elan orni : 13999092457elan roni : 13999092457
كۆرۈش: 2763|ئىنكاس: 49

قەشقەر ئوغلانلىرى مەملىكەتلىك مۇسابىقىسىدە چېمپىيون بولدى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
20150214090418169[1].jpg

   ئۈرۈمچى ۋاقتى 1-ئاينىڭ 14-كۈنى شەنبە كەچ سائەت ئالتىدە باشلانغان مەركىزىي تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى ئۇيۇشتۇرغان «كىم توپ شاھى» ئەلئىچى چېمپىيونلۇق تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسى بالىلار تۈرىنىڭ پۈتۈن مەملىكەتلىك ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە شىنجاڭ قەشقەر ئوغۇل بالا توپ كوماندىسى بىلەن گۇاڭدۇڭ يۈشاتەن باشلانغۇچ دېخۇا كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلەشتى.
  مۇسابىقە باشلىنىپ  قەشقەر ئوغۇل بالا توپ كوماندىسىنىڭ 9-نومۇرلۇق توپچىسى ئەفېردىن چاقماق تېزلىكىدە توپ كىرگۈزدى. ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە ئاخىرلاشتى، ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە شىنجاڭ كوماندىسى رەقىبى گۇاڭدۇڭ كوماندىغا ئالتە توپ ئۇرىۋەتتى، شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ ھۇجۇمى مۇسابىقە باشلىنىپلا شۇنداق كۈچلۈك بولدى، ئىككى كوماندىنىڭ ئەمەلىي كۈچىدە ئېنىقلام چوڭ پەرق بار ئىدى، ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدىلا شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ 9-نومۇرلۇق ماھىرى ئەلفېردىن ‹‹قالپاق ئويۇنى›› قويدى، 8-نومۇر مەمەتئىمىن ئىككى توپ كىرگۈزدى، 10 نومۇرلۇق ئېلشاتمۇ بىر توپ كىرگۈزدى. ئالدىنقى مەيداندىلا مۇسابىقىنىڭ يېڭىش-يېڭىلىشى ئايرىلىپ بولغانىدى.
كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقە گۇاڭدۇڭ كوماندىسىدىكى سۇ تىيەنشى ئارقا-ئارقىدىن ئىككى توپ  كىرگۈزدى. شىنجاڭ كوماندىسىدىكى مەمەتئىمىن بىلەن مەۋلاننىڭ توپ كىرگۈزۈشى مۇسابىقىنىڭ رىقابەتلىشىش كۈچىنى يوق قىلدى.
  شىنجاڭ كوماندىسى ئەڭ ئاخىرىدا رەقىبىنى 8-2 چوڭ نومۇر پەرقتە يېڭىپ، «كىم توپ شاھى» ئەلئىچى چېمپىيونلۇق تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسى بالىلار تۈرىنىڭ پۈتۈن مەملىكەتلىك چېمپىيونى بولدى. يارايسىلەر ئەزىمەتلەر! خەلقىمىز سىلەردىن پەخىرلىنىدۇ!

20150214090633308[1].jpg 20150214090939539[1].jpg 20150214091601867[1].jpg 20150214092207736[1].jpg 20150214092207750[1].jpg 20150214092208761[1].jpg 20150214092209900[1].jpg 20150214092210250[1].jpg 20150214092211338[1].jpg 20150214092212703[1].jpg
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-14 22:28:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
لىكىن  پەچەت  ئېش  بولدى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-14 22:31:28 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەيدانغا چۇشكەن بالىلارنىڭ بەدەن قۇرلۇشىغا قاراپلا خېلى زور پەرىقنى كۇرىۋالغىلى بولىدىكەن،كىيىنكى مەيدان پۇشتەك دىگەننى ئايىماي چېلىۋەتتىغۇ لېكىن…
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-14 22:33:07 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەۋەبى     نىمىكىن؟؟؟؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-14 22:35:58 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يارايسىلەر ئەزىمەتلەر،  قەشقەلىكتەك ئىش قىپسىلەر ،،  قەشقە شىۋىسىدە يىزىپ قويدۇم ،ئۆزەممۇ قەشقەلىك ئەمەسما ،ئۇيغۇر پۇتبولچىلىقى ئۈچۈن ئالغا!!!!!!!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-14 22:37:31 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باللا  سىن  كۇرۇنىشى  بامۇ  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-14 22:37:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماۋۇ ۋاسكىتبولچى بۇرادەرنىڭ ماۋۇ روھى بۇلىدۇ. پۇتبول خەۋەرلىرنىمۇ يوللاپ تۇرساق ئۇبدان بۇلىدۇ. شىنجاڭ كوماندىسى سىلگە يۈز كىلەلمەيدۇ. بىزنى قۇيۇپ تۇرايلى.بىز پەقەت مۇسابىقىسىنى كۈرۈشنى بىلىمىز.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-14 22:39:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىلىم يوللىغان ۋاقتى  2015-2-14 22:37
باللا  سىن  كۇرۇنىشى  بامۇ

كۆمىگەنما بايام تېلۋىزوردا بىكالىققا بەرگەندە!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-14 22:42:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
oygandi99 يوللىغان ۋاقتى  2015-2-14 22:35
يارايسىلەر ئەزىمەتلەر،  قەشقەلىكتەك ئىش قىپسىلەر ،،  ق ...


مۇشۇ پۇرسەتتە قەشقەرلىكلەر -قەشقەرنى گۇۋاڭگو قىلۋېلىڭلار .  بىزمۇ قەشقەر بىلەن قوشنا دەپ تۇرۋاللى.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-14 22:44:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىر مۇكاپات تارقىتىلدى،ئىقتىسادى جەھەتتىن مۇكاپاتلامۇ يا يۇپۇرماقتەك ئاشۇ لوڭقىنى بېرىپ بولدى قىلامۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-14 22:49:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەمما باللا شاش ئوينىۋەتتى يارىيسىلە ئەزمەتلەر .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-14 22:50:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يارايسىلەر ئەزمەتلەر،   فىلەش بولسا كۆرسەك بوپتىكەن.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-3-15 11:51

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش