elan orni : 13999092457elan roni : 13999092457
كۆرۈش: 885|ئىنكاس: 20

ئاتۇش بۇغرا لوڭقىسى 6-كۈنى خەۋىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]



بۆگۈن بۇغرا لوڭقىسى 4-ئايلانمىسىنىڭ 4 مەيدان مۇسابىقىسى ئوينالدى .
نەتىجە تۆۋەندىكىچە:
سۇنتاغ 1-0 تۇغلۇق
كاتتايايلاق 7-0 مورتوم
ساقچىلار  2-2  ئۇلۇغچات

بۈگۈنكى مەستانىلەرنى ئەڭ جەلىپ قىلغان مۇسابىقە كۈچلۈكلەر ئۇچرىشىشى  ئازاقvs ئاغۇ  بولۇپ، گورۇپپىدىن چىقىش چىقالماسلىقىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان مۇھىم بىر مەيدان مۇسابىقە بولغاچقا مۇسابىقە ناھايىتى كەسكىن ئېلىپ بېرىلدى.

ئازاق 7-1 ئارغۇ

مۇسابىقە باشلىنىپلا ئازاق كوماندىسى كۈچلۈك ھۇجۇم
قوزغىدى.
مۇسابىقە باشلىنىپ 5مىنۇپ بولغاندا ئازاق كوماندىسىنىڭ 5-نۇمۇرلۇق ئەزاسى ئىلھامجان بۇلۇڭ توپنى ئۈسۈپ كىرگۈزۈپ ئاغۇ كوماندىسىنىڭ دەرۋازىسىنى ئاچتى، 18مىنۇت بولغاندا  ئازاق كوماندىسى كۈچلۈك ھۇجۇم قوزغاپ 8-نۇمۇرلۇق ئەزاسى بىر توپ كىرگۈزدى، 36-مىنۇتقا قەدەم قويغاندا 10-نومۇرلۇق ئەزا نىزامىدىن چىرايلىق بىر توپ كىرگۈزۈپ ،ئالدىنقى مەيدان 3-0 ئاياقلاشتى .
كىيىنكى مەيدان باشلىنىپ 54-مىنۇت بولغاندا 5-نۇمۇر ئىلامجان يەنە بىر كاللا توپ كىرگۈزۈپ بۇ مەيدان مۇسابىقىدىكى 2-توپىنى كىرگۈزدى، 63-مىنۇتتا نىزامىدىن چىقارغان پاسنى 7-نۇمۇر كىرگۈزدى، 70-مىنۇتتا 24-نۇمۇرلۇق ئەزا  بىر توپ كىرگۈزدى ،78-مىنۇتتا نىزامىدىن يان تەرەپتىن ئەكىرىپ ناھايىتى چىرايلىق بىر توپ كىرگۈزدى، ئاخىرىدا ئاغۇ كوماندىسىنىڭ 520-نۇمۇرلۇق ئەزاسى شۆھرەت بىر توپ قايتۇرۋالدى،
ئازاق كوماندىسىنىڭ مۇستەھكەم مۇداپىئەسى ۋە شىددەتلىك ھۇجۇمى ئالدىدا ئىپادىسىنى جارى قىلدۇرالمىغان ئاغۇ كوماندىسى 7گە قارشى 1 نەتىجە بىلەن ئېچىنىشلىق قىرغىن بولۇپ كەتتى.
مۇسابىقە جەريانىدا ئازراق سۈركىلىش كۆرۈلدى.
بارلىق مەستانىلەر تۆت كۆزى بىلەن كۈتىۋاتقان يەنە بىر مەيدان قىزىق نۇقتىلىق مۇسابىقە يەنى ئاتۇش دىربىسى ،ئازاق كوماندىسىنىڭ قان رەقىبى سۇنتاغ كوماندىسى ئوتتۇرسىدا ئەتە چۈش سائەت 1.30دا ئۆتكۈزۈلىدۇ.

IMG20150211145127.jpg

IMG20150213152423.jpg

IMG20150213153332.jpg

IMG20150213153341.jpg

IMG20150213153528.jpg

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-13 22:48:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇسابىقە قىززىغان چىراي ، تاماشىبىنلارمۇ جىقكەن ، دەرجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىدىمۇ بۇنچىلىك ئادەم يوقمىكىن دەيمەن.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-13 22:51:18 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۈگۈن مەن بارمىغان قارىغاندا قىزىغان چىراي
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-13 23:07:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىلگىيار يوللىغان ۋاقتى  2015-2-13 22:51
بۈگۈن مەن بارمىغان قارىغاندا قىزىغان چىراي

يۇرتۇڭلاردا مۇسابىقە ئۆتكىزىلۋاتسا  كۆرمەي نىمىشقىلۋاتسىلە.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-13 23:15:54 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
laqin1 يوللىغان ۋاقتى  2015-2-13 23:07
يۇرتۇڭلاردا مۇسابىقە ئۆتكىزىلۋاتسا  كۆرمەي نىمىشقىل ...

مىنىڭ مۇسابىقە كۆرۈۋاتقىنىمغا 28-چىسلاردىن تارتىپ ئۈستۈن ئاتۇشتا ئۇدا 9كۈن پۇتبول مۇسابىقىسى كۆرۈپتىمەن ئۇنىڭغا ئۇلاپلام بۇ مۇسابىقىنى كۆردۈم، بۇ مۇسابىقى بىزنىڭ ئۆيدىن 30-40كىلومىتىر يىراقلىقتا شۇنداقتىمۇ قىزغىنلىقىمىز  ئۇزاق مۇساپىنى تۇسۇپ بۇلالمىغان بىراق بۈگۈن بىتاپ تىگىپ يىتىپ قالدىم.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-13 23:25:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەستا قانداقراق ھازىر خىلى ياخشىدۇ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-13 23:59:34 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
laqin1 يوللىغان ۋاقتى  2015-2-13 23:25
ئەستا قانداقراق ھازىر خىلى ياخشىدۇ.

خۇداغا شۇكرى  ياخشى بۇلۇپ قالدىم
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-14 00:54:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت قولۇڭلارغا دەرت بەرمىسۇن ، ماۋۇ تىمىنى كۆرۈپ راۋۇرۇس سۈيۈندۈم ، ئەمدى خېلى تېتىملىق بوپتۇ .
ئەتە بىزنىڭ يېزا بىلەن ئازاق يېزىسى ئوينايدىكەن ، ھەر ئىككىلىسى گوروپپىدىن چىقىپ بولدى ، قايسىسى ئۇتسا شۇ 1- بولۇپ گوروپپىدىن چىقىدىكەن ، سۇنتاغنىڭ چىمپىيون چىقىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن .
ئەتە مۇسابىقە كۆرگىلى بارىدىغان قېرىنداشلار بولسا ئۈندىدارىڭلارنى قاچىلىۋالسام ، نەخ  مەيداندىن بىر ئانچە مۇنچە خەۋەردار بولالارمەنمۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-14 00:57:44 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تازا قىززىپتۇ ، چېمپىيۇن مۇشۇ ئازاق كوماندىسى بوپ قالامدۇ نىمە .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-14 02:18:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن قەشقەردىن ئەتە ئاتۇشقا چىقىپ مۇسابىقە كۆرمىسەم بولماپتۇ نەچچە ۋاقىتتىن بىرى خەۋىرىم بولماپتۇ ئەمەسمۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-2-14 08:02:01 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۈرك42 يوللىغان ۋاقتى  2015-2-14 02:18
مەن قەشقەردىن ئەتە ئاتۇشقا چىقىپ مۇسابىقە كۆرمىسەم بو ...

قەشقەردىن چىقىپ كۆرۈۋاتقانلارمۇ  خېلى  بار…بۆگۈنكى مۇسابىقىلەرنى كۆرۈشكە  ئەرزىيدۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-14 10:41:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قارىغاندا ئازاق كوماندىسى كۇچلۇك ئوخشايدۇ رەقىبىنى بەكلا قىرغىن قىلۋىتىپتىغۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-3-18 21:28

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش