elan orni : 13999092457elan roni : 13999092457
كۆرۈش: 1723|ئىنكاس: 49

پۇتبول مەيدانىدىكى ‹‹غەلىتە›› نۇمۇرلار

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   داۋىس تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-15 18:19  

بالوتېلى : مۇشۇنداق ئاسان + ئۇسۇلىنىمۇ بىلمەمسىلەر
   
بالوتېلى لېۋىرپۇلغا قېتىلغاندىن كېيىنمۇ يەنىلا 45 - نۇمۇرنى تاللىغان . مۇشۇ نۇمۇرنىڭ ئۆزى بالوتېلىنىڭ پۇتبولچىلىق ھاياتىدا ئۇنىڭدىن ئاساسىي جەھەتتىن ئايرىلىپ باقمىغان دىسەكمۇ بولىدۇ . بالوتېلى ئۆزى بۇ نۇمۇرنى چۈشەندۈرۈپ :‹‹ مەن ئېنتىرغا يېڭى قېتىلغاندا 45- نۇمۇر ماڭا ھەمرا بولغان . ھەي سىلەر بىلمەمسىلار 4 + 5 = 9 غۇ .ھاھاھاھا چاقچاق ھە ... شۇنىڭدىن كىيىنكى 4 مەيداندا مەن توپ ئۇردۇم ، شۇڭا بۇ نۇمۇر ماڭا ئامەت ئېلىپ كېلىدۇ دەپ بۇ نۇمۇرنى ياقتۇرىمەن ››. 29b3ee31249db3c4e8b99dc0ba664036.jpg

زامورانو : داڭلىق ‹‹ 8 + 1 ››

چىلىلىق داڭلىق توپچى زامورانو رېئال مادرىتتىكى ۋاقتىدا 9 -نۇمۇرنى كىيەتتى ، ئەمما ئېنتىرغا قېتىلغاندىن كېيىن ئەسلىدىكى 9 - نۇمۇرنى تاشقى پىلانىت ئادىمى رونالدو ، ئەڭ ئامراق نۇمۇرى 10 - نۇمۇرنى باگىئو كىيىۋاتقاچقا ، ئۇ 18-نۇمۇرلۇق پۇتبول كىيىمنى كىيىشنى تاللغان . لېكىن ئۇ ئىككى نۇمۇرنىڭ ئوتتۇرسىغا + بەلگسىنى قوشوپ قويۇش ئارقىلىق 8+1=9 دىگەن ئەڭ ئامراق نۇمۇرنىنى ئەسلىگەن . 35e39dad44e5aaf372c8b683bfe2b553.jpg

ئاردېلېس: ئىسىم بويىچە نۇمۇر تاللاش


1 - نۇمۇر ئادەتتە ۋارتارلارنىڭ نۇمۇرى . ئەمما 1982 - يىلدىكى دۇنيا لوڭقىسى مەيدانىدا ئارگېنتىنانىڭ  ئوتتۇرا مەيدان توپچىسى ئاردېلېس بۇ  نۇمۇرنى كىيىپ مەيدانغا چۈشكەن . لېكىن بۇنىڭ سەۋەبى بار بولۇپ ، ئارگېنتىنا كوماندىسى كىشى ئىسىم باش ھەرىپى بويىچە نۇمۇر ئورۇنلاشتۇرغانلىقى ئۈچۈن ‹‹ ئا ›› دىگەن بىرىنچى بولغاچقا 1 - نۇمۇرنى بۇ توپچى كىيىپ قالغان .  ئەمما بۇ قېتىملىق نۇمۇر تارقىتىشتا ئالاھىدە ئىمتىيازنى يەنىلا مارادوناغا بەرگەن بولۇپ يەنى 10 - نۇمۇرنى مارادونا كەيگەن . بۇمۇ مارادونانىڭ ئارگېنتىنا ئۈچۈن  قانچىلىك مۇھىملىقى ئىپادىلەنگەن . بولمىسا ھەرىپ بويىچە تىزغاندا ئۇ 12 - نۇمۇرنى كىيەتتىكەن .
56bd1d5c96391882807b986815bec684.jpg

بېكخام : مەن جورداننى ياخشى كۆرىمەن

بېكخام مانچىستىردىكى ۋاقتىدا 7 - نۇمۇرنى كىيەتتى ، ئەمما رېئال مادرىتقا يۆتكەلگەندىن كېيىن راھۇل بىلەن ئوخشاش نۇمۇر بولۇپ قالغاچقا ئۇ 23 - نۇمۇرنى تاللىغان . بېكخامنىڭ دىيىشىچە ئۇ تەنتەربىيە ساھەسىدە پەقەت بىرلا مايكول . جوردانغا چۇقۇنغاچقا شۇڭا شۇ نۇمۇرنى تاللىغان ئىكەن . a4bbf6d19b0a6ce57a831a59ca1b5f17.jpg

زېروئەلى : ئەڭ ئاخىرقى 0 - نۇمۇر
2000 - يىلى شوتلاندىيە ئاپادىڭ كوماندىسىغا قېتىلغاندىن كېيىن ، ماراكەشلىك پۇتبولچى زېروئەلى 0 - نۇمۇرلۇق كىيىمنى كەيگەن . سەۋەبى Zero دىگەن ئۇنىڭ لەقىمى بۇلۇپ مەنىسى نۆل ئىكەن . كىيىن شوتلاندىيە بىرلەشمىسى بىلەن ئىنىگلاند بىرلەشمىسى قالايمىقانچىقلارنىڭ ( سەۋەبىنى يازماپتۇ ) كېلىپ چىقىشتىن ئەنسىرەپ بۇ رەقەمنى ئىشلىتىشنى چەكلىگەن . شۇنىڭ بىلەن بىللە زېروئەلىمۇ پۇتبول ساھەسىدىكى ئەڭ ئاخىرقى 0 -نۇمۇرنى ئىشلەتكەن پۇتبولچى بولۇپ قالغان . aa851ee0634ce7623d130ba370e3f512.jpg



لىزارازو : بوي ئىگىزلىك ۋە تۇغۇلغان يىل

فرانسىيەنىڭ داڭلىق يان مۇداپىيەچىسى لىزارازو بولسا 69 -نۇمۇرلۇق كىيىمنى كىيىدىغان پۇتبولچى . چۈنكى ئۇ ئىككىنچى قېتىم بايرىن مىيۇنخىن ئۈچۈن كۈچ چىقارغاندا 69 - نۇمۇرنى كىيىشنى باشلىغان . چۈنكى ئۇ 1969 - يىلى تۇغۇلغان ھەم بوي ئىگىزلىكىمۇ 1 مېتىر 69 سانتېمىتىر ئىكەن . fbf48207f5dbac0433f5fbe17477fc11.jpg

بېنتې نېر : ھەپتىلىك مۇئاشىم ۋە كىيىم نومۇرۇم ( قانچەيۇقىرى بولسا شۇنچە ياخشى )

دانىيەلىك توپچى بېنتې نېرنىڭ دائىم ئادەم ئويلىمايدىغان  خىياللىرى بولۇپ ، ئۇ بىر قېتىم كىيىم نومۇرى بىلەن خەۋەر بېتىنىڭ بېشىغا چىققان . يېڭى پەسىل باشلىنىشتىن بۇرۇن ئۇ تۇيۇقسىز كىيىم نومۇرىنى 52 گە ئالماشتۇرۋەتكەن . شۇ چاغدىكى خەۋەرلەرگە ئاساسلانغان ، ئۇنىڭ شۇچاغدىكى مۇئاشى 5 تۈمەن 2مىڭ فۇنىستېرلىڭ بولغاچقا شۇنداق قىلغان ئىكەن . ئۇ يەنە چاقچاق قىلىپ :‹‹مۇئاشىم قانچە يۇقىرى بولسا شۇنچە ياخشى دىگەن ››. 81960ad6689892495f67a0977178765b.jpg

كامپوس : مېنىڭ قان تۇمۇرۇمدا ئوتتۇرا مەيدان توپچىسىنىڭ قېنى بار

مىكسىكىنىڭ داڭلىق ۋارتارى ‹‹ كېپىنەك ›› كامپوسنىڭ مىجەزى غەلىتە . ئۇ بۇرۇن ئوتتۇرا ھۇجۇم ئوينىغاچقىمۇ دائىم چەكلەنگەن رايوننىڭ سىرتىغا چىقىۋىلىپ مەيدان تەشكىللەپ تۇراتتى . ئۇ تېخى 9 - نۇمۇرلۇق ئوتتۇرا ھۇجۇمچىنىڭ نۇمۇرىنى كىيىپ ۋارتارغا قارايدۇ .
724c2a117a87897507d7f4e332f33019.jpg

بۇففون : ئىش تېرىيدىغان 88 -نومۇر
بۇففون 2000 - يىلى پارمادا 88 - نومۇرنى تاللىغان . بۇ نومۇرنى تاللىغاندىن كېيىن يەھۇدىلار جەمئىيىتىدە غول -غول قوزغاپ قويغان . يەھۇدىلارنىڭ دىيىشىچە ، ‹‹ H ›› ئىنىگلىزچە ھەرەپتە 8 - ئورۇندا تۇرىدۇ ، 88 دىگەن ‹‹ HH ›› دىگەن سۆز ‹‹ ھايت ! گېتلىر ›› دىگەنلىك ، بۇ ناستىسلارنىڭ بەلگىلىك ئاتالغۇسى دىيىلگەن . شۇ چاغدا رىمنىڭ يەھۇدىلار تەنتەربىيە ئىشلىرىغا مەسئۇلى ماكابى سۆزقىلىپ :‹‹ ئەگەر بۇ نومۇرنى باشقا بىرسى تاللىغان بولسىمۇ مەيلىتى ، لېكىن بۇففۇن بۇلتۇر بىر مايكا كېيىپ ئۈستىگە ‹‹ تەسلىم بولغانلار بېرىپ ئۆلسۈن ›› دەپ خەت يېزىۋالغان ، بۇ سۆز 70 - يىللىرىدا ئىتالىيە فاشىزىمچىلارنىڭ بەلگىلىك سۆزى ئىدى دەپ قارشى تۇرغان . كېيىن بۇففوننىڭ ئاپىسىمۇ چىقىپ :‹‹ مېنىڭ ئوغلۇم بۇ نومۇرنى ياخشى كۆرىدۇ ››دەپ گۇۋاھلىقمۇ بەرگەن . c64e20aefdf5e6ef379166aaea10e758.jpg

رونالدو : مەن 9- نومۇرنى مەڭگۈ ياخشى كۆرىمەن
كەسپىي ھاياتىنىڭ ئاخىردا رونالدو مىلانغا يۆتكىلىپ 99 - نومۇرنى كەيگەن . چۈنكى ئۇ چاغدا مىلاندا 9 - نومۇرنى ئىنزاگىي كىيىۋاتقان ئىكەن . رونالدونىڭ دىيىشىچە ئۇ 9 - نۇمۇرنى ئەڭ ياخشى كۆرىدىكەن ، شۇڭا قوش 9 نى ئۆزەمگە ھەمرا قىلغان  . 6c23235f43f84d532d6237ef6ac0981b.jpg

شېفچىنكو، رونالدىخو : تۇغۇلغان يىل ۋە نومۇر
2008 - يىلى مىلان شېفچىنكو ، رونالدىخو ۋە فىلامىنىلارنى قېتىۋالغان . لېكىن ئۇلار ئەڭ ئامراق نومۇرلارنى باشقىلار ئىشلىتىۋاتقاچقا ئاخىردا ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ تۇغۇلغان يىلىنى نومۇر قىلىپ ئىشلەتكەن . رونالدىنىخو 80 - نومۇر ، شېفچىنكو 76 - نومۇر ۋە فىلامىنى 84 - نومۇرلارنى ئىشلەتكەن .
                                                                                                                                                                                            بەيدۇ

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1مۇنبەر پۇلى +50 يىغىش سەۋەبى
XATKAR886 + 50 چاغانلىق تېما

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-15 18:14:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىمە بۇ نادىر تېمىما
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-15 18:16:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئارىف تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-15 18:27  

نۇمۇرلارنىڭ تارىخى قىزىقارلىق ئىكەن .92-نۇمۇر نىمە دىگەن گەپتىكى.مۇشۇ قاپتۇ.
بۇرادەر بىر يەردە مەرەكەش بۇپقاپتۇ.ماراكەش دىمەكچىمىدىڭىز.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-2-15 18:16:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
XATKAR886 يوللىغان ۋاقتى  2015-2-15 18:14
نىمە بۇ نادىر تېمىما

چاغانلىق ئالىي تېما ، گەپ بارما
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-15 18:16:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەممىدىن زىروئەلى دىگەن يىتىمنىڭ نۇمۇرى قىززىقكەن، زىرو ئىنگىلىسچە 0 دىگەن گەپ ئەلى دىگەن بىزنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسمىغا ئازراق ئوخشىشىپ كىتىدىكەن، رونالدو زادى 9- نۇمۇرغا لايىق پۇتبۇلچى ،بىكخام پۇتبۇلچى بومماي ئەمىركىغا بىرىپ ۋاسكىتبول ئوينايدىغان گەپكەنتۇق ئەسلى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-2-15 18:20:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئارىف يوللىغان ۋاقتى  2015-2-15 18:16
نۇمۇرلارنىڭ تارىخى قىزىقارلىق .92-نۇمۇر نىمە دىگەن گەپ ...


رەھمەت ، تېمىنىڭ خېتى جىق بولغاچقا خاتا يېزىلغان يېرى جىق بولۇشى مۇمكىن !
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-15 18:31:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گۈللۈك كېپىنەك زادى يامان نىمىتى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-15 18:33:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  مىلاندا ئاشۇنداق تۇغۇلغان كۈنىنى نومۇر قىلىۋالىدىغانلار سامان... ئانتونىنى 77، فىلامىنى 84، رونالدىنىئو 80، شاراۋېي 92، ماستور98 دېگەندەك...
  ھە راست، 23 - نومۇرنى جورداننى دەپ تاللىغاندىن مىلاننىڭ سابىق كاپىتانى، تۆھپىكارى ئامبىروسىنىمۇ بار... بېكخام تېخى 23 نى ئويلىماستا ئاشۇ يېتىم كىيىپ بولغان، بېكخام مىلانغا كەلگەندىمۇ 23 - نومۇرنى ئالالماي، 32 - نومۇرنى كىيگەن...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-15 18:38:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-15 18:40:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-15 18:48:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇ  بىر نۇمۇرمۇ  شۇ پۇتبۇلچىنىڭ شۇ كوماندىدىكى  (ئورنىنى)  ئىسپاتلاپ بىرىدىكە ! قەلبىمدىكى  11  نۇمۇرنىڭ ئىگىى
1- نۇمۇر  :  كاھىن
2-نۇمۇر : كافۇ
3-نۇمۇر : (كارلوس
4-نۇمۇر : گوادىيۇۋالا
5-نۇمۇر :  پۇيول
6-نۇمۇر : شاۋى
7-نۇمۇر : راھۇل
8-نۇمۇر : ئىنىستا
9-نۇمۇر : رونالدو
10-نۇمۇر :  مىسسى
11-نۇمۇر : گىگىس

بۇ مىنىڭ كۆڭلۆمدىكى  11 نۇمۇر  تولۇق بولغان  «چۈش »  كوماندىسى!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-15 18:49:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەمراھ يوللىغان ۋاقتى  2015-2-15 18:48
مۇشۇ  بىر نۇمۇرمۇ  شۇ پۇتبۇلچىنىڭ شۇ كوماندىدىكى  (ئورن ...

تىمىڭىز  تولىمۇ  سىڭىشلىك  ياخشى  تىما بولۇپتۇ!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-3-18 17:19

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش