ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 7453 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا missi2 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-2-17 13:36
2015-يىلى 2-ئاينىڭ 19-كۈنى سەھەردە رىئال مادرىد قارشى تەرەپ مەيدانىدا شاللىك 04 كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ. ئۇزغۇنلۇق گۇرۇپپا مۇسابىقىسى ۋە ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدە ئالدىنقى بىر مەزگىل قالتىس ئىپادىسى بىلەن ماڭغان رىئال مادرىدنىڭ يېڭى يىل كىرگەندىن بۇيانقى نەتىجىسى دىگەندەك ياخشى بولماي قالدى. شاللىك 04كوماندىسى بىلەن بولغان مۇسابىقە يېتىپ كېلىش ئالدىدا مادرىد كوماندا ئەزالىرىغا شۇنداقلا مەشقاۋۇل ئەنچىلوتتىغا كېلىۋاتقان بېسىم ھەقىقەتەن كىچىك ئەمەس.
رىئال مادرىد 0-4نەتىجىدە مادرىد ئاتلىتىكىغا ئۇتتۇرۋەتكەندىن كېيىن رىئال مادرىد كۇلۇب يۇقىرى قاتلىمىدىكى بىرقىسىم كىشىلەر رەئىس فىلورېنتىنوغا ئەنچىلۇتتىنى ئىشتىن بوشۇتۇش ھەققىدە تەكلىبلەرنى بەرگەن. ئۇلار مادرىدنىڭ ھازىرقىدەك ئەھۋالغا چۈشۈپ قىلىشىغا مەشقاۋۇل مەسئۇل بولۇشى كېرەك دەپ قارىغان. ئۇلارنىڭ قارىشىچە ئەنچىلوتتى بىرقىسىم ئەزالارنى ئالماشتۇرۇپ ئىشلىتىشنى بىلمىگەنلىكتىن ھازىرقىدەك كەڭ دائىرىلىك يارىدارلارنىڭ بارلىققا كېلىشىگە سەۋەبچى بولغان.
ئىسپانىيە تاراتقۇلىرىدا مادرىد ب كوماندىسىنىڭ مەشقاۋۇلى زىدانى ئەنچىلوتتىنىڭ ئورنىغا قويۇلۇشى مۇمكىن دەپ خەۋەرلەر بېرىلگەن بولسىمۇ ئەمما ئىتالىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە بۇلتۇر گېرمانىيەنى يىتەكلەپ دۇنيا چىمپىيۇنى قىلغان لىفمۇ مادرىدنىڭ مەشقاۋۇل تاللاش دائىرىسىگە كىرگەن.
ئەنچىلوتتىنىڭ رىئال مادرىدتىكى توختام ۋاقتى 2016-يىلى يازدا ئاخىرلىشىدۇ، ئۇ گەرچە مادرىد كۇلۇب تارىخىدىكى 10-قېتىملىق ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسىسنى ئېلىشىغا تۆھپە قوشقان بولسىمۇ كوماندىنىڭ يېقىنقى بىر مەزگىلدىكى ناچار ئىپادىسىدىن كۇلۇب يۇقىرى قاتلىمى شۇنداقلا مەستانىلار رازى بولۇشمىغان. ئەگەر ئەنچىلوتتى كوماندىغا يىتەكچىلىك قىلىپ بۇ خىل پاسسىپ ئەھۋالنى ئۆزگەرتەلمىسە فىلورېنتىنو گېرمانىيە مەشقاۋۇلى لىفنى ئىشلىتىشى مۇمكىن. دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك يېرى شۇكى 55ياشقا كىرگەن لىفنىڭ گېرمانىيە دۆلەت كوماندىسى بىلەن بولغان توختام مۇددىتىمۇ 2016-يىلى يازدا توشىدۇ.
لىف ئىسپانىيە پۇتبولىغا بەك ئامراق بولۇپ ‹‹ دۇنيا تەنتەربىيە گېزىتى››نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا :‹‹ ئۆزىنىڭ بارسېلونا بىلەن مادرىدتىن ئىبارەت ئىككى كوماندىنىڭ مۇسابىقىسىنى دائىم كۆرۈپ تۇرىدىغانلىقىنى ،ئۆزى يىتەكلىگەن گېرمانىيە كوماندىسىنىڭمۇ بارسېلونا ۋە ئىسپانىيە كوماندىسىنىڭ بىر قىسىم ئامىللىرىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى ›› بىلدۇرگەن. |
|