ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 4383 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئارىف تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-2-19 19:12
كاپېللو:خانلىق مادىرىدنىڭ سەپ شەكلى بارىسلونادىن كۈچلۈك، مادىرىد رىقابەتنىڭ توپ تىپىش ئۇسسۇلى قۇپاللىق ئەمەس
يېقىندا خانلىق مادىرىد كوماندىسىنىڭ بۇرۇنقى مەشقاۋۇلى ،ھازىرقى روسىيە دۆلەت كوماندىسىنىڭ باش مەشقاۋۇلى كاپېللو ئىسپانىيە تېلۋىزىيە ئىستانسى Onda Ceroنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلغاندا:مادىرىد رىقابەت كوماندىسىنىڭ توپ تىپىش ئۇسسۇلى ھەرگىز قۇپال ئەمەس، ئەرلەر پۇتبولنى -ئايالچە تەپكىلى بولمايدۇدە! مادىرىد رىقابەت كوماندىسى بولسا باشقا كوماندىلارغا ئوخشىمايدىغان بىرخىل ئالاھىدە كوماندا ،ئۇلار خانلىق مادىرىد ۋە بارىسلونا كوماندىسغا ئوخشىمايدۇ.ئۇلارنىڭ غەلبە قىلىش ئارزۇسى بەك كۈچلۈك، ئۇلارنىڭ توپ تىپىش ئۇسسۇلى كوللىكتىپ ھەمكارلىشىپ نەتىجە يارىتىشتىن ئىبارەت . شۇڭلاشقا مادىرىد رىقابەتنىڭ توپ تىپىش ئۇسسۇلىنى تەنقىدلەش خاتا كۆز قاراش،باشقىلارنىڭ پۇتىغا قەستەن تەپسە ئاندىن ئۇنى قۇپال دەيمىز، مادىرىد رىقابەت كوماندىسى ئەزالىرنىڭ توپ تالىشىش ،قارشىلىشىش كۈچى ئىنتايىن كۈچلۈك.
كاپېللو يەنە خانلىق مادىرىد كوماندىسى ئۈستىدە توختۇلۇپ:خانلىق مادىرىد كوماندىسىنىڭ ھازىرقى سەپ شەكلى بارىسلونا كوماندىسىغا قارىغاندا كۈچلۈك ،ھەتتا دۇنيادىكى ھەرقانداق بىر كوماندىدىن كۈچلۈك . ھازىر خانلىق مادىرىدتا كۈرۈلگەن ئاساسى مەسىلە توپچىلارنىڭ يارلىنىشى. بىراق خانلىق مادىرىد پەقەت ھۇجۇمچىلارغىلا مۇھتاج بۇلۇشنى ئويلىماسلىقى كىرەك.ئۇلارغا يەنە پى پى بىلەن راموس تىن ئىبارەت ئىككى مۇداپىيەچى ئوخشاشلا مۇھىم دىدى.
كاپېللو رونالدو توغرىسىدا توختۇلۇپ :خانلىق مادىرىد بۇلتۇر يىل ئاخىردىن باشلاپ ھەممە مۇسابىقىنى باشتىن ئاخىرى ياخشى ئوينىدى.چۈنكى ئۇلاردا رونالدو بار دىدى.
بارىسلونا توغرىسدا:ھازىرقى بارىسلونا ئەمدى بارىسلونا كوماندىسىغا ئوخشىدى. ئۆتكەن پەسىلدىكى بارىسلونا پەقەت يالغۇز جەڭ قىلدىغان ئەسكەرگىلا تايناتتى دىدى. |
|