elan orni : 13999092457elan roni : 13999092457
كۆرۈش: 2105|ئىنكاس: 42

بوئاتىڭ جەمەتىنىڭ ھىكايىسى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   بۈرگىچاق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-13 22:29  

پۇتبول دۇنياسىدا ئاتا-بالا،ئاكا-ئۇكىلارنىڭ بىرگە توپ تەپكەنلىگىنى ئىلگىرى كۆپ قېتىم ئاڭلىدۇق.ئۇلار بىرلەشمە مۇسابىقىلەردە ۋە ئۆز دۆلەت كوماندىسى ئۈچۈن ئوخشاشلا بىر سەپتە تۇرۇپ ،بىر-بىرىگە ۋارىسلىق قىلىش ئەندىزىسى بۇيىچە توپ تەپكەن. ئەمما بۈگۈن سۆزلىنىدىغان ھىكايە يۇقاردا تېلغا ئېلىنغان مەزمۇنغا ئازراق ئوخشىسىمۇ ئەمما ماھىيتى ئوخشىمايدۇ. بىر ئائىلىدىن ئۈچ ئاكا-ئۇكا ئۆزلىكسىز تىرشىش ئارقىلىق ئاخىردا پۈتۈن دۇنيا ئىتىراپ قىلدىغان داڭلىق پۇتبۇل چولپانلىرىدىن بۇلۇپ يىتىشىپ چىقتى. ھەرقايسىسى 5چوڭ بىرلەشمىدىكى زەردار كوماندىلاردا توپ تەپتى.لېكىن ئادەمنى ئەجەپلەندۈردىغىنى ئۇلار ئوخشاش بولمىغان دۆلەتكە ۋاكالىتەن مۇسابىقىگە چۈشۈپ بىر-بىرىگە قارشى جەڭ قىلدۇ.بۇ ئاكا-ئۇكىلار دەل بوئاتىڭ ئاكا-ئۇكىلاردۇر.
ئۇنداقتا بىز ئۇلارنىڭ ئەسلىمىلىرنى ئاڭلاپ ئۈتەيلى.


BbsImg14235343037826_625-727.jpg

جىروم بوئاتىڭ بىلەن كېۋىن بوئاتىڭ دۇنيا پۇتبول مۇسابىقىسىدە پۈتۈن دۇنيا نىڭ دىققەت قىلشىنى قوزغايدىغان قىززىق نوقتىلىق ئاكا-ئۇكا چولپانلاردۇ.چۈنكى ئىنىسى جىروم بوئاتىڭ ئانىسى تۇغۇلۇپ ئۆتكەن گىرمانىيە دۆلىتىدە توپ تىپىدۇ. ئاكىسى كېۋىن بوئاتىڭ بولسا ئاتىسنىڭ تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ماكانى گانا كوماندىسىدا توپ تىپىدۇ.ئۇلارنىڭ ئاتىسى ئەينى ۋاقىتتا گانادىن گىرمانىيەگە كۆچمەن بۇلۇپ بارغان.ئۇنىڭدىن باشقا بۇلارنىڭ يەنە جورجى بوئاتىڭ ئىسىملىك چوڭ ئاكىسى بار.ئۇمۇ بىر پوتبولچى ئىدى.ھازىر بولسا ئۇمۇ ئاتا بولدى،ھەم ناخشىچى بولدى.جورجى بوئاتىڭ ۋەئىككى  ئىنىسىنى ئوخشىمىغان شارائىتتا چوڭ بولغان .

      BbsImg142353427650941_625-730.jpg

ئۈسۈپ -يىتىلىش جەريانى

1981-يىلى ئاتا بوئاتىڭ گانادىن گىرمانىيەگە كۆچمەن بۇلۇپ كۈچۈپ كەلدى.ھەم گىرمانىيەلىك بىر ئايال بىلەن توي قىلىپ بىرلىندا مۇقۇم ئولتۇراقلىشىش شارائىتىگە ئىرىشتى.شۇ چاغدا جورجى بوئاتىڭ 5ياشتا ئىدى. ئاتا بوئاتىڭ گانادىكى ئايالىدىن ئاجىرشىپ ،جورجى بوئاتىڭنى بىللە ئېلىپ ئاندىن گىرمانىيە كەلگەن.1987-يىلى   كېۋىن بوئاتىڭ تۇغۇلىدۇ. ۋە ئۇزاق ئۆتمەيلا ئاتىسى بوئاتىڭ ،كېۋىن بوئاتىڭنىڭ ئانىسىدىن ئاجىرشىپ تىزلا مادىننا ئىسىملىك ئايال بىلەن توي قىلىدۇ.كېۋىن بوئاتىڭ جورجى بوئاتىڭ بىلەن بىرگە قالىدۇ.ئارىدىن بىريىل ئۆتكەندە  جىروم بوئاتىڭ تۇغۇلىدۇ.  شۇنىڭدىن باشلاپ بۇ ئۈچ ئاكا-ئۇكا ئىككى ئائىلىگە بۈلنۈپ كەتكەن.گەرچە ئۈچ ئاكا ئىنى بىر ئۆيدە بولمىسىمۇ جورجى بوئاتىڭ دائىملا ئىككى ئىنىسى بىلەن كۈشۈپ ئاكا-ئۇكا بىرگە ئويناپ ،ناھايىتى خۇشال ياشايدۇ.چوڭ ئاكىسى جورجى بوئاتىڭ كىچىك چېغىدىن باشلاپلا پۇتبولغا ئالاھىدە ئىشتىياق باغلىغان.ھەم  پۇتبولغا ئىنتايىن بىرلىپ كەتكەن.جورجى بوئاتىڭنىڭ تۈرۈتكىسىدە ئىككى ئىنىسى پۇتبولغا ئىشتىياق باغلىغان. بىر ئائىلىدىن ئىككى ئوتتورا مەيدان توپچىسى ۋە بىر مۇداپىيەچى بېك يىتىشىپ چىققان.

       BbsImg142353428883503_616-785.jpg

ئاكا-ئۇكا بوئاتىڭلارنىڭ ئايرىلىشى

كېۋىن بوئاتىڭ بولسا جىروم بوئاتىڭنىڭ پۇتبولدىكى ئۈلگىسى ئىدى. كېۋىن بوئاتىڭ بولسا چوڭ ئاكىسى جورجى بوئاتىڭنى ئۈزىگە ئۈلگە قىلغان.جورجى بوئاتىڭ ۋە كېۋىن بوئاتىڭنىڭ بالىلىق چاغلىرى ناھايىتى غۇربەتچىلىكتە ئۆتكەن.چۈنكى ئۇلارنىڭ ئانىسنىڭ مۇقىم خىزمىتى يوق ئىدى.ئەمما جىروم بوئاتىڭنىڭ بالىلىق چاغلىرى باياشات ئىچىدە ئۆتكەن. ئۇنىڭ ئانىسى ئەينى ۋاقىتتا ئايرۇ خانقىز بۇلۇپ ،كىرىمىمۇ ياخشى ئىدى.جىروم بوئاتىڭ 5ياشقا كىرگەندە ئاتىسى بوئاتىڭ بۇ ئايالدىنمۇ ئاجىرشىپ كەتكەن. شۇنىڭ بىلەن جىروم بوئاتىڭ ئاپىسى بىلەن گىرمانىيەدە ئولتۇراقلىشىپ قالغان.جورجى بوئاتىڭ بىلەن كېۋىن بوئاتىڭ گاناغا قايتىپ كەتكەن.

جورجى بوئاتىڭ تولوق ئوتتورا مەكتەپتە ئوقوۋاتقاندا ئۇرۇش-جىدەل گە ئامراق ،تاماكا چىكىدىغان يامان ئادەتلەرنى ئۈگۈنىۋېلىپ مىجەز خارەكتىرى ئۆزگۈرۈپ ،نەچچە قېتىم تۈرمىگە كىرگەن.بۇ ئىشقا قارىتا ئىنىسى كېۋىن بوئاتىڭدا ئاكىسىغا قارىتا ئۆچ بۇلۇش پىخسىكى شەكىللەنگەن.ئۇنىڭ قارىشىدا جورجى بوئاتىڭ بولسا بىر ئەسكى ئادەم ئىدى.شۇنىڭدىن باشلاپ جورجى بوئاتىڭ گوللاندىيەگە كەتكەن.كېۋېن بوئاتىڭ بولسا گانادا ئۆزى يالغۇز قالغان.ئىنىسى جىروم بوئاتىڭ گىرمانىيەدە ئىدى.


      9922720e0cf3d7ca845e48d0f21fbe096a63a9e8.jpg

جورجى بوئاتىڭنىڭ ئۆزگۈرشى

جورجى بوئاتىڭ تۈرمىدىن چىققاندىن كىيىن ئۇنىڭ ئالدىدا ئىككى خىل تاللاش بارئىدى.بىرى داۋاملىق ئەسكى ئادەم بۇلۇش،يەنى بىرى بولسا مىجەزىنى ئۆزگەرتىپ ئۈزى ياخشى كۈردىغان پۇتبول ساھەسىگە كىرىش ئىدى. جورجى بوئاتىڭ ئىككىنجى خىل يولنى تاللىدى.جورجى بوئاتىڭ ھاياتىدا ئۈزۈگىلا تايانغان، پۇتبولدا بىرەرسى ئۇنى يىتەكلىمىگەن.ئەكسىچە ئۈزۈنىڭ تىرىشچانلىقى ئارقىلىق نەتىجىگە ئىرىشكەن.گوللاندىيە دۆلەت تەۋەلىكىگە ئۆتكەن جورجى بوئاتىڭ 1994-يىلدىن باشلاپ گوللاندىيە بىرلەشمىسىدە توپ تىپىشكە باشلىغان،ئۇنىڭ مەيداندىكى ئورنى  ئوتتورا مەيدان ئىدى.1997-يىلغىچە توپ تىپىپ تازا چاقناپ كىتەلمىدى،ۋە شۇ يىلى ئىنگىلانىد بىرلەشمىسىدىكى تۈۋەن دەرىجىلىك بىرلەشمىگە يۆتكەلدى.بۇ يەردە 10يىل توپ تىپىپ ئىنگىلاند بىرلەشمىسىدىكى زەردار كوماندىلارنىڭ دىققەت ئىتابىرىنى قوزغىيالماي ئاخىرى توپچىلىق ھاياتىدىن چىكىندى.ھازىر ناخشا كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.

       BbsImg142353427046882_614-789.jpg

كېۋىن بوئاتىڭ بىلەن جىروم بوئاتىڭنىڭ باش كۈتۈرىشى

كېۋىن بوئاتىڭ گىرمانىيە ۋە گانادىن ئىبارەت قوش دۆلەت تەۋەلىكىگە ئىگە. 7يېشىدا ئاكىسنىڭ تەسىرىدە پۇتبول ئاساسى بىلىملىرىنى پۇختا ئىگەللىگەن. ھەم بېرلىن ھېرتا مەشىق بازىسىدا تەربىلەنگەن.جورجى بوئاتىڭ بىلەن گاناغا كىتىپ ،ئاكىسىنىڭ گوللاندىيەگە كىتىش سەۋەبى بىلەن يەنە گىرمانىيەگە قايتىپ كەلگەن.بېرلىن ھىرتا ياشلار كوماندىسىغا قۇشۇلۇپ رەسمىي ئىككى پەسىل توپ تەپكەن.بۇ جەرياندا ئانچە كۆزگە چېلىقىپ كەتمىگەن.بىراق 2005-يىلغا كەلگەندە كېۋىن بوئاتىڭغا ئۈزۈنى ئىسپاتلاش پۇرسىتى كەلگەن. 2005/2006-يىللىق مۇسابىقە پەسلىدە پىرانكىپورد كوماندىسى بىلەن بولغان جەڭدە كېۋىن بوئاتىڭ بېرلىن ھېرتا 1-سەپ كوماندىسىغا ۋاكالىتەن كىيىنكى يېرىم مەيداندا زاپاس ئەزا بۇلۇپ مەيدانغا چىقىپ قالتىس ئىپادىسىنى نامايەن قىلغان.شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ شانلىق دەۋرى باشلانغان.شۇ چاغدا ئۇ 18ياشتا بۇلۇپ ،گىرمانىيە u19ياشلىقلار ،u21ياشلىقلار كوماندىسىغا قاتناشقان.ئىپادىسى قالتىس بولغان.شۇنىڭدىن باشلاپ كېۋىن بوئاتىڭ زەردار كوماندىلارنىڭ دىققىتىنى تارتىشقا باشلىغان.2005-يىلدىن 2007-يىلغىچە گىرمانىيە بىرلىن ھېرتا كۇماندىسىدا توپ تەپكەن.2007-يىلدىن 2008-يىلغىچە ئىنگىلانىد بىرلەشمىسى توتىنھام كوماندىسىدا توپ تەپكەن.2009-يىلى بىر پەسىل گىرمانىيە سېرىق ھەرە قۇشۇندا توپ تەپكەن.ئۇنىڭدىن كىيىن ئاس مىلاندا توپ تەپكەن،شۇ چاغلار ئۇنىڭ كەسپى ھاياتىنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسى ئىدى.ھازىر شارىك 04 كۇماندىسىدا.

جىروم بوئاتىڭ ئەينى چاغدا ئاكىسى كېۋىن بوئاتىڭ بىلەن بىرپەسىل بېرلىن ھېرتا مەشىق بازىسىدا بىللە توپ تەپكەن،شۇ چاغدا ئۇ مەيلى كوماندىدا بولسۇن ياكى ئائىلىسىدە بولسۇن ئاكىسى كېۋىن بوئاتىڭ بىلەن توپ تالىششقا ئامراق ئىدى. كىچىك بوئاتىڭنىڭ داڭلىق مۇداپىيەچى بۇلۇپ قېلشىدا ئاكىسى بوئاتىڭنىڭ تۆھپىسى زور . كىچىك بوئاتىڭنىڭ بۇيى كىچىك چېغىدىن باشلاپ ئىگىز ئىدى.ئۇنىڭ بۇيىنىڭ ئىگىزلىكى ھەم مۇداپىيە جەھەتتىكى ئىقتىدارى تىزلا باشقا كۇلۇپلارنىڭ دىققىتىنى تارتتى.2006-يىلى بېرلىن ھىرتا 1-سەپ كوماندىسىغا تاللىنىپ 9مەيدان مۇسابىقىگە قاتناشقان جىروم بوئاتىڭغا گىرمانىيە بىرلەشمىسىدكى ھامبىروگ كوماندىسى قىزىقىپ قالدى ،ۋە تىزلا تۇتۇش قىلىپ 1مىليۇن بىر يۈز مىڭ باھادا كوماندىسىغا قۇشۇۋالدى.شۇنىڭدىن باشلاپ كىچىك بوئاتىڭنىڭ نامى تەدىرجى تاقىلىشقا باشلىدى.چۈنكى كىچىك بوئاتىڭ ،مۇداپىيەدە قارشى تەرەپكە ئېغىر ھەركەت ئىشلىمەيلا ئۈنۈملۈك مۇداپىيە قىلالايدىغان ئىقتىدارلىق مۇداپىيەچى بۇلۇپ يىتىشىپ چىققان ئىدى.كىيىن ئىنگىلاند بىرلەشمىسىدىكى مانجىستىر شەھرى كوماندىسىدا بىر مەزگىل توپ تەپكەندىن كىيىن ئۇنىڭ ئاخرقى بىكىتى بايرىن مىيۇنخىن كوماندىسىدا توختىدى.


ئاكا-ئۇكا بوئاتىڭلارنىڭ ئىككى  دۆلەت كوماندىسىغا ئايرىلىشى

      01300001141189130902004359533_s.jpg

ئاكا-ئۇكا بوئاتىڭلار گىرمانىيە u19ياشلىقلار ،كوماندىسدا بىر مەزگىل بىللە توپ تەپكەن. بىراق 2006-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى مەزگىلگە ئاز قالغاندا كېۋىن بۇئاتىڭ تۇيۇقسىز گانا دۆلەت كوماندىسىنى تاللىغان. سەۋەبى بولسا شۇ چاغدىكى گىرمانىيە ياۋرۇپا لوڭقىسى ئۇزغۇنلۇق u21ياشلىقلار كوماندىسى بوئاتىڭنى دۆلەت كوماندىسىغا چاقىرتمىغان.لېكىن شۇ چاغدا بوئاتىڭنىڭ دۆلەت تاللاش مەسىلىسى ھەل بولماي گانا كوماندىسىغا كىرىش ئىشى ئەمەلگە ئاشمىغان.2009-يىلى 6-ئاينىڭ 24-كۈنى كېۋىن بوئاتىڭ گانا دۆلەت كوماندىسىنىڭ چاقىرقىنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ رەسمىي گانا دۆلەت كوماندىسغا كىرگەن.
كىچىك بوئاتىڭ بولسا گىرمانىيە u21ياشلىقلار كوماندىسىدا تەرەققى قىلىپ ئاخىردا لېف نىڭ قوللىشىغا ئىرىشىپ ھازىرغىچە گىرمانىيە كوماندىسىدا جەمئى 8مەيدان مۇسابىقىگە قاتناشتى. شۇنىڭدىن باشلاپ ئاكا-ئۇكا ئىككەيلەن دۆلەت كوماندىسىدا بىر-بىرىگە قارشى ئوينايدىغان ۋەزىيەت شەكىللەندى.



ئاكا-ئۇكا بوئاتىڭلارنىڭ 2دۆلەتكە ۋەكىل بۇلۇپ جەڭگە چۈشۈشى

2010-يىللىق جەنۇبى ئافرىقا دۇنيا پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ گۇرۇپ مۇسابىقىسىدە ئاكا-ئۇكا بوئاتىڭلار ئۇچىرشۇپ قالدى.نەتىجىدە كىچىك بوئاتىڭ 0-1بىر نەتىجە بىلەن ئاكىسى بوئاتىڭنى مەغلۇپ قىلدى.بۇ ئۇلارنىڭ تۇنجى قېتىم بىر-بىرىگە قارشى جەڭگە چۈشۈشى ئىدى.لېكىن ھەر ئىككىلى بۇئاتىڭ ئۆز دۆلەت كوماندىسغا قارىتا مۇھىم توپچى ھىساپلىناتتى. كېۋىن بوئاتىڭ كىينكى مەيدان مۇسابىقىدە قاتتىق تىرشىپ رەقىبىنى يەڭگەن ھەم ئاكا-ئۇكا بوئاتىڭلار ئوخشاشلا 16كۈچلۈك قاتارىغا كىرگەن .شۇنىڭدىن باشلاپ مەيلى كۇلۇپتا بولسۇن ياكى دۆلەت كوماندىسىدا بولسۇن ئاكا-ئۇكىلار پات-پات جەڭ قىلدىغان ۋەزىيەتكە ئۇچىراپ تۇردى.مەيلى كېم يېڭىلىپ كىم يىڭىشتىن قەتئىنەزەر قېرىنداشلار بىر-بىرىنى ئىزچىل قوللىدى.2010-يىللىق دۇنيا لوڭقسى مۇسابىقىسى مەزگىلدە مۇخپۇرلار كىچىك بوئاتىڭدىن ئاكىسى بىلەن جەڭگە چۈشكەندىكى ھىسياتىنى سورىغاندا، بوئاتىڭ مۇنداق دىگەن:مەن ئاكامنى قوللايمەن ،ئۇنىڭ گانا دۆلەت كوماندىسىنى تاللىشى ئۇنىڭ ئۈزىنىڭ ئىشى،ئۇ گانا كوماندىسىنى تاللاپ ناھايىتى خۇشال بولدى،مەن ئۇنىڭ ئۇتۇق قازانغانلىقىنى بۇرۇنلا بىلەتتىم،چۈنكى ئۇ بەك تىرىشچان.مەن گىرمانىيەنى ياخشى كۈرىمەن،كىچىگمدىن باشلاپ مۇشۇ يەردە چوڭ بۇلۇپ تەرەققى قىلدىم.مەن داۋاملىق گىرمانىيە پۇخراسى بۇلىمەن ،گەرچە ئىككىمىزنىڭ دۆلەت تەۋەلىگى ئوخشىمىغان بىلەن بىز يەنىلا قېرىنداش دىگەن. شۇ مۇسابىقىدىن كىيىن ئاكا-ئۇكا بوئاتىڭلار تارىخ ياراتتى.دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە تۇنجى بۇلۇپ ئاكا-ئۇكىلارنىڭ ئوخشىمىغان ئىككى دۆلەتكە ۋەكىل بۇلۇپ بىر-بىرىگە قارشى جەڭ قىلىشى ھەقىقەتەن بىر مەيدان قىززىغان دېربىغا ئوخشايدۇ.

چوڭ ئاكىسى جورجى بوئاتىڭ ھازىر گىرمانىيەدە بۇلۇپ ئىككى ئىنىسنىڭ ھازىرقى نەتىجىگە ئىرىشكەنلىكى توغرىسىدا توختۇلۇپ :داڭدار ئىككى ئىنىمنىڭ ھازىرقى ھالىتىنى كۈرۈپ ئىنتايىن خۇشال بولدۇ.بۇلار ئىزچىل ئۈزۈنىڭ تىرىشچانلىقىغا تاينىپ ھازىرقى ھالەتكە كەلدى.بىز قېرىنداشلار ھازىر ناھايىتى ياخشى ،بەختلىك ئۈتۈۋاتىمىز دىگەن.


كېۋىن بوئاتىڭنىڭ ئىرىشكەن ئەڭ چوڭ شەرەپلىرى:

2011-يىلى ئاس مىلان كوماندىسىدا  ئىتالىيە بىرلەشمىسىنىڭ چىمپىيۇنى.


جىروم بوئاتىڭنىڭ ئىرىشكەن ئەڭ چوڭ شەرەپلىرى:

2013-يىلى گىرمانىيە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسىنىڭ چىمپىيۇنى.
2013-يىلى گىرمانىيە ئا بىرلەشمىسىنىڭ چىمپىيۇنى.
2013-يىلى ياۋرۇپا ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسىنىڭ چىمپىيۇنى.
2013-يىلى دۇنيا كۇلۇپلار لوڭقىسى چىمپىيۇنى.
2014-يىلى دۇنيا لوڭقىسى چىمپىيۇنى.


ئاكا-ئۇكا بوئاتىڭلارغا بىرىلگەن باھا:

كېۋىن بوئاتىڭ ئىنتىزام ۋە قائىدىگە بۇيسۇنمايدىغان،ئىنتايىن شەخسىيەتچى پۇتبولچى.ئۇنىڭ پۇتبول مەيدانىدىكى ئۇمۇمى ئىقتىدارى ئىنىسى بوئاتىڭغا
يەتمەيدۇ.


ئەسكەرتىش:ئاكا-ئۇكا بوئاتىڭلارنىڭ داڭلىق پۇتبولچى بۇلۇشتىن ئىلگىرىكى كەچۈرمىشى ئاساس قىلىندى. ئاكىسى بوئاتىڭ ئاس مىلاندا، ئىنىسى بوئاتىڭ بايرىن مىيۇنخىن كوماندىسىدا چاقنىغان. شۇنىڭدىن باشلانغان ئىش پائالىيەتلىرىنى ھەممىمىز بىلىمىز،شۇڭا بۇ توغرىسىدا كۆپ توختالمىدىم.













   

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 3مۇنبەر پۇلى +95 تۆھپە +10 يىغىش سەۋەبى
تىروي + 45 ئەجىرلىك تىما
بايرېن + 50 قالتىس!
shemsherwaz + 10 ئەجىرلىك تىما!

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-13 18:48:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ  تىما  پەچەت  بوپتۇ  مەن  بۇ  تازلارنىڭ  ئېككىسىنى  تونۇيدىكەنمەن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-2-13 18:59:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىرازىلىيە يوللىغان ۋاقتى  2015-2-13 18:53
جىروم بوئاتىڭغا بىرىلگەن باھا قېنى؟

ئاكىسىنى سۈكۈپ ،ئىنىسنى ماختىغاندىكىن، ئۇنىڭغا باھا بىرىشنىڭ زۈرۈريىتى يوق. دىمىسىمۇ ھازىر كىچىك بوئاتىڭ ئالامەت داڭ چىقىرىپ كەتتى. ئاكىسى ئاساسەن شارىك 04 كۇماندىسىدا تۈگەشكىلى قوپتى.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-13 19:03:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Manmu nak 2010 tungan dunya logkisida  uqiraxkanda
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-13 19:17:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتى ياخشى تېمىدىن بىرنى يېزىپسىز، رەخمەت.


بۇ ئىككى ئاكا-ئۇكىنىڭ نىمىشقا ئىككى دۆلەتتە توپ تېپىدىغىنىنى ئەمدى بىلدىم.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-13 19:22:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىزنى ئۆستۈرۈش قارارى ماقۇللاندى ، داۋاملىق نادىر تېمىللىرىڭىزنى بىزدىن ئايىمىغايسىز
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-13 19:22:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇرگە  ئەپەندى  ماۋۇ  ئېسم  بىلەن  لۇكچەك  ياكى  ئالى  ئەزا  بولغىلى  بولمايدۇ  چىرايلىق  ئېسمغا  ئالماشتۇرۇپ  تەييار  بولاڭ
   سىزنى   ساقلايمىز
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-13 19:25:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ياخشى تېما... بۇ ئەسلىدىنلا يورۇتۇلۇشقا تېگىشلىك تېما ئىدى...
1. بوئاتېڭ مىلاندا ئالدى بىلەن ئىتالىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىگە ئېرىشكەن...
2. 20011  -  يىلى؟؟؟ بەك ئاچچىق گەپمۇ ماۋۇ...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-13 19:26:44 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماۋۇ مەھمۇدىيە دىگەن ئادەم كىمنى كۆرسە تاز دەيدىغان بوپ قاپتۇ قەشقەرنىڭ يەرلىك 80 خالتىنىڭ دورىلىردىن ئەۋەتسەك بولىدىغان ئوخشىمامدۇ.....ھىھىھىھى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-13 19:28:31 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماۋۇ گىرمانىيە دۆلەت كوماندىسىدىكى بوئاتىڭ دىگەن ئاداش ھەل قىلغۇچتا بەك ياخشى تۇرغان بىك ئورۇندا....
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-13 19:31:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خانزاد1 يوللىغان ۋاقتى  2015-2-13 19:26
ماۋۇ مەھمۇدىيە دىگەن ئادەم كىمنى كۆرسە تاز دەيدىغان بو ...

ھەممە ئادەم ئۆزىنى دەيدۇ دەپ...
  مەن كۆرگەندىغۇ سېمونىدەك چاچ قويۇۋاپتىكەن بۇ قېرىكام... ئۇنىڭ ئۈستىگە قاپقارا قۇندۇزدەك ساچى بار ئادەمتى بۇ... ئىشقىلىپ، ئوماق، يېقىشلىق ئادەم... گەپلىرىغۇ يۇمۇر... شۇڭا مۇشۇ ئادەم تىللىسىمۇ كۈلۈپ كېتىمەندە...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-2-13 19:45:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابلەتجان يوللىغان ۋاقتى  2015-2-13 19:25
ياخشى تېما... بۇ ئەسلىدىنلا يورۇتۇلۇشقا تېگىشلىك تېما  ...

بىر نۆل ئارتۇق كىتىپتۇ. بۇنى تىمىنى 7خىل ماتىريالدىن پايدىلنىپ،ئەتتىگەن ئولتۇرغانچى ھازىر يېزىپ بولدۇم.قۇساق ئاچ مۇشۇنداق خاتالىقلار يۈز بىرىپتۇ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-3-15 12:03

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش