akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 1322|ئىنكاس: 46
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

ئاتۇش دېربىسى مۇسابىقە خەۋىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   artuq999 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-17 21:12  

ئەسسالامۇئەلەيكۇم دوسلار:


ئاتۇشتا ئۆتكۈزۈلىۋاتقان بۇغرا لوڭقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى ئاتۇشتىكى ئەڭ كۈچلۈك، ئەزەلدىن رىقابىتى ئەڭ كەسكىن بولغان ئىككى كوماندا ئازاق كوماندىسى بىلەن سۇنتاغ كوماندىسى ئوتتۇرسىدا ئوينالدى.



بۇ ئىككى كوماندىنىڭ ھازىرغىچە قانچە قېتىم تۇتۇشقانلىقى نامەلۇم.
لېكىن بۇنىڭدىن ئون نەچچە يىل بۇرۇنقى بىر مەيدان مۇسابىقىسى ئاتۇشتىكى كۆپچىلىك مەستانىلەرگە مەلۇملۇق،يەنى ئون نەچچە يىل بۇرۇنقى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە ئىككى كوماندا تۇتۇشۇپ قېلىپ، 120 مىنۇتلۇق مۇسابىقىدە 2-2نەتىجە بىلەن تەڭلىشىپ قېلىپ ،نوقتا توپ جېڭىدە 22گە قارشى 23 نەتىجە بىلەن سۇنتاغ كوماندىسى چىمپىيۇن بولغان ئىدى.
بۇ ئىككى كوماندىنىڭ رىقابىتى مۇشۇنداق كەسكىن بولغاچقا تاماششىبىنلىرىمۇ بەك كۆپ . بۆگۈنمۇ بۇ مەيدان دېربىنى كۆرگىلى كەلگەن تاماششىبىنلارنىڭ سانى 30مىڭدىن ئېشىپ ،تاماششىبىنلار مەيدانغا سىغماي قالدى.



مۇسابىقە باشلاندى.


مۇسابىقە باشلىنىپلا سۇنتاغ كوماندىسى كۈچلۈك ھۇجۇم قىلدى، 16 مىنۇت بولغاندا سۇنتاغ كوماندىسىنىڭ 99 -نۇمۇرلۇق ئەزاسى بىر توپ كىرگۈزۈپ ۋاقتىنچە ئۈستۈنلۈككە ئۆتتى ،ئىككىلى تەرەپ كۈچلۈك ھۇجۇملارنى قىلغان بولسىمۇ ئالدىنقى مەيدان 1-0 نەتىجە بىلەن ئاياقلاشتى، كىيىنكى مەيدان باشلىنىپلا ئازاق كوماندىسى ھۇجۇمنى تېخىمۇ كۈچەيتتى،53 مىنۇت بولغاندا ئازاق كوماندىسىنىڭ 10-نومۇرلۇق ئەزاسى نىزامىدىن چىرايلىققىنا بىر توپ كىرگۈزۈپ نومۇرنى تەڭلەشتۈردى،مۇسابىقە شۇ تەرىقىدە كەسكىن داۋاملاشتى، 79 مىنۇت بولغاندا ئازاق كوماندىسىنىڭ 5-نومۇرلۇق ئەزاسى ئىلامجان بىر توپ كىرگۈزۈپ ئالدىغا ئۆتتى،كىيىنكى مىنۇتلاردا سۇنتاغ كوماندىسى مۇداپىئەگە چۈشۈپ قېلىپ ،ئازاق كوماندىسى1گە قارشى 2نەتىجە بىلەن سۇنتاغ كوماندىسىنى يەڭدى،ئىككىلى كوماندا ۋارتارلىرىنىڭ ئىپادىسى قالتىس بولدى، مۇسابىقە ھەقىقىي كەسكىن،قىزىغان بىر مەيدان مۇسابىقە بولدى…شۇنداق قىلىپ ئازاق كوماندىسى لوڭقا كۆتۈردى.



مۇسابىقىدىن كېيىنكى مەستانىلەرنىڭ تەبرىكلىشى دۇنيا لوڭقىسىدىن قېلىشمىدى.



باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1مۇنبەر پۇلى +50 يىغىش سەۋەبى
dilmurat. + 50 قالتىس!

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
دېۋان
ۋاقتى: 2015-2-17 21:31:09 | ئايرىم كۆرۈش
ھەي ئازاقنى تەبرىكلەيمەن .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئورۇندۇق
ۋاقتى: 2015-2-17 21:32:22 يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش
今天我去阿图什看决赛,太厉害,球迷3万多,太厉害了
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
يەر
ۋاقتى: 2015-2-17 21:36:28 يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش
30  مىڭ  نىمانچە  كۇپ.بۇنى  شىنلاڭ  تىڭشۇن  قاتارلىق  چوڭ  تورلارغا  يوللاشقا  بولامۇ  .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
5#
ۋاقتى: 2015-2-17 21:36:36 | ئايرىم كۆرۈش
30مىڭ ، ياۋرۇپادىكى بەزى كۇلۇپلاردىنمۇ جىقمۇ نىمە؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
6#
ۋاقتى: 2015-2-17 21:37:15 يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش
22-23  ھەر  بىر  ماھىر  ئىككى  قېتىمدىن   تەپكەن  ئوخشىمامدۇ   بۇمۇ  بىر  رىكوت  بوپتۇ  ئەمسە
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
7#
ۋاقتى: 2015-2-17 21:38:48 يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش
miradil يوللىغان ۋاقتى  2015-2-17 21:32
今天我去阿图什看决赛,太厉害,球迷3万多,太厉害了

ئامال بار ئۇيغۇرچە يازسىڭىز بولمامدۇ .
تەرجىمىسى "بۈگۈن مەن ئاتۇشقا ھەل قىلغۇچنى كۆرگىلى بارغان بەكمۇ قورقونۇشلۇق ،مەيداندىكى مەستانىلەرنىڭ سانى 30مىڭدىن ئاشىدۇ ، بەكمۇ قۇرقۇنۇشلۇق .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
8#
ۋاقتى: 2015-2-17 21:42:37 | ئايرىم كۆرۈش
ئاۋۇ مەستانىلەرنى پىئېس تا كىرىشتۈرۋالمىغانسىلەر ھە....نىمانچىۋالا كۆپ ئادەم ئۇ.........
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
9#
ۋاقتى: 2015-2-17 21:43:15 يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش
مۇسابىقىنىڭ ۋىدىيوسىنى كۆرمەكچى بولساڭلار ئۇندىدار ئارقىلىق  سالمون سالونىنى قىتىڭلار ، بۇنىڭ ئالدىدىكى مۇسابىقىلەرنىڭ ۋىدىيوسى بار بىراق بۈگۈنكىسىنى ئەتە ياكى ئۇگۈنقىچە يوللايدۇ .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
10#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-2-17 21:43:41 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ مەيدان مۇسابىقىنى شىنجاڭ تېلۋىزىيە ئىستانسىسى سۈرەتكە ئالدى…شىنجاڭ تەنتەربىيىسى پىروگراممىسىدا كۆرسىتىشى مۇمكىن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
11#
ۋاقتى: 2015-2-17 21:44:22 | ئايرىم كۆرۈش
ئازاق كوماندىسىنى تەبرىكلەيمەن
ئالدىنقى يىلى خوتەندە ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقىدە چولپانلار كۆپ ئىدى لىكىن بۇنچىلىك كۆپ تاماشىبىن كۆرمىگەن ئىدى ...ئاتۇش خەلقىنىڭ پۇتبول قىزغىنلىقىغا يەنە بىر قېتىم قول قويدۇم ...خوتەندىكى مۇسابىقىگە ئاتۇشتىن 600دەك تاماشىبىن كەلگەننىڭ گېپى بولغان ئاتۇشتا پۇتبول قىزغىنلىقى ھەقىقەتەنمۇ يۇقۇرى ئىكەن ...ئازاق كوماندىسىدىكى نىزامىدىن ...ۋاراتار نەسرۇللا ھەسەن قاتارلىقلار خوتەندىمۇ خېلى نام قازانغان ئىدى ...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
12#
ۋاقتى: 2015-2-17 21:46:29 | ئايرىم كۆرۈش
ئىچىم شۇنداق ئاچچىق بوپ قالدى ،ئالدىنقى يېرىم مەيداندا سۇنتاغ كوماندىسى مۇتلەق ئۈستۈنلىكتە بېسىپ ئوينىغان ،ۋارتالغا تەھدىتمۇ كۆپ بولغان ئىدى ،
چولپانلار ئۆزىگە بەك ئىشىنىپ كەتتىمۇ  ،كىيىنكى يېرىم مەيدان دورا يەۋالغاندەك كالۋالىشىپ كەتتى ،ئازاق كوماندىسىمۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئىككى كاللا توپنى چىرايلىق ئۇرۋاۋالدى .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-5-11 23:55

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش