ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 1849 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا جاغىستاي120 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-2-16 14:54
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!!
سېنا تەنتەربىيىسى خەۋىرى، بۇلتۇر يازدا ۋانجال مانچېستىر بىرلەشمىسىنى قولىغا ئالغاندىن كېيىن، 100مىليۇن فۇنىستېرلىڭ مەبلەق چىقىرىپ، خېررىرا، بۇلىندېر، دېمارىيا قاتارلىق ئۈچ ئوتتۇرا مەيدان توپچىسىنى سېتىۋالدى. لېكىن ۋانجال بۇ ئۈچ توپچىنىڭ ئومۇمى ئىپادىسىدىن رازى بولماي، رونىنىڭ ھۇجۇمدىكى ئورنىنى قۇربان قىلىش ئارقىلىق، ئوتتۇرا مەيدان كۈچىنى يەنىمۇ كۆرۈنەرلىك ھالدا كۈچەيىتتى، بۇنىڭلىق بىلەن تۇختاپ قالماي، يازلىق يۆتكۈلۈش بازىرىدىن كۇماندىغا يەنە ئوتتۇرا مەيدان توپچىسى يۆتكەشنى پىلانىغا ئالغان.
ۋانجال تاراتقولارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا :‹‹ رونى ئوتتۇرا مەيداندا توپ تېپىشقا ئەڭ ماس كېلىدىغان توپچى، ۋانپېرىس بىلەن فالكاۋنىڭ ھۇجۇمدىكى ئىقتىدارى ياخشى، مەن ئالدىنقى بىر نەچچە مەيداندا دېمارىيا بىلەن جانوزايىنى مەيدانغا چىقاردىم، كۇماندا يەنىلا ئوتتۇرا مەيداننىڭ تۇراقلىق بولىشىغا مۇھتاج، شۇڭا كۇلۇبنىڭ نىشانى يازلىق يۆتكۈلۈش بازىرىدا ئىپادىسى تېخىمۇ تۇراقلىق بولغان ئوتتۇرا مەيدان توپچىسى كىرگۈزۈش›› دەپ كۆرسەتتى. ‹‹كۈندىلىك پۇچتا گېزىتى›› مانچېستىر بىرلەشمىسىنىڭ نىشانى رىم توپچىسى سىتىرمان بىلەن يۇۋېنتىس توپچىسى پۇگبا ئىكەنلىكىدىن خەۋەر بەردى.
ۋانجال رونى ئۈستىدە توختالغاندا يەنە مۇنداق دېدى:‹‹ ئۇ ناھايىتى خۇشال، ئۇ ھېچقاچان مەندىن نارازى بولۇپ باققان ئەمەس، ماڭا ناھايىتى دوستانە قارايدۇ، مەن تاپشۇرغان ۋەزىپىنى ياخشى ئورۇنداپ كېلىۋاتىدۇ، بۇ دەل مەن كۆرۈشنى ئارزۇ قىلىدىغان ئەھۋال. كۆپ كىشىلەر ئۇنى ھۇجۇم ئورنىدا ئوينىشى كېرەك دەيدۇ، بۇ گەپلار ئۇنى بىئارام قىلىشى مۇمكىن››. ۋانجالنىڭ بۇ گەپلىرىدىن، بۇ يىل يازدىمۇ رونى ئۆزى ياختۇرىدىغان ھۇجۇم ئورنىدىن مەھرۇم بۇلۇپ، داۋاملىق ئوتتۇرا مەيداندا توپ ئوينايدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
بىراق ۋانجال تەكىتلەپ يەنە مۇنداق دېدى:‹‹ رونى دۇنيادىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچىلارنىڭ بىرى، كەلگۈسىدە مەن ئۇنى يەنە ئۆز ئورنىغا قايتۇرۇپ كېلىشىم مۇمكىن، مەن قايسى ئورۇنغا قويۇشىمدىن قەتئېنەزەر ئۇ رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرالايدۇ، ئۇنىڭ كۇماندىدىكى ئورنى ناھايىتى مۇھىم››.
|
|