ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 150 |
جۇغلانمىسى: 3801 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا بېرنابۇ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-2-18 01:41
1. بېھكىخام
ۋېنگىر ئىلگىرىكى ئىشلارنى ئاشكارلاپ مۇنداق دېگەن: ‹‹ ئۇ ۋاقىتتىكى داۋىدنىڭ مادىرىد ھاياتى تازا كۆڭۈلدىكىدەك ئەمەستى، ئەينى چاغدا ئۇ ھەتتا ئاساسلىق ئەزالىق ئورنى ئۈچۈن قاتتىق تىرىشۋاتاتتى. بىز كۆرۈشكەن ھەم يۆتكىلىش ئىشلىرى ئۈستىدە پىكىر ئالماشتۇرغان. ئەمما ئەمەلىي ھەركىتى ئارقىلىق ئۆز قىممىتىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن داۋىد ئاخىردا يەنىلا مادىرىدتا قېلىشنى تاللىدى ››.
2. كىرىستىيانو رونالدو
ۋېنگىر ئەينى چاغدا مانچېستېر بىرلەشمىسىدىن بۇرۇن رونالدوغا يېقىنلاشقان، ئەمما ئۇنىڭ شۇ چاغدىكى باھاسى ئاران 5 مىليۇن فونىستېرلىڭ بولۇپ، مانچېستىر بىرلەشمىسىگە قېتىلغاندىن كېيىنكى باھاسىنىڭ يېرىمىغىمۇ توغرا كەلمەيتى. پورتۇگالىيلىك داڭلىق ۋاستىچى مېندېس ئاشكارلاپ: ‹‹ مېنىڭ رونالدونىڭ بېشىغا كەلگەن ئۇ چاغدىكى ئىشلار ھازىرغىچە ئېسىمدە بار، ئارسىنال ئەينى چاغدا رونالدونى 9-10 قېتىمدەك مەخسۇس خادىم ئەۋەتىپ تەكشۈرگەن، قارىماققا ئارسىنال ئۇنىڭ بىلەن توختاملىشىدىغانلىقى مۇقەررەر ئىدى، ئەمما ئارقىدىن لىسسابون رىقابەت كۇلۇبىنىڭ يېڭى مەيدانىنىڭ يوپۇق ئېچىش مۇراسىمىدا مانچېستېر بىرلەشمىسى تەكلىپكە بىنائەن دوستلۇق مۇسابىقىسىغا قاتناشتى، مانچېستېر توپچىلىرىنىڭ كۈچلۈك تەۋسىيە قىلىشى ئاستىدا فورگىسون رونالدونى كونا تىراففوردقا ئېلىپ كەتتى. ›› دېگەن.
3. رونالدىنخو
‹‹ بىز ئەسلىدە ئۇ پارىژغا بېرىشتىن بۇرۇنلا ئۇنى كوماندىمىزغا قوشۇۋالالايتۇق. مەن ئۇنىڭ ئاكىسى (رونالدىنخونىڭ ۋاستىچىسى) بىلەن كۆرۈشۈپ سۆھبەتلەشكەن. لېكىن ئاخىرىدا ئۇنىڭ خىزمەت گۇۋاھنامىسى (劳工证) نىڭ ھەل بولمىغانلىق مەسلىسى تۈپەيلىدىن ئۇ ئېنگىلانىدقا كېلىشكە ئامالسىز قالدى. بىز ئۇنىڭدەك ياخشى توپچىنى سېتىۋېلىشىنى ئويلىغان بولساقمۇ، بۇنى بەزىبىر رەسمىيەتلەر توسۇپ قويدى، ئويلىمىغان يەردىن ئۇنى سېتىۋالالمايدىغانلىقىمىزنى بايقاپ قالدۇق. ›› دەيدۇ ۋېنگىر ئەينى چاغلارنى ئەسلەپ.
4. ئېيتىئو
ھېنىرى ئىلگىرى ئېيتىئونى ئارسىنالغا كۈچلۈك تەۋسىيە قىلغان، ئەمما ۋېنگىر كەينى-كەينىدىن پۇرسەتنى كەتكۈزۈپ قويغان، ئاساسلىق سەۋەبى بولسا ئارسىنال كۇلۇبىنىڭ مۇدىرىيەت تەرەپ تۈزۈك كۈچ چىقارغىلى ئۇنمىغان. 2006-يىلىدىكى ياۋروپا ئۇزغۇنلۇقنىڭ ھەل قىلغۇچ جېڭىدە ئارسىنال ئەپسۇسلىنارلىق نەتىنجىدە بارسىلوناغا ئۇتتۇرۇپ قويغاندىن كېيىن، ۋېنگىر: ‹‹ 2004-يىلى 8-ئاي مەزگىللىرى ئىدى، ئۇ چاغدا ئېيتىئو تېخى بارسىلوناغا رەسمىي قېتىلىپ بولالمىغان، ئۇ بىز بىلەن بارسىلونا ئارىسىدا ئارىسالدى بولۇپ تۇرغانىدى. ئەپسۇس، ئەينى چاغدا بىز ھەممىمىز خاتالىشىپتىكەنمىز. ›› دەيدۇ.
5. ئىبىرايىموۋىچ
2000-يىلى 12-ئايدا ۋېنگىر ئۆزى مەخسۇس شېۋىتسىيەگە بېرىپ ئاران 19 ياشقا كىرگەن ئىبىرايىموۋىچ بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇنىڭ ئارسىنالغا قېتىلىپ، يۆتكىلىپ كەتكىنىگە تېخى ئۇزۇن بولمىغان ئانېلكانىڭ ئورنىنى ئېلىشقا كۆندۈرگەن، ئارقىندىنلا ئىبىرايىموۋىچمۇ ئارسىنال كوماندىسى ئەزالىرى بىلەن قىسقا ۋاقىت سىناق مەشىققە قاتناشقان، ۋېنگىر سىموۋلىق مەنىگە ئىگە بولغان 9-نومۇرلۇق كىيىمنى ئۇنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپ، ‹‹ بىز لوندوندا سېنى ساقلايمىز، شېۋىتسىيە بىرلەشمىسى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن سەن يەنە بىر قېتىم كېلىپ بىر ھەپتىلىك سىناق مەشىققە قاتناشقىن ›› دېگەندە، ئىبىرايىموۋىچ مەمەدانلارچە: ‹‹ سىناق مەشىق؟ مەن ئەمدى ھەرگىز سىناق مەشىققە قاتناشمايمەن ›› دەپ جاۋاپ بەرگەن. شۇنداق قىلىپ ئىبىرايىموۋىچ بىلەن ئارسىنال كۇلۇبى مۈرىلىرى سۈركىشىپ دېگۈدەك ئۆتۈپ كېتىشكەن.
6. دىروگبا
ۋېنگىر مۇنداق دەيدۇ: ‹‹ دىروگبا تېخى فىرانسىيە بىرلەشمىسىدىكى لېمانىس كوماندىسىدىكى چاغلار ئىدى، بىز خېلى بۇرۇنلا ئۇنى ئەستايىدىل كۆزىتىشنى باشلىۋەتكەن، ئۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ باھاسى ئارانلا 100 مىڭ فونىستېرلىڭ ئىدى. بىراق بىزنىڭ نەزىرىمىزچە ئۇ چاغلاردا ئۇنىڭ تەييارلىقى تېخى تولۇق پۈتمىگەن، مۇنداقلا ئېيىتساق شۇ ۋاقىتتىكى دىروگبانى بىز ئانچە بەك ئېتىبارغا ئالمىغان، ئەمما...... ھازىر ئۆرۈلۈپ قارايدىغان بولساق، ئەينى چاغدا بىز ھەقىقەتەنمۇ چوڭ بىر خاتالىق سادىر قىلىپ قويۇپتىكەنمىز ››.
7. ماكېلېلې
ئەينى يىللىرى ماكېلېلې مۇئاش مەسىلىسى سەۋەبىدىن مادىرىدتىكى كۈنلىرى ئانچە خۇشال ئەمەس ئىدى، مۇنەۋۋەر بىر ئارقا بەل توپچىسىنىڭ تېگىشلىك قىممەتكە ئېرىشەلمەيۋاتقانلىقىنى پىششىق بىلگەن ۋېنگىر تەبئىيلا ئۇنىڭغا نەزەر كۆزىنى تاشلىغان، بولۇپمۇ ۋېئېرا زەمبىرەكچىلەر قوشۇنىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، ۋېنگىر ئۆز ئاغزى بىلەن: ‹‹ماكېلېلې ئىلگىرى بىز بىلەن توختاملىشىدىغانغا ناھايتى يېقىنلاشقان، ئەمما ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، 2003-يىلى چېلسى ھەقىقىي تۈردە بېشىنى كۆتۈردى، ئابلاموۋىچ قىلچە تۈزۈت قىلماستىن 30 ياشلىق بۇ پېشقەدەم ماھىرغا 16 مىليۇن 800 مىڭ فونىستېرلىڭ يۆتكىلىش سوممىسى چىقاردى ›› دەيدۇ.
8. ئېسسىن
ئېسسىنىڭ مەسىلىسىگە كەلگەندە، ۋېنگىر بىلەن تەڭ يەنە فورگىسونمۇ ھەسىرەتتە قالغان. بۇ ئافرىقا سۇ كالىسى چېلسى خوجايىنى ئابلاموۋىچنىڭ ئىمزاسى چۈشكەن پۇل چېكىنىڭ جەلىپ قىلىشى بىلەن كەينىگە قاراپمۇ قويماستىن لېئون كۇلۇبىدىن چېلسى كۇلۇبىغا قېتىلغان، ھەتتا ماكېلېلېدىن 10 ياش ئەتىراپىدا كىچىك كېلىدىغان بۇ ماھىرغا چېلسى كۇلۇبى 28 مىليۇن فونىستېرلىڭ چىقارغان بولۇپ، بۇ ئەينى ۋاقىتتىكى فىرانسىيە بىرلەشمىسىدە ئەڭ يۇقىرى يۆتكىلىش سوممىسى رېكورتى ياراتقان.
9. چېخ
داۋىد سېمەندىن كېيىن ئارسىنال كۇلۇبى ئىزچىل بۇ ئېنگىلانىد دۆلەت كوماندىسىنىڭ قاپقىچىسىنىڭ ئىز باسارىنى ئىزدىگەن، شۇنداقلا ئەينى چاغدا ئارسىنال كۆزلەپ قويغان چېخ فىرانىسىيە بىرلەشمىسىدىكى رېننىس كۇلۇبىدا ئەمدىلەتتىن نام چىقىرىشقا باشلىغانىدى، لېكىن ئاخىردا يەنىلا بىر كېچە ئىچىدىلا باي خوجايىننىڭ قولىدىكى چېلسى كۇلۇبى تەرىپىدىن ئېلىپ كېتىلگەن. ئەلۋەتتە، ئارسىنالنىڭ كەتكۈزۈپ قويغان يېرى، چېخنىڭ خىزمەت گۇۋاھنامىسى (劳工证) مەسىلىسىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلالمىغان. باش قىسىمى يارلىنىشتىن ئىلگىرىكى ئىپادىسىگە قارايدىغان بولساق، تۇرۇپلا نېرۋىسى قوزغىلىپ قالىدىغان لەيمان ۋە كېيىنكى ئارسىنالنىڭ 1-نومۇرلۇق قاپقىچىسى ئالمۇنىياغا قارىغاندا بۇ چېخ دۆلىتىنىڭ قاپقىچىسى ئۇلاردىن كۆپ جەھەتتە قالتىس ئىدى.
10. بېل
ۋېنگىر 10 يىل ئىلگىرىلا ئەينى چاغدا جەنۇبىي ئامپىتوندا توپ تېپىۋاتقان بېلنى نىشانغا ئالغان، ئەمما ئەينى چاغدا كوماندىنىڭ سول بېك ئورنىدا ئىپادىسى ياخشى كېتىپ بارغان كىلىچىي (Gael Clichy) بار ئىدى، شۇڭلاشقا ۋېنگىر بېلنى سېتىۋېلىشنى زۆرۈر دەپ قارىمىغان، بىر يىلدىن كېيىن بېل 7 مىليۇن فونىستېرلىڭ باھادا توتتىنخام رېس كۇلۇبىغا قېتىلغان. ئوخشاشلا شۇ ۋاقىتلاردا ۋېنگىر ۋولكوتقا بەكراق كۈچىگەن ۋە ئۇنى مۇددەتىن بۇرۇن ئارسىنالغا ئېلىپ كەلگەن. نۆۋەتتىكى ئەھۋالدىن قارايدىغان بولساق، گەرچە ۋولكوتقا مەبلەغ سېلىش خاتا بولمىغان بولسىمۇ، لېكىن بېلنى قولدىن كەتكۈزۈپ قويۇشىنى ۋېنگىرنىڭ تۆۋەن دەرىجىدىكى سەۋەنلىكى دەپ قاراشقا بولىدۇ.
11. مۇدىرىچ
ۋېنگىر مۇنداق دەيدۇ: ‹‹ مۇدىرىچنى رېس كۇلۇبى بايقاشتىن بۇرۇن مەن بايقىغان، بىز ياۋروپا ئۇزغۇنلۇقتا زاگىرىپ دىنامو كوماندىسى بىلەن تۇتۇشۇپ باققان، ئۇ ئېدىۋاردو بىلەن بىللە مەيدانغا چىققانىدى، ئۇ ۋاقىتتا بىزدە فابىرىگاس بار ئىدى، ئەمما مەندە يەنىلا مۇدىرىچقا بولغان قىزىقىش پەيدا بولغان، ئۇ ئىنتايىن چاققان ۋە زېرەك ئىدى، مېنىڭ نەزىرىمچە ئۇنىڭ ھازىرقى ئېسىل ئىپادىسى ئانچە ھەيران قالارلىق دەرىجىدە ئەمەس، چۈنكى مەن ئۇنىڭ بۇنىڭدىنمۇ ياخشى قىلالايدىغىنىنى بىلىمەن ›› .
12. ۋاندېرۋات
ۋاندېرۋاتنى قولدىن بېرىپ قويۇشقا قارىتا ۋانپېرىس ئىنتايىن ئەپسۇسلانغان ھالدا: ‹‹ ۋاندېرۋات شەك-شۈبىھسىز ئىنتايىن قالتىس بىر پۇتبولچى، ئۇنىڭ ئىقتىدارى ماڭا ناھايتى ئايان، مەن ئۇنىڭ ئارسىنالغا قېتىلىشىنى بەكمۇ ئارزۇ قىلاتتىم. 2010-يىلى يازدا مەن كۆپ قېتىم ۋاندېرۋاتنىڭ ئارسىنالغا بەكمۇ ئەسقاتىدىغان توپچى ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭغا كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىم توغىرىسىدا مەشقاۋۇلغا ئېيىتقان. ناھايتىمۇ ئەپسۇس، مېنىڭ تەكلىپىم كۇلۇپنىڭ قوللىشىغا ئېرىشەلمىدى. ئارسىنالنىڭ ئۇنىڭ بىلەن توختاملىشالمىغانلىقىدىن مەن ناھايىمۇ بەك ئەپسۇسلاندىم ›› .
13. پاك
ئارسىنال كۇلۇبىنىڭ بايقىغۇچىسى روۋلېي 2011-يىلى ۋېنگىرغا تۆۋەن باھادا ئاللىقاچان دەرىجە چۈشۈپ كەتكەن غەربىي ھامنىڭ قولىدىكى ئارقا بەل ماھىرى پاكنى سېتىۋېلىش تەكلىپىنى بەرگەن. ئەمما بۇ تەكلىپ ۋېنگىرنىڭ رەت قىلىشىغا ئۇچىرىغان. ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ يەكۈنىگە ئاساسلانغاندا، پاكنىڭ يېشى بەلكىم ۋېنگىرنىڭ ئۇنى پىلاننىڭ سىرتىدا قالدۇرۇپ قويۇشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى بولۇشى مۇمكىن، قانداقلا بولمىسۇن چېلسىنىڭ بۇ ئۇتۇق قازانغان سابىق ئوتتۇرا مەيدان توپچىسى ئەينى چاغدا 30 ياش ئىدى. ۋېنگىر بولسا ‹‹ بىزدە سىكولىس بىلەن گىگىس كەم ›› دەپ قارايدۇ، لېكىن ئۇلارمۇ پاكقا قارىغاندا بىر نەچچە ياش چوڭ ئىدى. ۋېنگىرنىڭ بۇ مەسىلىگە بولغان كۆز قارىشى ئۆز-ئارا زىددىيەتلىك بولۇپ قالغان.
14. يايا تورى
‹‹ يايا تورى 15 ياشقا كىرگەندىن باشلاپ مەن ئۇنى ئىنتايىن چۈشىنىمەن، مەن ئۇنىڭغا دىققەت قىلىپ كېلىۋاتقىلى ناھايتى ئۇزاق ۋاقىت بولدى دېيىشكە بولىدۇ، مەن ئۇنىڭ دۇنياۋى دەرىجىلىك توپچى بولۇپ قالىدىغانلىقىغا ئىشىنەتتىم. ئەينى چاغدا ئۇ تېخى بىر كىچىك بالا چېغىدا بىزنىڭ بۇ يەرگە كەلگەن، ئەمما بىز ئۇنى دەرھاللا قوشۇۋالالمايتۇق، چۈنكى ئۇ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتكە تەۋە ئەمەس، ئۇ ۋاقىتتا ئۇ بەكمۇ ياش، خىزمەت گۇۋاھنامىسى (劳工证) گە ئېرىشىشكە ئامالسىز ئىدى. بىز ئۇنىڭ ئاۋۋال بېلگىيەگە بېرىپ، ئوڭۇشلۇق ھالدا خىزمەت گۇۋاھنامىسى (劳工证) غا ئېرىشكەندىن كېيىن ئاندىن ئۇنىڭ بىلەن توختاملىشىشنى ئويلاشقان. لېكىن ئۇنىڭدا يېتەرلىك سەۋىرچانلىق يوق ئىكەن، ئۇ ئالدى بىلەن ئۇكرائىناغا بېرىپ توپ تەپتى. ›› دەيدۇ ۋېنگىر ئەينى چاغدىكى ئىشلارنى ئەسلەپ.
15. بېنزىما
ۋېنگىر ئىلگىرى بېنزىمانى قوشۇۋېلىشنى ئويلاشقان ئىشقا كەلگەندە ئىنتايىن روھلانغان ھالدا: ‹‹ ئۇنىڭ بىلەن توختاملىشىش ئەمىليەتتە مۇمكىن بولمايدىغان ئىشمۇ ئەمەس ئىدى، ئۇ دەل مەن ياقتۇردىغان تىپتىكى تەنھەرىكەتچى. ئۇنىڭ ئورۇن ئېلىشى، توپقا ئېتىلىشى ئىنتايىن قالتىس، ئۇ ناھايتىمۇ ھوشىيار، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ سەپداشلىرى بىلەن ماسلىشىشىقا ماھىر، بىزنىڭ تاكتىكا سېپىمىزگە نەقلا چۈشىدۇ، شۇنداقلا ئۇنىڭ شەخسىي تېخنىكىسىمۇ ناھايتى قالتىس، شۇڭا ئۇ ماڭا نىسبەتەن دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى توپچى ››. (ئۇنى بىر پاتمان ماختاپ بولۇپ، كەينىدىن ‹قول يەتمىگەن شاپتۇل ئاچچىق› دېگەننى قوشۇپ قويغان بولسا تېخىمۇ بەك ئېنىق بولۇپ كېتەركەن ئەسلى).
مەنبە: 7m.cn |
|