ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 1849 |
تۆھپىسى: سەر |
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !!
تېڭشۈن تەنتەربىيىسىنىڭ 2-ئاينىڭ 13-كۈندىكى خەۋىرى، جۇڭگو ۋەندا گۇرۇھى بىلەن ئىتالىيە زەردارى ئاس مىلەن كۇلۇبى بۈگۈن رەسمى ھەمكارلىق ئورناتتى.
ئىتالىيىدە چىقىدىغان ‹‹رىم تەنتەربىيە گېزىتى›› ۋە ‹‹دولىن تەنتەربىيە گېزىتى›› خەۋىرىدە ئېيتىلىشچە، يىڭ فاڭ تەنتەربىيىسىنىڭ ئىتالىيەدىكى شىركىتىنىڭ رەئېسى مارك بوگارېلى ئاس مىلەن بىلەن جۇڭگو ۋەندا گۇرۇھىنىڭ رەسمى ھەمكارلىق ئورناتقانلىقىنى ئېلان قىلدى، ئىككى تەرەپ مىلەن كۇلۇبىنىڭ يېڭى تەنتەربىيە مەيدانىنى ئورتاق ياساپ چىقىدۇ.
ۋەندا گۇرۇھى تېخى يىقىندىلا، 1 مىليارىد ياۋرو باھا بىلەن يىڭفاڭ تەنتەربىيە شىركىتىنى سېتىۋالغان. بۇندىن بۇرۇن، مىلەن تەرەپ يېڭى مەيدان سېلىشقا كېتىدىغان مەبلەق مەسىلىسىدىكى قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، دۇنيا مىقياسىدىن ياخشى بىر ھەمكارلاشقۇچى ئىزدەپ كېلىۋاتقان ئىدى، بۇ قېتىملىق ھەمكارلىقنىڭ ئورۇنتىلىشى ۋەندا گۇرۇھى لېدىرى ۋاڭ جىيەن لېن نىڭ يىڭفاڭ تەنتەربىيە شىركىتىنى سېتىۋالغاندىن كېيىن، پۇتبول ساھەسىگە تېخىمۇ ئىچكىرلەپ كىرۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
ۋاڭ جىيەن لېن مىلەنگە ياردەم قىلىپ، يېڭىدىن سېلىنماقچى بولغان توپ مەيدانىغا كېتىدىغان مەبلەق مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ بېرىدۇ، بەلكىم ئۇزۇن بولمىغان كەلگۈسىدە، ۋەندا گۇرۇھى ئاس مىلەن كۇلۇبىنىڭ مەلۇم مىقتاردىكى پايچىكىنى سېتىۋېىلىپ، مىلەننىڭ شەرقدىكى مۇھىم پايچىكلىرىدىن بولۇپ قىلىشى مۇمكىن.
بۇندىن بۇرۇن ۋاڭ جىيەن لېن يەنە 45مىليۇن ياۋرو مەبلەق چىقىرىپ، مادىرىد رىقابەتنىڭ 20% پېيىنى سېتىۋالغانىدى، ئىسپانىيە پۇتبول ساھەسىگە كىرىپ بولغاندىن كېيىن، ئۇ يەنە ئىتالىيە پۇتبولچىلىقىغا كىرىش مۇھىم قەدىمىنى باستى.
|
|