elan orni : 13999092457elan roni : 13999092457
كۆرۈش: 880|ئىنكاس: 14

بىرلەشمىدىكى ياۋروپا مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىغان كوماندىلار قاند...

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   بېرنابۇ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-19 16:03  

بىرلەشمىدىكى ياۋروپا مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىغان كوماندىلار قانداق تاللىنىدۇ؟
بۈگۈن سۆزلەيدىغىنىمىز،ياۋروپا پۇتبولچىلار جەمئىيىتى بىرلەشمىلەر رەتتەرتىپىنى بېكىتكەندىن كېيىن،شۇ بىرلەشمىلەردىن ياۋروپا چىمپىيونلۇق بىرلەشمىسى ۋە ئىككىنچى دەرىجىلىك مۇسابىقە ياۋروپا بىرلەشمە لوڭقىسىغا قاتنىشىدىغان كوماندىلارنىڭ سانى ۋە شۇ كوماندىلارنىڭ قايسى باسقۇچتىن باشلاپ ئوينايدىغىنى.
تۆۋەندە ياۋروپا پۇتبولچىلار جەمئىيىتىنىڭ 2014-2015-يىللىق ياۋروپا مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىغان بىرلەشمىدىكى كوماندىلارنى تەپسىلىي جەدۋىلى بېرىلدى.بىز ئەمدى بۇ جەدۋەلنى بىر بىرلەپ يېشىپ بېرىمىز.
بۇ جەدۋەل تىزىملىكىگە كىرىدىغان بىرلەشمىلەر ياۋروپا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىگە ئەزا 54 دۆلەت ۋە رايوننىڭ ھەممىسى.
رەتتەرتىپدىكى ئالدىنقى ئۈچ بىرلەشمىنىڭ ئالدىنقى ئۈچى ياۋروپا چىمپىيونلۇق بىرلەشمىسى گۇرۇپپا مۇسابىقىسىغا ئۇدۇل كىرىدۇ.تۆتىنچىسى سالاھىيەت مۇسابىقىسى باسقۇچىغا قاتنىشىدۇ.لوڭقا چىمپىيونى ئۇدۇل ياۋروپا بىرلەشمە لوڭقىسى گۇرۇپپا مۇسابىقىسىگە كىرىدۇ.بىرلەشمىنىڭ بەشىنچىسى ياۋروپا بىرلەشمە لوڭقىسى سالاھىيەت مۇسابىقىسى باسقۇچىدىن باشلاپ ئوينايدۇ.بىرلەشمىنىڭ ئالتىنچىسى ياۋروپا بىرلەشمە لوڭقىسى ئۈچىنچى باسقۇچ تاللاش مۇسابىقىسىدىن باشلاپ ئوينايدۇ.
ئالدىنقى ئۈچ ئورۇننى ئالغان بىرلەشمە بولسا،ئىسپانىيە،ئىنگلاند،گېرمانىيە.دېمەك بۇ ئۈچ بىرلەشمىنىڭ 2014-2015-يىللىق ياۋروپا مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىغان كۇلۇب سانى ئايرىم-ئايرىم جەمئىي يەتتە.
تۆتىنچى ۋە بەشىنچى بىرلەشمىنىڭ ئالدىنقى ئىككىسى ياۋروپا چىمپىيونلۇق بىرلەشمىسى گۇرۇپپا مۇسابىقىسىغا ئۇدۇل كىرىدۇ.ئۈچىنچىسى سالاھىيەت مۇسابىقىسى باسقۇچىغا قاتنىشىدۇ.لوڭقا چىمپىيونى ئۇدۇل ياۋروپا بىرلەشمە لوڭقىسى گۇرۇپپا مۇسابىقىسىگە كىرىدۇ.بىرلەشمىنىڭ تۆتىنچىسى ياۋروپا بىرلەشمە لوڭقىسى سالاھىيەت مۇسابىقىسى باسقۇچىدىن باشلاپ ئوينايدۇ.بىرلەشمىنىڭ بەشىنچىسى ياۋروپا بىرلەشمە لوڭقىسى ئۈچىنچى باسقۇچ تاللاش مۇسابىقىسىدىن باشلاپ ئوينايدۇ.
تۆتىنچى ۋە بەشىنچى ئورۇننى ئالغان بىرلەشمە بولسا،ئىتالىيە ۋە پورتۇگالىيە.دېمەك بۇ ئىككى بىرلەشمىنىڭ 2014-2015-يىللىق ياۋروپا مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىغان كۇلۇب سانى ئايرىم-ئايرىم جەمئىي ئالتە.
ئالتىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان بىرلەشمىنىڭ ئالدىنقى ئىككىسى ياۋروپا چىمپىيونلۇق بىرلەشمىسى گۇرۇپپا مۇسابىقىسىغا ئۇدۇل كىرىدۇ.ئۈچىنچىسى تاللاش باسقۇچى ئۈچىنچى باسقۇچىغا قاتنىشىدۇ.لوڭقا چىمپىيونى ئۇدۇل ياۋروپا بىرلەشمە لوڭقىسى گۇرۇپپا مۇسابىقىسىگە كىرىدۇ.بىرلەشمىنىڭ تۆتىنچىسى ياۋروپا بىرلەشمە لوڭقىسى سالاھىيەت مۇسابىقىسى باسقۇچىدىن باشلاپ ئوينايدۇ.بىرلەشمىنىڭ بەشىنچىسى ياۋروپا بىرلەشمە لوڭقىسى ئۈچىنچى باسقۇچ تاللاش مۇسابىقىسىدىن باشلاپ ئوينايدۇ.
ئالتىنچى  ئورۇننى ئالغان بىرلەشمە بولسا فرانسىيە.دېمەك بۇ بىرلەشمىنىڭ 2014-2015-يىللىق ياۋروپا مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىغان كۇلۇب سانى ئايرىم-ئايرىم جەمئىي ئالتە.
يەتتىنچى،سەككىزىنچى،توققۇزىنچى بىرلەشمىنىڭ چىمپىيونى ياۋروپا چىمپىيونلۇق بىرلەشمىسى گۇرۇپپا مۇسابىقىسىغا ئۇدۇل كىرىدۇ.ئىككىنچىسى تاللاش باسقۇچى ئۈچىنچى باسقۇچىغا قاتنىشىدۇ.لوڭقا چىمپىيونى ۋە بىرلەشمىنىڭ ئۈچىنچىسى ياۋروپا بىرلەشمە لوڭقىسى سالاھىيەت مۇسابىقىسى باسقۇچىدىن باشلاپ ئوينايدۇ.بىرلەشمىنىڭ تۆتىنچىسى ياۋروپا بىرلەشمە لوڭقىسى ئۈچىنچى باسقۇچ تاللاش مۇسابىقىسىدىن باشلاپ ئوينايدۇ. بىرلەشمىنىڭ بەشىنچىسى ياۋروپا بىرلەشمە لوڭقىسى ئىككىنچى باسقۇچ تاللاش مۇسابىقىسىدىن باشلاپ ئوينايدۇ.
يەتتىنچى،سەككىزىنچى ۋە توققۇزىنچى ئورۇننى ئالغان بىرلەشمە بولسا ئۇكرائىنا،روسىيە ۋە گوللاندىيە.دېمەك بۇ ئۈچ بىرلەشمىنىڭ 2014-2015-يىللىق ياۋروپا مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىغان كۇلۇب سانى ئايرىم-ئايرىم جەمئىي ئالتە.
10-،11-،12-  بىرلەشمىنىڭ چىمپىيونى ياۋروپا چىمپىيونلۇق بىرلەشمىسى گۇرۇپپا مۇسابىقىسىغا ئۇدۇل كىرىدۇ.ئىككىنچىسى تاللاش باسقۇچى ئۈچىنچى باسقۇچىغا قاتنىشىدۇ.لوڭقا چىمپىيونى ياۋروپا بىرلەشمە لوڭقىسى سالاھىيەت مۇسابىقىسى باسقۇچىدىن باشلاپ ئوينايدۇ.بىرلەشمىنىڭ ئۈچىنچىسى ياۋروپا بىرلەشمە لوڭقىسى ئۈچىنچى باسقۇچ تاللاش مۇسابىقىسىدىن باشلاپ ئوينايدۇ. بىرلەشمىنىڭ تۆتىنچىسى ياۋروپا بىرلەشمە لوڭقىسى ئىككىنچى باسقۇچ تاللاش مۇسابىقىسىدىن باشلاپ ئوينايدۇ.
10-،11-،12- ئورۇننى ئالغان بىرلەشمە بولسا تۈركىيە،بېلگىيە ۋە گرىتسىيە.دېمەك بۇ ئۈچ بىرلەشمىنىڭ 2014-2015-يىللىق ياۋروپا مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىغان كۇلۇب سانى ئايرىم-ئايرىم جەمئىي بەش.
13-،14-،15- بىرلەشمىنىڭ چىمپىيونى ۋە ئىككىنچىسى ياۋروپا چىمپىيونلۇق بىرلەشمىسى ئۈچىنچى باسقۇچلۇق مۇسابىقىسىدىن باشلاپ ئوينايدۇ. لوڭقا چىمپىيونى ياۋروپا بىرلەشمە لوڭقىسى سالاھىيەت مۇسابىقىسىدىن باشلاپ ئوينايدۇ. بىرلەشمىنىڭ ئۈچىنچىسى  ياۋروپا بىرلەشمە لوڭقىسى ئۈچىنچى باسقۇچ تاللاش مۇسابىقىسىدىن باشلاپ ئوينايدۇ. بىرلەشمىنىڭ تۆتىنچىسى ياۋروپا بىرلەشمە لوڭقىسى ئىككىنچى باسقۇچ تاللاش مۇسابىقىسىدىن باشلاپ ئوينايدۇ.
13-،14-،15-ئورۇننى ئالغان بىرلەشمە بولسا شۋىتسارىيە،سىپرۇس ۋەدانىيە.دېمەك بۇ ئۈچ بىرلەشمىنىڭ 2014-2015-يىللىق ياۋروپا مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىغان كۇلۇب سانى ئايرىم-ئايرىم جەمئىي بەش.
16-دىن 51-ئورۇنغىچە تۇرىدىغان بىرلەشمىلەردىن تۆت كوماندا ياۋروپا مۇسابىقىسىگا قاتنىشىدۇ،بىرلەشمە چىمپىيونى ياۋروپا چىمپىيونلۇق بىرلەشمىسى تاللاش مۇسابىقىسى ئوينايدۇ،قالغان ئۈچ كوماندا ياۋروپا بىرلەشمە لوڭقىسى تاللاش مۇسابىقىسى ئوينايدۇ.بۇ بىرلەشمىلەردىن ئاخىرىدا گۇرۇپپا مۇسابىقىسىگە قاتنىشالايدىغان كوماندىلار بارماق بىلەن سانىۋالغۇدەكلا چىقىدۇ.
45-ئورۇندا تۇرىدىغان لېچتىيىنىشتىننىڭ بىرلەشمە مۇسابىقىسى بولمىغاچقا،پەقەت لوڭقا مۇسابىقىسىنىڭ چىمپىيونىلا سالاھىيەتكە ئىگە.
52-،53-،ئورۇندا يەنى ئەڭ ئاخىرقى ئىككى ئورۇندا تۇرىدىغان بىرلەشمىنىڭ ئۈچ كوماندىسى ياۋروپا مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدۇ.بىرلەشمە چىمپىيونى ياۋروپا چىمپىيونلۇق بىرلەشمىسى بىرىنچى باسقۇچلۇق تاللاش مۇسابىقىسى ئوينايدۇ.لوڭقا چىمپىيونى ۋە بىرلەشمىنىڭ ئىككىنچىسى ياۋروپا بىرلەشمە لوڭقىسى تاللاش مۇسابىقىسى بىرىنچى باسقۇچىدىن باشلاپ ئوينايدۇ.
54-ئورۇندا يەنى ئەڭ ئاخىرىدا تۇرىدىغان بىرلەشمىنىڭ ئىككى كوماندىسى ياۋروپا مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدۇ.بىرلەشمە چىمپىيونى ياۋروپا چىمپىيونلۇق بىرلەشمىسى بىرىنچى باسقۇچلۇق تاللاش مۇسابىقىسى ئوينايدۇ. بىرلەشمىنىڭ ئىككىنچىسى ياۋروپا بىرلەشمە لوڭقىسى تاللاش مۇسابىقىسى بىرىنچى باسقۇچىدىن باشلاپ ئوينايدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا،ياۋروپا پۇتبولچىلار جەمئىيىتى بىرلەشمىلەرنىڭ ئادىل رىقابەتلىشىش رەتتەرتىپىدە ئالدىنقى ئۈچ ئورۇن ئالغان بىرلەشمىگە بىردىن ياۋروپا بىرلەشمە لوڭقىسى تاللاش مۇسابىقىسى بىرىنچى باسقۇچىدىن ئوينايدىغان شتات مۇكاپات قىلىپ بېرىدۇ.
QQ截图20150219113040.png
QQ截图20150219113127.png
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-19 15:39:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇنى بىلمەي يۈرەتتىم. رەھمەت، بىلىۋالدىم.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-19 15:46:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پايدىلنىش  قىممىتى  يوقرى  تىمىكەن  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-19 15:49:03 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kapsizbala تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-19 15:54  

16 دىن 51 گىچە بولغان كوماندىلار سالاھىيەت  مۇسابىقىسىنى  قانچە باسقۇچ ئويناپ ئاندىن ياۋرۇپا بىرلەشمىرىنىڭ مۇسابىقىسىگە قاتنىشالايدۇ ، يەنە ھەر قايسى  سالاھىيەت مۇسابىقىسى ئوينىغان كوماندىنىڭ شۇ بىرلەشمىسىگە نومۇر بىرلەمدۇ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-2-19 16:05:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
kapsizbala يوللىغان ۋاقتى  2015-2-19 15:49
16 دىن 51 گىچە بولغان كوماندىلار سالاھىيەت  مۇسابىقىسىنى ...

ئۈچ باسقۇچ تاللاس باسقۇچى،بىر باسقۇچ سالاھىيەت مۇسابىقە باسقۇچى،جەمئىي تۆت باسقۇچ.مۇشۇنىڭدىن ئۆتسە گۇرۇپپىغا كىرەلەيدۇ.سالاھىيەت ۋە تاللاش مۇسابىقە باسقۇچىدا ئۇتسا بىر نومۇر،تەڭلەشسە يېرىم نومۇر بېرىدۇ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-19 16:24:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياۋروپا پۇتبولچىلار جەمئىيىتى بىرلەشمىلەر رەتتەرتىپىنى قانداق بەلگىلەيدۇ.......بىرلەشمىنىڭ ئاجىز كۈچلۈكلىكىگە قارامدۇ ياكى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-19 16:51:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەنە بىر تىمىدىكى ئىنكاسىم ئەسلى مۇنۇ يەرگە ماس كىلدىكەندە.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-2-19 16:58:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىروي يوللىغان ۋاقتى  2015-2-19 16:24
ياۋروپا پۇتبولچىلار جەمئىيىتى بىرلەشمىلەر رەتتەرتىپى ...

جاۋابى مانا /forum.php?mod=viewthread&tid=47622
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-19 17:11:30 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى تېما بوپتۇ ، خېلى نەرسىلەرنى بىلىۋالدىم ، رەخمەت .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-19 20:08:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تېمىكەن راسلا.............................!!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-19 23:22:02 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك مۇرككەپكەن تازا چۈشۈنەلمىدىم
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-19 23:58:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تىما بوپتۇ كۆپ چۈشەنچىلەرگە ئىگە بولدۇم.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-3-18 16:48

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش