elan orni : 13999092457elan roni : 13999092457
كۆرۈش: 636|ئىنكاس: 26

خىيالى چۇش 11-كوماندىسىنىڭ مۇسابىقىسى باشلىنىپ كەتتى……

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   تۇتىيا تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-16 00:33  

مىلادى2014-يىلى 14-ئاينىڭ 15-كۇنى مارىس،يۇپىتىر،ۋېنىرا قاتارلىق پىلانىتلار بىلەن يەر شارى ئوتتۇرىسىدىكى ئالەم بوشلۇقى تالىشىش مۇسابىقىسى باشلاندى.بۇ مۇسابىقە ئىككى مەيدان ئورۇنلاشتۇرۇلغان بۇلۇپ ئىككى مەيدان مۇسابىقىدىكى ئۇمۇمى نەتىجە مۇسابىقىسىنىڭ غەلبىسىنى بەلگىلەيدۇ.ئەگەر قايسى تەرەپ بۇ مۇسابىقىدە ئۇتىۋالسا شۇ تەرەپ بۇ بوشلۇقلاردىن خالىغانچە پايدىلىنالايتى.ھازىرقى ۋەزىيەت يەرشارىلىقلارغا  پايدىسىز بۇلۇپ قالغان ئۇچ پىلانىتتىكىلەر بىرلىشىۋالغانىدى.شۇنداقتىمۇ يەرشارىلىقلار ئىرادىسىنى بوشىتىپ قويمىدى.پۇتۇن ئالەمدىكىلەر بۇ مۇسابىقىنىڭ نەتىجىسىنى ساقلىماقتا.قېنى بۇ مۇسابىقىگە قىزىقسىڭىز دېققىتىڭىز بىۋاستە خەتلىك ئۇلاپ تارقىتىشتا بولسۇن.
     ئىككى تەرەپ ئەزالىرى مەيدانغا كىردى،يوۋ ماۋۇ تاشقى پىلانتلىقلار نىمىدىگەن يوغان بەستلىك دەيمەن.ئۇلاردىن توپ تالاشقىلى بولارمۇ؟ھەي قېنى مۇسابىقىنى بىر كۆرەيلى بۇ يەردە ھەرقانداق بىر ئىش يۇز بىرىشى مۇمكىن .مۇسابىقە باشلاندى.توپنى يەر شارىلىقلار باشلىدى.ھۇجۇم سېپىدە تۇرغان دەرىجىدىن تاشقىرى قاتىل ھۇجۇمچى نويىر يەنە بىر سەبدىشى بۇففونغا پاس بىرىشى بىلەن مۇسابىقە رەسمى باشلاندى . ئىككى تەرەپ قاتتىق تىركەشتى،توپنى يەرشارىدىكىلەر كونتىرول قىلىپ قارشى تەرەپ مەيدانىغا قەدەممۇ قەدەم كىردى.يەر شارى كوماندىسىنىڭ ئوتتۇرا مەيدان يادروسى راموس توپنى ئالدىدە ھۇجۇم تەشكىللەپ تېز سۇرەتلىك ھۇجۇم باشلاپ سول تەرەپتىن بۆسۇپ كىرۋاتقان كاسىلياسقا تاشلاپ بەردى،كاسىلياس توپنى ئوتتۇرىغا تاشلىدى بۇ توپنى نويىر ۋارتارغا قارىتىپ تەپتى ئەپسۇس بۇ توپنى ۋارتار تۇسىۋالدى. نىمىدىگەن شاش ۋارتار ھە! پۇتۇن مەيداندىكىلەر ھەيران قالغانىدى. قارشى تەرەپ توپ باشلىدى.ئۇلار ھۇجۇمغا ئۆتتى. ۋاھ ئۇلارنىڭ سۇرئىتى نېمىدىگەن تېز ھە!بىزنىڭ ئادەملىرىمىز ئۇلارغا يىتىشەلمايۋاتاتتى. قارشى تەرەپنىڭ 9-نۇمۇرلۇق ماھىرى بىلەن 10-نۇمۇرلۇق ماھىرى پاسلىشىپ يەر شارى كوماندىسىنىڭ ئوتتۇرا مەيدان يادروسى ۋە مىڭىسى بولغان راموس بىلەن پېكتىن ئۇتۇپ كەتتى. ئەمما ئوتتۇرا بېك ئورنىدا تۇرۋاتقان مىسسى بىلەن رونالدو ئۇلارنىڭ بۇ ھۇجۇمىنى بىچچىت قىلىۋەتتى.توپ يەنىلا قارشى تەرەپنىڭ پۇتىغا چۇشتى بۇ قېتىم ئۇلار يىراقتىنلا ۋارتارغا ئۇردى.ئەيھانناس نىمىدىگەن بېسىملىق تەپكەن توپ بۇ مەيداندىكى تاماشىبىنلار جىددىلىشىپ ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشۇپ كەتتى.بۇ توپنى تەجىربىلىك ۋارتارىمىز ئىبرايىموۋىچ ئۇرۇپ چىقىرۋەتتى.مەيداندىكىلەر ئالقىش سادالىرىنى ياڭراتتى.توپ ئوتتۇرا مەيداندا تۇرغان تىياگو سېلۋانىڭ پۇتىغا چۇشتى، ئۇلار قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتتى.ئەمما بۇ قېتىمقى ھۇجۇم مەغلۇپ بولدى.ئىككى تەرەپ قاتتىق تىركىشىۋاتاتتى توپ ئۇرۇشقا ئۇرۇناتتىيۇ لېكىن مەغلۇپ بولاتتى. مىسسى،رونالدو،رۇنى ئاگۇيرودىن تەركىپ تاپقان مۇداپىيە سېپى ئىنتايىن ياخشى رولىنى جارى قىلدۇرۋاتاتتى.توپ راموسنىڭ پۇتىدا ئىدى،شۇ چاغدا قارشى تەرەپ ماھىرى يۇگۇرۇپ كەلگەن پېتى بەدەن قۇيۇپ توپنى تارتىۋالدى.راموس يەردە يېتىپ قالدى،رىپىر پۇشتەك چالمىدى،بۇنىڭدىن نارازى بولغان تېرنېر ئابلەتجان سەكرەپ كەتتى.قارشى تەرەپ ھۇجۇمغا ئۇتۇپ مۇداپىيە سېپىنى ئاستۇن ئۇستۇن قىلىۋەتتى ۋە يېقىنلا ئارلىقتىن كۇچەپ ۋارتارغا تەپتى.ئىبرايىموۋىچ يۆلىنىشنى توغرا پەرەز قىلىپ ئېتىلغان بولسىمۇ ئەمما توپ بەك بېسىملىق بولغاچقا ئۇنىڭ بىلىكىگە تىگىپ كىرىپ كەتتى.توپ ناھايىتى بېسىملىق تىپىلگەچكە ئىبرايىموۋىچنىڭ قولى يارلانغانىدى. قارشى تەرەپ غەلبىسىنى تەبرىكلەۋاتقان مۇشۇ پەيىتتە كوماندا دوختۇرلىرى مەيدانغا يۇگۇرۇپ كىرىپ ئىبرايىموۋىچ بىلەن راموسنى مەيداندىن ئېلىپ چىقىپ كەتتى.تېرنېر ئابلەتجان ئىبرايىموۋىچنىڭ ئورنىغا يەنە بىر ۋارتار بېلنى چىقاردى.راموسنىڭ  ئورنىغا بولسا ئالابانى چىقاردى.بۇ قېتىم يەرشارىلىقلارنىڭ قاتتىق ئاچچىقى كەلگەنىدى .ئۇلارنىڭ چىرايىدىن غەزەپ ئۇچقۇنلىرى چاقناپ تۇراتتى.ئۇلار توپ باشلاپلا ناھايىتى كەسكىنلىك بىلەن جاننى تىكىپ ئوينىدى.ئوتتۇرا مەيداندىن ھۇجۇم تەشكىللەۋاتقان پېك توپنى نويىرغا تاشلاپ بەردى،نويىر توپنى چۇشۇرمەيلا ۋارتارغا قارىتىپ تەپتى.ئەپسۇس توپ ۋارتار تۇۋرىكىگە تىگىپ قاڭقىپ كەتتى.ئالدىنقى يېرىم مەيدان ئاخىرلاشتى،كوماندا ئەزالىرى ئوز ئورۇنلىرىغا قاراپ ماڭدى.
         كييىنكى مەيدان مۇسابىقە باشلاندى.بۇ قېتىم تېرنېر ئابلەتجان تاكتىكىنى ئوزگەرتتى بولغاي يەر شارى كوماندىسىدىكىلەرنىڭ ھۇجۇمى قارشى تەرەپكە خېلى خەتەرلەرنى ئېلىپ كىلىۋاتاتتى،ئەمما يەنىلا توپ كىرمەيۋاتاتتى.ۋاقىت بارغانسىرى ئاز قېلىۋاتاتتى،بىر توپ كەينىدە قالغان يەر شارىلىقلار جىددىلىشىۋاتاتتى.قارشى تەرەپ ماھىرلىرى ھۇجۇمغا ئۆتتى،يەرشارى كوماندىسىدىكى ھۇجۇمچىلاردىن تارتىپ ئۆز مەيدانىغا يېنىپ مۇداپىيە قىلىۋاتاتتى،بۇ مۇداپىيە سېپىدىن ئۆتۇشكە كۇزى يەتمىگەن قارشى تەرەپنىڭ ماھىرى توپنى يىراقتىنلا تەپتى،توپ تۇۋرۇككە تەگدى،ۋارتارنىڭ بىر بۇلىڭىدا كۇرۇش سۇپىسىدىكى تاشقى پىلانىتنىڭ قىزلىرىغا قاراپ ھاڭۋېقىپ قالغان بېل توپنىڭ تۇۋرۇككە تىگىشىدىن قاتتىق چۇچۇپ كەتتى.بۇنى كۆرگەن تېرنېر ئابلەتخان غەزەپتىن ۋارقىراپلا كەتتى. كوماندا ئەزالىرىمۇ غودۇراپ كەتتى.بېل سەل ھۇشىنى يىغدى بولغاي شۇنىڭدىن كىيىن بىر نەچچە خەتەرلىك توپنى تۇسۇپ چىقىرۋەتتى. مۇسابىقە ئاخىرقى باسقۇچقا قەدەم قويدى.نەتىجە يەنىلا 1.0ئىدى.يەر شارى كوماندىسىدىكىلەرنىڭ ھۇجۇمىنىڭمۇ ئانچە ئۈنىمى بولمايۋاتاتتى.قاتتىق جىلە بولغان تېرنېر ئابلەتجان ئەڭ ئاخىرقى ئادەم ئالماشتۇرۇش نۆۋىتىگە ئىپادىسى ياخشى بولمايۋاتقان بۇففوننى چۇشۇرۋېتىپ ئۆزى مەيدانغا چۇشتى-دە،ئەزالارنى يىغىپ بىر نەرسىلەرنى دىگەندىن كىيىن توپنى باشلىدى.بۇ ئادەم ئالماشتۇرۇشنىڭ ئۈنىمى بولدى بولغاي يەر شارى كوماندىسىدىكىلەر كۇچلۇك ھۇجۇملارنى قوزغىدى.ئەمما يەنىلا توپ كىرمەيۋاتاتتى.مۇسابىقە ئاخىرلىشىدىغانغا بىر مىنۇت قالدى.يەر شارىلىقلار مۇشۇنداقلا ئۇتتۇرۋاتامۇ تاماشىبىنلار ئۇمۇدسىزلىنىشكە باشلىدى.توپ ئابلەتجاننىڭ پۇتىغا چۇشتى.ئابلەتجان تېز سۇرئەتتە ھۇجۇم تەشكىللەپ توپنى نويىرغا بەردى دە،ئۆزى چەكلەنگەن رايون ئىچىگە قاراپ يۇگۇردى. مەقسەتنى چۇشەنگەن نويىر توپنى قارشى تەرەپ مۇداپىيەچىسىنىڭ بېشىدىن ئارتىلدۇرۇپ چەكلەنگەن رايون ئىچىگەن تاشلىدى ئابلەتجان ناھايىتى چاققانلىق بىلەن بۇ توپنى موللاقچىلەپ تەپتى……توپ كىردى،
    ئوغۇل!!!ياشاپ كەت!!! مەيدان قاينام تاشقىنلىققا چۆمدى.………… شۇنداق قىلىپ بۇ مەيدان مۇسابىقە ئىككى تەرەپنىڭ تەڭلىشىشى بىلەن ئاخىرلاشتى. ئەمدى پۇتۇن ئالەمدىكىلەرنىڭ خىيالى يەنە بىر ئۇچۇرشۇشتىكى مۇسابىقىدە قالغانىدى…
   ئاپلا ماۋۇ ئىشنى ئالدىراشچىلىقتا كوماندا ئەزالىرىنىڭ تىزىملىكىنى يوللاشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن ئەمدى بولسىمۇ يوللاپ قوياي (قېنى ماۋۇ چىراي ئىپادىسى)
       تېرنېر:ئابلەتجان
ۋارتار:ئىبرايىموۋىچ
بېكلار:مىسسى،رونالدو،رۇنى،ئاگۇيرو
ئوتتۇرامەيدان:راموس،پېك،تىياگو سېلۋا،
ھۇجۇم:نويىر،بۇففون،كاسىلياس
زاپاس ئەزالار:بېل(ۋارتار)،فالكاۋ (بېك)موللىر(بېك)كوستا(بېك)ئالابا(ئوتتۇرا مەيدان)بوئاتېڭ(ئوتتۇرامەيدان)دېھيا (ھۇجۇم)ئابلەتجان(ھۇجۇم)
     بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدىن كىيىن يەر شارى يۇقىرى قاتلىمى ساراسىمىگە چۇشۇپ قالدى.ماھىرلارنىڭ يېشى چوڭىيىپ قالغانلىقتىنمۇ ياكى باشقا سەۋەپتىنمۇ ئىپادىسى ئانچە ياخشى بولمىغان ئىدى.مۇسابىقىدىن ئىلگىرى باش تېرنېر ئابلەتجان بۇ سەپ شەكلى توغرىسىدا بەزى مەسىلىلەرنىڭ مەۋجۇتلىقىنى،بۇنداق مۇسابىقىگە چۇشسە بولمايدىغانلىقىنى ئېيتقان بولسىمۇ يەر شارى يۇقىرى قاتلىمىنىڭ رەت قىلىشىغا ئۇچرىغانىدى.بۇ مۇسابىقىدىن كىيىن يۇقىرى قاتلامنىڭ مۇزاكىرلىشىشى بىلەن بارلىق ھوقوقنى ئابلەتجانغا ئوتكۇزۇپ بەردى.ئابلەتجان كوماندىدىكى ئەزالارنى قايتىدىن تەرتىپكە سالامدۇ ياكى ئۆزگەرتمەمدۇ دېققىتىڭىز كىيىنكى مەيدان مۇسابىقىدە بولسۇن…بارلىق ھوقوق ئابلەتجاننىڭ قولىدا بولغاچقا مقسابىقە خەۋەرىنىما ئابلەتجان ئۆزى يوللايدۇ…
   بۇ تېما پەقەت مۇنبەر كەيپىياتىنى يۇقىرى كوتۇرۇش ئۇچۇن يېزىلغان ئادەتتىكى تېما خالاس.شۇنداقلا بۇ بىر پۇتبول مەستانىسىنىڭ پۇتبول خىياللىرى شۇڭا تورداشلارنىڭ توغرا چۇشىنىشىنى،شۇنداقلا ئابلەتجاننىڭمۇ توغرا چۇشىنىشىنى ئۇمۇد قىلىمەن…

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1مۇنبەر پۇلى +50 يىغىش سەۋەبى
januzay + 50 قالتىس ئىلھام

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-2-16 00:08:59 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئارىف يوللىغان ۋاقتى  2015-2-16 00:03
كۈزۈڭىز ئاغرىپ كەتكەندۇ.بۇ جاپالىق مۇسابىقىنى چۈشەندۈ ...

ئانچىمۇ ئەمەس خوشال كەيپىياتتا ئولتۇرۇپ يازسا بەكمۇ بىلىنىپ كەتمەيدىكەن…
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-2-15 23:50:33 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېما تېلفۇندا يېزىلغاچقا رەسىم ۋە چىراي ئىپادىللىرىنى قوشالمىدىم ،توغرا چۇشەنگەيسىلەر
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-15 23:53:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەسىمنى قوشىۋەتكەن بولسىڭى زتىخىمۇ رەڭدار چىقىتىكەنتۇق ! ھىلىمۇ شۇنداق ياخشى چىقىپتۇ !
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-2-15 23:54:31 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
TORAM7 يوللىغان ۋاقتى  2015-2-15 23:53
رەسىمنى قوشىۋەتكەن بولسىڭى زتىخىمۇ رەڭدار چىقىتىكەنت ...

تېلىفوندا يېزىپ قالدىم ئەمەسمۇ، ئامال بولمىدى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-15 23:58:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گۇۋاردىئاۋلا بىلەن مورىنىھومۇ زاپاس ئەزالار تىزىملىكىدە بار ھەقاچان -ھە !!!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-15 23:58:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇتىيا يوللىغان ۋاقتى  2015-2-15 23:54
تېلىفوندا يېزىپ قالدىم ئەمەسمۇ، ئامال بولمىدى

شۇنداق ياخشى چىقىپتۇ !!!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-16 00:02:35 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-16 00:03:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۈزۈڭىز ئاغرىپ كەتكەندۇ.بۇ جاپالىق مۇسابىقىنى چۈشەندۈرۈپ بۇلالماي.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-2-16 00:08:08 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
LM10 يوللىغان ۋاقتى  2015-2-16 00:02
ھاھ   ھاھھ ھاھھھ……   ۋوي  نېمدىگەن   قىزىق   ھېلىمۇ  ياخش ...

بۇنىڭ جاۋابى كىيىنكى مەيدان مۇسابىقىنىڭ نەتىجىسىنى  يوللىغاندا چىقىدۇ ھى ھى ھى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-16 00:22:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەپەندۇم نىمە بۇ    يېنىشلاپ ئوقۇساممۇ ھېچ بىلگىلى بولمايدۇ. مىكرو ھىكايىمۇ يا ،ئۆزلەردە فەرەڭلەرنىڭ ئارىسىغا ئۆز قېرىنىدىشىمىزنى قېتىپ قۇيۇشقا نىمە سەۋەپ بولدى.گەرچە ئاددىي تېما بولسىمۇ
ئابلەتجان دىگەن سۈننئى ھەمراغا كىرۋېلىپ سىلى يازماقچى بولغان ئەسەرنى چۈشەندۈردۇ.  ياكى تېمىغا يىزىشنى ئۇنتۇلۇپ قالغان بولسىلا  پىلانتلار ئارا ئۇچۇپ يۈرۈپ ۋارتادا ئۆزى تۇرۇپ ئۆزى تېرنىرلىق قىلىپ مۇسابىقە تۈگىسە قايتا قۇيۇپ چۈشەندرۈمدۇيا.   يەرشارنىڭ تارتىش كۈچى يامانمۇ ئالەم كوماندىسى...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-2-16 00:28:31 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
XATKAR886 يوللىغان ۋاقتى  2015-2-16 00:22
ئەپەندۇم نىمە بۇ    يېنىشلاپ ئوقۇساممۇ ھېچ بىلگىلى بولم ...

ئەپەندىم كۆپ ئويلاپ كەتمىسىلە، بۇ پەقەت مۇنبەر كەيپىياتىنى يۇقىرى كوتۇرۇش ئۇچۇن يېزىلغان بىر ئادەتتىكى تېما خالاس…بۇ يەردە پەقەت قىززىقچىلىق ۋە پۇتبول خىياللىرى ئاساس قىلىنغان شۇڭا دىنغا تاقىشىدىغان گەپ سۆزلەرنى  قىلمىسىڭىز…
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-3-18 17:08

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش