elan orni : 13999092457elan roni : 13999092457
كۆرۈش: 1226|ئىنكاس: 43

بارسىلونا شەھىرىدە ھەقسىز ئىلان بىرىمىز ! (نەق مەيدان)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Elias.Hemid تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-16 08:35  


ئەسسىلامۇ-ئەلەيكۇم پۇتبۇل سۆيەر قېرىنداشلار :

ئالدىنقى قىتىملىق مادرىد ساياھىتى شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدىكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ياختۇرۇپ كۆرىشىگە ۋە نۇرغۇن ياخشى باھالىرىغا ئىرىشكەن ئىدى. ئەپسۇس ئۇ قىتىم تۇنجى قىتىملىق ساياھىتىمىز بولغاچقا تەجىربىمىز ۋە بىلىمىمىز كەمچىل بولۇش تۈپەيلى بەزى پايدىلىق تەرەپلەردىن تولۇق پايدىلىنالماي قاپتۇق.مەسىلەن ساياھەت جەريانىدا دۇنيانىڭ ھەرقايسى رايونلىرىدىن شەخسىي، كوللىكتىپ ۋە بەزى كىچىك كوماندىلارنىڭ كوماندا بويىچە كىلىپ ھەرخىن ئىلان ئىشلىرىنى بىجەرگەنلىكىنى كۆردۇق. بولۇپمۇ كوماندا بەلگىسى، كوماندا بايرىقى ، شەخسىي ۋە كوللىكتىپ سۈرەت ، شىركەت ماركىلىرى قاتارلىق بىر قاتار نەرسىلەردىن ئىلان شەكلىدە تولۇق پايدىلاندى.چۈنكى بىرنابىئۇ مەيدانى ياكى مۇزىيىدا رەسىمگە چۈشۈش چەكلىمىسى بولمىغاچقا ،خالىغانچە پىلاكاتلارنى كۆتۈرۈپ ئىلان ئىشلەيدىكەن.
ئەمدى مەقسەتكە كەلسەك بىز ئۇيغۇرلارنىڭ پۇتبولچىلىقى يىقىندىن بۇيان تولىمۇ تەرەققىي قىلدى. گەرچە كەسپىي كوماندىلارنىڭ سانى يوق ياكى يوق دىيەرلىق بولسىمۇ ھەر يۇرتلاردا ھەر مەھەللىلەردە ئازدىن كۆپتۇر كوماندىلار قۇرۇلدى. ھۇررا كوماندىسىدەك ھەممە ئادەملەر بىلىدىغان كوماندىلار چىققان بولسىمۇ، كۆپ كوماندىلار تىخى بىخ ھالىتىدە. ھەر كوماندىنىڭ قۇرۇلۇپ،تەشكىللىنىپ تەرەققىي قىلىشىغا ئەلۋەتتە ۋاقىت كىتىدۇ،ھەمدە تەشۋىقاتمۇ بەك چوڭ رول ئوينايدۇ.بولۇپمۇ تور دۇنياسىدا تەشۋىق قىلىش بىر قەدەر بىزگە ماس كىلىدۇ.
ئاللاھنىڭ ياردىمى بىلەن ۋەدىمىز بويىچە 3-ئاينىڭ 22-كۈنى بارسىلونا ساياھىتىمىزنىڭ بىلەت ۋە ياتاق ئىشلىرى تامام بولدى. ئاللاھ تىنىمىزنى ئامان قىلسا 3-ئاينىڭ 20-كۈنى بارسىلونادا بولىمىز. ساياھەت مەنزىللىرى ئەلۋەتتە بارسىلونا مەيدانى ۋە مۇزىيلىرىدىن باشلىنىدۇ ۋە مۇسابىقە كۈنى دۇنيانىڭ كۆزى تىكىلۋاتقان بارسىلونا بىلەن مادرىدنىڭ قانلىق جىڭى نەق مەيداندىن ئۇيغۇر باللىرى تەرىپىدىن تارقىتىلىدۇ.(مادرىد تەرەپكە يەنە ئۆتۈپ قىلىشىمىزمۇ مۇمكىن)
كەڭ دوسلارغا خوش خەۋىرىمىز شۇكى پۈتۈن شىنجاڭ تەۋەسىدىن ھەقسىز ئىلان قۇبۇل قىلىمىز.يەنى مەيلى شەخسىي نامىدىن ۋە ياكى كوماندا نامىدىن بولسۇن كىرەكلىك نەرسىنىلا بىزگە ئەۋەتىپ بەرسەڭلار بولدى. ئىلان شەكلى توۋەندىكىچە:
1.ھەرخىل سۈرەت   (شەخسىي سۈرەت، كوماندا سۈرىتى، كوماندا بەلگىسى، كوماندا بايرىقى،كوماندا كىيىم سۈرىتى، قاتارلىق قانداق سۈرەت خالىساڭلار )
2. ئىسىم  (يەنى شەخسىي ئىسىم ياكى كوماندا ئىسمى ۋە ياكى شىركەت نامى، شىركەت ماركىسى قاتارلىق قانداق ئىسىم خالىساڭلار)
3.شەخسىي پۇتبول چايخانا ئىلانلىرى
4.باشقا خىل ئىلان ياكى ئالاقىلىشىش ۋاستىسى دىگەندەك بىرنىمىلەر بولسىمۇ بولىدۇ.
ئەسكەرتىش : كوماندا نامىدىن ئىلان بەرمەكچى بولغانلار كوماندا ئەزالىرىنىڭ ئىسىمى بىلەن ئۈندىدارى بىزدە بولىشى شەرت.(سالونغا ئادەم يىغىۋاتقانچۇ )
يۇقارقى نەرسىلەرنى نەق مەيداندىن رەسىم ياكى ۋىدىئۇ شەكلىدە ئىشلەپ شۇ كۈنى ياكى شۇ ھەپتىسى ئىگىسىگە تاپشۇرۇشقا تىرىشىمىز.قايسى خىل شەكىلدە بولىشىنى ئۆزىڭىز بەلگىلەيسىز ! بارسىلونا ۋە مادرىد كوماندا ئەزالىرى مىھمانخانىدا بىر كۈن بۇرۇن ئىمزا قويۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزىشى مۇمكىن ئىمزانى ئىلىپ تەلەيلىك باللارغا ھەقىقىي نۇسخىسىنى سىلىپ بەرسەك بولىدۇ.مىسسى ۋە رونالدونىڭ ئىمزاسى پۇللۇق ھە ! (چاق-چاق)
مۇسابىقىگە يەنە بىر ئاي قالدى، مۇشۇ بىر ئاي ئىچىدە خالىغان بالىلار ياكى كوماندىلار تىزدىن ئالاقىلىشىپ ، ئەۋەتىدىغان نەرسىلەرنى ئەۋەتىشنى باشلىساڭلار بولىدۇ.
نۇرغۇن بالىلار مادرىد ياكى بارسىلونانىڭ ھەقىقىي جىڭ كىيىمىدىن سىلىپ بەرسەڭلار دىگەن بولدى. بۇ قىتىم ئۇ ئىشنىمۇ ئاللاھ خالىسا ھەل قىلارمىز.لىكىن پۇلنى بىزگە ،مالنى سىلەرگە يەتكۇزۈش مەسىلىسى سەل قاملاشماي قىلىۋاتىدۇ. بىر ئىككى بالا بولسا بوپتۇ دىسەكمۇ لىكىن بەك جىق باللار ئىلتىماس قىلىۋاتقاچقا، پوشتىدىن سىلىپ قولۇڭلارغا يەتكۈزۈش ئۈچۈن چىقىم سەل جىقىيىپ كىتىدىكەن. ئەگەر ياق مەن زادى ئالىمەن دەيدىغانلار بولسا چىقىمنى پۈتۈنلەي ئۆزى ئۈستىگە ئالسا سىلىپ بەرسەك بولىدۇ.


                            ئۈندىدار : 630085353


ئاخىرىدا باشقۇرغۇچىلاردىن سەمىمىي تەلىپىم مۇشۇ تىمىنى بىر تەۋسىيە تىمىغا بولامدۇ ئىشقىلىپ مۇشۇ بىر ئاي كۆرۈنۈپ تۇردىغان يەرگە قويۇپ قويغان بولساڭلار،كىيىن  چىقىرۋەتسەڭلار بولىدۇ.

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-16 10:45:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالدى بىلەن سەپىرىڭلارنىڭ ئوڭۇشلۇق بۇلۇشىنى ئۈمۈت قىلىمەن. ،مەن مۇنداق ئويلايمەن.
مېنىڭچە ئېلان قۇبۇل قىلىشتا دىيارىمىزدىكى پۇتبولنى قوللايدىغان شۇنداقلا خەلقىمىزنىڭ ئۇزۇن يىللىق ئارزۇسىنى كۆڭلىگە پۈككەن، دىيارمىزنىڭ پۇتبولچىلىق ئىشلىرى ئۈچۈن يۇرت-يۇرتلاردا ھەرخىل مۇسابىقە ئۇيۇشتۇرۇپ كەڭ خەلىققە مەنۋى زوق خوشاللىق ئاتا قىلىۋاتقان. ھەر ساھەدىكى پۇقرافى كارخانىلارمۇ ئاز ئەمەس. ئېلان قۇبۇل قىلىشتا ئاۋال مۇشۇنداق، شىركەت كارخانىلارنى ئالدىن ئۇيلاشقان بولساڭلار.


يەنە بىرتەكلىپ   ئالدىنقى قېتىم مادىردقا ساياھىتىڭلار ئۇتۇغلۇق بوپتىكەن. بۇقېتىم دۇنيا كۆزتىككەن ئىسپان دىربىسىنى نەق مەيداندىن كۆرۈدىكەنسىلە بولسا بېشىڭلارغا چىرايلىق ئويغۇر دوپىسى كىيۋالغان بولساڭلار، بولسا مىللىي ئالاھىدىلىگىمىز ئېنىق گەۋدىلىنسۇن.  سىلەرگە ئامەت تىلەيمەن.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-16 11:20:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالامەت تىما بوپتۇ ماۋۇ.........  ھەقىقەتەن ھاياجانلاندىم.   رەھمەت سىزگە........
مىسسى ۋە رونالدونىڭ ئىمزاسى چۈشۈرۈلگەن مايكا شىنجاڭدىكى ھەر بىر پۇتبۇل مەستانىسىنىڭ ئارزۇسى ئاددىيسى مىنىڭمۇ شۇ، ئەلۋەتتە باھاسى قانچە پۇل بولىشىدىن قەتتىنەزەر ئىلىشقا كۈچىمىز يىتىدۇ. لىكىن پۈتۈن شىنجاڭدا مەندەك ئۇيلايدىغان ئادەمدىن نەچچە مىڭى بار. شۇلارنى دەپ بولسىمۇ مەن ۋاز كەچتىم. كۈچىڭىزنىڭ يىتىشچە ئاشۇ مەستانىلەرنى خۇشال قىلىڭ. بولسا شاتكار ئىيىتقاندەك دىربىي مەيدانىدا ئۇيغۇرلارنىڭ دوپپىسىنى كىيىپ  مىسسى رونالدولارغا ئىمزا يوقۇپ بىرىڭ. ئاللاھ ئىشلىرىڭىزنى ئوڭۇشلۇق يولىڭىزنى ئوچۇق قىلسۇن قىرىندىشىم.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-17 09:56:20 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Elias.Hemid يوللىغان ۋاقتى  2015-2-16 14:52
باللا كىيىمنىڭ ئىشلىرى ھەل بولدى. مادرىد ياكى بارسىلون ...

ئىككىمىز ئۈندىداردا پاراڭلاشتۇق . بولسا بىر توپ قۇرۇپ باللانى جەم قىلىدىغان گەپمىكى ئورۇنلاشتۇردىغان ئىشلار ئاسانغا توختايتى...ۋاقتىڭىز يەتسە مۇنبەردە بىر تىما بار توپ تەپكۈچىنىڭ يۇۋىنتىس كوماندا ئەزالىرى ئولتۇرغان كوماندا ئاپتىبوسىنىڭ كەينىدىن يۈگرەيدىغان...سىلەرمۇ كوللىكتىپ يۈگرەپ بولسىمۇ ئاشۇلار بىلەن كۆرشىۋىلىڭلا...ھەراسىت ئىسپانچە بىلەمسىز؟ئەگەر بىلسىڭىز مىسسىغا دەپ قويۇڭ مادىرېدقا توپ ئۇرمىسۇن بولمىسا مىشىدە تۇرۇپ بەك سەت تىللىۋىتىمەن....
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-16 09:16:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-16 09:19:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى قىپسىلە بىزنىڭ شىنجاڭنى ياۋرۇپاغا قولۇڭلىدىن كىلىشچە تەشۋىق قىلشىڭلىنى ئۆمۈت قىلمەن.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-16 09:29:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەگەر بىرە مەھسۇلاتىم ياكى شىركىتىم بولغان بولسا ئېلانىنى بېرىۋالاركەنمەن . لېكىن مەندە يوقتە... باشقا مەھسۇلات ئىگىلىرىگە ياخشى بىر پۇرسەت بولغىدەك ، ھە راسىت ، ماۋۇ ئېلانىڭلارنى مۇنبەردە ھەقسىز يورۇتۇپ كۆتۈرۈپ قويدۇم ، شۇنىڭ يۈزىدىن بولسىمۇ مۇنبەر ئادرىسىنى ئېلان قىلىپ بەرمىسەڭلار بولماس
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-16 09:55:58 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭ ئېسمىمنى ۋە رەسىممنى چوڭ پىلاكاتقا ئىسىپ ،مەيدان ئۈستىدىن ئۇچۇپ ئۆتىۋاتقان قىلىپ ئىشلەپ بەرگەن بولساڭلار! سىلەرگە ئۇتۇق تىلەيمەن ،يەنە تەپسىلى ئويلىشاي
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-16 10:09:00 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-16 10:10:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى بوپتۇ،ئۈندىدار نومۇرۇڭلارنى قوشۇۋالاي،ھە راس ياۋرۇپادىمۇ ئۈندىدار ئىشلىتەمدىكەن ياكى بىزنىڭ دۆلەتتىن
بارغانلار ئىشلىتەمدىكەن؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-16 10:23:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خانجاي كوماندىسنىڭ بالىلرى  ئۆزەڭلىنى مەلىم قىلىڭلار دەيمە .ئۆزەڭلىنى تونتىدغان ۋاقىت كەپتۇ.مەن جىق گەپ قىپ قويغان  بولسام خانجاي باللىرى كەچرۈڭلا جىما؟؟؟؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-16 10:24:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماۋۇ بۇلدىغان ئىشكەن ئۇقۇپ ناھايىتى ھاياجانلاندىم ئويغۇر پۇتپولى ئۈچۈن توختالغۇسىز تەرئاققۇزۋاتقىنىڭلار ئۈچۈن كۆپ تەشەككۈر بولسا ئىسپانىيەدە بىزنىڭ شىنجاڭنى جۈملىدىن ئويغۇرلارنى كۆپرەك تەشۋىق قىلىپ قويساڭلار  
ئەگەر مۇمكىن بولسا ماڭىمۇ رونالدونىڭ ئىمزاسى چۈشۈلگەن مايكىدىن بىرنى سەپ بەرسەڭلا نەچچە پۇل كەتسە چىقىرىشقا رازى ئىدىم   
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-16 10:28:04 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېسىل ئىش بولدى. بىزنىڭ كۇلۇبنىڭ ماتېرىياللىرىنى تەمىنلەپ بەرسەم دەيمەن. سەل تۇرۇپ قايتا ئالاقە قىلاي. كۆپ ئەجىر قىلىپسىلەر. ئاللاھ يولۇڭلارنى تېخىمۇ ئوچۇق قىلسۇن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-16 10:30:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مسسنڭ ئىمزاسى بولغان كىيمىدىن1قۇر لازىم،كىچىك باللارنىڭ كىدىن1قۇر بولسىمۇ بولدۇ. بالاممۇ كەيمەكچى، ؟ئىمكانىيەت بولسا؟ئۈندىدار1057250849
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-16 10:45:01 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماڭغىمۇ مىسسىنىڭ ئىمزاسى بولغان كىيىم بولسا بىر قۇر نەچچە پۇل كەتسە مەندە بار .
بۇيرۇتقان بالىلار جىق بولسا توپ ئەۋەتسىڭىزمۇ بۇلىدۇ .
ئۇندىدار919114094
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-3-18 15:34

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش