akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 1310|ئىنكاس: 39

ئىككى خەۋەر ( جاغىستاي120)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ankar528 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-15 18:48  

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !!

پارىژدىن تۆت ئاساسلىق توپچى يارلاندى

         
1.jpg

سېنا تەنتەربىيىسى خەۋىرى، 2-ئاينىڭ 15-كۈنى سەھەردە ئېلىپ بېرىلغان، فىرانسىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىنىڭ پارىژ سانت ژېرمان كۇماندىسى بىلەن كائېن كۇماندىسى ئوتتۇرسىدىكى مۇسابىقىدە، تۆت ئاساسلىق ئەزاسىنىڭ يارلىنىشى بىلەن، ئاخىرىقى ۋاقىتلاردا 9 ئادەم بىلەن قالغان پارىژ ئۈچ مىنۇت ئىچىدە، ئىككى توپ كەتكۈزۈپ،2:2 نەتىجە بىلەن تەڭلىشىپ قالدى.
   پارىژ كۇماندىسىنىڭ ئوتتۇرا مەيدان يادروسى كابايى، مۇسابىقە باشلىنىپ 16 مىنۇت بولغاندا يارلىنىپ، مەيداندىن ئايرىلدى، بىرازىلىيىلىك يەنە بىر ئوتتۇرا مەيدان توپچىسى ماركېنىئوسمۇ، يېرىم مەيدان ئاخىرلىشىپ، دەم ئېلىش ۋاقتىدا پۇت چوڭ مۇسكۇلىدىن مەسىلە كۆرۈلۈپ، ئالماشتۇرۋېتىلدى. كېيىنكى يېرىم مەيداندا، سېرگې ئولېر بىلەن كىچىك لوكاس يارلاندى، ئۇلار يارلانغاندا پارىژنىڭ ئادەم ئالماشتۇرۇش سانى توشۇپ كەتكەنلىكتىن، ئامالسىز 9 ئادام بىلەن قالدى.
   مۇسابىقىدىن كېيىن، پارىژ سانت ژېرمان كۇماندىسىنىڭ تېرىنىرى بۇلانىك مۇنداق دېدى :‹‹ مۇسابىقىدە يارلانغان تۆت نەپەر توپچىمىز، كېلەر ھەپتىدىكى چېلسى بىلەن بولغان ئۇزغۇنلۇق شاللاش مۇسابىقىگە قاتنىشالمايدۇ، يەنە بىر توپچى ماتويېدىمۇ تەكشۈرۈپ قارار قىلىشقا مۇھتاج، بۇ ناھايىتى ئەپسۇسلىنارلىق ئىش بولدى، چېلسى ناھايىتى كۈچلۈك، ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش تەس، لېكىن بىزنىڭ توپچىلاردا بىر خىل شىجائەت بار، ياخشى ئىپادىسىنى جارى قىلدۇرۇپ، چېلسى ئۈستىدىن غەلبە قىلىشقا تىرىشىمىز››.


ناسىرى :‹‹ ئۇ ئەركەك ئەمەس، مەن ئەمدى فىرانسىيە دۆلەت كۇماندىسىغا قايىتمەيمەن››

               
2.png
  
   فىرانسىيە پۇتبول ھەيئىتى ئورگان تورى، دۆلەت كۇماندىسى تېرىنىرى دېسچامپس بىلەن توختام ئۇزارتقانلىقىنى ئېلان قىلدى، توختام ۋاقتى  2018-يىللىق پۇتبول مۇسابقىسى تۈگىگىچە بولىدۇ.
  بۇ خەۋەر، مانچېستىر شەھىرى كۇلۇبىنىڭ ئوتتۇرا مەيدان توپچىسى ناسىرى ئۈچۈن شۇم خەۋەر بولدى، چۈنكى ئۇ ئەمدى دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىلىرىگە قاتنىشىشتىن مەھرۇم قىلىشى مۇمكىن.
  ناسىرى ‹‹كۇماندا گېزىتى››نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى:‹‹ ئۇ ئەركەك ئەمەس، دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىگە قاتنىشالماسلىق ھاياتىمدىكى ئەڭ ئازاپلىق ئىش، دېسچامپس ماڭا زىيانكەشلىك قىلدى، مەن بىرازىلىيە دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىگە قاتنىشىشىم كېرەك ئىدى، لېكىن ئۇ مېنىڭ پۇرسىتىمنى يۇق قىلدى، مەن بۇ ئىشنى مەڭگۈ ئۇنۇتمايمەن››.
ئۇ يەنە مۇنداق دېدى:‹‹ ئەگەر مەن دېسچامپس بىلەن يۈ تۇرانە سۆزلەشسەم، ئۇنىڭ نېمە ئويلاۋاتقىنىنى، نىمە ئۈچۈن مېنى دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتناشتۇرمىغانلىقىغا ئەركەكتەك جاۋاب بېرىشىنى تەلەپ قىلىمەن››.
   ناسىرى ئالدىنقى يىلى 11-ئايدا ئوكىرائىنا بىلەن دۇنيا لوڭقىسى سالاھىيەت مۇسابىقىسىدە ئاساسلىق ئەزا بۇلۇپ، مەيدانغا چىققان، لېكىن ئىپادىسى ياخشى بولمىغانىدى، شۇنىڭدىن كېيىن ناسىرى دۆلەت كۇماندىسىنىڭ چوڭ تىزىملىكىگە كىرەلمىدى.ئۇنىڭ سەۋەنلىكلىرىمۇ ئاز ئەمەس، 2008-يىلىدىكى ياۋروپا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى مەزىلىدە ئۇ سەبداشلىرىدىن ھېنىرى ۋە گالاس بىلەن دېيىشىپ قالغان، مۇشۇ سەۋەبلىك 2010-يىلدىكى دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىگە قاتنىشالمىغان، 2012-يىلىدىكى ياۋروپا لوڭقىسى مۇسابىقىسى تۆت كۈچلۈككە كىرىش مۇسابىقىسىدە، ئىسپانىيىگە ئۇتتۇرۋەتكەندىن كېيىن، بىر مۇخبىرنى تىللاپ ئۈچ مەيدان مۇسابىقىدىن چەكلەنگەن.

   
   
                          
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-15 19:33:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جاغىستاي120 يوللىغان ۋاقتى  2015-2-15 19:29
ھە...... مېنىڭ چۈشەنمگىنىممۇ دەل مۇشۇ، مىسىرنىڭ تالىش ...

بۇ سىزنىڭ قارىشىڭىز. گۈلنى تۇتقۇچى گۈل تۇتۇلغۇچىنىڭ قىممىتىنى ئۆزى بىلىدۇ. سىزگە بايا قايتۇرغان ئىنكاسىمدىكى ئىككى مىسال كۇپايىمىكىن، قارىكا...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-15 18:52:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-15 18:52:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پارىزنىڭ ئادەملىرى يارلىنىپ يامان بوپتۇ،چىلسى بىلەن بولغان جەڭگە تەسىرى بولۇپ قالامۇ،ناسرى چوقۇم دۆلەت كوماندىسىغا تاللىنىشى كىرەكتى مەنمۇ ھەيران بۇ ئىشقا
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-15 18:53:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پارىژغا بەك ئۇۋال بولدى.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-15 18:58:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ قېتىم ساپلا مو ساراڭنىڭ شاگىتلىرى ئۇزغۇنلۇقتا چېلسى بىلەن تۇتۇشۇپ ، نىمە قىلارىنى بىلەلمەي قالدى.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-15 19:00:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-15 19:05:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پارىژدىن چاتاق چىقىپتىغۇ، چىلسى بوزەك قىلمىسا بولتى.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-15 19:07:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  چېلسىغا ئامەت كېلىشكە باشلىدىغۇ... بۇ يىل ئالدىنقى يىلىدەك بەكمۇ قىينىلىپ كەتمەس ئەمدى...
ھە راست، شاراۋېينىڭ نېمىشقا مىسىرنىڭ سوۋغىسىغا ئېرىشكەنلىك سەۋەبىنى بىلدىڭىزمۇ يا...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-15 19:08:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاساسلىق ئەزالار بولۇپ ناكا،
تەس كۈنلەردە قاپتىغۇ پارىژ.
چىلسى بىلەن ئېلىشار چاغدا،
ئۆزلىرى ئۈچۈن كولاپتۇ كارىز.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-15 19:13:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاي  ئاللاھ  !  پارىژ  غا نىسپەتەن  شۇم خەۋەر بولۇپتۇ!
چىلسى  كۈچىمەيلا  ياساپ  قويامدۇ  نىمە؟

بۇ ناسىرە  ئەزەلدىن ئۆزىگە   ئۆزى قىلدىغانلا  بالا  زادى  2010  مۇشۇنىڭ قاتنىشىدىغان ئالتۇن ۋاقىتلىرى  ئىدى!  بىر يەرىنى قىسمىسا  شۇنداق بولىدىغان گەپ !  سەۋىر قىل....
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-15 19:13:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چىلسىنىڭ ھوشۇقى ئالىچۇ چۈشكىلى تۇردىغۇ ئەمدى ،  ئۇزغۇنلۇقتا ئىككىلەنمەي چىلسىغا 1000يۈەن تىكىپ قويسام بولىدىغان چىغىۋا
ئاندىن شەھەر بىلەن بارسىلونا ئىككىسىدە سەل ئىككىلىنىپ قالدىم، مادىرىتنىڭ 2 توپ راڭچڭۇسى باركەن . (كاللىسى ھىشنىمىگە ئىشلىمەي ھاڭۋىقىپ قالغان چىراي)
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-2-15 19:14:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابلەتجان يوللىغان ۋاقتى  2015-2-15 19:07
چېلسىغا ئامەت كېلىشكە باشلىدىغۇ... بۇ يىل ئالدىنقى يىل ...

  ياق،
تېمىڭىزدا دېيىلگەن سەۋەبلەردىن مەن شاراۋېينىڭ مېسسىر پىرىزدېنىت تەرجىمانىنىڭ سۇۋغىسىغا ئېرىشكىدەك نەتىجە ياراتقىنىنى ھېس قىلالمىدىم. يا دادىسى مىسىرلىق بولغاچقا باشقا ئالاھىدە توپچىسى يۇق ئىتالىيىدىكى توپچىدىن پەخىرلىنىپ يۈردىمۇ؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-25 19:55

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش