ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 4937 |
تۆھپىسى: سەر |
|
ئۇيۇشما لوڭقىسىغا چەك تارتىلدى، مانچېستىر بىلەن ئارسىنال ئوينايدۇ.
بۈگۈن ئۇيۇشما لوڭقىسى 8\1 ھەلقىلغۇچ مۇسابىقىسى ھەممە مەيدان مۇسابىقىسى تۈگدى، ئاخىرقى بىر مەيدان مۇسابىقىدە مانچېستىر رەقىبىنى 3-1 نەتىجە بىلەن يەڭدى. ئەمدىكى قىززىق نۇقتا كېيىنكى ئايلانمىدا مانچېستىر ئۆتكەن نۆۋەتلىك چىمپىيون ئارسىنال بىلەن ئۇچرىشىدۇ.
مانچېستىر بىلەن ئارسنال ئۇچراشقان سىرىت يەنە بىر چىمپىيون نامزات كوماندا لىۋىرپۇل بىلەبۇرىن بىلەن ئۇچراشتى. يەنە ئېنگىلاند ئالى بىرلەشمىسدىكى ئاستونۋىللا ۋە غەربى بىرموۋىچ ئۆز ئارا ئۇچراشتى.
چە نەتىجىسى:
ئارسىنال VS مانچېستىر بىرلەشمىسى
لىۋىرپۇل VS بىلەكبۇرىن
ئاستونۋېللا VS غەربى بېرموۋىچ
بىرادفورد VS رىدىن
ئىسپانىيە پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى بارسىلونا مەستانىلىرىنىڭ رونالدونى مەسخىرە قىلشتەك ھەركىتىنى تەكشۈرمەكچى. بارسىلونا بىلەن لېۋانتنىڭ مۇسابىقىسىدە، بىر قىسىم مەستانىلەر «رونالدو مەست بولۇپ قاپتۇ» دەپ يۇقرى ئاۋازدا توۋلاپ چىققان.
ئىسپانىيەدىكى مۇناسىۋەتلىك ئورگانلار تەكشۈرۈشكە چۈشكەن بولۇپ، ئۇلار ئاۋال مۇسابىقە سىنىنى قايتا كۆرۈپ چىقىدۇ، ھەمدە سىندا خەۋەرلەردە دېيىلگەندەك قالايمىقان كۆرۈنىشلەر بارمۇ يوق ئېنىقلايدۇ، ئاخىردا زوراۋنلىققا قارشى كومتېتىغا دوكىلات بېرىدۇ. خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا ئىسپانىيە پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى ھەر ھەپتە ئاخىرىدا ھەر قايسى مەيدانلاردىكى مۇسابىقە ئۈستىدىن دوكىلات يېزىپ، زوراۋانلىققا قارشى كومتېتىغا تاپشۇرىدىكەن.
بۈگۈن بۇ ئىشقا قارتا تېخىمۇ چوڭقۇرلىغان ئاساستا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلىپ نەتىجىسى ئېلان قىلىنىدۇ. |
|