بۇ يازمىنى ئاخىرىدا shevchenko تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-2-14 15:53
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بارلىق ئەزالار ھازىرقى ۋاقتىڭلار خەيرىلىك بولسۇن، مۇنبىرىمىزدە يىڭىچە ئىسلاھات ئىلىپ بىرىلىپ، ئىشىكنى سىرتقا كەڭ ئىچىۋەتكەندىن بۇيان، بولۇپمۇ يوقلىما تىمىسى يولغا قويۇلغاندىن تارتىپ،نۇرغۇن كونا دوستلىرىمىزنىڭ مۇنبەرنى يەنىلا ۋاقىت چىقىرالىسىلا، پۇتبول مۇنبىرىمىزنى سۆيۈپ زىيارەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئۇقۇپ ئوبدانلا خوش بولدۇم، شۇنداق بۇندىن 8 يىل بۇرۇن مۇشۇ مۇنبەر قۇرۇلغان ۋاقىتتا نۇرغۇن دوستلىرىمىز ناھايىتى تىرىشچانلىق بىلەن مۇنبەرگە كىرىپ، تىما ئوقۇش خەۋەر يوللاش، قاتارلىق پائالىيەتلەر تۈرتكىسىدە مۇنبەرنى راۋاجلاندۇرغان ئىدى، شۇلارنىڭ تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە ئەزالارنىڭ تەلەپ قىلىشى، بىكەت مەسئۇلىنىڭ بايقىشى ئارقىسىدا مۇنبەردىكى ئەزالارنى بىرقانچە گورۇپپىغا ۋە قاتلامغا بۆلۈنگەن ئىدى، ئەنە شۇلار ئارىسىدىن مۇنبەرگە يىقىندىن خىزمەت كۆرسەتكەنلەر، ياخشى نادىر تىمىلار يوللىغانلارنى پۇتبول لۈكچىكى، باشقۇرغۇچى، مۇنبەر باشقۇرغۇچى ۋە مۇنبەر تۆھپىكارلىرى(ھازىرقى ئالىي ئەزا) قاتارلىقلارغا ئۆستۈرۈپ، مۇنبەر ئىشلىتىش جەھەتتە بەزى ئىقتىدارلار بىلەن تەمىن ئەتكەن ئىدى. ئەزالارمۇ زور تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىپ مۇنبەرنى ئوبدانلا گۈلگەندۈرگەن ئىدى، يىقىندىن بىرى باشقۇرغۇچىلار سانى كۆپ، مۇنبەردە خىزمەت قىلىۋاتقانلار ئاز، ئالىي ئەزا ۋە لۈكچەك سانى كۆپ لىكىن مۇنبەر يۈزىدىكى تىما ۋە باشقا ئورۇنلاشتۇرۇشلاردا ئاز بولۇش تۈپەيلى، باشقۇرغۇچىلار مەسلىھەتلىشىپ مۇنبەر باشقۇرغۇچىلىرى، ئالىي ئەزالار ۋە لۈكچەكلەر نى يوقلىما قىلىپ، مۇنبەردىكى ئەمەلىي ئەھۋالىنى ئىگىلەش ۋە قىسقىسى مۇنبەرنى مۇشۇ ئەزالارنى تايانچ، باشقا ئەزالارنى ئەگەشتۈرۈش ( يىڭى ئەزالارنىڭمۇ قابىلىيەت، ماھارەت بولسا كۆرسەتسە بولىدۇ) ئارقىلىق مۇنبىرىمىزنى تىخىمۇ گۈللەنگەن بىر مۇنبەر قىلىپ چىقىرىش نەتىجىسىدە، يوقلىمىنى ئوتتۇرىغا قويدۇق، يوقلىما ھەرگىزمۇ ئادەتتىكى ئىش ئەمەس، ھەرقايسى ئەزالارنىڭمۇ بۇ يوقلىمىغا سەل قارىماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمىز.
مىنىڭچە ئاشۇ ئالىي ئەزالار، مۇنبەر باشقۇرغۇچىلىرى ، لۈكچەك قاتارلىقلار 80-يىللارنىڭ ياشلىرى، ئۇلار يىقىندىن بىرى ئۆيلۈك ئوچاقلىق بولدى، ئوقۇۋاتقانلىرى بولسا خىزمەتكە چىقتى، ياكى ھەرخىل كەسىپلەر بىلەن شۇغىللىنىۋاتىدۇ، تۇرمۇش ھەلەكچىلى تۈپەيلى ئاشۇ ئەزالارنىمۇ توغرا چۈشۈنۈپ كەلدۇق، يىقىدىن بۇيان يەنە نۇرغۇن يىڭى ئەزالىرىمىز يىتىشىپ چىقتى، ئۇلارنىڭمۇ نەتىجىسىگە ئالىي ئەزالىق، لۈكچەكلىك ،مۇنبەر باشقۇرغۇچىلىق ۋەزىپىلىرىنى بەرمەكچى بولدۇق، مۇشۇ ئارىدا سان جەھەتتىن ئويلۇشۇپ يوقلىما قىلىش تۈزىمى بارلىققا كەلدى، شۇڭا يوقلىما ئىشىغا ھەرقايسى ئەزالارنىڭ توغرا مۇئامىلىدە بولۇپ، ئاكتىپلىق بىلەن قاتنىشىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. ئەگەر يوقلىما تۈزىمى بويىچە يوقلىمىدىن ئۆتمىگەنلەر بولسا، ئاشۇ تىمىدا دىيىلگەن جازالار ئارقىلىق قاتتىق بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.
پۇتبول مۇنبىرى ئىشخانىسى
2015-يىلى 2-ئاينىڭ 14-كۈنى |