ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 1012 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا isyanqi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-2-16 11:43
ئالدى بىلەن تۈركىيە دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسى توغرىسىدا قىسقىچە تونۇشايلى!
تۈركىيە دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسى - تۈركىيە پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ باشقۇرلۇشىدىكى كەسپىي پۇتبول بىرلەشمىسى بولۇپ، تۈركىيەدىكى بىرلەشمىلەرنىڭ ئىچىدە ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بىرلەشمە ھېسابلىنىدۇ. نۆۋەتتە 18 كوماندا بۇ بىرلەشمىگە قاتنىشۋاتىدۇ.
تۈركىيە دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسى 1959-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، قۇرۇلۇشتىن بۇرۇن تۈركىيە دۆلەت ئىچىدە كۆپلىگەن رايۇن خارەكتىرلىك بىرلەشمىلەر بار ئىدى. تۈركىيە دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسى قۇرۇلغاندىن كىيىن، ھەرقايسى رايۇنلاردىكى بىرلەشمىلەر بىرلىككە كەلتۈرۈلدى.
ئادەتتە تۈركىيە دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسى 8-ئايدا باشلىنىپ 5-ئايدا ئاياقلىشىدۇ. 12-ئايدىن 1-ئايغىچە قىشلىق ئارام مەزگىلى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. بىرلەشمە قائىدىسى بويىچە بولغاندا ساھىبخان مەيدان ۋە مېھمان مەيدان مۇسابىقىسى ئېلىپ بېرىلىپ، ئەڭ ئاخىرىدا ئومۇمىي جۇغلانما نومۇردا ئەڭ كەينىدە قالغان 3 كوماندا بىۋاستە تۈركىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىگە چۈشۈرۈلىدۇ. تۈركىيە دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيۇنى بولغان كوماندا بىۋاستە ياۋرۇپا چېمپىيۇنلۇق بىرلەشمىسىنىڭ گورۇپپا مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش سالاھىيتىگە ئېرىشىدۇ. بىرلەشمىدە 2-بولغان كوماندا ياۋرۇپا چېمپىيۇنلۇق بىرلەشمىسى بىرەسىمى چېمپىيۇنلۇق گورۇپپىسى ئالدىن تاللاش 3-ئايلانما سالاھىيەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش سالاھىيتىگە ئېرىشىدۇ. ئەگەر غەلبە قىلسا بىرەسىمى چېمپىيۇنلۇق گورۇپپىسىنىڭ قۇشۇمچە سالاھىيەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشالايدۇ. بۇنىڭدىنمۇ غەلبە قىلىپ چىقالىسا، ياۋرۇپا چېمپىيۇنلۇق بىرلەشمىسىنىڭ گورۇپپا مۇسابىقىگە قاتنىشالايدۇ. ئەگەر مەغلۇپ بولۇپ قالسا، ياۋرۇپا بىرلەشمە لوڭقىسىنىڭ گورۇپپا مۇسابىقىسىگە كىرەلەيدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا بىرلەشمىدە 3- ۋە 4- بولۇپ قالغان كوماندا ياۋرۇپا بىرلەشمە لوڭقىسىنىڭ ئالدىن تاللاش مۇسابىقىسىنىڭ سالاھىيتىگە ئېرىشىدۇ.
ئەمدى توۋەندە تۈركىيەدىكى 3 چوڭ 5 يۇلتۇزلۇق مەيدان بىلەن تونۇشايلى!
1. ئاتاتۈرك ئولىمپىك مەيدانى
ھەممىمىز بىلدىغان«ئىستانبۇل مۆجىزىسى»گە شاھىد بولغان بۇ مەيدان يەنى تۈركىيە دۆلەت ئاتىسى مۇستافا كامال ئاتاتۈركنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان بولۇپ، ئىستانبۇلنىڭ غەربىي قىسىمغا جايلاشقان. تۈركىيەدىكى ئەڭ چوڭ مەيدان ۋە تۈركىيە دۆلەتلىك ئەرلەر كوماندىسىنىڭ ساھىبخان مەيدانى بولۇش سۈپىتى بىلەن 75145 ئادەم سىغدۇرالايدۇ. بۇ مەيداننىڭ قۇرۇلۇشى 1999-يىلى باشلانغان بولۇپ 2002-يىلى ئىشلىتىلىشكە تاپشۇرۇلغان. 2002--يىلدىن 2005-يىلغىچە 80597 ئادەم سىغىدۇرۇلغان. 2002-يىلى 7-ئاينىڭ 31-كۈنى مەيدان ئېچلىش مۇراسمىدا گالاتاساراي بىلەن ئولمپىياكۇسنىڭ مۇسابىقىسىدە 79414 تاماشىبىن كىرىپ، رىكورت يارتىلغان. 2005-يىلى ئۆزگەرتىلىپ، ھازىرغىچە 76092 ئادەم سىغىدىغان مەيدان سۈپىتىدە ئىشلىتىلنىپ كەلمەكتە.
2004-يىلى ياۋرۇپا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى تەرپىدىن 5 يۇلتۇزلۇق مەيدان بولۇپ باھالىنىپ، ياۋرۇپا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى ئۇيۇشتۇرغان ھەرقايسى تۈردىكى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە ئېلىپ بېرىلسا بولدىغان مەيدان شەرىپىگە ئېرىشكەن.
2005-يىلى ياۋرۇپا چېمپىيۇنلۇق بىرلەشمىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە ئىتالىيە AC مىلەن كوماندىسى بىلەن ئېنگىلانىد لىۋىرپول كوماندىسى ئوتتۇرسىدىكى مۇسابىقە دەل مۇشۇ مەيداندا ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، 76092 ئادەم نەق مەيدان مۇسابىقىسىنى كۆرگەن. 2003-يىلى AC مىلەن كوماندىسى چېمپىيۇنلۇققا ئېرىشىپ ئۇزاق بولمىغان بولسىمۇ، ئەمما لىۋىرپول كوماندىسىنىڭ 20 يىل بولغان ئىدى. شۇ ۋاقىتتىكى مۇسابىقىنىڭ ئالدىنقى مەيدان مۇسابىقىدە پۈتۈن كىشىلەر مىلەن كوماندىسى 3 توپ ئۇرۇپ ئۈستۈنلۈكتە، مىلەن كوماندىسىنى چېمپىيۇن بولىدىغان بولدى دەپ خوشاللىققا چۈمگەن بولسىمۇ، كىيىنكى مەيدان مۇسابىقە باشلىنىپ لىۋىرپول كوماندىسى 3 توپ قايتۇرۋېلىپ، قارشى تەرەپنى قۇشۇپ بېرىلگەن ۋاقىت باسقۇچىنى تاماملاپ، ئاخىردا نوختا توپ جېڭىگە سۆرەپ كىردى. نوختا توپ جېڭىدە «يادرو ئوق بېشى» شىفىچىنكونىڭ سەۋەنلىكى بىلەن 3-2 نەتىجىدە لىۋىرپول غەلبە قىلىپ، 5-قېتىملىق يوغان قۇلاقنى كۆتۈرگەن.
2. فەنەرباغچە شۈكرۈ ساراجئوغلۇ مەيدانى
شۈكرۈ ساراجئوغلۇ مەيدانى بولسا ئىستانبولنىڭ كادىكۆي رايونىغا جايلاشقان بولۇپ، تۈركىيە زەردارى فەنەرباغچە كۇلۇبىنىڭ ساھىبخان مەيدانى. بۇ مەيدان نۆۋەتتە تۈركىيەدىكى ئەڭ زامانىۋىلاشقان پۇتبول مەيدانى بولۇپ، دەسلەپتە 1908-يىلى قورۇلغان. بۇ مەيداننىڭ ئەسلىدىكى ئىسمى بولسا فەنەرباغچە پۇتبول مەيدانى دەپ ئاتالغان. كىيىن كۇلۇبقا ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقان شۈكرۈ ساراجئوغلونى خاتىرلەش يۈزىسىدىن بۇ ئىسىمنى قويغان. 1933-يىلى، 1999-يىلى ۋە 2006-يىلى 3 قېتىملىق قايتا ئۆزگەرتىش قورۇلۇشى ئېلىپ بارغان. نۆۋەتتە بۇ مەيدانغا 50509 ئادەم سىغىدۇ. پۇتبول مەيدانىغا 14 مىليۇن پېكسىللىق يورۇتۇش ئۈسكۈنىسى ئورنىتىلغان، پۇتبول مەيدانىنىڭ ئۆلچىمى 105X68 مىتىر. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە 427 كۇۋادىرات مىتىرلىق ساھىبخان كوماندا كىيىم ئالماشتۇرۇش ئۆيى ۋە 286 كۇۋادىرات مىتىرلىق مېھمان مەيدان كىيىم ئالماشتۇرۇش ئۆيى بار. توپ مەيدانىنىڭ ئىچىدە 50 ئەرلەر يۇيۇنۇش-تارىنىش ئۆيى ۋە 29 ئاياللار يۇيۇنۇش-تارنىش ئۆيى بار. بۇلاردىن سىرىت يەنە 10 ماشىنا توختىتىش مەيدانى بار بولۇپ، 200 ئاپتوبۇس ۋە 1000 دانە كىچىك ماشىنا توختاتقىلى بولىدۇ. مەيدان ئىچىدە 68 چىقىش ئېغىزىدا بىخەتەرلىك رىشاتكىسى بار بولۇپ، مىنۇتىغا 952 ئادەم بىمالال مەيدان سىرتىغا تارقىلىپ چىقالايدۇ.
2006-يىلى 10-ئاينىڭ 4-كۈنى ياۋرۇپا پۇتبولچىلار بىرلەشىمىسىنىڭ تەكشۈرۈش خادىملىرى فەنەرباغچە شۈكرۈ ساراجئوغلۇ پۇتبول مەيدانىنى تەكشۈرۈپ بېكىتكەندىن كىيىن 5 يۇلتۇزلۇق پۇتبول مەيدانى بولۇپ باھالىنىپ، 2009-يىللىق ياۋرۇپا بىرلەشمە لوڭقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى ئېلىپ بېرىلش شەرىپىگە ئېرىشكەن. 2009-يىلى 5-ئاينىڭ 21-كۈنى ياۋرۇپا بىرلەشمە لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە ئوكرائىنا دونىستىك كانچىلىرى كوماندىسى 2-1 نەتىجە بىلەن گېرمانىيە بېرمىن كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىپ چېمپىيۇنلۇققا ئېرىشكەن.
3. تۈركىيە تېلېگىراف رىقابەت پۇتبول مەيدانى
تۈركىيە تېلېگىراف رىقابەت پۇتبول مەيدانى بولسا ئىستانبولغا جايلاشقان كۆپ ئىقتىدارلىق پۇتبول مەيدانى ھەم شۇنداقلا تۈركىيە كۈچلۈك قوشۇنى گالاتاساراينىڭ ساھىبخان مەيدانى بولۇپ، ئىلگىرىكى ئالى سەمى يەن پۇتبول مەيدانىنىڭ ئورنىنى باسقان مەيدان. بۇ مەيدان 2007-يىلى قورۇلۇش باشلاپ، 2011-يىلى ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇلغان. بۇ مەيدانغا 52652 ئادەم سىغىدىغان بولۇپ، بۇ مەيداننىڭ قۇرۇلۇش لاھيىھەسى گېرمانىيەنىڭ ۋېلتىنىس(Veltins-Arena) مەيدانىنىڭ قورۇلمىسى ئاساسىدا لايىھەلەنگەن. بۇ مەيدانغا دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتارىدىكى قەۋەت سانىنى قىسقارتىش-كۆپەيتىش تېخنىكىسى ئىشلىتىلگەن بولۇپ، تۈركىيەدىكى شۇ خىلدىكى تۇنجى پۇتبول مەيدانى. بۇ مەيداننىڭ قۇرۇلۇش لايىھەسىنى گېرمانىيە سىتۇگارت، مىيۇنخىن ۋە تۈركىيە ئەنقەرە قورۇلۇش تەتقىقات ئورنى ئىنژىنىرلىرى ھەمكارلىشىپ ۋۇجۇتقا چىقارغان. بۇ قورۇلۇشقا كەتكەن ئومۇمىي مەغلەغ 191 مىليۇن ئامىرىكا دوللىرى چىقىم قىلىنغان. بۇنىڭدىن سىرىت 1 مىليۇن 450 مىڭ ئامىرىكا دوللىرى قىممىتىكىدىكى سىرىتقى ئەسلىھە قورۇلمىلارغا چىقىم قىلىنغان. نۆۋەتتە بۇ مەيدان تۈركىيەدىكى ئەڭ چوڭ مەيدانلارنىڭ بىرى بولۇپ قالغان. 2016-يىللىق ياۋرۇپا لوڭقىسى مۇسابىقىسىنىڭ شەرتىنى قانائەتلەندۈرگەن.
تۈركىيە تېلېگىراف رىقابەت پۇتبول مەيدانى ئىلگىرى ئىستانبول شەھىرىنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان ئالى سەمى يەن پۇتبول مەيدانى 1964-يىلىدىن 2010-يىلىغىچە يېرىم ئەسىرلىك ۋاقىتتا گالاتاساراي پۇتبول كۇلۇبىنىڭ ساھىبخان مەيدانى بولۇپ كەلگەن. ئەمما بۈگۈنكى كۈندە بۇرۇنقى كونا پۇتبول مەيدانى ھازىرقى دەۋىر پۇتبولىنىڭ ئېھتىيارجىنى قاندۇرالماسلىق سەۋەبىدىن، ئەڭ ئاخىرىدا ئالى سەمى يەن پۇتبول مەيدانى ماسلاك پۇل-مۇئامىلە رايۇنىغا يېقىن جايدىن يېڭى پۇتبول مەيدانى قۇرۇپ چقتى. يېڭى پۇتبول مەيدانى پۈتكەندىن كىيىن بۇ مەيدانغا ئىسىم قويۇش ھوقۇقىنى تۈركىيە تېلېگىراف شىركىتىگە 10 يىللىق سېتىپ بەرگەن. يىللىق ئىسىم قويۇش ھوقۇقىنى 10 مىليۇن ئامىرىكا دوللىرى قىلىپ بېكىتكەن. گالاتاساراي مۇزىيى، پۇتبول ئىشىلىرىنى باشقۇرۇش ئىشخانىسى، پارچە سېتىش ماگىزىنى، ئاشخانا ۋە تائام سارىيى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئاستى-ئۈستى 2 قەۋەت كۆرۈش سۇپىسى، كۆپ ئىقتىدارلىق 157 ئۆي، ئالاھىدە مېھمانلار رايونى بار.
بۇ مەيداننىڭ رىكورتى:
2011-يىلى 3-ئاينىڭ 18-كۈنى پۇتبول مەيدانى ئچىدىكى تاماشىبىنلارنىڭ شاۋقۇنلىرى 131.76 دېتسىبېل (ئاۋاز بىرلىكى)غا يېتىپ جىنىس دۇنيا رىكورتىنى ياراتقان.
2012-يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى تۈركىيە دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسى مۇسابىقىسىدە «تۈركىيە دىربىسى» ئېلىپ بېرىلغاندا تاماشىبىن سانى 51567 غا يېتىپ ئەڭ يۇقىرى تاماشىن رىكورتىنى ياراتقان.
2012-يىلى 11-ئاينىڭ 20-كۈنى ياۋرۇپا چېمپىيۇنلۇق بىرلەشمىسى مۇسابىقىسىدە مانچىستىر بىرلەشمىنى 0-1 نەتىجە بىلەن مەغلپ قىلغان مۇسابىقىدە تاماشىبىن سانى 51278 غا يەتكەن.
2010-يىلى 10-ئاينىڭ 7-كۈنى تۈركىيە دۆلەت كوماندىسىنىڭ گېرمانىيە بىلەن بولغان مۇسابىقىدە تاماشىبىن سانى 49532 غا يەتكەن. |
|