elan orni : 13999092457elan roni : 13999092457
كۆرۈش: 1327|ئىنكاس: 43

«شىنجاڭلىق رونالدو» نىڭ پۇتبول سەپىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
    20150217123723756[1].jpg

   8-2، بۇ « كىم پۇتبول شاھى» جۇڭگو پۇتبول ئەلئىچى چېمپىيونلۇق تالىشىش بالىلار گۇرۇپپىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدىكى نەتىجە. بۇ مەيدان مۇسابىقە 2-ئاينىڭ 14-كۈنى كەچ ئالتۇن ۋاقىتتا مەركىزى تېلۋىزىيە ئىستانسىسى تەنتەربىيە قانالدا بىۋاستە تارقىتىلدى، شىنجاڭ قەشقەر ئوغامبالا كوماندىسى ئەڭ ئاخىرىدا غەلبە قىلدى. بۇ قېتىملىق بىۋاستە تارقىتىشتا، پۈتۈن مەملىكەتتىكى توپخۇمارلار قارشى تۇرغىلى بولمايدىغان شىنجاڭ ئۆسمۈرلەر كوماندىسىنى كۆردى، ئۇلار غەلبە قىلالمايدىغاندەك قىلاتتى. مۇسابىقە باشلىنىپ بىر مىنۇتتىلا توپ كىردى، ھەرخىل پىششىق، كۆنى ئىمىر-چىمىر قىلىدىغان ماسلىشىش، نەق مەيداندىكى توپخۇمارلارنىڭ ھەممىسىنى بۇ «شىنجاڭلىق رونالدو»،« شىنجاڭلىق C رونالدو» دېگۈزىدى، بۇ شىنجاڭ پۇتبولىنىڭ كۈچى.
  شىنجاڭ قەشقەر ئوغامبالا كوماندىسى ئون نەپەر 10-11 ياشلىق بالىلاردىن تەشكىللەنگەن، مۇسابىقىدە سەككىز مەيداندا 83 توپ كىرگۈزۈپ ئاران سەككىز توپ كەتكۈزۈشتەك ئىپادىسى، ئۇلارنى ئىسمى جىسمىغا لايىق چولپان كوماندىغا ئايلاندۇردى، نەق مەيداندىكى توپخۇمار ۋە تاراتقۇلار ئىچىدە ھەممىسى شىنجاڭ كوماندىسىدىكى بىر قانچە چولپان توپچىنىڭ ئىسمىنى ئاتىدى.
  يوغان كۆزلۈك، بۈدرە چاچلىق بالا زىيارەت قوبۇل قىلغاندا مىللىي ئۆرپ ئادەت بويىچە قولىنى كۆكرەك ئالدىغا قويدى، بۇ دەل شىنجاڭ كوماندىسىدىكى دەرىجىدىن تاشقىرى چولپان ئەفىردىن ئىدى. ئەفىردىن 2003-يىلى تۇغۇلغان، ئائىلىسى قەشقەر شەھەر ئىچىدە، 11 يېشىدىلا بوي ئېگىزلىكى 1.65 مېتىرغا يەتكەن، مەيداندا رەقىبىدىن كۆرىنەرلىك ئېگىز كۆرىنىدۇ. غەربىي شىمال مۇسابىقە رايونىدىكى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە ئەفىردىن بىر ئادەم ئۆزى يالغۇز بەش توپ كىرگۈزدى، پۈتۈن مۇسابىقە جەريانىدا رونالدودەك توپ كىرگۈزۈش ماشىنىسىغا ئوخشىدى، مۇسابىقىدىكى ئەڭ مۇنەۋەر مەرگەن بولدى.

       20150217123724611[1].jpg

ئەفىردىن ئۆزىنىڭ توپ تەپكىلى ئۈچ يىل بولغانلىقىنى ئېيتتى، ئۇنى پۇتبول يولىغا جەلىپ قىلغىنى 2010-يىللىق جەنۇبىي ئافرىقا دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسى ئىدى، ئۇ :« مەن 2010-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىنى كۆرۈپ پۇتبول بىلەن ئۇچىراشتىم، ئۇ ۋاقىتتا مەن پەقەت ھويلىدا كىچىك دوستلىرىم بىلەن بىرگە توپ تىپەتتىم. ئاشۇ قېتىملىق دۇنيا لوڭقىسىنى كۆرۈپ بولۇپ مېنىڭ قىزىقىشىم تېخىمۇ ئاشتى، كېيىن مەكتەپ كوماندىسىغا كىردىم، ئىزچىل ئۆگەندىم.» دېدى.
  ئەفىردىننىڭ دادىسى ئىلگىرى پۇتبول تەنھەرىكەتچىسى ئىدى، ھازىر تىجارەت قىلىدۇ. ئەفىردىن توپ تەپكەندىن كېيىن، ئاتا-ئانىسى ئىككىسى ئۇنىڭ توپ تېپىشتىكى بارلىق چىقىمىنى ئۈستىگە ئالدى. پۇتبول يولىغا ئاتلانغان ئەفىردىن ئۆگىنىشنى تاشلاپ قويمىدى، ئۇ ئۆزىنىڭ ئۆگىنىشىنىڭ ناھايىتى ياخشى ئىكەنلىكى، سىنىپتا ئادەم كۆپ، ئۆىنىڭ ئالدىنقى 20 نىڭ ئىچىگە كىرەلەيدىغانلىقىنى ئېيتىپ:« بىز چۈشتىن بۇرۇن تۆت سائەت دەرس ئوقۇيمىز، چۈشتىن توپ مەشىق قىلىمىز، ئىككى-ئۈچ سائەت مەشىق قىلغاندا ئىنتايىن ھارىمىز، ئەمما ھارساقمۇ چېكىنىشنى ئويلاپ باقمىغان.» دېدى.
  شىنجاڭ جۇڭگو پۇتبولىدىكى بىر ئالاھىدە ئورۇن،بۇ يەردە يۇقىرى دەرىجىلىك بىرلەشمە كوماندىسى يوق، ئەمما پۇتبولغا ئىنتايىن ئىشتىياق باغلىغان كىشلەر بار: بىر مەيدان جۇڭگو ب دەرىجىلىك مۇسابىقىدە، شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ ساھىبخان مەيدان مۇسابىقىسى 40 مىڭ تاماشىبىننى جەلىپ قىلغان. شىنجاڭ ئىشتىن سىرتقى بىرلەشمە مۇسابىقىسى ئۇيۇشتۇرۇلغىلى 13 يىل بولدى، 1000 دىن ئارتۇق مەكتەپتىكى 10 مىڭدىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى مەكتەپ پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتناشتى. ئەفىردىنمۇ شىنجاڭدا مۇسابىقە ئۆتكۈزۈش ئىنتايىن ئاددى، ئىككى مەكتەپنىڭ ترېنېرى ئۆزئارا دېيىشىپلا بىر مەيدان دوستلۇق مۇسابىقىسى تەشكىللەيدۇ، توپ بولسىلا نەچچە مىڭلىغان بالىنىڭ ھەممىسى قاتنىشىدۇ.

    20150217123903491[1].jpg

  بۇنداق ئاممىۋى ئاساستا، شىنجاڭ پۇتبولى، بولۇپمۇ ياش-ئۆسمۈرلەر پۇتبولى قالتىس نەتىجە ياراتتى. 2013 ۋە 2014-يىللىق مەكتەپ پۇتبول چېمپىيونلۇق لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە، باشلانغۇچ مەكتەپلەر گۇرۇپپىسىدىكى چېمپىيوننىڭ ھەممىسى شىنجاڭدىن كەلگەن كوماندا بولدى، مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە، شىنجاڭ 20 ياشلىقلار كوماندىسى تۆت كۈچلۈككە كىردى. بىراق شىنجاڭ پۇتبولى تەرەققىي قىلىش بىلەن بىرگە، ئوخشاش ۋاقىتتا ئوبىيىكىتىپ ئامىلنىڭ تەسىرىگىمۇ ئۇچىرىدى، مەسلەن مەشىق مۇھىتى مەسىلىسى. شىنجاڭدا سۈنئىي چىملىق مەيدان ناھايىتى ئاز، ھەتتا بىر قىسىم ۋاسكىتبول مەيدانىغا پۇتبول سىزىقى سىزىلغان. ئىلگىرى ھەم كوماندا ئەزالىرى قىشلىق مەشىقنى ئاياقلاشتۇرۇپ 49 سائەت پويىزدا ئۆرە تۇرۇپ ئۆيىگە قايتقان، سەۋەبى بولسا مەبلەغ ۋە چاغانلىق يولۇچى توشۇشنىڭ تەسىرىگە ئۇچىرىغان.
  ئەفىردىن «كىم توپ شاھى» مۇسابىقىسىدە ئۆزىنى نامايەن قىلالىغانلىقىدىن ئىنتايىن زوقلاندى، ئۇ بۇ يەرنىڭ مۇھىتى شىنجاڭنىڭكىدىن كۆپ ياخشىكەن، شىنجاڭنىڭ مەشىق مۇھىتى بۇ يەردىكىگە يەتمەيدۇ، ئەمما كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى بەرداشلىق بېرىپ داۋاملاشتۇرىدۇ دېدى.
  «كىم توپ شاھى» نەق مەيدانىدا، ئەفىردىن قەشقەردە بىر پۇتبول مەيدانى قۇرۇلسا، ئۆزىنىڭ يۇرتقا قايىتقاندىمۇ بۇنداق چېىملىق مەيداندا دوستلىرى بىلەن بىرگە توپ تىپىشنى ئازرۇ قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

      20150217124017107[1].jpg

  بۇ قېتىم شىنجاڭ قەشقەر ئوغامبالا كوماندىسىنى يىتەكلەپ مۇسابىقىگە قاتناشقان ترېنېر ئابدۇرېھىم ئابلىمىتمۇ قەشقەرنىڭ مەشىق مۇھىتىنىڭ ئازراق ياخشىلىنىشىنى، مەبلەغنىڭ كۆپرەك بولىشىدىن ئۈمىد كۈتتى. بۇندىن سىرت ئۇ يەنە بىر ئاز ئىككىلىنىپ تۇرۇپ، بۇ بالىلار تولۇقسىزنى پۈتتۈرگەندە، ئۇلارنىڭ مۇسابىقە پۇرسىتى ئازلايدۇ. بالىلار چوڭ بولغاندىن كېيىن يەرلىك پۇتبول جەمىيىتىگە بېرىپ تىزىمغا ئالدۇرۇپ، شىنجاڭ تەنھەرىكەت يىغىنىغا ۋاكالىتەن مۇسابىقە ئوينايدۇ دېدى.
  تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ تەرەققىياتىمۇ مەبلەغ قىيىنچىلىقىغا ئۇچىرىغان، سۇڭچىڭلىڭ فوندى جەمىيىتى شىنجاڭ پۇتبولىغا ياردەم بېرىپ، ھەر يىلى 500 مىڭ يۈەن پۇل ئاجىرىتىدۇ، بۇ 500 مىڭ يۈەن ئانچە كۆپ ئەمەس، شىنجاڭ پۇتبولچىلىقى بۈگۈنكىدەك قىياپەتنى پەيدا قىلغان.

       20150217124017253[1].jpg

  بىراق، قايتا-قايتا قىيىنچىلىق شارائىتتىمۇ كىشلەر داۋاملىق بەرداشلىق بېرىدۇ. يېقىنقى يىللاردا بارغانسىرى كۆپلىگەن شىنجاڭلىق توپچىلارغا كىشلەر دىققەت قىلىشقا باشلىدى، ئۇلار جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى پۇتبول كۇلۇبىغا كېلىپ توپ تەپتى، بەزىسى چەتئەلگە بېرىپ توپ تەپتى، شىنجاڭلىق توپچىلار جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى كەسپى پۇتبول كوماندىسىغا كىرگەندىن كېيىن ئىپادىسى قالتىس بولدى، مەسلەن بارى ئىلگىرى خاڭجۇ يېشىل شەھەر كوماندىسىغا ۋاكالىتەن ئاسىيا ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسىدە توپ كىرگۈزدى. بىراق كېيىنكى بىر مەزگىلدە، ئۇ ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش قاتارلىق مەسىلە سەۋەبىدىن خاڭجۇ يېشىل شەھەر كوماندىسىدىن ھەيدەلدى. بۇ ئىش سىرتقى ساھەنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىدى ھەم شىنجاڭلىق توپچىلارنىڭ مۇنازىرىسىنى پەيدا قىلدى. بىر قىسىم كىشلەر شىنجاڭلىق توپچىلار تىل، تۇرمۇش ئادىتى قاتارلىق بىر قىسىم مەسىلە سەۋەبىدىن ئادەتتىكى كۇلۇبقا سىڭىپ كىرىشى ناھايىتى تەس دەپ قارىدى. ئەفىردىنمۇ بۇ ئىشتىن ئەندىشە قىلىدۇ، ئۇ شىنجاڭلىق توپچىلارنى باشقا رايون توپچىسىغا سېلىشتۇرغاندا، ئەڭ چوڭ ئەۋزەللىكى دەل بەدەن، ئەمما كېيىن كەسپى كۇلۇبقا كىرگەندە، تۇرمۇش ۋە تىل ھەممىسى قىيىن مەسىلىگە ئايلىنىدۇ دېدى.
   ترېنېرمۇ قەشقەر رايونى ۋە باشقا رايوندىكى توپچىلارنىڭ ئۇسلۇبى ئوخشىمايدۇ، بۇ بالىلار باشقا رايونغا كەلگەندىن كېيىن، شۇ كوماندىدىكى بىردىنبىر شىنجاڭلىق بالا بولۇپ قېلىشى مۇمكىن، ئۇسلۇبنىڭ ئوخشىماسلىقى بەلكىم ئۇلارنىڭ كەسپى ھاياتىنى تېخىمۇ قىيىنلاشتۇرۋېتىشى مۇمكىن دېدى.
  ئەفىردىن كەسپى بىرلەشمىدە توپ تىپىدىغان شىنجاڭلىق توپچىلاردىن ئۆزىنىڭ مىرئەخمەتنى بىلىدىغانلىقى، ئۇنىڭدىن ئۆگىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئەفىردىننىڭ ئۆزىنىڭمۇ ئارزۇسى بار، ئۇ كەسپى كوماندىغا كىرىشنى ئويلايدۇ.
ئەفىردىن يەنە بېيجىڭ گوئەننى ياقتۇرىدۇ، ئۇ چۈنكى گوئەن كۆپلىگەن توپچىلارنى چەتئەلگە چىقارغانلىقىنى ئېيتتى.

  ئەسلى مەنبەسى؛ نۇر تورى


پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-17 22:31:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللا ئېشلىرىنى راۋا قىلسۇن !  بىرە كۇلىپىمىز بولغان بولسىچۇ كاشكى ،مۇشۇنداق تالانىتلىق باللانى تەربىلەپ يىتۇشتۇرگەن بولسا،پەسەندىلەرنىڭ توپ ئوينىغىنىغا تەلمۇرۇپ ئولتۇرماس بولغيتۇق.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-17 23:51:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەشقەرىي يوللىغان ۋاقتى  2015-2-17 23:29
ئۆزەڭ تۈگتە ئاۋال بىجىڭدىكى مۇسا بىقىڭنى

ماۋۇ گۇينىمەندىگەن ئاران 1ياش كىچىكلەتتىم ئەفىردىن 3  ياش  كىچىكلەتتى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-17 21:59:27 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شىنجاڭدا ئۇيغۇرلاردىن تەشكىل تاپقان كەسپى كۇلۇپلار قۇرۇلمايدىكەن،ئۇيغۇر پۇتبولچىلىقىنىڭ خەلىقئاراغا يۇزلىنىشى بىر قەدەر تەس…
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-17 21:31:48 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ  بالنى  مەركىزى  تىلۋىزىيە  ئىستانىسىدىكىلەر  ياتاقتا  ئايرىم  زىيارەت  قىپتۇ   .شۇلار  كۇچەپ  تەشۋىق  قىلسا   بۇ  بالىغا  بايدىلىق  .خېڭدا    لۇنىڭ  قاتارلىق   مەكتەپلەرنىڭ  قىزىقىشىنى   تاتسا   بولاتتى  .ياكى  ئاتىسىمۇ  تەنھەركەتچىكەن   بىرەر  شىركەت  مەبلەغ  سالسا  ئورتاق  تەربىلىسە   بوپتىكەن   .تالانت  ھەممە  ئادەمدە   بولمايدۇ  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-17 21:35:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇ باللا چەتەلگە بىر چىقىپ توپ ئۇينىسا بولاتتى خەي
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-17 21:39:20 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
AZ98 يوللىغان ۋاقتى  2015-2-17 21:35
مۇشۇ باللا چەتەلگە بىر چىقىپ توپ ئۇينىسا بولاتتى خەي

خەي  ئەمەس  ئاياق  .....
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-17 21:41:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توۋا مەنغۇ بۇ كىچىكلەرنىڭ مۇسابىقىسىنى پەقەتلا كۆرمىدىم...ئەمما خەۋەرنى كۈرۈپ قېتىپلا قاپتىمەن ئادەم بېشىغا 3-4 ئۇرىۋېرىپتۇ .....ئىشقىلىپ مۇشۇ كىچىكىدىن باشلاپ تەربىيلەنگەن باللىرىمىزدا ئۈمۈد بار.....ئەتە ئۆگۈنچە بېرنابو،نوكەمپۇ،سىتانفور،ئەنفىلتلاردا توپ تىپىپ كەتسە مۇنبىرىمىزنىڭ مەستانە تەڭپۇڭلىقىنى ئىشقا ئاشۈرۈشقا زور تۈرۈتكە بۇلىشىدا گەپ يوق
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-17 21:50:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   بۇ بالىنىڭ چۇقۇم ئىستىقبالى بار، نۇرغۇن كۇلۇبلار كۆز تىكتى، ئەتە-ئۈگۈن بىرەر كۇلۇبنىڭ چاقىرىق ئەۋەتكىنىنى ئاڭلايمىز...

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-17 21:52:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇر ئوغللانلىرى سىلەرگە ھۆرمەت ..
سىللەر بىزنىڭ پەخىرمىز!!!!!!!!!!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-17 21:53:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كەلگۇسىدە ئۆز مىللىتىگە شان  شەرەپ ئەكەلگەۈچى  ئەزىمەتلەر .....
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-17 21:55:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-17 21:57:35 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مادىرتقا    خۋەرقىلايلى   300   مىلىيۇنغا    ئ‍ېلىپ    ئ‍ا   رونالدۇنى   مىلەنگە    ھەقسىز    بىرىۋەتسۇن      توپ  ئ‍ۇرۇش   ئ‍ۈنىمى   نىمە  دىگەن  يۇقۇرى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-17 22:06:44 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ  ئ‍ىنىلىرىمىز   چوڭ  بولغانچە    جىمىپ   كەتمىسە   بۇلاتتى     ئ‍ۈرۈمچى    5…   باشلانغۇچنىڭۇ     ببىلىسىلە    ھەقاچان   شۇلامۇ   ياپۇن   كورىيەلەنىمۇ   ئ‍وڭدا   قۇيۇپ   لوڭقا    كۈتۈرۈپ    كەلگەن    يولداشلانى     15  تە   0     13 تە   0    دىگەن     نەتىنجىلە   ئ‍ادەتىكى   نەتىجە   ئ‍ىدى     ئ‍ىچكىردىكى    باشلانغۇچلا   لوڭقىسىنى    تاللا  دۇكىندىن    چوكامۇز   ئ‍الغاندەكلا  ئ‍الاتتى    چوڭ  بولغانچە  ئ‍ۇلامۇ   جملا   بۇپ  كەتتى   بۇلامۇ  شۇ   كۈنگە   قالمىسىلا   بۇلاتتى        ھە   راس   مىيۇخىنغا    بارىدىغان   توغۇرلۇق   خەۋەر   بامۇ    ئ‍ۇ  ئ‍ىشنىمۇ   ئ‍ۇ   سەۋەپ  بۇ   سەۋەپ  دەپ   يوق   بۇپ   كىتەمۇ  دەپ    ئ‍ئ‍ەنسىرەپلا   تۇرىمە  ھەيييييييييييي
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-3-18 15:03

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش