elan orni : 13999092457elan roni : 13999092457
كۆرۈش: 672|ئىنكاس: 14

شىنجاڭ كەسپىي پۇتبولىنىڭ باھارى باشلاندى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   waskitbol تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-16 23:04  

   20150216054221136[1].jpg

  بۇ يىل 1-ئايدا، شىنجاڭ كارخانىسى شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىلپىزى پۇتبول كۇلۇبىنىڭ پاي ھوقۇقىنى كونترول قىلدى، سابىق «جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسى ئالتۇن بوتىسى» دالاناخ ۋە توققۇز نەپەر شىنجاڭلىق يەرلىك توپچىغا ئىگە بولغان تەڭرىتاغ يىلپىزى كوماندىسى ئا دەرىجىلىك بىرلەشمىگە ئاتلىنىدۇ. شىنجاڭنىڭ كەسپى پۇتبولى مۇشۇ مىنۇتلاردىن باشلىنىدۇ، شىنجاڭ ھەقىقى مەنىدىكى شىنجاڭلىقلارنىڭ ئۆزىنىڭ كەسپى پۇتبول كوماندىسىغا ئىگە بولىدى.

بۇ يىل 2-ئايدا، شىنجاڭ مەكتەپ پۇتبولى 5-قېتىملىق جەنۇبى شىنجاڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى تۇرپاندا باشلاندى، ناھايىتى كۆپلىگەن ئون ياشقا توشمىغان بالىلار ۋە ئۇلاردىن بىر-ئىككى ياش چوڭ بولغان بالىلار بىرلىكتە ئۆزلىرىنىڭ «پۇتبول ھاياتى»نى باشلىدى. تېخنىكا سىنىقىدا، بىر مىنۇتتا 204 قېتىم توپ تاقلىتىش ماھارىتىنى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان ھالدا 12 ياشلىق بالا ئورۇندىدى. شىنجاڭ پۇتبولىغا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئەمدىلا باشلانغان كەسپى پۇتبول ۋە داڭقى چىققان ياش-ئۆسمۈرلەر پۇتبولى ئارىسىدا پەخىرلىنىش ۋە پەرق زىدىيىتى ئورتاق مەۋجۇت.

بۈگۈنكى كۈندە، ھەردەرىجىلىك ھۆكۈمەتنىڭ كۆڭۈل بۆلىشى ۋە ياردىمىدە، جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى پۇتبول بىرلەشمىسى كورىيە ۋە ياپونىيە بىرلەشمىسىنىڭ ئورنىنى ئېلىپ ئاسىيادىكى بىرىنچى بىرلەشمىگە ئايلاندى، جۇڭگو ئەرلەر پۇتبول كوماندىسىمۇ ئىلگىرىكىگە ئوخشىمايدىغان روھ ۋە ئىستىلنى نامايەن قىلدى. پۇتبول چوڭ مۇھىتى پۈتۈنلەي ئوخشىمايدۇ، ئۆزىدىكى ئەۋزەللىك، روشەن پەرق ۋە ئەڭ ياخشى پۇرسەتنىڭ ھەممىسى شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ ئالدىغا قويۇلدى، پەقەت پەرققە توغرا قاراپ ئادەم بايلىقىنى ئەمەلىي كۈچكە ئايلاندۇرغاندا، ئاندىن شىنجاڭ پۇتبولچىلىقىنىڭ گۈزەل كېلەچىكى بولىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى بىر ھەتتا كۆپلىگەن ئۆلچەملىك كەسپى پۇتبول كۇلۇبى باشلىنىشىدىلا ئىنتىزار بولىدىغان رول.

كەسپىي پۇتبول باھارىنى كۈتىۋالدى

ناۋادا ئالدىنقى پەسىللىك جۇڭگو ئا دەرىجىلىك بىرلەشمىدە شىنجاڭنىڭ «ئىسمى» بولغان بولسا، ئۇنداقتا بۇ پەسىللىك جۇڭگو ئا دەرىجىلىك بىرلەشمىدە «ئىسمى بىلەن پاي ھەسىسى» بىرگە بولدى.  
بۇ يىل 1-ئايدا، ئۈرۈمچى جۈنتەي ئۆي-مۈلۈك پاي ھەسسىدارلىق چەكلىك شىركىتى كۇلۇبنىڭ 66.7% لىك پاي ھوقۇقىنى كونترول قىلغۇچى تەرەپكە ئايلاندى. بۇ پەسىلدە بىرىنچى كوماندا شاۋكەت، پەرھات، ئارافات قاتارلىق توققۇز نەپەر شىنجاڭلىق توپچىغا ئىگە بولىدى.
  شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىلپىزى پۇتبول كۇلۇبى ئاساسى 2012-يىلى قۇرۇلغان خۇبېي خۇاكەيئېر پۇتبول كۇلۇبى. 2014-يىلىنىڭ بېشىدا، شىنجاڭ پۇتبول جەمىيىتى مۇۋاپىقىيەتلىك ھالدا خۇبېي خۇاكەيئېر پۇتبول كۇلۇبىنىڭ جۇڭگو ئا دەرىجىلىك بىرلەشمە ئويناش سالاھىيىتىنى قوبۇل قىلغان، شۇڭا جۇڭگو ئا دەرىجىلىك بىرلەشمىسىدە مۇسابىقىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن. ئالدىنقى پەسىللىك شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىلپىزى كۇلۇبىنىڭ پايچېكى ۋە قوللىغۇچىسى-- ئۈرۈمچى جۈنتەي ئۆي-مۈلۈك پايچەك چەكلىك شىركىتى بۇ يىل 1-ئايدا پايچېكى ھوقۇقىنى سېتىۋېلىش ئارقىلىق كۇلۇبنىڭ ئەڭ چوڭ پايچىكىگە ئايلاندى. بۇ تېزلا بۇ يىللىق جۇڭگو ئا دەرىجىلىك بىرلەشمىسىگە قاتنىشىدىغان شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىلپىزى كۇلۇبىنىڭ « ئىسمى بار پاي ھەسسىسىمۇ بار» بولغان شىنجاڭ كوماندىسىغا ئايلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

كۈچلۈكلەرنى يۆتكەش، نىشان ئالدىنقى ئالتە

نۆۋەتتە، جۇڭگو پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى بۇ پەسىللىك جۇڭگو ئا دەرىجلىك بىرلەشمىسى مۇسابىقە ئورۇنلاشتۇرىشىنى ئېلان قىلمىدى، ئەمما ئادەتتە دائىم 3-ئاينىڭ ئوتتۇرىسىدا مۇسابىقە باشلىنىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە، كوماندىنىڭ 28 كىشلىك دەسلەپكى چوڭ تىزىملىكىمۇ ئاساسىي جەھەتتىن بېكىتىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ نامى بار توپچى بولسا ئىلگىرى 2012-يىللىق مۇسابىقە پەسىلىدە جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىدە ئەڭ مۇنەۋەر مەرگەن بولغان رۇمىنىيەنىڭ سابىق دۆلەت كوماندىسى توپچىسى دالاناخ. بۇندىن سىرت يەنە ئالدىنقى پەسىل بېيجىڭ باشى كوماندىسىدا توپ تەپكەن برازىلىيەلىك توپچى فىلىپىنى يۆتكەپ كەلدى، بۇ بويى 1.97 مېتىرلىق توپچىنىڭ ئوتتۇرا مەيداندىكى كونترول قىلىش ئىقتىدارى ناھايىتى قالتىس، ئىككىسى ئالدىنقى پەسىلدىكى ئارقا مەيدان يادروسى ۋىسىنتې بىلەن بىرگە ئوتتۇرا ئوق لىنىيەسىنى شەكىللەندۈرىدۇ. دۆلەت ئىچىدىكى توپچىلار ئىچىدە، بارىنىڭ ئىجارە ۋاقتى توشۇپ جىياڭسۇ شۈنتىيەنگە قايتتى، بىراق گۇاڭجۇ خېڭدادىكى شاۋكەتنىڭ قوشۇلىشى مەلۇم دەرىجىدە بۇ بوشلۇقنى تولدۇردى. بۇ پەسىلدە، كوماندىدا بىراقلا شاۋكەت، مۇستافا، يەھيا، ئارافات، سالىخان، ئەخمەتجان، ماخمۇت، مەمەتجان، سابىت قاتارلىق توققۇز نەپەر يەرلىك توپچى بار بولدى، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى كۆپى ئىلگىرى شىنجاڭ تەنتەربىيە لاتارىيەسى كوماندىسىدا توپ تېپىپ جۇڭگو ب دەرىجىلىك مۇسابىقە ۋە مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنىغا قاتناشقان.
  كوماندا باش ترېنېرى:« يېڭى پەسىللىك مۇسابىقىگە تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن، 2014-يىلى 12-ئاينىڭ بېشىدىن باشلاپ يىغىلىپ مەشىق قىلدى. بۇ پەسىلدە ئا دەرىجىلىك بىرلەشمىدە كۈچلۈك كوماندا كۆپ، بۇنىڭغا قوشۇلۇپ بىزنىڭ يېڭى توپچىلىرىمىزمۇ بىر قەدەر كۆپ، ھازىر كوماندىنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى ئىتتىپاقلىشىش. ئالدىنقى پەسىللىك بىرلەشمە مۇسابىقىدە بىزنىڭ نەتىجىمىز ئونىنچى، بۇ يىل بىزنىڭ نىشانىمىز تىرىشىپ ئالدىنقى ئالتىنىڭ ئىچىگە كىرىش. كوماندىنىڭ نەتىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن، بۇ پەسىل كۇلۇب توپچىلارنى ئىلھاملاندۇرۇش مەبلىغىنى كۆپەيىتتى، مېھمان مەيدان توپ كىرگۈزۈش مۇكاپاتى ۋە تەڭلىشىش مۇكاپاتىنى يۇقىرى كۆتۈردى. بۇندىن سىرت، ئۈرۈمچىنىڭ چىملىقىنىڭ 5-ئايدىن بۇرۇن ئىشلەتكىلى بولمايدىغان بولغانلىقتىن، كوماندا يەنىلا داۋاملىق مېھمان مەيدان مۇسابىقىگە ئاتلىنىشقا مەجبۇر بولىدۇ. نۆۋەتتە كۇلۇبمۇ ئاكتىپ ھالدا غۇلجا شەھىرى ياكى كورلا شەھىرىدە قوشۇمچە مۇسابىقە مەيدانى ھازىرلاش ئىشىغا تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ.»دېگەن.

ئەسلى مەنبەسى؛ نۇر تورى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-16 22:48:11 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئىلىم تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-16 23:30  

بىزنىڭ  باللا  خېلى چىقكەن  تىرىشىپ  ئاساسلىق  ئەزالىق  ئورنىنى  قولدىن  بەرمەسلىكىڭلارنى  ئۇمۇت  قىلمەن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-2-16 22:59:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   waskitbol تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-16 23:06  

بۇ پەسىلدە، كوماندىدا بىراقلا شاۋكەت، مۇستافا، يەھيا، ئارافات، سالىخان، ئەخمەتجان، ماخمۇت، مەمەتجان، سابىت قاتارلىق توققۇز نەپەر يەرلىك توپچى بار بولدى.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-16 23:03:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى خەۋەرلەر توختىماي چىقىۋاتىدۇ، ھەمىمىزنىڭ تىلىكى ئۇزۇنغا قالماي ئىشقا ئاشقۇسى..  

جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى پۇتبول بىرلەشمىسى ئاسىيادا بىرنجى ئۇرۇنغا ئۈتۈپتۇدە   ياپۇنىيەنىڭ   J  بىرلەشمىسىمۇ ئالدىنقى قاتاردا تۇراتتى ئەسلى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-16 23:35:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى باشلىنىش ،قاچانغىچە ئەجنەبىيلەرگە مەستانە بوپ يۇرىمىز ...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-16 23:37:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
غۇلجا ياكى كورلىنى قوشۇمچە ساھىپخان مەيدان قىلىش  مۇمكىنچىلىكىمۇ باركەن تېخى....
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-16 23:40:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى بوپتۇ، ئەمدى شىنجاڭ يىلپىزى كوماندىسى ساپلىشىشقا قاراپ مىڭىپتۇ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-17 00:12:23 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى بوپتۇ ،  ئالغا ئەزىمەتلەر .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-17 00:54:36 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەييارە يوللىغان ۋاقتى  2015-2-16 21:37
غۇلجا ياكى كورلىنى قوشۇمچە ساھىپخان مەيدان قىلىش  مۇمك ...

ياكى دىگىنى ئىككىسىنىڭ بىرسىنى تاللايمىز دىگىنىمۇ نىمە ،مىنىڭچە ئارلىقنى ئويلاشمىسا جەنۇبقا سالسا بولاتتى ئەسلى ،قىشنىڭ كۈنىمۇ يامان ئەمەس ئوينىغىلى بولىدۇ جەنۇبتا …
بىزنىڭ غۇلجىغا كەلسىمۇ ياخشىتتى …
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-17 00:55:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاجايىپ ياخشى باشلىنىش! خۇش خەۋەرلەر كۈندىن- كۈنگە كۆپىيىۋاتىدۇ، مۇشۇنداقلا ماڭسا ئۇيغۇر پۇتبولچىلىقى جوڭگۇنىلا ئەمەس بەلكى پۈتۈن ئاسىيانى، دۇنيانى زىل- زىلگە سىلىۋەتكۈسى!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-17 05:28:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
bughraoghli يوللىغان ۋاقتى  2015-2-17 00:54
ياكى دىگىنى ئىككىسىنىڭ بىرسىنى تاللايمىز دىگىنىمۇ نى ...

مۇشۇ ئىككى شەھەرنىڭ بىئېسى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. مەنچە كورلىنى قىلىپ قالامدىكىن دېدىم.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-17 12:19:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-3-18 15:34

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش