akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 989|ئىنكاس: 30

ئىنگىلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىدىكى ئالداپ ئۈتۈشتىكى ئەڭ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئارىف تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-20 19:11  

   
          bmiddle-7cd47b3225acfab8700ed58d8395c05fcb83b90a.jpg

ئىنگىلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىدىكى ئالداپ ئۈتۈشتىكى بەش مۇنەۋەر ماھىر

ئالداپ ئۈتۈش ماھارىتىدە توپچىلارنىڭ پۇت ئاستى تېخنىكىسى يۇقىرى بۇلۇش تەكىتلىنىدۇ. توپچى مەيداندا ئۈزۈنىڭ  يۇقىرى سەيۋىلىك پۇت ئاستى تېخنىكىسىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ قارشى تەرەپ مۇداپىيەسىنى بۈسۈپ ئۈتۈپ قاپقىغا توپ ئۇرۇش، مەستانىلەر كۈرۈشنى ئەڭ ئارزۇ قىلدىغان بىرخىل ئالاھىدە كۈرنۈش.پۇتبول دۇنياسىغا نەزەر سالدىغان بولساق ھازىر توپ تىپىۋاتقان پوتبولچىلار ئىچىدە ئالداپ ئۈتۈش تېخنىكىسنى ۋايىغا يەتكۈزەلىگەن مۇتەخەسىس چولپانلاردىن، مېسسى،بېل،رونالدو،نىيمار قاتارلىقلار.بۇلارنىڭ قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە توپنى يەنە بىر نوقتىدىن باشقا بىر نوقتىغا يۆتكەشنى تاماملىيالىشى ئادەتتىكى بىر ئىش. ئىنگىلاند بىرلەشمىسىدە ئالداپ ئۈتۈش تېخنىكىسى يۇقىرى توپچىلار بەك كۆپ ئەمەس ،تۆۋەندىكى بەش نەپەر توپچى ،ئالداپ ئۈتۈشتىكى ئەڭ يامىنى دەپ تاللىنىپتۇ.

1.خاززاد

ئىنگىلاند بىرلەشمىسىدە ئالداپ ئۈتۈشتىكى 1-مۇنەۋەر ماھىر بۇلۇش خاززادنىڭ ھازىرقى ئىپادىسىگە تامامەن ماس كىلدۇ.ئىنگىلانىد دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىدە ئالداپ ئۈتۈشتە ھېچقانداق ماھىر خاززاد بىلەن بىر دەرىجىدە تۇرالمايدۇ.چۈنكى ئۇنىڭ قارشى تەرەپنى ئالداپ ئۈنۈملۈك ئۈتۈپ كەتكەن قېتىم سانى ئوتتورىچە ھەرمەيدان مۇسابىقىدە 4.5قېتىم. بۇپەسىل خاززاد 9توپ ئۇرۇپ ،5تۆھپە پاس چىقاردى.بۇپەسىل خاززادنىڭ ياخشى ئىپادىسى ئۇنى تېخىمۇ كۆپ خۇشاللىقلارغا ئىرىشتۈرشى مۇمكىن.


   u=2279857059,2951131298&fm=21&gp=0.jpg

2. چامبىرلېن

چامبىرلېن نىڭ بۇ يەردە ئىسمى چىققانلىقى بەزىدە ئادەمنىڭ ئىددىيسىدىن ئۆتمەيدۇ،لېكىن سۇغۇققانلىق بىلەن قارايدىغان بولساق چامبىرلېن ياخشى بىر پۇتبولچى.ئۇنىڭ بۇيەردە 2-بۇلۇپ رەتكە تىزىلىشى بۇ نوقتىنى ئىسپاتلاپ بىرەلەيدۇ.ئۇنىڭ قارشى تەرەپنى ئالداپ ئۈنۈملۈك ئۈتۈپ كەتكەن قېتىم سانى ئوتتورىچە ھەرمەيدان مۇسابىقىدە 3.6قېتىم،بۇ پەسىل چامبىرلېن ئارسىنال كوماندىسىدا ئەڭ تىز ئىلگىرلىگەن توپچىلارنىڭ بىرسى ھىساپلىنىدۇ.ئۇ بۇپەسىل پەقەت بىرتوپ ئۇرۇپ بىر تۆھپە پاس چىقاردى،لېكىن ئۇنىڭ مەيداندا سەپداشلىرىغا پۇرسەت يارتىشى ۋە قارشى تەرەپكە ئاۋارىچىلىق تۇغدۇرۇش نىسپىتى پۈتۈن ئارسىنال بۇيىچە ئەڭ يۇقىرى.


   u=2687592782,3122051884&fm=11&gp=0.jpg

3.سانچىس

سانچىسنىڭ ھازىرقى ئىپادىسىنى كۆرگەن كىشى ، ئۇنى ئىنگىلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىدە ئۇزۇن مەزگىل توپ تەپكەن پىشقەدەم ماھىرمىكىن دەپ ئويلاپ قالىدۇ.بۇ ماھىرنىڭ يۇقىرى بولغان پۇت ئاستى تېخنىكىسىنى جارى قىلدۇرۇپ ئىشلىگەن ئالداش ھەركەتلىرى دىن باشقا توپ ئۇرۇش ئۈنۈمىمۇ ئالاھىدە يۇقىرى بولغان.بۇپەسىل سانچىس 12توپ ئۇرۇپ 7تۆھپە پاس چىقىرىپ ئادەمنى ھەيران قالدۇردى.ئۇنىڭ قارشى تەرەپنى ئالداپ ئۈنۈملۈك ئۈتۈپ كەتكەن قېتىم سانى ئوتتورىچە ھەرمەيدان مۇسابىقىدە 3.4 قېتىم.ھازىر سانچىس ئىنگىلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىدىكى مۇداپىيەچىلەرنىڭ كۈزىگە قادالغان مىخ دەپ قارالدى.


    u=980565973,2922280352&fm=15&gp=0.jpg

4.سىتېرلىڭ

سىتېرلىڭ يۇقىرى بولغان شەخسىي تېخنىكىسىغا تاينىپ 2014-يىللىق ئالتۇن ئۆسمۈر مۇكاپاتىنى قولغا كەلتۈردى.بۇ پەسىل يارلىنىش تۈپەيلى سىتېرلىڭ مەيدانغا كۆپ چىقالمىدى. لېكىن يارلىنىش ئۇنىڭ پۇت ئاستى تېخنىكىسىغا قىلچە تۇسقۇنلۇق قىلالمىدى.ئۇنىڭ قارشى تەرەپنى ئالداپ ئۈنۈملۈك ئۈتۈپ كەتكەن قېتىم سانى ئوتتورىچە ھەرمەيدان مۇسابىقىدە 3.1 قېتىم.بۇ پەسىل 5توپ كىرگۈزۈپ 5 تۆھپە پاس چىقاردى. كۇلۇپ تەرەپمۇ دەرھال سىتېرلىڭ بىلەن يۇقىرى سوممۇلۇق توختام ئۇزارتىۋالدى. بۇ       كىچىك قارۋاي كەلگۈسىدە لىۋىرپولنىڭ ئەڭ ياراملىق سانغۇنى بۇلۇپ قالغۇسى.


    20140428125016-1096257600.jpg

5.كونتىنھو

لىۋىرپولنىڭ بۇ كىچىك توپچىسى ھازىر تەرەققى قىلىش باسقۇچىدا تۇرۋاتىدۇ.كونتىنھو نىڭ توپ كونتىرول قىلىش ئىقتىدارى بەك يۇقىرى بولمىسىمۇ ئەمما بۇپەسىل ئۇنىڭ لىۋىرپولدىكى ئىپادىسى ئىنتايىن تۇراقلىق ،مۇقىم بولدى.بۇنى ئۇنىڭ مەيدانغا چىقىش قېتىم سانى ۋە ئىپادىسىدىن  كۈرۋالغىلى بۇلىدۇ.ئۇنىڭ قارشى تەرەپنى ئالداپ ئۈنۈملۈك ئۈتۈپ كەتكەن قېتىم سانى ئوتتورىچە ھەرمەيدان مۇسابىقىدە 2.7 قېتىم.بۇ پەسىل 2توپ كىرگۈزۈپ 4 تۆھپە پاس چىقاردى. ھازىر ئىنگىلاند بىرلەشمىسىدە مۇنداق بىر جۈملە سۆز مودا بولغان ،ئەگەر بۇپەسىل لىۋىرپول بىرلەشمىدە ئالدىنقى 4نىڭ ئىچىگە كىرىسە ، چۇقۇم كونتىنھونىڭ چەكلەنگەن رايۇن ئىچىگە تاشلىغان پاسنىڭ تۆھپىسى.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-2-20 20:45:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
xahyar يوللىغان ۋاقتى  2015-2-20 19:47
پۇت ئاستى تېخنىكىسى دىگەن گەپ قانداق گەپ .  پۇتىنىڭ  ...

پۇتبولچىلار ئادەم ئالداپ ئۆتكەندە شۇ پۇتىدىن پايدىلنا. سىزچە بولسا،تىز قىسمى ،پاقالچاق قىسمى ،ھۇشۇق قىسمىدا ئالداپ ئۈتۈپ پاچىقىدا توپنى تىپىپ كىرگۈزدى دىسە ئاندىن توغرا بۇلامدۇ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-20 18:53:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  بۇلۇپمۇ خازارد بىلەن سانچىس. خازارتنىڭ ئالتۇن توپ ھاسىبى بۇلۇش پۇرسىتى بار.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-20 18:55:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جاڭ بولۈن دىگەن  ماۋۇ ئاداشنىڭ خەنزۇچە ئىسمى ئوخشايدۇ ھە.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-20 18:59:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   missi2 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-20 19:01  

جاڭ زولىننىڭ نەۋرىسى جاڭ بولىن.

جاڭ زولىن دىمەي چامبىرلايىن دەپ ئالساق قانداق؟  2-جاھان ئۇرۇشىدا ئەنگىلىيە باش ۋەزىرى چىمبىرلىن (خەنزۇچە  جاڭ بولىن ) ئىدى.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-20 18:59:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
لىۋىرپول مۇشۇ ئىككىسىدىن ئايرىلسىلام لىكىن ئايرىلمىغاي مۇشۇ ئىككىسىنى دەپمۇ كۈرۈپ قۇيىمەن مۇسابىقىللىرىنى

ھەممىسى كىچىك كەلگۈسى پارلاق توپچىلاركەن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-20 19:00:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-2-20 19:04:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
laqin1 يوللىغان ۋاقتى  2015-2-20 18:55
جاڭ بولۈن دىگەن  ماۋۇ ئاداشنىڭ خەنزۇچە ئىسمى ئوخشايدۇ  ...

تازا دىققەت قىلماي خەنچە ئېلۋېتىپتىمە. ئەسلى چامبىرلېن.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-20 19:08:23 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خازارد قا  گەپ  كەتمەيدۇ  .سىتىرلىڭ  بىلەن  كۇتىھو   سۇرەت  ئالداپ  ئۇتۇش  تېخنىكىسى  يۇقۇرىكەن   .يازدا  لىۋېرپولغا  خېلى  پايدا  قىلغىدەك  .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-20 19:16:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنگىلاند بىرلەشمىسىدىكى  ئارسىنال (سانچىسنى دەپ).
چىلسى (فابرىگاسنى دەپ)  كۆرۆپ  قويغاشقىمۇ مۇشۇ سانچىس بىلەن خازارد نىڭ  ئىسىمدە كۆپەرەك قاپتۇ!

ئىسپانىيە بىرلەشمىسىنىڭكىنىمۇ   تىزىپ  باققان بولسىچۇ؟
تازا بىر  مۇنازىرە قىلساق
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-20 19:19:27 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەمراھ يوللىغان ۋاقتى  2015-2-20 19:16
ئىنگىلاند بىرلەشمىسىدىكى  ئارسىنال (سانچىسنى دەپ).
چىل ...

تۇرمىدىكىلەر  ئاز  كۇرۇنىۋاتامدا     ھې ھې
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-20 19:23:10 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خازاردنىڭمۇ ئالداپ ئۆتىشى خېلى ياخشى .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-20 19:34:11 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-5-9 00:21

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش