بۇ يازمىنى ئاخىرىدا جاغىستاي120 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-2-17 17:40
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!!
2015-يىلى 2-ئاينىڭ 18-كۈنى،دىيارىمىز ۋاقتى سەھەر سائەت 1:45 مىنۇت ئۆتكەندە، ئېنگىلاند زەردارى چېلسى بىلەن فىرانسىيە زەردارى پارىژ سانت ژېرمان كۇلۇبى ئوتتۇرىسىدا، ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسى سەككىز كۈچلۈككە كىرىش مۇسابىقىسىنىڭ بىرىنچى ئۇچۇرشىشى ئوينىلىدۇ.
ئىككى كۇلۇبنىڭ مۇسابىقىدىن بۇرۇنقى ئۇچۇرلىرى
ئىككى كۇماندا، ئالدىنقى پەسىل ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسىنىڭ 4 كۈچلۈككە كىرىش جېڭىدە ئۆز-ئارا ئۇچىراشقان، ئالدىنقى ئۇچۇرشىشتا، پارىژ ساھېبخان مەيدانىدا 3:1 نەتىجە بىلەن يەڭگەن، لېكىن كېيىنكى ئۇچۇرشىشتا ئىبىراھىمۇۋىچنىڭ يارلىنىشى تۈپەيلى مېھمان مەيدانىدا 2:0 نەتىجە بىلەن چېلسىغا ئۇتتۇرۋەتكەن، ھەمدە چېلسى مېھمان مەيدانىدىكى بىر توپ ئەۋزەللىكى بىلەن پارىژنى شاللىۋىتىپ تۆت كۈچلۈك قاتارىغا كىرگەن. ئىككى كۇماندا بىربىرىگە ناتۇنۇش ئەمەس، ئالدىنقى پەسىل چېلسىدىن يۆتكۈلۈپ كەلگەن بىرازىلىيىلىك توپچى داۋېي.لويېس بۇ قېتىم چېلسىغا قارشى جەڭگە چۈشىدۇ، ئالدىقى پەسىل ئۆز مەيدانىدا پارىژغا بىردىن توپ ئۇرغان شۇرلى بىلەن دىمبابا چېلسىدىن ئايرىلىپ كەتتى، بىراق چېلسى ئاجىزلاپ كەتمىدى،ئۇلاردا يەنە بىر قاتىل ھۇجۇمچى كوستا، ئېنگىلاند يېڭى پاس شاھى فابرېگاس، يېڭىدىن قوشۇلغان كۇادىرادو بار، ئۇلار ھازىر ئېنگىلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىنىڭ چوققىسىدا مەزمۇت كېتىپ بارىدۇ، ئىككىنچى ئورۇندىكى كۇماندىدىن يەتتە نومۇر ئىشىپ كەتتى. مۇرىنىئو ئۇيۇشما لوڭقىسىدىن ۋاز كېچىش ئارقىلىق، ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسىگە پۇختا تەييارلىق قىلىۋالدى دەپ قارىلىۋاتىدۇ.
پارىژمۇ كۈچلۈك كۇماندا، ھازىر فىرانسىيە بىرلەشمىسىدە 49 نۇمۇر بىلەن ئىككىنچى ئورۇندا، بىرىنچى ئورۇن بىلەن پەقەت ئىككى نومۇر پەرق بىلەن تۇرۋاتىدۇ، ھەر قاچان بىرلەشمىنىڭ چوققىسىغا چىقىش ئېھتىماللىقى بار. پارىژ تارىختا تۆت قېتىم فىرانسىيە ئا دەرىىجىلىكلەر بىرلەشمىسىنىڭ چىمپىيۇنى بولغان، بىر قېتىم ياۋروپا غالىبلار لوڭقىسىنىڭ چمپىيۇنلۇقىغا ئېرىشكەن، لېكىن بىرلەشمىنىڭ ئالدىنقى ئايلانمىسىدا پارىژ كۇماندىسىدىكى كابايى قاتارلىق تۆت ئاساسلىق ئەزاسى يارلاندى، بۇ قېتىملىق مۇسابىقىگە قاتنىشالمايدۇ، بۇ ئىش كۇماندىغا زور قىيىنچىلىق تۇغدىرىشى مۇمكىن.
يەنە بىر قىزىق نوقتا، ھازىرقى ئېنگىلاند بىرلەشمىسىنىڭ مەرگەنلىك چوققىسىدا تۇرۋاتقان چېلسى ماھىرى كوستا، ئۇ ئەزەلدىن ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسىدە توپ ئۇرۇپ باقمىدى، بۇ قېتىم توپ ئۇرۇپ مەستانىلەرە يەنە بىر قېتىم ئۆزىنى ئىسپاتلىيالامدۇ يۇق؟
ئىككى كۇماندىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرى
ئىككى كۇماندا ئۇزغۇنلۇق تارىخىدا پەقەت تۆت قېتىم ئۇچىراشقان، چېلسى ئىككى قېتىم ئۇتۇپ، بىر تەڭلىشىپ، بىر ئۇتتۇرغان، ئالتە توپ ئۇرۇپ، ئۈچ توپ كەتكۈزگەن . بۇنىڭ ئىچىدە مېھمان مەيدانىدا بىر ئۇتۇپ بىر تەڭلەشكەن.
پارىژ تېرىنىرى بۇلانىك، 2013-يىلى5-ئايدىن ھازىرغىچە بولغان ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق ھاياتىدا، 21 مەيدان ئۇتۇپ، تۆت تەڭلىشىپ، يەتتە قېتىم ئۇتتۇرغان، ئۇتۇش نىسبىتىنى 78% كە يەتكۈزگەن.
پارىژ كۇماندىسىدىكى كىچىك لوكاس بۇ پەسىللىك ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسىدە، 13 قېتىم پۇرسەت ياراتتى(پاسمىدۇ؟)، يەنى كۇماندىدا ئەڭ كۆپ، گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدە ئىككى قېتىم مۇنەۋۋەر ماھىر بۇلۇپ باھالاندى، 32 كۇماندا ئىچىدە مېسسىدىنلا كېيىن تۇرىدۇ(مېسسى 5 قېتىم باھالانغان)، لېكىن ئۇ يارلانغانلىقتىن بۇ قېتىم مۇسابىقىگە قاتنىشالماسلىقى مۇمكىن.
پارىژ بىرلەشمىدە ئۆ مەيدانىدا سەككىز ئۇتۇپ، ئۈچ مەيدان تەڭلىشىپ، ئۇتتۇرۇپ باقمىغان، ھەر مەيداندا 0.5توپ كەتكۈزگەن، بىرلەشمىدە ئەڭ ئاز.
پارىژ ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىدە ، پاس توپ يەتكۈزۈش نىسبىتى 88.4%، بۇ جەھەتتىن 4-ئورۇندا تۇرىدۇ.
پارىژ ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىدە، توپ توسۇش نىسبىتى 19.2 قېتىم بۇلۇپ، رەت تەرتىپىدە 3-ئورۇندا.
پارىژ ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىدە، قاپقىغا ئۇدۇل توپ تېپىش قېتىم سانى 4.5 قېتىم بۇلۇپ، 8-ئورۇن.
كاۋانى ئۇزغۇنلۇق بىرلەشىدە 5 توپ ئۇرغان بۇلۇپ، مەرگەنلەر تەرتىپىدە 3 -ئورۇندا.
مۇرىنىئونىڭ ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىدە، ئۇتۇش نىسبىتى 54% بۇلۇپ، فىرانسىيىدىكى كۇلۇبلار بىلەن بولغان مۇسابىقىدە، 11 مەيدان ئۇتۇپ، ئىككى تەڭلىشىپ، بىر مەيدان ئۇتتۇرغان، ئۇتۇش نىسبىتى 78% كە يەتكەن.
چېلسى 2011-12-مۇسابىقە پەسلىدە، ئۇزغۇنلۇق چمپىيۇنى بولغان، ئالدىنقى پەسىلدە تۆت كۈچلۈككە كىرگەن.
چېلسىنىڭ ب پەسىلدىكى ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسىدىكى پاس يەتكۈزۈش نىسبىتى 86.4% بولۇپ، 6-ئورۇندا.
چېلسى ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىدە، توپ توسۇش نىسبىتى 10.8 قېتىم بۇلۇپ، رەت تەرتىپىدە،32 كۇماندىنىڭ ئوتتۇرىسىدا.
چېلسى ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىدە، قاپقىغا ئۇدۇل توپ تېپىش قېتىم سانى 7.8 قېتىم بۇلۇپ، 3-ئورۇندا.
چېلسى بۇ پەسىل ھازىرغىچە، ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىدە ئەڭ كۆپ توپ كىرگۈزگەن كۇماندا، ھەر مەيدانغا 2.8 توپتىن توغرا كېلىدۇ.
چېلسى 10 مەيدان ساھېبخان مەيدانىدا، بەش ئۇتۇپ، ئۈچ تەڭلىشىپ، ئىككى ئۇتتۇرغان، ئۇتۇرماسلىق نىسبىتى 80% بولغان، تۆت مەيداندا ئاز بولغاندا ئۈچ توپ ئۇرغان.
باشقا ئۇچۇرلار
پارىژ سانت ژېرمان كۇماندىسىنىڭ بۇ قېتىم مەيدانغا چىقىدىغان ئەزالار تىزىملىكى:
سېرىگو ، ۋاندېۋېر ، دىياگو سېلۋا، داۋېي لوئىس، ماكسىۋېر، مۇتا، ۋېرادى، رابىئو، راۋېچى ، كاۋانى ، ئىبىراھىمۇۋىچ
چېلسى كۇماندىسىنىڭ بۇ قېتىم مەيدانغا چىقىدىغان ئەزالار تىزىملىكى:
كورتوۋا، ئېۋانۇۋېچ ، زۇما ، تېررى ، ئاسپىلىكوتا، فابرېگاس، مادېچ ، ۋېللىئان، ئوسكار، خازارد ، كوستا
|