن باشقا مېسسىنىڭ چوقۇنغۇچىسى ئەيمارمۇ بۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بىرى. تۆۋەندە پۇتبول سەھنىسىدىكى 10 چوڭ «قوي ئادەم» توغۇرلۇق قىسقىچە توختىلىمىز.
1967-يىلى تۇغۇلغان روبېرىت باگگىئو بولسا ئىتالىينىڭ بىر ئەۋلاد پۇتبولچىلىرىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان چولپان ھېساپلىنىدۇ. «مىسكىن شاھزادە» دەپ چىرايلىق نام ئالغان بۇ چولپان ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ يۇۋېنتۇس، AC مىلان، ئېنتىر مىلاندىن ئىبارەت ئىتالىيەنىڭ ئۈچ داڭلىق زەردار كۇلۇپلىرىدا شانلىق تارىخلارنى ياراتقان. باگگىئو كېلىشكەن قامىتى، قالتىس شەخسىي تېخنىكىسى بىلەن نۇرغۇنلىغان مەستانىلەرنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان.
تېخى 2 كۈن ئىلگىرى ئۆزىنىڭ 48 يىللىق باھارىنى كۈتىۋالغان باگگىئو بارا-بارا مەستانىلەرنىڭ ئېسىدىن كۆتۈرۈلۈپ ماڭماقتا، ئەمما ھەر بىر قېتىم پۇتبول سەھنىسىدە ئۆتكۈزۈلۈپ تۇرىدىغان ھەر خىل پائالىيەت ۋە سورۇنلاردا ئۇنى ئۇچىراتقىنىمىزدا بۇ ئىتالىيە شاھزادىسىنىڭ نەزەر دائىرىمىزدىن بارغانچە يىراقلاپ كېتىۋاتقان شانلىق تارىخى يەنىلا دەرھال كۆز ئالدىمىزغا كېلىدۇ.
1994-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىدا باگگىئو ئېسىل ئىپادىسىنى نامايەن قىلىپ ئەڭ ئاخىرىدا ئىتالىينى ھەل قىلغۇچ جەڭگە باشلاپ كىرگەن. نەتىنجىدە بىرازىلىيە كوماندىسى بىلەن تەڭلىشىپ قېلىپ نۇقتا توپ جېڭىدە باگگىئو نۇرغۇنلىغان رىۋايەتلىك توپچىلارغا ئوخشاشلا نۇقتا توپنى ئۇرالمىغان. ئۇنىڭ شۇ چاغدىكى تىل بىلەن تەسۋىرلىگۈسىز ئازاپقا تولغان قىياپىتى پۇتبول سەھنىسىدىكى ئەڭ كىلاسسىك كۆرۈنۈشلەرنىڭ بىرى ھېساپلىنىدۇ.
1979-يىلى قوي يىلىدا تۇغۇلغان پېرلو بولسا شەك-شۈبىھسىز ھازىرقى پۇتبول دۇنياسىدىكى ئەڭ قالتىس ئوتتۇرا مەيدان ئۇستىسى، شۇنداقلا باگگىئودىن كېيىنكى ئىتالىينىڭ بىر ئەۋلاد رىۋايەتلىك چولپىنى ھېساپلىنىدۇ. كەسپىي ھاياتىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە ئېنتىر مىلاندا تۈزۈكرەك پۇرسەتكە ئېرىشەلمىگەن پېرلو مىلانغا يۆتكىلىپ كەلگەندىن كېيىن ئەنچىلوتتىنىڭ قولىدا مۇنەۋۋەر بىر ئارقا بەل توپچىسى بولۇپ يېتىشىپ چىققان، پېرلو بىلەن ئەنچىلوتتى ئوتتۇرسىدىكى ھېكايىلەر بولسا پۇتبول دۇنياسىدىكى قىممەتلىك پاراڭ تېمىلىرىغا ئايلانغان.
پېرلو دۆلەت كوماندىسىدىمۇ ئوخشاشلا ھۇجۇم ۋە مۇداپىيەنىڭ يادىروسى، گەرچە ئۆتكەن يىلدىكى دۇنيا لوڭقىسىدىن كېيىن ئۇ دۆلەت كوماندىسىدىن چېكىنىشنى ئويلاشقان بولسىمۇ، ئەمما ھازىرقى ئەمىلىيەت شۇنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇكى، كۆك كىيىملىكلەر يەنىلا پېرلودىن ئايرىلالمايدۇ، شۇنداقلا پېرلومۇ پەقەت ئۆزىگە مۇھتاج بولسىلا ھەر ۋاقىت قايتىپ كېلىدىغانلىقى توغۇرلۇق ئىپادە بىلدۈرگەن. بەلكىم كېلەر يىلىدىكى ياۋروپا لوڭقىسىدا ئۇنى يەنە قايتا دۆلەت كوماندىسى تەركىبىدە كۆرۈپ قېلىشىمىزمۇ مۇمكىن.
ئىختىيارى توپ بولسا پېرلونىڭ توپ مەستانىلىرىنىڭ نەزىرىدىكى ئەڭ قالتىس ئالاھىدىلىكىنىڭ بىرى، ھازىرغىچە پېرلو ئىتالىيە بىرلەشمىسىدە بىۋاستە ئۇرۇپ كىرگۈزگەن ئىختىيارى توپنىڭ سانى 25 كە يەتكەن، مىخايىلوۋىچنىڭ 28 ئىختىيارى توپ رېكورتىدىن پەقەت 3 توپلا ئاز، پېرلو ئۆزى تەۋە بولغان بۇ قوي يىلىدا مىخايىلوۋىچنىڭ رېكورتىنى بۇزۋېتىشنى ناھايتى بەك ئۈمىد قىلىدۇ.
ئەيمارنىڭ كەسپىي ھاياتىنى ناھايتى بەك ئۇتۇقلۇق بولغان دېيىشكە بولمايدۇ، ئەمما ئۇنىڭ توپ مەستانىلىرىگە بەرگەن چوڭقۇر تەسىرى بولسا ئۇنىڭدىكى يەنە بىر سالاھىيەت ــــ مېسسىنىڭ بىردىنبىر چوقۇنغۇچىسى بولغانلىقىدا. مېسسى بۇ يىلنىڭ بېشىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئالتۇن توپ تارقىتىش مۇراسىمىدا باش تېرنىرى ئېنىرىك بىلەن بولغان ئوتتۇرسىدىكى زىددىيەت سەۋەپلىك ئېنىرىكنى كۆرگەندە دەرھال بېشىنى بۇراپ ئۇنىڭغا پەرۋا قىلمىغان، ئەمما ئەيمارنى كۆرگەندە بولسا دەرھال ئۇنىڭغا قاراپ كۈلۈمسىرەپ سالاملاشقان.
ئەيمارنىڭ پۇتبول تېخنىكىسى ھەقىقەتەن قالتىس، قەددى-قامىتىمۇ كېلىشكەن، مىجەز-خارەكتىرىمۇ ناھايتى ئوچۇق-يورۇق. بۇ ئارگىنتىنالىق ئوتتۇرا مەيدان توپچىسىدىكى مۇشۇ ئامىللار سانسىزلىغان مەستانىلىرىنى ئۆزىگە قاراتقان. ئەمما ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، ئەيمار ھازىرغىچە ياۋروپادىكى داڭلىق زەردار كۇلۇپلاردا توپ تېپىش شەرىپىگە نائىل بولالماي كەلگەن.
ۋالۇنسىيەدىكى مەزگىللىرىدە ئەيمار خېلى چوڭ مۇۋاپپىقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرگەن، ئەمما شەپەرەڭ قوشۇنىنىڭ شانلىق دەۋرىمۇ ناھايتى قىسقا بولۇپ قالغان، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ئەيمارنى ئىسكەنجىسىگە ئېلىۋالغان يارلىنىش قىسمىتى ئۇنىڭ كەسپىي ھاياتىدىكى يۇقىرى پەللىنىڭ كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ئۆتۈپ كېتىشىگە سەۋەپچى بولۇپ قالغان. دۆلەت كوماندىسىدىمۇ ئۇنچە بەك قوللاشلارغا ئېرىشەلمىگەن. تەرسا مىجەز بېرسانىڭ ئۇنىڭدىن ۋاز كېچىشى ۋە پېكىرماننىڭ زاپاس ئەزاسىغا ئايلىنىپ قېلىشى ئەيمارنىڭ ئەڭ ئېسىل ۋاقىتلىرىنى ئاشۇنداقلا توزىتىۋەتكەن.
1998-يىلى دۇنيا لوڭقىسىدا 18 ياشلىق مايكىل ئوۋېن بىر جەڭ بىلەنلا پۈتۈن دۇنياغا تونۇلغان، شامالنى قوغلاپ يېتەلەيدىغان بۇ ئۆسمۈر شۇ ۋاقىتتىلا پۈتكۈل ئېنگىلانىدلىقلارنىڭ مەبۇدىسىگە ئايلانغان. لىۋېرپول كوماندىسىنىڭ مەرگىنى بولۇش سۈپىتى بىلەن 2001-يىلى ئوۋېن قىزىل ئارمىيىگە باش بولۇپ «بەش چېمپىيۇن» بولۇشتەك شانلىق تارىخ يارىتىپ شۇ يىلى ئالتۇن توپ مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
ئوۋېننىڭ كەسپىي ھاياتىنى ئەسلىگىنىمىزدە، 2004-يىلى خان جەمەتى مادىرىد كۇلۇبىغا يۆتكىلىش بەلكىم ئۇنىڭ ئەڭ پۇشايمان قىلىدىغان ئىشى بولۇشى مۇمكىن، گەرچە مادىرىدتىمۇ ئۇ يەنىلا چولپان ھېساپلانسىمۇ، لېكىن ئوۋېن يەنىلا زاپاس ئەزالىق تەقدىرىنى قوبۇل قىلماي ئامالى بولمىغان، شۇنداقتىمۇ ئۇنىڭ توپ ئۇرۇش ئۈنۈمى ھەرگىزمۇ تۆۋەن بولۇپ باقمىغان.
ئوۋېننىڭ كەسپىي ھاياتى تاشقى پىلانىت ئادىمى رونالدوغا ناھايتى يېقىنلاشقان، ئۆسمۈرلۈك دەۋرىدىلا ئالتۇن توپ ساھىبى بولۇشتەك شانلىق نەتىنجىلەرگە ئېرىشكەن، شۇنداقلا كەسپىي ھاياتىدا يارلىنىشتىن ئىبارەت ئېچىنىشلىق قىسمەتلەرنى باشتىن كەچۈرگەن. ئاتالمىش تۇغما قابىلىيەت ئىگىسى دېگەن مانا مۇشۇنداق بولسا كېرەك.
جامىس رودىرىگىز دېگەن بۇ ئىسىم پورتۇ كوماندىسىدىكى چاغلىرىدىلا يىراق-يېقىنغا تارقىلىشقا باشلىغان، مەيلى پورتۇگالىيە دەرىجىدىن تاشقىرلار بىرلەشمىسى بولسۇن ۋە مەيلى فىرانسىيە بىرلەشمىسى بولسۇن، جامىسنىڭ ئىپادىسى ئىزچىل ياخشى بولۇپ كەلگەن. ئالدىنقى يىلىدىكى دۇنيا لوڭقىسىدا ئۇ بىراقلا پارتىلىغاندىن كېيىن خان جەمەتى مادىرىد كۇلۇبى رەئىسى كىشىنى چۆچۈتكىدەك 80 مىليۇن ياۋرو باھادا ئۇنى بېرنابۇغا ئېلىپ، ئۇنىڭغا 10-نومۇرلۇق كىيىمنى كەيدۈردى، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئۇ دەرىجىدىن تاشقىرى چولپان سەپىرىگە قەدەم تاشلىدى.
24 ياشلىق ئالتۇن دەۋىر، كېلىشكەن قەددى-قامەت ۋە ئۇنىڭغا قوشۇلغان دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق كوماندىدىكى ئوتتۇرا مەيداننىڭ ئاساسلىق ئەزاسى، بۇلار ئۇنىڭ 1 يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدىلا ھاياتلىق يولىدىكى غەلبە قىلغۇچىغا ئايلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىپ تۇرىۋاتماقتا.
خان جەمەتى مادىرىد كوماندىسىنىڭ باشلامچى ئاكىسى نۆۋەتتە يەنىلا كىرىستىيانو رونالدو، پورتۇگالىيلىك دەرىجىدىن تاشقىرى چولپاننىڭ يېنىدا كەمتەرلىك بىلەن تەربىيلىنىشكە ۋە ئېسىل كەسپىي پوزىتسىيگە كاپالەتلىك قىلىپ كېلىۋاتقان جامىسنىڭ ھالىتى تۇراقلىق كېتىپ بارماقتا، مۇشۇ ھالەتتە ماڭسا ئۇنىڭ كەسپىي ھاياتى تەبئىيلا يەنىمۇ بىر بالداق يۇقىرى كۆتۈرۈلىشىدە گەپ يوق.
گېرۇزماننىڭ نامى خانلىق جەمئىيەت كوماندىسىدىلا چىقىشقا باشلىغان، ئەينى چاغلاردا مەستانىلىرى تەرىپىدىن «يېڭى يۇلتۇز» دەپ تەرىپلىنەتتى. مادىرىد رىقابەت كوماندىسىغا قېتىلىپ 1 يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدىلا گېرۇزمان مادىرىد رىقابەتنىڭ GMT ھۇجۇم سېپىدىكى بىر مۇھىم ئەزاغا، سانسىزلىغان مەستانىلەرنىڭ قەلبىدىكى چولپانغا ئايلاندى.
توررىس 7 يىللىق ئېنگىلانىد ۋە يېرىم پەسىللىك ئىتالىيە سەپىرىنى ئاياقلاشتۇرۇپ كونا ئائىلىسىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن گېرۇزماننىڭ ئىپادىسىمۇ تەڭلا دېگۈدەك پارتىلاپ چىقتى. كىرلىك قوشۇنىنىڭ كونا-يېڭى ئالتۇن ئۆسمۈرلىرى كەينى-كەينىدىن توپ ئۇرۇپ ئۆز-ئارا قۇچاقلىشىپ تەبىرىكلىگەن كۆرۈنۈشلىرى ئادەمگە بارغانچە چىرايلىق كۆرۈنگەن بولسا، ئۇنىڭغا قوشۇلۇپ پۇتبول دۇنياسىدىكى يەنە بىر «ئەسەبىي ئادەم» سىمونىنىڭ قوماندانلىقىدا بۇ پەسىل مادىرىد رىقابەت تېخىمۇ چوڭ بىر مۆجىزە يارتىپ قويىدىغاندەك تۇيغۇغا چۆمدۈرمەكتە.
يان يولدا ھەرىكەت قىلىشقا ئامراق گېرۇزماننىڭ تېخنىكىسى كۆرىنەرلىك كېتىپ بارماقتا، مەنزۇجىچنىڭ مەرگەنلىكتە كوماندىغا باش بولۇپ مېڭىشىغا ئەگىشىپ، فىرانسىيلىك بۇ ماھىر ئۆزىنىڭ چاققان، چەبدەسلىكتىن ئىبارەت ئالاھىدىلىكىنى يەنىمۇ گەۋدىلىك ھالدا نامايان قىلىپ كېلۋاتماقتا.
خازارد بولسا يېقىنقى يىللاردىن بۇيان پۇتبول دۇنياسىدا يېڭى توپچىلارنىڭ ئارىسىدا ئەڭ يارقىن نۇقتىلارنىڭ بىرىگە ئايلاندى، ئۇنىڭدىكى ئادەتتىن تاشقىرى توپ ئېلىپ بۆسۈپ كىرىش تېخنىكىسىغا قوشۇلۇپ، ئاستا-ئاستا يېتىلىۋاتقان ۋارتارغا توپ ئۇرۇش ئىقتىدارى ئۇنى توپ مەستانىلىرىنىڭ نەزىرىدىكى «بېلگىيە شاھى» دېگەن نامغا مۇيەسسەر قىلدى. گەرچە ئۇنىڭ كەلگۈسىگە تېخى ھېچكىم دىئاگىنوز قويۇپ بولالمىسىمۇ، لېكىن مەستانىلەرنىڭ خازاردتىن زور ئۈمىدلەرنى كۈتۈپ تۇرۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
تېخى يېقىندىلا چېلسى بىلەن توختام ئۇزارتىپ كۆك ئارمىيەدە رىۋايەت يارىتىشنى كۆڭلىگە پۈكىۋاتقان خازارد مورىنىئونىڭ ئەتىراپلىق تەربىيلىشى ئاستىدا بەلكىم يېقىنقى كەلگۈسىدە تارىختىن بۇيان چېلسى كۇلۇبىدىن چىققان تۇنجى ئالتۇن توپ ساھىبى بولۇپ قېلىشى ئېھتىمالغا ناھايتى يېقىن.
ياش بېلگىيە دۆلەت كوماندىسىدا خازارد شەك-شۈبىھسىز ھالدا كوماندىنىڭ يادىرولۇق ئەزاسى. كۇلۇپ بىلەن بىللە تەرەققىي قىلىشتىن باشقا، خازاردنىڭ زىممىسىدە يەنە بېلگىينىڭ ئالتۇن بىر دەۋرىگە باشلامچىلىق قىلىش، چوڭ مۇسابىقىلەردە ياخشى نەتىنجە يارتىشتىن ئىبارەت زور مەسئۇلىيەت يۈكلەگلىك.
ئوسكار پۇتبول سەھنىسىگە قەدەم قويۇپلا چېمپىيۇنلۇققا ئېرىشكەنلىكىدىن توپ مەستانىلىرى تەرىپىدىن «يېڭى كاكا» دەپ ئاتالغان. بەزىدە ئۇ قاتتىراق شامالدىمۇ يىقىلىپ چۈشىدىغاندەك كۆرۈنسىمۇ، لېكىن ئۆزىنىڭ پۇتبولدىكى كۈچلۈك سەزگۈرۈلىكىگە تايىنىپ ئېنگىلانىد بىرلەشمىسىدە مۇۋاپپىقىيەتلىك پۇت تىرەپ تۇرماقتا، چېلسىدا بارغانسىرى ئۆسۈپ يېتىلىۋاتقان ئوسكار ھەتتا ئىپادىسى ئۆزىدىن ھەرگىز تۆۋەن تۇرمايدىغان ماتانىمۇ سىقىپ چىقاردى.
ئوسكار تېخى نوتا ھالىتىدىلا چېلسىغا قېتىلغان، ئۆزىدىكى ئەمەلىي كۈچنىڭ زەردار كوماندا تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنغانلىقىدىن باشقا يەنە ئابلاموۋىچ قوغلىشىۋاتقان نەپىس پۇتبولدىمۇ مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇپ كەلمەكتە. گەرچە كىرگۈزگەن توپلىرى كۆپ بولمىسىمۇ، بىراق پات-پات ھالقىلىق ۋاقىتلاردا توپ ئۇرۇپ قويۇشلىرى ئۇنى چېلسى مەستانىلىرىنىڭ قەلبىدە يەنىلا مۇھىم ئورۇنغا قويۇشقا بولىدۇ.
ماتانى سېتىۋېتىپ ئوسكارنى قايتىدىن ئىشلەتكەنلىك ناھايتى ئېنىقلا مورىنىئونىڭ بۇ بىرازىلىيلىك كىچىك ماھىرنى «ئالتۇن ئۆسمۈر» قىلىپ تاۋلاپ چىقالىشىغا زور ئۈمىدلەرنى باغلىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. ئوسكار بۇ پەسىل ئېنگىلانىد بىرلەشمىسىنىڭ ياردەمچى پاس رەت تەرتىپىدە 3-ئورۇندا، كوماندا ئىچىدە بولسا فابىرىگاستىن قالسىلا ئەڭ كۆپ ياردەمچى پاس بەرگەن، بۇ نەتىنجىسى بىلەن مورىنىئونىڭ ئۆزىدىن كۈتكەن ئۈمىدىنى يەردە قويماي كېلىۋاتماقتا.
بارسىلونا ياشلار تەربىيلەش بازىسىدىن يېتىشىپ چىققان تىياگو ئەسلى تەبئىيلا شاۋىينىڭ ئىز باسارى دەپ قارىلىپ كەلگەن، ئەمما پۇتبول سەھنىسىنىڭ ئۆزى بىر ھايات، بارلىق ئىشلارنى ئەسلىدىكى لاھىيە بويىچە ۋۇجۇدقا چىقىرىش مۇمكىن ئەمەس.
گۇئاردىئولا ئۆزى بىلەن تەڭ تىياگونىمۇ بىرگە ئېلىپ كەتتى، ئەمدىلا 24 ياشقا كىرگەن بۇ يېڭى يۇلتۇز گۇئاردىئولانىڭ نەزىرىدە تاكتىكىسىنى ئۈنۈملۈك يۈرگۈزۈشتىكى ئەڭ كۆڭۈلدىكىدەك نامزات.
تىياگونىڭ بايرىندىكى مەيدانغا چىقىش پۇرسىتى ھەرگىزمۇ كەم ئەمەس، ئەمما ئالۋاستىدەك چاپلاشقان كېسەل ئاسارىتى بۇ ياش تالانىت ئىگىسىنى كەينى-كەينىدىن يىقىتماقتا. ئۇ شاۋىينىڭ ئېرىشكەن شان-شەرەپلىرىگە يېتىمەن دەيدىكەن، چوقۇم ئالدى بىلەن كۆپىنچە پۇتبولچىلارنىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەپ قويىدىغان كېسەل چاڭگىلىدىن غالىپ كېلىشىگە، ساغلام بولغان بىر ھالەتكە كېلىشى ئۈچۈن ئىزچىل تىرىشىشىغا توغرا كېلىدۇ.
تىياگونىڭ ئەكسىچە ساغلام ھالەتتىكى شاچىرى بولسا بايرىن مىيۇنخېن كوماندىسىدا ئاساسلىق ئەزا ئورنىغا ئېرىشەلمەي يۆتكىلىشكە مەجىبۇر بولدى. ئۇنىڭ قايتا قۇرۇلۇش ھالىتىگە چۈشۈپ قالغان ئېنتىر مىلاننى تاللىشىنىڭ سەۋەبى بولسا كوماندىنىڭ قايتىدىن باش كۆتۈرىشىگە كۈچ چىقىرىش بىلەن بىرگە ئۆزىنى مۇشۇ يەردە ئىسپاتلاش.
«شېۋىتسارىيەلىك مېسسى» دەپ نام ئالغان شاچىرىنىڭ شەخسىي تېخنىكىسىغا شۈبىھلىنىش كەتمەيدۇ، ئالدىنقى يىلى ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا لوڭقىسىدا نامايەن قىلغان ئاجايىپ باتۇرلىقى بىلەنلا ئۆزىنى پۈتۈن دۇنياغا ئېلان قىلغان. بايرىندىكى مەغلۇبىيەت پەقەتلا شاچىرى بىلەن گۇئاردىئولانىڭ ئەپ ئۆتەلمەسلىكىدىن كېلىپ چىققان خالاس. ئەگەر ئېنتىر مىلان ئەتە-ئۆگۈنچە يەنە قايتىدىن باش كۆتۈرسە، ئۇنىڭ خېلى زەردار كوماندىلارغا يۆتكىلەلىشى ئاسان ئىش.
|
باھالاش
-
باھا خاتىرىسى
|