elan orni : 13999092457elan roni : 13999092457
كۆرۈش: 2870|ئىنكاس: 41

گىرمانىيە 21 - ئايلانما مۇسابىقە خەۋىرى ...

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   بايرېن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-15 07:40  

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ...





075216voyyg3lgs3yn5szs.jpg

2015 - يىلى 2 - ئاينىڭ 14 - كۈنى 2014 - 2015 - يىللىق گىرمانىيە بىرلەشمىسىنىڭ 21 - ئايلانما مۇسابىقىسى ئوينالدى ، نەتىجىلەر تۆۋەندىكىچە :




بايرېن مىيۇنخېن 8   -   0  ھامبۇرگ

گىرمانىيە زەردارى بايرېن كوماندىسى ئۆزمەيدانىدا ھامبۇرگ كوماندىسىنى كۈتىۋالدى ، ئالدىنقى مەيدان باشلىنىپ 21 مىنۇت بولغاندا بايرېن نوقتا توپقا ئىرىشتى ، بۇ توپنى مۇللىر ئۇردى ، 23 مىنۇت بولغاندا بايرېن ھۇجۇم قوزغاپ گوتزى بىر توپ ئۇرۇپ نەتىجىنى 2-0 قىلدى ، مۇسابىقە داۋاملىشىپ 36 مىنۇت بولغاندا روبىن بىر توپ ئۇردى ، ئالدىنقى مەيدان 3 - 0 ئاياغلاشتى ... كىيىنكى مەيدان باشلىنىپ 47 مىنۇت بولغاندا روبىن ئىككىنجى توپىنى ئۇردى ، 55 مىنۇت بولغاندا مۇللىرمۇ ئىككىنجى توپىنى ئۇردى ، 56 مىنۇت بولغاندا لەيۋەندوۋىسكى توپ ئۇرۇپ نەتىجىنى يۇقىرلاتتى ... 69 مىنۇت بولغاندا ئالمىشىپ مەيدانغا چۈشكەن بايرېن توپچىسى رىبىرى بىر توپ ئۇرۇپ نەتىجىنى 7 - 0 قىلدى ، 89 مىنۇت بولغاندا گوتزى ئىككىنجى توپىنى ئۇرۇپ نەتىجىنى 8 - 0 قىلدى ، بۇنىڭ بىلەن ھامبۇرگ مىھمان مەيداندا قىرغىن قىلىندى ، بايرېن 3 نۇمۇرنى قولغا كەلتۈردى  ...





دورتمۇند 4   -   2 مايىنىز

گىرمانىيە سېرىق ھەرە قوشۇنى - دورتمۇند كوماندىسى ئۆزمەيدانىدا مايىنىز كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلەشتى ، بۇ مەيدان مۇسابىقىدىكى 3 نۇمۇر دورتمۇند كوماندىسى ئۈچۈن مۇھىم ھىسابلىناتتى ، 90 مىنۇتلۇق كەسكىن مۇسابىقىدىن كىيىن دورتمۇند كوماندىسى ئۆزمەيدانىدا 4 - 2 نەتىجە بىلەن غەلبە قىلىپ قىممەتلىك 3 نۇمۇرنى قولغا كەلتۈردى ، مۇسابىقىدە رىئۇس توپ ئۇردى ۋە پاس چىقاردى ، ئۇنىڭدىن باشقا سۇبىتىچ ، ئابامىياڭ ۋە شاھىن توپ ئۇردى ... مۇسابىقە جەريانىدا دورتمۇند مەستانىللىرى رىئۇسنىڭ توختام ئۇزارتقانلىقىغا خۇشال ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى ...





لىۋىرىكسۇن 4   -   5  ۋولفىسبۇرگ

كۈچلۈكلەر ئۇچۇرشىشى . كۈچلۈك بولغان لىۋىرىكسۇن كوماندىسى ئۆزمەيدانىدا كۈچلۈك ۋولفىسبۇرگ ( بۆرە قەلئەسى ) كوماندىسىنى كۈتىۋالدى ، مۇسابىقە كەسكىن ئىلىپ بىرىلدى ، مۇسابىقە باشلىنىپ 6 مىنۇت بولغاندا بۆرىلەر توپچىسى باستوس بىر توپ ئۇردى ، 17 مىنۇت بولغاندا بۆرىلەر مۇداپىيەچىسى ناردو بىر توپ ئۇردى ، 29 مىنۇت بولغاندا يەنە شۇ باستوس بىر توپ ئۇرۇپ نەتىجىنى 0 - 3 قىلدى ، ئالدىنقى مەيدان ئاياشلاشتى ... كىيىنكى مەيدان تىخىمۇ كەسكىن ئىلىپ بىرىلدى ، مۇسابىقە داۋاملىشىپ لىۋىرىكسۇن توپچىسى سون ( كورىيەلىك ) 58 ، 62 ، 68 مىنۇت بولغاندا 3 توپ ئۇرۇپ قالپاق كەيدى ، 64 مىنۇت بولغاندا ۋولفىسبۇرگ توپچىسى باستوس بىر توپ ئۇرۇپ قالپاق كەيدى ، بۇنىڭ بىلەن ئومىمىي نەتىجە 3 - 4 بولدى ، 72 مىنۇت بولغاندا لىۋىرىكسۇن توپچىسى بىلىرابى بىر توپ ئۇرۇپ نەتىجىنى تەڭلەشتۈردى ، مۇسابىقە داۋاملىشىپ 93 مىنۇتتىن ئاشقاندا بۆرە توپچىسى باستوس توپ ئۇرۇپ لىۋىرىكسۇننى بوغۇزلىۋەتتى ، بۇنىڭ بىلەن ۋولفىسبۇرگ مىھمان مەيداندا 4 - 5 نەتىجە بىلەن غەلبە قىلىپ 3 نۇمۇرنى قولغا كەلتۈردى  ...





قالغان مۇسابىقىلەر نەتىجىسى :

خوفىنھام 2    -    1  سىتۇگارت
مىنشىنگىلادباخ  1    -    0  كىلون
بىرمىن 3    -     2  ئاگىسبۇرگ
فىرانكفۇرت 1    -    0  شارىك04


پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-2-15 00:32:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەجەپ قىزىدى ما ئايلانما مۇسابىقىلەر ، بوپمۇ لىۋىرىكسۇن بىلەن بۆرىلەرنىڭ مۇسابىقىسى دەششەت قىزىپتۇ ، بايرېنغۇ ھامبۇرگنى ئۆز مەيدانىدا ئوبدانلا قىرغىن قىلدى ، ئىشقىلىپ بايرېن توپچىللىرىنىڭ ئىپادىسى بەكلا ياخشى بولدى ...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-15 00:34:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بايرىن ھامبۇرىگ بولكىسىنى تازا ھۇزۇرلىنىپ يەپ قويدىدە.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-15 00:38:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋملىق مۇشۇنداق چوڭ نۇمۇر پەرقى بىلەن ئۇتتۇردۇ مۇشۇ بولكىچىلارنى . 5تىن تۇۋەن توپ ئۇرمايدىغانلا بۇلۋالدى . خىيالىمدا تىخى داۋاملىق بۇنداق بۇلىۋەرمەس دەپ ساپ توپى ئۈچ بۇلارمىكى دىسەم 8 نىمۇ يەپدۇ دەيمەن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-15 00:38:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
laqin1 يوللىغان ۋاقتى  2015-2-15 00:34
بايرىن ھامبۇرىگ بولكىسىنى تازا ھۇزۇرلىنىپ يەپ قويدىدە ...

لاچىن قارى ما ئنكاسىڭلار دەششەت كەپتۇ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-15 00:38:50 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھامبۇرگ ئاران تەستە بىر توپ ئۇرسا ئاۋۇ دۆت رىپىرچاق ئورۇن ھالقىشقا چىقىرىپ، يوق قىلدى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-15 00:42:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاگىسبۇرگ دىگەن جىڭ دەلتە ئىكەن جۇما.ئاشۇ بىرمىننىمۇ يىڭەلمەي يەنە بىرلەشمىنىڭ ئوتتوردا بىخىرامان كىتىۋاتقانلىقىغا ھەيران قالدىم.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-15 00:44:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بايرېن يوللىغان ۋاقتى  2015-2-15 00:32
ھەجەپ قىزىدى ما ئايلانما مۇسابىقىلەر ، بوپمۇ لىۋىرىكس ...

لەيۋاندوۋىسكى نىڭ ئىپادىسى ئانچە ياخشى بولمىدى،كەيپىياتى تۇراقسىز.نەچچە پۇرسەتنى يوق قىلدى. گوتىز بىلەن رىبىرى سەل رەنجىدىمىكى بۇ بالىدىن.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-15 00:45:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھامبۇرگ نىڭ تېرنىرى چۇقۇم ئىشتىن چۈشۈدۇ. نۇمۇسلۇق نەتجە بولدى. بايرىن يەنە 2ياكى 3توپ ئۇرالىغان بولسا  رىكوت يارتىدىكەن.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-15 00:46:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دورا زاۋۇتى بىلەن  بۆرىلەرنىڭكىنى كۆرۈپ قويغانتىم  خېلى قىززىپ قويدى جۇمۇ   سۇنشىنمىڭ قالپاق كىيۋالدى  ھەم  بۆرىلەر 3 توپ ئالدىدا تۇرۇپ ئاخىردا تەڭلىشىپ  لىۋىركوسىننىڭ 10 ئادىمى قالغاندا پۇرسەتنى ياخشى تۇتۇپ  بىر توپ ئۇرۋالدى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-15 00:57:29 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابلەتجاننىڭ تېمىسىغا مۇناسىۋەتسىز بولسىمۇ  لېۋۇكۇسېن بىلەن ۋولىسبورگنىڭ نەقمەيدان نەتىجىسىنى بەك ھاياجانلىنىپ كېتىپ قىسقا ئىنكاس شەكلىدە ئەۋەتىپ قويسام،ئىنكاسىمىنى ئۆچۈرۈپلا ماۋۇ ياقتىن  بىراقلا تېما قىلىپ چىقىرىپتۇ.(ئەسلى مىنىڭچە ئىنكاسىمنى ئۆچۈرمىسەڭلارمۇ بولاتتىغۇ)
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-15 01:11:29 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باللىنىڭ ھەممىسى خان مادرىدنىڭ مۇسابىقىسىنى قېتىرقىنىپ كۆرىۋاتقان ئوخشايدۇ،ما مۇسابىقە توغرىسىدا ئىنكاس يازماي،يەنە تەستىقلىماي قالمىسۇن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-3-15 12:05

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش