ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 4383 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئارىف تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-2-20 12:08
بالاتېلى نىڭ نوقتا توپ تەپكەنلىگىدىن سەپداشلىرى نارازى بولدى.بالاتېلى گەرچە نوقتا توپنى كىرگۈزگەن بولسىمۇ خۇشال بۇلالمىدى
ئاخشام ئوينالغان ياۋروپا بىرلەشمە لوڭقىسى 16 كۈچلۈككە كىرىشتىكى بىر مەيدان مۇسابىقىدە، لېۋىرپول ئۆزمەيدانىدا 0-1نەتىجە بىلەن بېشىكتاش كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى. ئەسلى بۇ غەلبە لىۋىرپول كوماندىسىغا خۇشاللىق ئېلىپ كىلىشى كىرەك ئىدى.ئەمما ئۇنداق بولمىدى. مۇسابىقە باشلىنىپ 85-مىنۇتتا لىۋىرپول كوماندىسىغا نوقتا توپ تىپىش پۇرسىتى كەلدى.بۇ ۋاقىتتا كوماندا كاپىتانى جىراد بولمىغاچقا ئەزالار ئوتتورسىدا نوقتا توپ تىپىشنى تالىشىپ قالدىغان ئۇسال ئەھۋال كۈرۈلدى.بالاتېلى ھەرخىل قارشىلىقلارغا پىسەنىت قىلماي نوقتا توپنى تىپىپ كىرگۈزۈۋەتتى. نەخمەيداندا سىتورېچ بىلەن مۇئاۋىن كوماندا باشلىقى ھېندۇرسون بالاتېلى نىڭ نوقتا توپ تەپكەنلىگىدىن قاتتىق نارازى بولدى. ئەگەر رېپىرنىڭ تۇسۇپ قېلىشى بولمىغان بولسا بۇ قېتىمقى نوقتا توپنى بالاتېلىنىڭ تىپىشى مۇمكىن ئەمەس ئىكەن. جىدەلخور بالاتېلى بۇقېتىم قاتتىق ئېغىر -بېسىق بۇلۇپ ،قاتتىق بېسىم ئاستىدا نوقتا توپنى كىرگۈزدى.لېكىن ئۇمۇ خۇشال بۇلالمىدى. مۇسابىقە ئاخىرلاشقاندىن كىيىن لىۋىرپول كوماندىسىنىڭ كىيىم ئالماشتۇرۇش ئۈيى ئىنتايىن قىززىپ كەتتى.
توپچىلار بەس-بەستە بالاتېلى ھۆرمەتسىزلىك قىلدى دەپ ئۇنىڭدىن ئاغرىنىش كەيپىياتىنى باش كاپىتان جىرادقا دوكلات بەردى. بۇ مەيدان مۇسابىقە باشلىنىپ لىۋىرپولنىڭ ھۇجۇم ئۈنۈمى ئانچە ياخشى بولمىدى. كىيىنكى يېرىم مەيداندا بالاتېلى بىلەن سېتىرلىڭ مەيدانغا چۈشۈپ ھۇجۇم سۈپۈتى بىرقەدەر يۇقىرى كۈتۈرلدى. 84-مىنۇتتا لىۋىرپول بىر نوقتا توپ تىپىش پۇرسىتىگە ئېرىشتى.لىۋىرپولدىكى نوقتا توپ تىپىشكە 1-مەسئۇل كىشى جىراد. ئەمما بۇ ۋاقىتتا جىراد مەيداندا بولمىغاچقا ،مۇئاۋىن كاپىتان ھېندۇرسون نوقتا توپ تىپىشكە تەييارلاندى. بۇ ۋاقىتتا يەنە ئىككى نەپەر توپچىمۇ نوقتا توپ تىپىشكە تەمشەلدى. ئۇزاق مەزگىل يارلىنىپ جەڭگە چىقالمىغان سىتورېچ بۇ قېتىملىق نوقتا توپنى تىپىش ئارقىلىق ئۈزۈنىڭ ياۋرۇپا مۇسابىقىلىردە نەتىجە يارتىش خىيالىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇماقچى بولدى،بالاتېلى بولسا ئىزچىل لىۋىرپولدا ئۈزۈنى ئىسپاتلاشقا ھەم ئۇلارنىڭ قەھرىمانىغا ئايلىنىشنىڭ كۇيىدا.خەۋەرلەرگە قارىغاندا مۇسابىقە ئاخىرلاشقاندىن كىيىن مۇئاۋىن كاپىتان پۇتبول ئايىغىنى سېلىپ بالاتېلىغا ئاتقىلى تەمشەلگەن. بالاتېلى سۇغۇققان بۇلۇۋاپتىمىش.
نوقتا توپنى تالىشىپ قالغان كۈرنۈش.
|
|