ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 695 |
تۆھپىسى: سەر |
|
ئەسسالامۇئەلەيكۇم دوسلار:《بۇ قېتىملىق مۇسابىقە فىلىم جەۋھەرلىرىنى(salmon)سالونىغا كىرىپ كۆرەلەيدىكەنسىز》
ئاتۇشتا ئۆتكۈزۈلىۋاتقان بۇغرا لوڭقىسىنىڭ يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى بۆگۈن ئوينالدى.
چۈشتىن بۇرۇن ئا گوروپپىدىن بىرىنجى بولۇپ چىققان ساقچىلار كوماندىسى بىلەن ب گوروپپىدىن ئىككىنجى بولۇپ چىققان سۇنتاغ كوماندىسى ئوتتۇرسىدا ئوينالدى…مۇسابىقە باشلىنىپ ئىككىلى تەرەپ كۈچلۈك ھۇجۇم قوزغىدى، 18-مىنۇتتا سۇنتاغ كوماندىسى بىر توپ كىرگۈزۈپ ئالدىغا ئۆتتى.
كىيىنكى مەيدان باشلىنىپلا ساقچىلار كوماندىسى بىر توپ كىرگۈزۈپ نەتىجىنى تەڭلەشتۈردى،مۇسابىقە ئاخىرلىشىشقا 10مىنۇت قالغاندا سۇنتاغ كوماندىسىنىڭ 14-نۇمۇر،15-نۇمۇرلۇق ئەزالىرى بىردىن توپ كىرگۈزۈپ 1گە قارشى 3نەتىجە بىلەن غەلبە قىلدى، مەيداننى سۇنتاغ كوماندىسى كونتىرول قىلىپ ئوينىدى،بىر نەچچە ئەزاسىنىڭ شەخسىيەتچىلىكى تۈپەيلى نۇرغۇن توپنى ئىسراپ قىلۋەتتى.
چۈشتىن كىيىن ئازاق كوماندىسى بىلەن ئۈستۈن ئاتۇش كوماندىسى ئوينىدى،بۆگۈنمۇ ئازاق كوماندىسىنىڭ ئىپادىسى ناھايىتى ياخشى بولدى،ئاخىردا 0گە قارشى 3نەتىجە بىلەن ئازاق كوماندىسى غەلبە قىلدى…
شۇنداق قىلىپ ئازاق كوماندىسى بىلەن سۇنتاغ كوماندىسىدىن ئبارەت قان رەقىبلەر ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە يەنە ئۇچراشتى.
ئەتە سائەت 1.30 دا ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە ئوينىلىدۇ. |
|