akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 1315|ئىنكاس: 35

fifa online3 ئويۇنىدا چاغانلىق6چوڭ مۇكاپات بار

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2015-2-19 00:57:45 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلى ، ھەممىڭلارغا ئوتلۇق سالام .
    يېقىندىن بۇيان دىيارىمىزدا ئويناش قىزغىنلىقى بىراقلا يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن ئويۇن fifa online3 ھەممىڭلارغا ناتونۇش ئەمەسقۇ دەيمەن، بەلكىم مۇنبىرىمىزدىمۇ بۇ ئويۇننى ئوينايدىغانلارنى سانى كۆپ بولۇشى مۇمكىن، ئۆزۈممۇ بىر پۇتبول مەستانىسى بولغاچ بۇ ئۇيۇننى ئانچە-مۇنچە ئويناپ قويىمەن، قارىسام يېقىندا ئويۇننىڭ چاغانلىق پائالىيەتلىرىگە ئوت كېتىپتۇ، شۇڭا مۇنبەردىكىلەرنىمۇ بۇ پائالىيەتلەردىن خەۋەردار قىلىش مەقسىتىدە تېما يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن. ئۇنداقتا قۇرۇق گەپنى قويۇپ تېمىغا كېلەيلى :

چاغانلىق 6 چوڭ پائالىيەت  






1-پائالىيەت :  2-ئاينىڭ 19-كۈنىدىن 3-ئاينىڭ 5-كۈنىگىچە ھەركۈنى شىنجاڭ ۋاقتى چۈش سائەت 12دىن 2گىچە ، كەچ سائەت 7دىن 9غىچە ئويۇندا پۇتبولچى تەجرىبىسى، مەشقاۋۇل تەجرىبىسى ۋە ئويۇن EP پۇلى 3 ھەسسە بويۇنچە تارقىتىلىدۇ. (ئەسكەرتىش: ئاپتوماتىك مۇسابىقە ئويناتسا تەجرىبە ۋە پۇل 3 ھەسسە بويۇنچە ھېسابلانمايدۇ .)

پائالىيەت ئادرېسى : http://eafifa.qq.com/act/a20150205ghxc/page01.htm




2-پائالىيەت : 2-ئاينىڭ 19-كۈنى ، 2-ئاينىڭ 23-كۈنى ۋە 3-ئاينىڭ 5-كۈنى ، مۇشۇ ئۈچ كۈن ئىچىدە ئويۇنغا كىرسىڭىزلا يۇقىرىقى رەسىمدىكىدەك مۇكاپاتلارغا ئېرىشەلەيسىز .

پائالىيەت ئادرېسى : http://eafifa.qq.com/act/a20150205ghxc/page02.htm




3-پائالىيەت : 2-ئاينىڭ 13-كۈنىدىن 3-ئاينىڭ 5-كۈنىگىچە ھەركۈنى ئويۇندا تۆۋەندىكى ۋەزىپىلەرنى بېجىرىش ئارقىلىق نومۇرغا ئېرىشىپ نومۇرنى مۇكاپاتقا ئالماشتۇرالايسىز .
ۋەزىپە تۆۋەندىكىچە :  
1 - ھەركۈنى 2 مەيدان بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە ئۇتسىڭىز 1 نومۇر بېرىلىدۇ (شەرت دۈشمەننىڭ دەرجىسى 世界级دىن يۇقىرى بولۇشى كېرەك)
2-ھەركۈنى 排位赛,决胜日 دېگەندەك PVP مۇسابىقىلىرىدە 2 مەيدان ئۇتسىڭىز 2 نومۇر بېرىلىدۇ .
3-ھەركۈنى بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە بىر مەيدان مۇسابىقىدىلا 10 توپ ئۇرالىسىڭىز 1 نومۇر بېرىلىدۇ .( دۈشمەننىڭ دەرىجىسىگە شەرت قويۇلمايدۇ)
4-ھەركۈنى يۆتكىلىش بازىرىدا 50مىڭ EP پۇلى ئىشلەتسىڭىز ياكى 50 مىڭ EP لىق ئادەمدىن بىرنى سېتىۋالسىڭىز 1 نومۇر بېرىلىدۇ .
5-ھەركۈنى ئويۇندا 45 مىنۇت تۇرسىڭىز 1 نومۇر بېرىلىدۇ
6-ھەركۈنى 2مەيدان پۇتبول دىرېكتورى (经理人) مۇسابىقىسىدە ئۇتسىڭىز 1 نومۇر بېرىلىدۇ
7-ھەركۈنى ئويۇنغا بىر قېتىم كىرسىڭىز 1 نومۇر بېرىلىدۇ
(ماۋۇ پائالىيەتكە قىزىقىپ قالغان تورداشلار ئاستىدىكى ئەسكەرتىشنى ئوقۇشنى ئۇنۇتماڭ . بولمىسا بىكار ئاۋارە بولۇپ قالىسىز)
نومۇرنى جەملىگەندىن كىيىن ئېرىشكىلى بولىدىغان مۇكاپاتلار تۆۋەندىكىچە :

ئەسكەرتىش : مۇكاپات كاتتا، ئەمما تولۇق چۈشەنمىسىڭىز ماڭا ئوخشاش ئوشۇق مۇسابىقە ئويناپ ئۆزىڭىزنى ئۇپرىتىۋالىسىز، يۇقىرىقى ۋەزىپىلەرنىڭ ھەربىرسىنى كۈندە پەقەت بىر قېتىملا ئورۇندىسىڭىز كۇپايە، تەكرار ئورۇنلىسىڭىز نومۇرغا تەكرار نومۇرغا ئېرىشەلمەيسىز، يەنى بىر كۈندە ئەڭ كۆپ بولغاندا 8 نومۇرغا ئىرىشكىلى بولىدۇ ، مۇشۇ ئۇسۇلدا يىغسىڭىز 5 كۈندىلا ئاۋۇ 40 نومۇرغا ئالماشتۇرغىلى بولىدىغان مۇكاپاتقا ئېرىشەلەيسىز .

پائالىيەت ئادرېسى : http://eafifa.qq.com/act/a20150212newyearlottery/




4-پائالىيەت : 2-ئاينىڭ 18-19-كۈنى ۋە 2-ئاينىڭ 25-26-كۈنلىرى پۈتۈن كۈن ھەربىر مەيدان مۇسابىقىدە ئۇتسىڭىز 2 تۇياق ياۋروپا پۇتبولچىلىرى كارتىسىغا ئېرىشەلەيسىز، مۇكاپات تاكى 20 مەيدان مۇسابىقىدە ئۇتقىچە داۋاملىشىدۇ (بىركۈندە ئەڭ كۆپ بولغاندا بۇ كارتىدىن 40 غا ئېرىشەلەيسىز دېگەن گەپ )

پائالىيەت ئادرېسى : http://eafifa.qq.com/act/a20150205ghxc/page04.htm




5-پائالىيەت : 2-ئاينىڭ 13-كۈنىدىن 2-ئاينىڭ 28-كۈنىگىچە پۈتۈن كۈنى 排位赛 مۇسابىقىسىدە 1 مەيدان ئۇتسىڭىز ياۋروپا چېمپىيون كوماندىلىرى پۇتبولچى كارتىسىدىن 2 تال ،Ep پۇلى كارتىسىدىن 2 تالغا ئېرىشەلەيسىز .

پائالىيەت ئادرېسى : http://eafifa.qq.com/act/a20150205ghxc/page05.htm




6-پائالىيەت : 2-ئاينىڭ 13-كۈنىدىن 3-ئاينىڭ 5-كۈنىگىچە ئويۇنغا دوسىت تەكلىپ قىلىش ۋە تەكلىپ قىلغان دوستىڭىزنىڭ دەرجىسىگە ئاساسەن ھەرخىل مۇكاپاتلارغا ئېرىشەلەيسىز .

پائالىيەت ئادرېسى : http://eafifa.qq.com/act/a20150206fifa/

6 خىل پائالىيەت مۇشۇ يەردە تامام . پائالىيەتنىڭ تەپسىلاتىغا بەك قىزىقىدىغان دوستلار تۆۋەندىكى پائالىيەت باش بىتىگە كىرىپ تېخىمۇ تەپسىلىي ئۇچۇرلارنى كۆرۈۋالسا بولىدۇ .
http://eafifa.qq.com/act/a201502 ... ad&atm_pos=5833
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-20 21:08:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
9مۇرادىل يوللىغان ۋاقتى  2015-2-20 20:55
تەلىيىڭىز باركەن...ماڭا رونالدودىن بېلەك ئادىم چىقىپ  ...

ماڭا ئەڭ يۇقۇرىسى شۇ w ئالابا چىقىپ باققان... 18- 20 مىليون ئەتراپىدا ئىدى باھاسى... تۈنۈگۈن قارىسام 36 مىليون تۇرىدۇ... سېتىپلا رونالدونى ئېلىۋالدىم
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-2-19 00:59:16 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باشقۇرغۇچىلار ئادرىسنى يۇرىتالمىدىم يۇرتىپ قۇيغان بۇلساڭلار
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-19 01:10:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن  چۇقۇپ   ھەمىنى  ئالالايمەن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-19 01:27:51 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنى قىتىۋېلىڭلا باللار ئۇيۇن،ئىسمىم Mr丶 Sultan
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-19 01:29:45 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دەرىجەم،45  تۈنۈگۈن،ئازراق پۇل خەجلەپ ئاچقۇچ،بىلەن.ساندۇق،،،ئاچسام 30مىليۇن چىقتق ھازىر سەپ شەكلىم 90مىليۇندىن ئائازتى.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-19 01:30:27 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىلفۇندا ھەجەپ قولاشمىدىم ئىنكاس يىزىپ...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-19 01:39:00 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆڭۈل   پۇشىقى   ئوينىسا   بۇلدىغان   ئۇيۇن   بۇ  ،  بەك  كىرىپ   كەتسە   چاتاق   .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-19 01:42:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭ خەنچە سەۋىيەم نول دىمەتلىك مۇشۇنداق پالىيەتلە بولسا مۇنبەرگە يوللاپ تۇرساڭلا
ئىككى كۈن بولدى بۇئويۇن بەكلان ئىغىرلىشىپ قالدىغۇ
ئويۇندىكى ئىسمىم :saburi  تىرىنىلىق دەرىجەم:32
ئوزۇمچە خىلى ياخشى ئوينايمەن دەپقارايمەن دەرىجەمنى كىچىك كورمەي قوشۋالساڭلا بىللە ئوينىساق
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-19 01:45:03 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئويۇننى ئويناۋاتقانلار ئۈچۈن ياخشى پۇرسەتكەن بۇ .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-19 01:53:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي مۇشۇ ئوياندا ماڭا پەقەتلام تەلەي يوقكىن دەيمە...خەققە س.رونالدو بىل ئىبرايملار 10 دىروگبا 06رونالدىنخو چىقىدىكەن ماڭا قاچان قارىسا مىڭ كويلۇقلام ئادەم چىققان ، رونالدو بىلەن ئىبراھىمنى پۇل يىغىپ ئالدىم ، تەلىيىم بەكلا كاج زادى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-19 07:36:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇئەلەيكۇم باللاياخشىمۇسىلە مىنى قېتىۋېلشىڭ لىنى قارشى ئالىمەن  مىنىڭ ئىسمىم    atux1227
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-19 08:51:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماۋۇ ئېنتاين ياخشى تېما بۇپتۇ  مۇشۇ پائالىيەتلەردىن پايدىلنامماۋاتقان بالىلارمۇ بار ئاشۇلار ئۇچۇن ياخشى ئۇزۇقلۇق دەپ ئۇيلايمەن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-25 04:28

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش