ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 66 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا باشئەگىم تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-2-18 23:46
ياۋروپا بىرلەشمىلىرى رەت تەرتىپى قانداق بەلگىلىنىدۇ؟
بىز ھەرقاچان ياۋروپادىكى بەش چوڭ بىرلەشمە، تۆت چوڭ بىرلەشمە دەپ ئاڭلايمىز؟ ئىنچىكە پۇتبول سۆيەرلەر بىرلەشمىلەرنىڭ رەت تەرتىپىنىڭ زادى قانداق بەلگىلىنىدىغانلىقىغا قىزىقىدۇ ئەلۋەتتە، تۆۋەندە بىز سىزگە بۇنىڭ جاۋابىنى سۆزلەپ بېرىمىز.
ياۋروپا بىرلەشمىلىرىنىڭ رەت تەرتىپى ياۋروپا پۇتبولچىلار جەمئىيىتىنىڭ يولغا قويغان ئۈچ تۈرلۈك رەت تەرتىپىنىڭ بىرسى، قالغان ئىككىسى كۇلۇبلار رەت تەرتىپى بىلەن دۆلەت كوماندىسى رەت تەرتىپى، بۇ ئىككىسىنى كېيىن ئايرىم سۆزلەيمىز. مەزكۇر ماقالىمىزدا سۆزلىدىغىنى بىرلەشمە مۇسابىقە رەت تەرتىپى.
ياۋروپا پۇتبولچىلار جەمئىيىتى ھەرقايسى ئەزا دۆلەت بىرلەشمىلىرىنىڭ ئالدىنقى بەش مۇسابىقە پەسلىدە ئېرىشكەن ياۋروپا مۇسابىقىلىرىدىكى نەتىجىسىنى قوشۇپ رەت تەرتىپنى بەلگىلەپ، بىرلەشمىلەرنىڭ ياۋروپا چىمپىيونلۇق بىرلەشمىسى ۋە ياۋروپا بىرلەشمە لوڭقىسىغا قاتنىشىدىغان كوماندا سانىنى بەلگىلەيدۇ.ياۋروپا بىرلەشمىلىرى رەت تەرتىپىنىڭ ئەڭ چوڭ رولى مۇشۇ. لېكىن ئېيتىپ ئۆتىمىزكى، ئارىلىقتا بىر مۇسابىقە پەسلى ئارىلىق مەزگىل بولىدۇ، يەنى بۇ 2014-2015-يىللىق مۇسابىقە پەسلىنىڭ ئاخىرىدىكى رەت تەرتىپ ئەمەلىيەتتە 2016-2017-يىللىق مۇسابىقە پەسلىنىڭ مۇسابىقىگە قاتنىشىش شتاتىنى بەلگىلەيدۇ.
ئۇنداق بولسا نەتىجە قانداق ھېسابلىنىدۇ؟
پەقەت شۇ ياۋروپا پۇتبولچىلار جەمئىيىتىگە ئەزا بىرلەشمىنىڭ ياۋروپا چىمىيونلۇق بىرلەشمىسى ۋە ياۋروپا بىرلەشمە لوڭقىسىغا قاتناشقان كوماندىلىرىنىڭلا نەتىجىسى ھېسابلىنىدۇ. جۇغلانما قائىدىسى مۇنداق:- ھەر بىر كوماندا ياۋروپا چىمپىيونلۇق بىرلەشمىسى، ياۋروپا بىرلەشمە لوڭقىسىدا بىر مەيدان ئۇتسا ئىككى نومۇرغا ئېرىشىدۇ، تەڭلەشسە بىر نومۇرغا ئېرىشىدۇ، سالاھىيەت مۇسابىقىسىدە جۇغلانمىنىڭ يېرىمى كېمىيىپ، ئۇتسا بىر نومۇر، تەڭلەشسە يېرىم نومۇر ئالىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا 2009-2010-يىللىق مۇسابىقە پەسلىدىن باشلاپ، ياۋروپا چىمپىيونلۇق لوڭقىسىدا گۇرۇپپا مۇسابىقىسىگە كىرگەن كوماندىلار تۆت نومۇر مۇكاپاتقا ئېرىشىدۇ، 16 كۈچلۈككە كىرگەن كوماندىلار يەنە بەش نومۇر مۇكاپاتقا ئېرىشىدۇ، سەككىز كۈچلۈك، يېرىم ھەل قىلغۇچ، ھەل قىلغۇچلارغا كىرسە يەنە ئايرىم ئايرىم بىردىن نومۇر مۇكاپاتقا ئېرىشىدۇ. لېكىن چىمپيونغا يەنە باشقا مۇكاپات قوشۇلمايدۇ. ياۋروپا بىرلەشمە لوڭقىسىدا بولسا، سەككىز كۈچلۈكتىن باشلاپ ھەربىر باسقۇچ ئاتلىسا بىر نومۇر مۇكاپات قوشۇلىدۇ.
شۇ تەرىقىدە ياۋروپا كۇلۇبلار مۇسابىقىسىگە قاتناشقان ھەربىر كوماندىنىڭ نەتىجىسى قوشۇپ شۇ دۆلەتتىن قاتناشقان بارلىق كوماندىنىڭ سانىغا بۆلۈۋەتسە شۇ بىرلەشمىنىڭ شۇ يىللىق مۇسابىقە پەسلىدىكى جۇغلانما نومۇرى چىقىدۇ.
بۇ جۇغلانما نومۇرىغا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ھېسابلاپ چىقىلغان ئالدىنقى تۆت مۇسابىقە پەسلىدىكى جۇغلانما نومۇرى قوشۇلۇپ شۇ دۆلەتنىڭ ياۋروپا بىرلەشمە رەت تەرتىپ جۇغلانمىسى ھېسابلىنىپ شۇ بىرلەشمىنىىڭ ياۋروپا رەت تەرتىپىدىكى ئورنى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىككىنچى مۇسابىقە پەسلىدە شۇ بىرلەشمىدىن ياۋروپا چىمپىيونلۇق بىرلەشمىسى ۋە ياۋروپا بىرلەشمە لوڭقىسىغا قاتنىشىدىغان كوماندا سانى بەلگىلىنىدۇ.
تۆۋەندە بۇنىڭغا 2012-2013-يىلىدىكى گېرمانىيە بىرلەشمە مۇسابىقىسىنى مىسال قىلىمىز.
2012-2013-يىللىق مۇسابىقە پەسلى ياۋروپا مۇسابىقىسىگە قاتناشقان كوماندىلار: بايرىن مىيۇنخىن، دورتمۇند، شالك 04، ھاننوۋىر، شتۇتگارت، لېۋىركۇسىن ۋە مىنىشلادباخ .
بۇ يەتتە كوماندىنىڭ شۇ مۇسابىقە پەسلىدە ئېرىشكەن بارلىق جۇغلانمىسى 125.500، يەتتىگە بۆلسە 17.928. بۇ دەل گېرمانىيە بىرلەشمىسىنىڭ شۇ يىللىق ياۋروپا مەيدىنىدا ئېرىشكەن نومۇرى، بۇنىڭغا ئالدىنقى تۆت پەسىلدا ئېرىشكەن نومۇرلىرىنى قوشۇپ، بەش يىللىق ئومۇمىي جۇغلانمىنى چىقىرىپ ياۋروپادىكى ئورنىنى بەلگىلەپ بۇ يىللىق مۇسابىقە پەسلى ياۋروپا مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىغان گېرمانىيە كوماندىلىرىنىڭ سانى ۋە ئورنىنى بەلگىلىدى.
بۈگۈن مۇشۇ يەرگىچە بولسۇن، ئەتە ياۋروپا پۇتبولچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇشۇ بىرلەشمە رەت تەرتىپىگە ئاساسەن بىرلەشمىدىن ياۋروپا چىمپىيونلۇق بىرلەشمسى ۋە ياۋروپا بىرلەشمە لوڭقىسىغا قاتنىشىدىغان كوماندا سانى ۋە كوماندىلارنىڭ تۇتىدىغان ئورنىنى قانداق بەلگىلەيدىغانلىقىنى سۆزلەپ بېرىمىز.
|
|