elan orni : 13999092457elan roni : 13999092457
كۆرۈش: 1049|ئىنكاس: 35

«كىم پۇتبول شاھى» مۇسابىقىسىدىكى چېمپىيونلار قايتىپ كەلدى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   waskitbol تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-16 23:02  

    20150216115219286[1].jpg

  مەملىكەتلىك «كىم پۇتبول شاھى» مۇسابىقىسىدە چىمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈرگەن قەشقەر شامالباغ باشلانغۇچ مەكتەپ پۇتبول كوماندىسى تۈنۈگۈن (2.15) كەچ زەپەر قۇچۇپ قايتىپ كەلدى.
  مۇشۇ ئاينىڭ 14- كۈنى كەچ ئۆتكۈزۈلگەن دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسى، مائارىپ مىنىستىرلىقى ۋە مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان «كىم پۇتبول شاھى» ئەلئىچى چېمپىيونلۇق تالىشىش مۇسابقىسىنىڭ ئۆسمۈرلەر تۈرىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابقىسىدە شىنجاڭ قەشقەر شامالباغ باشلانغۇچ مەكتىپىدىن تەشكىللەنگەن «ئوغۇل بالا» پۇتبول كوماندىسى گۇڭدۇڭ يۈشاتەن باشلانغۇچ مەكتەپ كوماندىسىنى 8 دە 2 نەتىجە بىلەن يىڭىپ، بۇ مۇسابقىنىڭ ئۆسمۈرلەر گۇرۇپىسىدا چىمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈردى.
ئىگلىنىشچە، قەشقەر شەھەرلىك ياش- ئۆسمۈرلەر پۇتبول كۇلۇبى 2013- يىلى 11- ئايدا قۇرۇلغان بولۇپ، كېڭىشىش ئارقلىق قەشقەر شەھىرى، مارالبېشى، پەيزاۋات قاتارلىق جايلاردىن تاللانغان بالىلار بىلەن شۇ يىلى قەشقەر شەھىرىنىڭ شامالباغ مەركىزى باشلانغۇچ مەكتپىنىڭ ئۆسمۈرلەر پۇتبول كوماندىسى قىلىپ قۇرۇلغان. بۇ كوماندا قۇرۇلغاندىن بۇيان قەشقەر ۋېلايىتىدە ئۆتكۈزۈلگەن مەكتەپ پۇتبۇلى 2014- يىللىق بىرلەشمە مۇسابقىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈرگەن. «كىم پۇتبول شاھى» مۇسابقىسىنىڭ ئاپتونوم رايوننىمىزدىكى تاللاش مۇسابقىسىدە 3 دە 2 نەتىجە بىلەن ئۈرۈمچى شەھەرلىك 5- باشلانغۇچ مەكتەپ كوماندىسىنى يېڭىپ، غەربىي شىمال چېمپىيونلۇق مۇسابقىسىگە قاتنىشىش سالاھىتىگە ئېرىشكەن. 2014- يىلى 12- ئاينىڭ 27- كۈنى نىڭشانىڭ يىنچۈەن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن غەربىي شىمال مۇسابقە رايونىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابقىسىدە 11 دە 1 نەتىجە بىلەن گەنسۇ كومانىدىسىنى يېڭىپ مەملىكەتلىك مۇسابقىگە قاتنىشىش شەرپىگە ئېرشكەن. بۇ يىل 2 -ئاينىڭ 7- كۈنى ھەل قىلغۇچ باسقۇچتىكى مۇسابىقىنىڭ يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە 8 دە 1 نەتىجە بىلەن چوڭچىڭ كوماندىسىنى يېڭىپ ئاخىرقى ھەل قىلغۇچ مۇسابقىگە كىرگەن. بۇ جەرياندا 7 مەيدان مۇسابىقىدە 83 توپ كىرگۈزۈپ ھەممنى ھەيران قالدۇرغان. مۇشۇ ئاينىڭ 14- كۈنى كەچ ئۆتكۈزۈلگەن ھەل قىلغۇچ مۇسابقىدە يەنە 8 دە 2 نەتىجە بىلەن گۇڭدۇڭ يۈشاتەن باشلانغۇچ مەكتەپ كوماندىسىنى يېڭىپ، يۇقىرى نۇمۇر پەرقى بىلەن چىمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈرگەن.

ئەسلى مەنبەسى؛ نۇر تورى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-2-17 00:01:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  شىنجاڭ كەسپىي پۇتبولىنىڭ باھارى باشلاندى

    20150216054221136[1].jpg

    بۇ يىل 1-ئايدا، شىنجاڭ كارخانىسى شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىلپىزى پۇتبول كۇلۇبىنىڭ پاي ھوقۇقىنى كونترول قىلدى، سابىق «جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسى ئالتۇن بوتىسى» دالاناخ ۋە توققۇز نەپەر شىنجاڭلىق يەرلىك توپچىغا ئىگە بولغان تەڭرىتاغ يىلپىزى كوماندىسى ئا دەرىجىلىك بىرلەشمىگە ئاتلىنىدۇ. شىنجاڭنىڭ كەسپى پۇتبولى مۇشۇ مىنۇتلاردىن باشلىنىدۇ، شىنجاڭ ھەقىقى مەنىدىكى شىنجاڭلىقلارنىڭ ئۆزىنىڭ كەسپى پۇتبول كوماندىسىغا ئىگە بولىدى.

بۇ يىل 2-ئايدا، شىنجاڭ مەكتەپ پۇتبولى 5-قېتىملىق جەنۇبى شىنجاڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى تۇرپاندا باشلاندى، ناھايىتى كۆپلىگەن ئون ياشقا توشمىغان بالىلار ۋە ئۇلاردىن بىر-ئىككى ياش چوڭ بولغان بالىلار بىرلىكتە ئۆزلىرىنىڭ «پۇتبول ھاياتى»نى باشلىدى. تېخنىكا سىنىقىدا، بىر مىنۇتتا 204 قېتىم توپ تاقلىتىش ماھارىتىنى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان ھالدا 12 ياشلىق بالا ئورۇندىدى. شىنجاڭ پۇتبولىغا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئەمدىلا باشلانغان كەسپى پۇتبول ۋە داڭقى چىققان ياش-ئۆسمۈرلەر پۇتبولى ئارىسىدا پەخىرلىنىش ۋە پەرق زىدىيىتى ئورتاق مەۋجۇت.

بۈگۈنكى كۈندە، ھەردەرىجىلىك ھۆكۈمەتنىڭ كۆڭۈل بۆلىشى ۋە ياردىمىدە، جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى پۇتبول بىرلەشمىسى كورىيە ۋە ياپونىيە بىرلەشمىسىنىڭ ئورنىنى ئېلىپ ئاسىيادىكى بىرىنچى بىرلەشمىگە ئايلاندى، جۇڭگو ئەرلەر پۇتبول كوماندىسىمۇ ئىلگىرىكىگە ئوخشىمايدىغان روھ ۋە ئىستىلنى نامايەن قىلدى. پۇتبول چوڭ مۇھىتى پۈتۈنلەي ئوخشىمايدۇ، ئۆزىدىكى ئەۋزەللىك، روشەن پەرق ۋە ئەڭ ياخشى پۇرسەتنىڭ ھەممىسى شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ ئالدىغا قويۇلدى، پەقەت پەرققە توغرا قاراپ ئادەم بايلىقىنى ئەمەلىي كۈچكە ئايلاندۇرغاندا، ئاندىن شىنجاڭ پۇتبولچىلىقىنىڭ گۈزەل كېلەچىكى بولىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى بىر ھەتتا كۆپلىگەن ئۆلچەملىك كەسپى پۇتبول كۇلۇبى باشلىنىشىدىلا ئىنتىزار بولىدىغان رول.

كەسپىي پۇتبول باھارىنى كۈتىۋالدى

ناۋادا ئالدىنقى پەسىللىك جۇڭگو ئا دەرىجىلىك بىرلەشمىدە شىنجاڭنىڭ «ئىسمى» بولغان بولسا، ئۇنداقتا بۇ پەسىللىك جۇڭگو ئا دەرىجىلىك بىرلەشمىدە «ئىسمى بىلەن پاي ھەسىسى» بىرگە بولدى.  
بۇ يىل 1-ئايدا، ئۈرۈمچى جۈنتەي ئۆي-مۈلۈك پاي ھەسسىدارلىق چەكلىك شىركىتى كۇلۇبنىڭ 66.7% لىك پاي ھوقۇقىنى كونترول قىلغۇچى تەرەپكە ئايلاندى. بۇ پەسىلدە بىرىنچى كوماندا شاۋكەت، پەرھات، ئارافات قاتارلىق توققۇز نەپەر شىنجاڭلىق توپچىغا ئىگە بولىدى.
  شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىلپىزى پۇتبول كۇلۇبى ئاساسى 2012-يىلى قۇرۇلغان خۇبېي خۇاكەيئېر پۇتبول كۇلۇبى. 2014-يىلىنىڭ بېشىدا، شىنجاڭ پۇتبول جەمىيىتى مۇۋاپىقىيەتلىك ھالدا خۇبېي خۇاكەيئېر پۇتبول كۇلۇبىنىڭ جۇڭگو ئا دەرىجىلىك بىرلەشمە ئويناش سالاھىيىتىنى قوبۇل قىلغان، شۇڭا جۇڭگو ئا دەرىجىلىك بىرلەشمىسىدە مۇسابىقىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن. ئالدىنقى پەسىللىك شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىلپىزى كۇلۇبىنىڭ پايچېكى ۋە قوللىغۇچىسى-- ئۈرۈمچى جۈنتەي ئۆي-مۈلۈك پايچەك چەكلىك شىركىتى بۇ يىل 1-ئايدا پايچېكى ھوقۇقىنى سېتىۋېلىش ئارقىلىق كۇلۇبنىڭ ئەڭ چوڭ پايچىكىگە ئايلاندى. بۇ تېزلا بۇ يىللىق جۇڭگو ئا دەرىجىلىك بىرلەشمىسىگە قاتنىشىدىغان شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىلپىزى كۇلۇبىنىڭ « ئىسمى بار پاي ھەسسىسىمۇ بار» بولغان شىنجاڭ كوماندىسىغا ئايلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

كۈچلۈكلەرنى يۆتكەش، نىشان ئالدىنقى ئالتە

نۆۋەتتە، جۇڭگو پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى بۇ پەسىللىك جۇڭگو ئا دەرىجلىك بىرلەشمىسى مۇسابىقە ئورۇنلاشتۇرىشىنى ئېلان قىلمىدى، ئەمما ئادەتتە دائىم 3-ئاينىڭ ئوتتۇرىسىدا مۇسابىقە باشلىنىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە، كوماندىنىڭ 28 كىشلىك دەسلەپكى چوڭ تىزىملىكىمۇ ئاساسىي جەھەتتىن بېكىتىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ نامى بار توپچى بولسا ئىلگىرى 2012-يىللىق مۇسابىقە پەسىلىدە جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىدە ئەڭ مۇنەۋەر مەرگەن بولغان رۇمىنىيەنىڭ سابىق دۆلەت كوماندىسى توپچىسى دالاناخ. بۇندىن سىرت يەنە ئالدىنقى پەسىل بېيجىڭ باشى كوماندىسىدا توپ تەپكەن برازىلىيەلىك توپچى فىلىپىنى يۆتكەپ كەلدى، بۇ بويى 1.97 مېتىرلىق توپچىنىڭ ئوتتۇرا مەيداندىكى كونترول قىلىش ئىقتىدارى ناھايىتى قالتىس، ئىككىسى ئالدىنقى پەسىلدىكى ئارقا مەيدان يادروسى ۋىسىنتې بىلەن بىرگە ئوتتۇرا ئوق لىنىيەسىنى شەكىللەندۈرىدۇ. دۆلەت ئىچىدىكى توپچىلار ئىچىدە، بارىنىڭ ئىجارە ۋاقتى توشۇپ جىياڭسۇ شۈنتىيەنگە قايتتى، بىراق گۇاڭجۇ خېڭدادىكى شاۋكەتنىڭ قوشۇلىشى مەلۇم دەرىجىدە بۇ بوشلۇقنى تولدۇردى. بۇ پەسىلدە، كوماندىدا بىراقلا شاۋكەت، مۇستافا، يەھيا، ئارافات، سالىخان، ئەخمەتجان، ماخمۇت، مەمەتجان، سابىت قاتارلىق توققۇز نەپەر يەرلىك توپچى بار بولدى، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى كۆپى ئىلگىرى شىنجاڭ تەنتەربىيە لاتارىيەسى كوماندىسىدا توپ تېپىپ جۇڭگو ب دەرىجىلىك مۇسابىقە ۋە مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنىغا قاتناشقان.
  كوماندا باش ترېنېرى:« يېڭى پەسىللىك مۇسابىقىگە تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن، 2014-يىلى 12-ئاينىڭ بېشىدىن باشلاپ يىغىلىپ مەشىق قىلدى. بۇ پەسىلدە ئا دەرىجىلىك بىرلەشمىدە كۈچلۈك كوماندا كۆپ، بۇنىڭغا قوشۇلۇپ بىزنىڭ يېڭى توپچىلىرىمىزمۇ بىر قەدەر كۆپ، ھازىر كوماندىنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى ئىتتىپاقلىشىش. ئالدىنقى پەسىللىك بىرلەشمە مۇسابىقىدە بىزنىڭ نەتىجىمىز ئونىنچى، بۇ يىل بىزنىڭ نىشانىمىز تىرىشىپ ئالدىنقى ئالتىنىڭ ئىچىگە كىرىش. كوماندىنىڭ نەتىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن، بۇ پەسىل كۇلۇب توپچىلارنى ئىلھاملاندۇرۇش مەبلىغىنى كۆپەيىتتى، مېھمان مەيدان توپ كىرگۈزۈش مۇكاپاتى ۋە تەڭلىشىش مۇكاپاتىنى يۇقىرى كۆتۈردى. بۇندىن سىرت، ئۈرۈمچىنىڭ چىملىقىنىڭ 5-ئايدىن بۇرۇن ئىشلەتكىلى بولمايدىغان بولغانلىقتىن، كوماندا يەنىلا داۋاملىق مېھمان مەيدان مۇسابىقىگە ئاتلىنىشقا مەجبۇر بولىدۇ. نۆۋەتتە كۇلۇبمۇ ئاكتىپ ھالدا غۇلجا شەھىرى ياكى كورلا شەھىرىدە قوشۇمچە مۇسابىقە مەيدانى ھازىرلاش ئىشىغا تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ.»دېگەن.

ئەسلى مەنبەسى؛ نۇر تورى

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1مۇنبەر پۇلى +50 يىغىش سەۋەبى
missi0998 + 50 قالتىس!

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-16 22:48:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نۇر تورىدىن كۆچۈرۈلگەن تىما...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-16 22:58:54 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خانزاد1 يوللىغان ۋاقتى  2015-2-16 22:48
نۇر تورىدىن كۆچۈرۈلگەن تىما...

بىر  چاغلاردا ئوكيان  تورىدىكىلەر  بىر  قانچە  توربەتلەر خەۋىرىمىزنى  كۇچۇردى  دەپ  ئەيىپلىگەن  ئەلكۇيى  تورى بىلەنمۇ  چېدىلى چىققان  .نۇر  تورىدىكىلەر  خەۋەر  يازغانلارغا  پۇل  بېردۇ  بىركۇنى  ئۇلارمۇ  مۇنبىرمىزنى  بىرنىمىلەرنى  دىمەس  دىگىلى  بولمايدۇ  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-16 23:09:04 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باشقا تور بېكەتلەر يول قويغانلا بولسا ، شىنجاڭغا ۋە ئۇيغۇر توپچىلىرىمىزغا مۇناسىۋەتلىك تېمىلارنى مەنبەنى ئەسكەرتكەن ئاساستا كۆچۈرسە مۇنبىرىمىز بۇنىڭغا ئەزەلدىن چەكلىمە قويمىدى . لىكىن باشقا ھەرقانداق خەۋەر بۇنىڭ سىرتىدا . نۇر تورىدىكىلەر ئۆز ئەزىمەتلىرىمىزگە مۇناسىۋەتلىك خەۋەرنى كۆچۈرگەنگە خۇشال بولسا بولىدىكى باشقا پىكىردە بولمايدۇ دەپ ئويلايمەن . نۇر تورىنىڭ قۇرغۇچىسىمۇ ئىنتايىن پۇتبولخۇمار ، مۇشۇ مۇنبەردىمۇ بار
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-16 23:14:13 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
nijat يوللىغان ۋاقتى  2015-2-16 23:09
باشقا تور بېكەتلەر يول قويغانلا بولسا ، شىنجاڭغا ۋە ئۇ ...

مەن مۇشۇ نۇر تورنى قۇرغۇچىغا بىر رەخمەت ئىيتىۋالسام چۇنكى پۇتبولغا مۇناسىۋەتلىك خەۋەر بەك كۆپ ،رەخمەت
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-16 23:15:02 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
nijat يوللىغان ۋاقتى  2015-2-16 23:09
باشقا تور بېكەتلەر يول قويغانلا بولسا ، شىنجاڭغا ۋە ئۇ ...

ئۇنداق بولسىغۇ  ياخشى  .بىر قانچە  تور  بەتلەرنىڭ  تىما كۇچۇردى  دەپ  دادخالىشىپ  يۇرگەنلىكىنى  كۇرگەن  .شوڭا شۇنىڭدەك بىرەر ئىش  مۇنبىرمىزنەڭ  بېشىغا  كەلسە  بىزنىڭ  كۇڭلىمىزمۇ  بىئارام  بولدۇ  دە  توردۇنياسىدىكى  بىرىنچى   تاللىشىم  پۇتبولتورى  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-16 23:15:54 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بايام  مۇشۇنداق  ئەسكەرتكەن  بولساڭلار  بولاتتى  ئۇنداق  دىمەستۇق  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-16 23:23:30 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
nijat يوللىغان ۋاقتى  2015-2-16 23:09
باشقا تور بېكەتلەر يول قويغانلا بولسا ، شىنجاڭغا ۋە ئۇ ...

ۋاي ئاداش سىلە توغرا چۈشەنگەن بىلەن باشقۇرغۇچىلار ئالاھىدە سەزگۈرلۈك بىلەن تىما كۆچۈرمەسلىك توغرىسىدا ئەسكەرتىپ تۇرىدۇ ئەمەسمۇ.....
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-16 23:24:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى! تىرىشىڭلار ،دۇنيا چىممپىيونى بۇلۇشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمەن!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-16 23:30:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بولسا مۇشۇ ئەزمەتلىرىمىزگە قۇرۇق مۇكاپاتنى بىرىپلا يولغا سالماي مەخسۇس مەشىق بازىسى ياساپ بىرىپ شارائىتىنى تىخىمۇ ياخشىلاپ بەرسە بولاتتى.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-16 23:33:32 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
laqin1 يوللىغان ۋاقتى  2015-2-16 23:30
بولسا مۇشۇ ئەزمەتلىرىمىزگە قۇرۇق مۇكاپاتنى بىرىپلا يو ...

ئاڭلاشلارغا  قارغاندا  ئەفىردىن  زىيارەتنى  قۇبۇل  قىلغاندا  يۇرتىمىزدىمۇ  مۇشۇنىڭدەك  چىم  مەيدان  بۇلۇشىنى  ئۇمۇت  قىلمەن  دەپتىكەن  بۇ  مۇسابىقىنى  ئۇيۇشتۇرغان  ئۇرۇن  بۇنى  ھەل  قىپتىمىش  مىش
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-2-16 23:37:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىلىم يوللىغان ۋاقتى  2015-2-16 23:15
بايام  مۇشۇنداق  ئەسكەرتكەن  بولساڭلار  بولاتتى  ئۇنداق ...

  نۇر تورىدىن كۇرۇپ پۇتبول تورىدىكى تورداشلارغا گېلىم سىقىلىپ ، مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ يوللىغان ئىدىم. تىمىنى ئەڭ تىز تەسىقلايدىغان مۇنبىرىمىز باشقۇرغۇچىلىرى بۇ كۆچۇرۇلمە تىمىنى ۋاختىدا تەسسىقلىمىدى،  مەنبەسىنى ئەسكەرتسە تەسىقلىمايدىغان ئوخشايدۇ دىگەن خاتا قاراش بىلەن مەنبەسىنى ئۆچۇرۋىتىپتىكەنمەن.............

   
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-3-18 15:57

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش